ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىسلامنىڭ رولى

 

ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىسلامنىڭ رولى

 

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن دىنىي كىملىك ھەممىدىن ئالدىنقى ئورۇندا كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ دىنىي كىملىكى بىلەن مىللىي كىملىكى بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ئىككىسى زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. نەچچە يۈز يىللىق مۇستەملىكە جەريانىدا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى ئىسلام ئېتىقادنىىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگە ئۆزلىشىش ۋە ئۇنى قوغداش ئىقتىدارىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر كىملىكى تىلغا ئېلىنغاندا دىنىي كىملىكىمۇ بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى مىللىي كىملىكنى قوغداپ كەلگىنى دىنىي ئېتىقادنىڭ كۈچىدۇر.

ئۇيغۇر كىملىكى دېگىنىمىزدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىلى، تارىخى ۋە قىممەت قارىشى كۆزدە تۇتۇلغان بولىدۇ.

ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشتا ئىسلام دىنىمىز مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ھازىرمۇ شۇنداق. چۈنكى، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىگە سىڭىپ كىرگەن، ھەتتا مىللىي ئەنئەنە بىلەن ئىسلام تەلىماتى جىپسىلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ ۋە كىملىكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا ئىسلام تەلىماتلىرى قانداق قوغدالسا ئۇيغۇر كىملىكىمۇ شۇنداق قوغدىلىپ كەلگەن. بۇ مۇنداق:

1.            ئىسلام دىنى بىزگە بىرلىشىشنى، ئايرىلماسلىقنى ۋە بىرلىكتە كۈچلىنىشنى ئۆگەتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُم بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنتُمْ عَلَىٰ شَفَا حُفْرَةٍ مِّنَ النَّارِ فَأَنقَذَكُم مِّنْهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ﴾ «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (دىنىغا) مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئۇنىڭ نېمىتى بىلەن سىلەر ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە (كۇفرى ئىچىدە) ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام بىلەن) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا شۇنداق بايان قىلىدۇ»[1]. ئەجدادلىرىمىزغا بۇ ئايەت دەسلەپ يەتكۈزۈلگەندە، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلدى، بىرلەشتى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنى كۈچلەندۈرۈپ ئىمپېرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈردى.

2.              ئىسلام دىنى بىزگە مىللىي كىملىكنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى. (يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَىٰ وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ) «ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەر قىلدۇق. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر»[2]. بۇ ئايەت بىلەن كىملىكنىڭ مۇناسىۋىتى شۇكى، بۇ ئايەت ئىنسانلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى (مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەرنى) ئاللاھنىڭ ھېكمىتى دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەربىر خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس كىملىكىنى قەدىرلەش ۋە قوغداشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. دىنىمىزھەرقانداق خەلقنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە تارىخىنى ساقلاپ، ئۆز كىملىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. لېكىن، بۇ قوغداش باشقا خەلقلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئۇلارنى كەمسىتىش شەكلىدە بولماسلىقى كېرەك.

قاراخانىيلار ۋە كېيىنكچە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرلىرىدىكى ئىسلامىيەت كۈچەيگەن ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلاردا ئىلىم-مەرىپەت، بىناكارلىق، ھۈنەر-سەنئەتمۇ كۈچەيگەن.

«قۇتادغۇبىلىك» باشتىن ئاخىر ئىسلام ئەخلاقى ۋە ئىسلامنىڭ ئادىل قانۇن-تۈزۈملىرى ئۆرنەك قىلىنغان ئاساستا يېزىلغان قىممەتلىك ئەسەر. بۇ ئەسەردە ئىسلام ئەخلاقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى بىلەن بىر قاتاردا بايان قىلىنغان. ئەھمەد يەسەۋىينىڭ »دىۋانى ھېكمەت«، ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىينىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق« ناملىق شېئىرىي ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى مەدھىيەلەنگەن بۇ ئەسەرلەر دىندار كىشىلەرنىڭ يادلاپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىمۇ شۇنداق.

ھازىرغىچە بولغان ئىككى ئەسىرلىك مانجۇ-خىتاي ئىستېلاسى داۋامىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەن نەرسە ئىسلام دىنى دېسەك قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ. چۈنكى، ئەجدادلىرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆگەتكەنلىرىگە مۇكەممەل ئەمەل قىلغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار (يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِم بِالْمَوَدَّةِ) «ئى ئىمان ئېيتقانلار! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتماڭلار»[3] دېگەن ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، سۆيۈملۈك ئانا ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان ئىستېلاچى كاپىرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ تونۇدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان خەلقىمىز بىلەن ئىستېلاچى كاپىرلار ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىدى، مانجۇ-خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتماسلىق، دۈشمەن دەپ بىلىش، قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماسلىق ۋە پەرزەنتلەرنى ئۇلاردىن يىراق تۇتۇش، ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرماسلىق دېگەندەك پىرىنسىپلارنى بەلىگىلىدى. ئەجدادلىرىمىز يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿مَن تَشَبَّهَ بِقَوْمٍ فَهُوَ مِنْهُمْ﴾ «كىمكى بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ ئاشۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ»[4] دېگەن ھەدىسىنىڭ روھى بويىچە،  مۇستەملىكىچى كاپىرلارنىڭ يېگىنىنى يېمەسلىك، ئىچكىنىنى ئىچمەسلىك، كىيگىنىنى كىيمەسلىك، قىلغىنىنى قىلماسلىق ۋە ئۇلارغا ئوخشىماسلىق دېگەندەك بىر يۈرۈش پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇردى.

ئەجدادلىرىمىز تاجاۋۇزچى مىللەتكە بولغان غەزەپ- نەپرىتىنى ھەر پۇرسەتتە كۆرسىتىپ كەلدى ۋە پەرزەنتلەرنىمۇ شۇنداق تەربىيەلىدى، ھەتتا مانجۇلارنىڭ مەكتەپلىرىگە بالىلىرىنى بەرمىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق تاجاۋۇزچى مىللەتنىڭ ئاسىمىلاتسىيە قىلىش خاھىشىغا باش ئەگمەي كەلدى.

ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداشتىكى رولىنى بىلىپ يەتكەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ مىللەتنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئالدىدا توسقۇن بولۇۋاتقان ئىسلامنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىشنى ئالدىنقى پىلان قىلدى. ئىشنى ئالدى بىلەن ئالىم-ئۆلىمالارنى ۋە دىندار كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشتىن باشلىدى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىبادەتلەرنى، دىنىي سىمۋوللارنى، ھەتتا مۇسۇلمانچە سالاملىشىشنىمۇ پۈتۈنلەي چەكلىدى.

بىر ئۇيغۇر دىننىڭ قورغانىدىن چىقىپ كەتسە، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچسە، ھالال-ھارامنى ئايرىمىسا، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم -كېچەكتە، يۈرۈش-تۇرۇشتا قائىدە-يوسۇن تونۇمىسا، ئۇنى باشقا مىللەتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ھېچ نەرسە قالمىغان بولىدۇ. خىتاي خەلقىمىزنى شۇنداق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. لېكىن بىز كوممۇنېست رېجىمىدا 70 يىلدىن كۆپرەك قالغان بولساقمۇ نە دىنىمىزنى، نە تىلىمىزنى، نە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇمىدۇق، خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە باش ئەگمەي قارىشى تۇرۇپ كەلدۇق. بۇنى دىنىمىزدا مەھكەم بولغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزنى مىللەت سۈپىتىدە قوغداپ تۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قالقىنىمىز يەنىلا ئىسلام دىنىمىز ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق.شۇڭا مىللىي كىملىگىمىزنى ساقلاپ قىلىشتا دىنىي كىملىگىمىزدا چىڭ تۇرىشىمىز لازىم.


[1]  ئال ئىمران سۈرىسى: 103- ئايەت.
[2] ھۇجۇرات سۈرىسى: 13- ئايەت.
[3] مۇمتەھىنە سۈرىسى:1-ئايەت.
[4]  ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار