
سەھىھ ھەدىسنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيى ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك بولمىغاندەك، دىننىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىدىمۇ قىلچە شەك يوق. ﴿وَمَا يَنْطِقُ عَنِ الْهَوَى . إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى﴾ «ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىگىنى پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر»[1]. مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا دىننىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭمۇ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن. سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ لەۋزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، مەنىسى ئاللاھ تائالادىن كەلگەن بولىدۇ.
بۇ مۇنداق:
ۋەھيى _ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرگەن سۆزلىرى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ۋەھيىدۇر. ۋەھيى ئومۇمەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز سۆزلىرىنى پەرىشتە جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان.
سۈننەت _ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش _ پائالىيەتلىرى، ئەمەل _ ئىبادەتلىرى ۋە باشقىلاردىن سادىر بولغان ئىشلاردىن دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى دېگەنلىكتۇر.
ھەدىس _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى بولۇپ، كۆپ سانلىق ئۆلىمالار سۈننەت بىلەن ھەدىسنى بىر مەنىدە ئىشلىتىدۇ.
سۈننەت ياكى ھەدىس «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەمەلدە تەتبىق قىلىنىشى بولۇپ، مەنبەسى ئاللاھ تائالادۇر. چۈنكى، سۈننەت (ياكى ھەدىس) لەۋزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مەنىسى ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇر. بۇ سۈننەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسىدۇر.
ئەمدى، سۈننەتنىڭ ئىسلام فىقھىدىكى مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرز، ۋاجىب ئەمەللەرنىڭ سىرتىدا قىلغان ۋە بىزنىمۇ قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەردۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشىغان ئەمەللەردۇر.
سەھىھ ھەدىسنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 143- ئايىتى: ﴿وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنْتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّنْ يَنْقَلِبُ عَلَى عَقِبَيْهِ...﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (بەيتۇلمۇقەددەس)نى (دەسلەپتە) قىبلە قىلغانلىقىمىز (ئاندىن سېنى ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كەئبىگە يۈزلىنىشكە بۇيرۇغانلىقىمىز) پەقەت پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىغانلارنى (دىندىن) يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر». ئاللاھ تائالاغا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇرۇن بەيتۇلمۇقەددەسنى قىبلە قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىمدە، بەيتۇلمۇقەددەسنى قىبلە قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئايەت يوق. ئۇنداقتا، ئاللاھ تائالاغا بەيتۇلمۇقەددەسنى قىبلە قىلغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق بىلدۈرگەن؟ تەبىئىيكى، سەھىھ ھەدىس ئارقىلىق بىلدۈرگەن. ئەگەر شۇنداق بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن بۇرۇن بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇغان؟ ئېنىقكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق قىلغان.
2. ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 24- 25- ئايەتلىرى:﴿ إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَنْ يَكْفِيَكُمْ أَنْ يُمِدَّكُمْ رَبُّكُمْ بِثَلَاثَةِ آَلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُنْزَلِينَ. بَلَى إِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُمْ مِنْ فَوْرِهِمْ هَذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ آَلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۇئمىنلەرگە: «رەببىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسىمۇ يەتمەمدۇ؟» دېگەن ئىدىڭ. ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر چىدامچانلىق كۆرسەتسەڭلار ۋە تەقۋادار بولساڭلار، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، رەببىڭلار سىلەرگە ئالاھىدە بەلگىلىك بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتلەردە، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە ئۈچ مىڭ كىشىلىك پەرىشتە قوشۇنى ئەۋەتىپ ياردەم قىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئەسكەرلەر چىداملىق ۋە جەڭگىۋار بولسا ئۇلارغا بەش مىڭ كىشىلىك پەرىشتە قوشۇنى ئەۋەتىپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر قوشۇننى ئەۋەتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئايەت يوق. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئەگەر ئاللاھ تائالاغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندىن باشقا ۋەھيى قىلمىغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نەدىن بىلدى؟
3. تەھرىم سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتى: ﴿ وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَى بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَنْ بَعْضٍ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنْبَأَكَ هَذَا قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ﴾ «ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى (ھەفسە)گە بىر سىرنى ئېيتقان ئىدى، ئۇ بۇ سىرنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ ئۇنى (يەنى سىرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، پەيغەمبەر ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى (ھەفسەنىڭ) يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى». ئايەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىر خەۋەرنى قۇرئان كەرىمدىن باشقا بىر ۋەھيى ئارقىلىق بەرمىگەن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداقمۇ «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېسۇن؟!
يۇقىرىقى ئۈچ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمدىن باشقىمۇ ۋەھيى كەلگەنلىكىنى ئوپئوچۇق بايان قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرئان كەرىمدە سەھىھ ھەدىسنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئونلارچە ئايەت بار.
[1] نەجم سۈرىسى: 5-6- ئايەتلەر.

