
ئىچىڭىز تېشىڭىزدىن گۈزەل بولسۇن
مۇھەممەد يۈسۈپ
بەزى كىشىلەر ئىسلامدىن پەقەت شەكىلنىلا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىسلام جەۋھىرىنى چۈشىنىشتىن بەكمۇ يىراقتا. ئۇلار ئىسلامنىڭ سۈرىتىلا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشتىن بەكمۇ يىراقتا. ئۇلارنىڭ دىن ئىشلىرىدا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىرى پەقەتلا شەكىلدۇر. چۈنكى ئۆزىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە شۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىدۇكى، ئىچكى دۇنياسى بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۇنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئۆزىنىڭ يامان قىلىقلىرىنى تۈزىتىشكە ۋە ئۆزىنى ئىسلام ئەخلاقىغا توغرىلاپ تۈزەشكە قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئېنىقكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە ئەمەس، پەقەت تاشقى سۈرىتىگىلا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ، بۇلارمۇ ئەلۋەتتە مۇھىمدۇر. ئەمما جەۋھىرى ھەممىدىن مۇھىمدۇر. خۇددى مېۋىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ پوستى مۇھىم بولغاندەك، جەۋھەرنىڭ شۇ سۈزۈكلۈكىنى ۋە ساپلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئۇنى ئوراپ تۇرغان تاشقى قاپچۇقىمۇ مۇھىم. ئەمما جەۋھەر بىلەن ئۇنىڭ قاپچۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىممەت پەرقى ھەممىگە ئاياندۇر. چۈنكى، بۇلارنىڭ بىرى ئەسلى مەقسەت، يەنە بىرى ئەسلى مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. ئەپسۇسكى، بەزى كىشىلەر قاپچۇقنى جەۋھەر ئورنىغا قويۇۋالىدۇ. بۇ خۇددى مېۋىنىڭ پوستىنىلا مېۋە دەۋالغانغا ئوخشاش. شۇڭا ئۇلار ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، شەكلىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۆزىنى تاشقى جەھەتتىن ياخشى مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتىشنىلا ئويلايدۇ، ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە ۋە ھەقىقىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلاردا دىنىي سىيما، دىنىي ئوبراز كىشىلەرنىڭ كىيىنىشتىكى شەكلىگە قاراپ ئۆلچۈنىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى بىر ئوبدان دىنىي قىياپەتكە كىرگۈزۈۋېلىپ، كىشىلەرنى ئالداشقا ئۇرۇنىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ۋە دىنىمىزنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىدىغان، خەلقىمىزگە قارشى بېسىمدارلارغا خىزمەت قىلىدىغان سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەللامە، تەقۋادار سانىلىپ كەلمەكتە. ئەمما دىلى پاك، نىيىتى دۇرۇس، تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئادەتتىكىدەك يۈرىدىغان ئاددىي_ ساددا مۇسۇلمانلار، ھەقىقىي ئىخلاسمەن مۇئمىنلەر كۆزگە ئىلىنماي كەلمەكتە. تەقۋالىق قەلبتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەسىرى مۇئامىلە ۋە ئەخلاقتا كۆرۈلىدۇ. بىراۋنى ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك تەقۋادار مۇئمىن دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، «دىن – مۇئامىلىدۇر».
ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋى مۇنداق دەيدۇ:«ئىسلام ئەقىدە بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەۋھىدتۇر. ئىسلام ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئىخلاستۇر. ئىسلام مۇئامىلە بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى راستچىللىق ۋە سەمىمىيەتتۇر. ئىسلام ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى رەھىم-شەپقەتتۇر. ئىسلام شەرىئەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئادالەتتۇر. ئىسلام ئەمەل ۋە ئىشلەش بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېتىرقىنىشتۇر. ئىسلام مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېرىنداشلىقتۇر، ئىسلام مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتۇر. ئەقىدىدە تەۋھىدنى، ئىبادەتتە ئىخلاسنى، مۇئامىلىدە راستچىللىقنى، ئەخلاقتا رەھىم-شەپقەتنى، ئەمەلدە قېتىرقىنىشنى، مۇناسىۋەتتە قېرىنداشلىقنى، مەدەنىيەتتە تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان ئادەم ئىسلامنىڭ جەۋھىرىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. گەرچە ئۇ ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ جەۋھىرىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ».

