
كىبىر ۋە ئۇنىڭ خەتىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىبىرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كىبىر __ ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى جۈملىلىك ئىخچام سۆز بىلەن ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ مەنىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.
ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى: ئۆزىنىڭ نەزىرىدە، يۈز – ئابرۇيدا، ياكى بايلىقتا، ياكى مەنسەپتە، ياكى ھۆرمەتتە، ياكى نەسەبتە تۆۋەن سانالغان، ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىرىنىڭ ھەق سۆزىنى، ياكى ئۇنىڭدىكى ئىجابىي تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.
كىبىرنىڭ بۇ تۈرى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا، جۈملىدىن ئىلىم ئەھلىلىرىدە خېلى كۆپ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىلىمدە ئۆزىدىن يۇقىرى ياكى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان يازمىلىرىنى ئوقۇشتىن، سۆزلىرىنى ئاڭلاشتىن راھەتسىزلىنىش، گەرچە ئۆزىگە پايدىلىق يازما ياكى سۆزلەر بولسىمۇ قەستەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلماسلىق، بەھرلىمەسلىك، ئۆزى بىلمەيدىغان مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ تەڭتۈشلىرىدىن ياكى ئۆزىدىن يۇقىرى كىشىلەردىن سوراشتىن سىقىلىش، ئۆزى بىلمەيدىغان مەسىلىلەرنى «مەن بۇنى بىلمەيمەن» دېيەلمەسلىك، گەپنى يورغىلىتىپ ئۆزىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىش، ئۆزىگە رەددىيە بېرىلىشتىن ئۆلۈمدىن قورققاندەك قورقۇش، ئۆزى كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغان تۇرۇقلۇق، بىلىدىغانلارنى ياراتماسلىق، باشقىلارنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىبىردىن سانىلىدۇ.
كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى: پېقىرلارنىڭ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۆزىنى ئۇلارغا تەڭ قىلمىغانلىقتىن غادىيىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئۇلارغا سۆز قىلىشتىن قىسىلىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خوش ياقمىغان قىياپەتتە ئاڭلاش ۋە كۆرگەنلا مۇسۇلمانغا سالام قىلماسلىق قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەتتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان تەبىئىي ھەققىنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئۇلارنى ئازارلىغانلىق ۋە ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا تۇتقانلىقتۇر.
كىبىرنىڭ بۇ تۈرىمۇ بىز ئۇيغۇرلاردا، خۇسۇسەن بىلىمى بار ياكى بايلىقى ۋە ياكى مەنسىپى ۋە شۆھرىتى بار كىشىلەردە كۆپرەك ئومۇملاشقان. كىشىلەرگە ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىش خاھىشى بىزدە بەك ئېغىر. مەسىلەن: نۇرغۇن كىشىلەر قارشى تەرەپكە ئۇنىڭدىن قانچىلىك نەپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆزىگە يىراقتىن ياكى يېقىندىن پايدىسى بولمايدىغان كىشى قانچىلىك كاتتا ئۆلىما ياكى قانچىلىك مەشھۇر زىيالىي بولۇپ كەتسۇن، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمما باشلىقنىڭ يېقىنى، ھەتتا ئادەتتىكى يالاقچىسى بولسىمۇ ئۇنى قاتتىق ھۆرمەتلەپ كېتىدۇ، خۇشامەت قىلىپ كېتىدۇ. ئىلىمدە ياكى بايلىقتا شۆھرىتى يوق، بىرەر مەنسىپى يوق، ئاددىي-ساددا يۈرىدىغان، ئەمما ھەركىمگە كۆڭلىنى ئاچىدىغان ئاقكۆڭۈل مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كۆزىگە ئىلىپ قويمايدۇ.
بۇنداق ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، ھەتتا قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىمۇ ئايرىمچىلىق قىلىدۇ، بايلىرىغا ھىيجىيىدۇ، كەمبەغەللىرىگە قاپىقىنى تۈرىدۇ، ھېيت-ئايەملەردىمۇ ئاۋۋال باي تۇغقانلىرىنى، ئاندىن ئاخىردا كەمبەغەللىرىنى يوقلايدۇ. بۇنداق ئايرىمچىلىق بىزگە نەدىن كەلدى؟ ھالبۇكى بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەممىلا كىشىگە بارچە مۇھەببىتى ۋە تولۇپ تاشقان كەمتەرلىكى بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، مۇئامىلە قىلىشتا باي-كەمبەغەل، ئابرۇيلۇق- ئابرۇيسىز دەپ ئايرىمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان ئادەم «رەسۇلۇللاھ مېنى ھەممە ئادەمدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ» دەپ قالاتتى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن ئۇچراشقا ھەربىر كىشىگە شۇنداق تۇيغۇنى بېرەتتى.
«قۇرئان كەرىم» لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتىنى بايان قىلغان. لوقمان ھەكىم مۇنداق دېگەن: وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ يەنى «كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈمىگىن، يەر يۈزىدە غادىيىپ يۈرمىگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ماختىنىپ يۈرىدىغانلارنى ئەسلا ياقتۇرمايدۇ»( ).
ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە تۇنجى قېتىم تەكەببۇرلۇق قىلغان مەخلۇق ئىبلىستۇر. ئىبلىس ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىپ، تا قىيامەتكىچە ئىنسانلارنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچراشقا مەھكۇم بولدى. تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى شەيتاننىڭ دوستىدۇر، كەمتەرلىك قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ دوستىدۇر. وَعِبَادُ الرَّحْمَنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا يەنى «ئاللاھنىڭ سۆيگەن بەندىلىرى يەر يۈزىدە كەمتەرلىك بىلەن ماڭىدۇ» .
كىبىرنىڭ خەتىرى
ئاللاھ تائالا مۇتەكەببىرلەرنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىنىڭ مۇتەكەببىرلىك قىلىش ھەققى يوق. كاتتىلىق بابىدا ئاللاھ تائالا يېگانىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇتەكەببىرلەرنى بۇ دۇنيادا ئازغۇنلۇقتا قالدۇرۇش بىلەن، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا تاشلاش بىلەن جازالايدۇ. سَأَصْرِفُ عَنْ آَيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ «يەر يۈزىدە يولسىزلىق قىلىپ تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن» ، كَذَلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَى كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ «ھەر قانداق مۇتەكەببىر، زومىگەرنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ» ، إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْتَكْبِرِينَ ئاللاھ مۇتەكەببىرلىك قىلغۇچىلارنى ئەسلا دوست تۇتمايدۇ» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»( ). بۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چوڭ تەھدىتتۇر.
كىبىر كاپىرلىقنىڭ يولىدۇر
ئىبلىسنىڭ مۇتەكەببىرلىك قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار دېگەن ئەمرىگە أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» قارشى چىقىپ كاپىر بولۇپ كەتكەنلىك قىسسىسى ھەممىگە مەلۇم. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەق دەۋىتىگە تۇنجى بولۇپ قارشى چىققان ۋە ئىماندىن مەھرۇم قالغانلار مۇتەكەببىرلەر ئىدى. ئىسلامنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان ئەبۇ لەھەب بىر كۈنى ساھابىلەردىن بىرسى بىلەن مەككىدە ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ساھابە ئەبۇ لەھەبتىن «سەن نېمىشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگەشمەيسەن؟ ئۇنىڭ دىنى ھەق ئەمەسمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئەبۇ لەھەب «ئۇنىڭ دىنى ھەق ئەمەس، ئۇ يالغانچى»دەيدۇ. ساھابە ئۇنىڭغا «ھازىر بۇ يەردە مەن بىلەن سەندىن باشقا ھېچكىم يوق، سەن راست گەپنى قىلغىن، ئۇنىڭ دىنى ھەق ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ. ئەبۇ لەھەب بىر تۇتۇۋېتىپ «مۇھەممەدنىڭ دىنى ھەق، ئۇ يالغانچى ئەمەس» دەيدۇ. ساھابە «ئەمىسە نېمىشقا ئۇنىڭغا قارشى چىقىسەن؟ نېمىشقا مۇسۇلمان بولمايسەن؟» دەيدۇ. ئەبۇ لەھەب «بىز مەخزۇم ئايمىقىدىكىلەر ئابدۇلمەناف ئايمىقىدىكىلەر بىلەن يىللارچە رىقابەتتىمىز، ئۇلار كەئبىنى رېمونت قىلسا بىزمۇ قىلدۇق، ئۇلار كەئبىگە كەلگەن زىيارەتچىلەرگە تائام بەرسە بىزمۇ بەردۇق، ھەممە ياخشىلىقتا ئۇلار بىلەن باراۋەر كېتىپ باراتتۇق. ئەمدى قوپۇق ئۇلاردىن بىر پەيغەمبەر چىقتى، بىزدە بولسا يوق. ئەمدى بىز پەيغەمبەرنى نەدىن تاپىمىز؟ شۇڭا ئەڭ ياخسى يول مۇھەممەدنى ئىنكار قىلىشتۇر» دەيدۇ. دېمەك، كىبىر ئەبۇ لەھەبنى ئىماندىن توسۇپ قويغان.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى غەسسان ئەرەبلىرىنىن پادىشاھى جەبلە ئىبنى ئەيھەم دېگەن كىشى خىرىستىيانلىقتىن يېنىپ ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە مەدىنىگە كېلىپ، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ. خەلىپە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجىنى ۋە كىيىۋالغان يىپەك كىيىملىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، مۇسۇلمانلاردەك يۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇنى قىلىدۇ، ئاندىن ھەرەمگە بېرىپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. جىبلە ئىبنى ئەيھەم مەككىگە بارىدۇ، ئۆمرە قىلىش ئەسناسىدا بىر سەھرالىق ئەرەب ئۇنىڭ پېشىگە دەسسەپ سالىدۇ. جەبلە ئىبنى بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە سەھرالىق ئەرەبنىڭ يۈزىگە مۇشت بىلەن بىرنى سالىدۇ. سەھرالىق ئەرەبكە بۇ بەك ئېغىر كەلسىمۇ، ھەرەمدە ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەيدۇ، خەلىپىگە ئەرز قىلىدۇ، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ سۇ چاغدا مەككىگە كەلگەن ئىكەن. خەلىپە ئۆمەر جەبلە ئىبنى ئەيھەمنى چاقىرتىپ بۇ دەۋانى سۈرۈشتە قىلىدۇ. جەبلە ئىبنى ئەيھەم مۇتەكەببىرلىك بىلەن «مەن دېگەن پادىشاھ تۇرسام، ئاددىي بىر سەھرالىق كېلىپ مېنىڭ پېشىمگە دەسسىسە بولامدۇ؟» دەيدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا «بۇ قىستىلاڭغۇدا بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، ئىنسانلار ھۆرمەتتە ئوخشاش، سەن ئۇنىڭدىن ئۆزرە تىلىگىن، ئۇ كىشى سېنى كەچۈرسە مەسىلە يوق» دەيدۇ. جەبلە ئىبنى ئەيھەم ئۈچۈن بىر سەھرالىقتىن ئۆزرە تىلەش تولىمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ ۋە جازاسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەتىسى چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ كېتىپ قالىدۇ. ئەتىسى ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى كۈتىدۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارغا تۇيدۇرماي ئۆز يۇرتىغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، يۇرتىدا ئىسلامدىن يېنىپ، قايتىدىن خىرىستىيان بولۇپ كېتىدۇ. جەبلە ئىبنى ئەيھەم كېيىنچە بارلىق دۇنياسىدىن ۋە سەلتەنىتىدىن ئايرىلىپ ئىنتايىن خار ۋە زەبۇنلۇق ھاياتتا ياشاپ، ئۆزىنىڭ سەھرالىقتىن ئۆزرە تىلەشنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن ئىبارەت شۇ بىر قېتىملىق مۇتەكەببىرلىكى سەۋەبلىك ئۆمۈر بويى ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ، بۇ ھەقتە پۇشايمانلىق شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرىدۇ، ئاخىر كاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلىدۇ.
كىبىرنىڭ ئەڭ يامان تۈرى
كۆپ كىشىلەر كىبىرنى بايلىقى ياكى مەنسىپى ۋە ياكى ئىلىمى بار كىشىلەردىنلا سادىر بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقىلاردىن ھېچقايسىسى يوق تۇرۇقلۇق كىبىر قىلىدىغانلارمۇ بار. بۇنداقلارنىڭ كىبرىسى ھەقىقەتەن تولىمۇ يامان كىبىردۇر. چۈنكى باي، ئالىم، مەنسەپدار كىبىر قىلسىمۇ ئۆزىدە كىبىر قىلغۇدەك ئارتۇقچىلىق بولغانلىقتىن قىلىدۇ. بۇنداق قىلىشقۇ توغرا ئەمەس. ئەمما يا ئىلىمدە ياكى بايلىقتا ۋە ياكى مەنسەپتە يوق، ھېچبىر ئالاھىدىلىكى يوق كىشىلەرنىڭ كىبىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار پەزىلەتلىك بايلارنى سۆكىدۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۆزىنى ئۇلاردىن بىلىملىك چاغلايدۇ، مەنسەپدارلارنى ئارقىسىدا تىللايدۇ، ئالدىدا ئۇلارغا كۈچۈكلىنىدۇ. بۇنداقلارنىڭ كىبىر قىلىشى ئومۇمەن ھەسەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇقىرىقىلارغا ھەسەت قىلغانلىقتىن كىبىر قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلار ھەققىدە: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۈچ خىل كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، قاراپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار: ياشانغان زىناخور، يالغانچى پادىشاھ ۋە مۇتەكەببىر يوقسۇلدۇر» دېگەن.
چىرايلىق كىيىنىش كىبىر ئەمەس
بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن كىيىمىمنىڭ چىرايلىق، ئايىغىمنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياقتۇرىمەن. بۇ كىبىردىن سانىلامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، ئاللاھ تائالا گۈزەلدۇر، ئۇ گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ»( ) دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياقتۇرمايدىغان كىيىنىش تەكەببۇرلۇقنىڭ كىيىمى بولۇپ، كىشىلەرگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان كىيىملەردۇر. ئەرەبلەردە، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغانلار كىيىمنى ناھايىتى ئۇزۇن كىيىدىغان بولۇپ، يەرگە تېگىپ تۇراتتى. ئىسلام شەرىئىتىدە، شىمنى ئوشۇقتىن ئېشىپ تۇرىدىغان دەرىجىدە ئۇزۇن كىيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىمۇ بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك.
كەمتەرلىكنىڭ چېكى بار
ئادەم كەمتەرلىك قىلدىم، دەپ ئۆزىنى كىشىلەرگە خور كۆرسىتىش، كىيىمىنى، چاچ – ساقىلىنى تۈزەپ، پاكىز، چىرايلىق يۈرۈشنىڭ ئورنىغا پاسكىنا ۋە كىر كىيىملەر بىلەن يۈرۈش، قولىدا بار تۇرۇپ چىرايلىق كىيىنمەسلىك ھەرگىزمۇ كەمتەرلىكتىن سانالمايدۇ. چۈنكى ھەر نەرسىنىڭ بىر چەك – چېگراسى بولغىنىدەك، كەمتەرلىكنىڭمۇ چەك – چېگراسى بار. ئۆزىنىڭ چەك – چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەن كەمتەرلىك سۆكۈلىدۇ. چۈنكى بۇ ھالدا، ئۇ كىشى يا كەمتەرلىكنى تەرك ئېتىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا، ياكى كەمتەرلىكنى ئاشۇرۇۋېتىپ ئۆزىنى خار ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا يول تۇتىدۇ. ھەر ئىككى ھالەت سۆيۈلمەيدۇ. شۇڭا كەمتەرلىك ئۆزىنىڭ چەك – چېگراسى ئىچىدە بولۇشى لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكىدىن ئۆرنەك
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشكارا _ يوشۇرۇن پۈتۈن ئەھۋالىنى بىلىدىغان ھايات شېرىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى تەرىپلەپ: «ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»( ) دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ياشىغان ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەھۋاللىرىنى بىلىدىغان ساھابىلەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، قارشى تەرەپ قولىنى تارتمىغىچە، ئۇنىڭ قولىنى قويۇپ بەرمەيتتى، بىراۋغا سالام قىلسا تەبەسسۇم بىلەن تولۇق سالام قىلاتتى، قارشى تەرەپ يۈزىنى چۆرۈمىگىچە، يۈزىنى باشقا ياققا چۆرۈمەيتتى، قانداقلا بىر ئولتۇرۇشلاردا، ھەرگىز تۆرگە چىقمايتتى، بەلكى قەيەردە بوش ئورۇن بولسا، شۇ يەردە ئولتۇراتتى، ساھابىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇشىنى ياقتۇرمايتتى، پېقىرلارنى يوقلاپ، ھال – ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشاتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى»( ).
بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىش ئالدىدا تارتىنغانلىقتىن، تەمتىرەپ قالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تەمتىرىمە! مەن پادىشاھ ئەمەسمەن، پەقەت مەككىدە قۇرۇتۇلغان گۆشنى يەپ ھايات كەچۈرىدىغان بىر ئايالنىڭ بالىسىمەن»( ) دېگەن.
كىبىردىن ساقلىنىش چارىلىرى
كىبىر ئالدى بىلەن قەلبتە بولىدۇ، ئاندىن ئىش-ھەرىكەتلەردە ۋە گەپ-سۆزلەرنى ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. قەلبكە ئۆزىنى چوڭ ساناش ياكى ماختىنىش دېگەندەك ئىستەكلەر كەلگەن ھامان ئۆزىگە كېلىپ، ئۆزىدىكى ئاز-تولا ئارتۇقچىلىقنىڭ پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئامى ياكى سىنىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىش، كىبىرنىڭ جازاسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش، ئۆزىنىڭ بىر تامچە ئەزىمەس سۇدىن (يەنى مەنىيدىن) يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، كىبىر توغرىسىدا كەلگەن ئايەت، ھەدىسلەرنى ئەسكە ئېلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىزھار قىلىش لازىم.
ئېيتىلىشىچە، ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللى شەئراۋى سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بىر زالدا لېكسىيە سۆزلەپ بولۇپ، ئۆيىگە قايتىش يولىدا، شوپۇرىغا ناماز ۋاقتى ئەمەس بىر ۋاقىتتا بىر مەسجىدنىڭ ئالدىدا توختىتىشنى ئېيتىپتۇ. ئاندىن شەئراۋى مەسجىدنىڭ تەرەتخانىسىغا كىرىپ كېتىپ چىقماپتۇ. شوپۇر بۇ نېمە ئەھۋال، دەپ تەرەتخانىغا كىرسە، شەئراۋى تەرەتخانىلارنى تازىلىۋاتقان ئىكەن، شوپۇر بۇ ھەيرانلىقىنى ماشىنىدا كېتىۋېتىپ شېئراۋىدىن سورىغىنىدا، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: «بۈگۈنكى لېكسىىيەدە كىشىلەردىن يېغىۋاتقان ئالقىشلار ماڭا تەسىر قىلدى، شۇڭا نەپسىمنى ئەدەپلەي دەپ تەرەتخانىلارنى تازىلاپ چىقتىم» دېگەن ئىكەن.

