ئاللاھ تائالانىڭ «العَلِيمُ» دېگەن ئىسمى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش

العَلِيمُ

ئەلئەلىيم

«العَلِيمُ» ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى، شەيئىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە تەرەپلىرىنى، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كېلەچەككە ئائىت ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق  ۋە مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

«قۇرئان كەرىم»دە «العَلِيمُ» دېگەن سۆز 157 ئورۇندا كەلگەن. ]إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ[[1] ، ]وَهُوَ الْعَلِيمُ الْقَدِيرُ[[2]دېگەنگە ئوخشاش. ئۇنىڭدا يەنە بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىن يۈزلەرچىسى بايان قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن بارلىق ئىشلىرىدا، گەپ- سۆزلىرىدە ۋە ئېتىقادىدا ئۆزلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ئىش كۆرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانى ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى قورشىغان مۇشۇ ئۇلۇغ ئىسىمغا شەكسىز ئىشىنىشى بىلەنلا توغرا يۆنىلىشكە كىرگەن بولىدۇ.

 

ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلىدۇ

كۆپىنچىمىز «ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ» دېگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىمىز، ئەمما «ھەممە» دېگەن سۆز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمايمىز. ئەگەر بىز مۇشۇ سۆز ھەققىدە بىر قانچە مىنۇت تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئەلۋەتتە ھەيرانلىققا چۆمىمىز. چۈنكى، «ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، دائىرىسى كەڭدۇر. مەسىلەن: بىرەر ئادەمنىڭ ئىسمىنى مىسال قىلايلى، ئۇ ئىسىم ئابدۇقادىر داموللام بولسۇن. ئاللاھ تائالا ئابدۇقادىر داموللام دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەندىسىنىڭ 1862- يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلىدىغانلىقىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ قەشقەردە، ئاندىن بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلىدىغانلىقى، جاھالەت پىرىلىرىگە قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىدىغانلىقى، ئاخىرى خائىننىڭ قولى بىلەن شېھىت بولىدىغانلىقىغا قەدەر بارلىق ھايات مۇساپىسىنى، پۈتۈن ھاياتى ئىچىدە قانچە مىليون قېتىم نەپەس ئېلىپ بېرىدىغانلىقى، قۇلىقىغا نەچچە مىليون سۆزنىڭ كىرىدىغانلىقى، ئېغىزىدىن نەچچە مىليون سۆزنىڭ چىقىدىغانلىقى، قانچە مىليون قەدەم ئالىدىغانلىقى، قانچە قېتىم ئاغرىپ ساقىيىدىغانلىقى، كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرىدىغانلىقى، قانچە پەرزەنتى بولىدىغانلىقى، قانچە مىڭ قېتىم ىۇشال بولۇپ، قانچە مىڭ قېتىم غەمكىن بولىدىغانلىقى قاتارلىق بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان ھەممە ئىشنى ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلشتىن بۇرۇنقى تۇپراق ھالىتىدىكى ۋاقتىدىلا ئالدىن بىلەتتى.

ئاللاھ تائالا ئابدۇقادىر داموللامنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تەپسىلىي ۋە ئېنىق  بىلگەندەك، ھەممە بەندىلىرىنى ۋە كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئاشۇنداق تەپسىلىي ۋە ئېنىق بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ «ھەممىنى بىلگۈچى» يېگانە زاتتۇر.

 

ئاللاھ تائالانىڭ بىلىشى كونكرېتتۇر

بۈك-باراقسان ئورمانلىققا كىرگىنىڭىزدە دەرەخلەردىن تۆكۈلگەن ۋە تۆكۈلۈۋاتقان ياپراقلارنىڭ ھەددى ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز، مىليونلارچە ياپراق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئىسانلارنىڭ ئۇلارنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئاللاھ تائالا تۆكۈلگەن ياپراقلارنىڭ سانىنى ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ھەربىرىنى ئېنىق بىلىدۇ. ﴿وَمَا تَسْقُطُ مِنْ وَرَقَةٍ إِلَّا يَعْلَمُهَا﴾«تۆكۈلگەن يوپۇرماقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرىمۇ يوق»[3].

سەئىد ئىبنى مۇيەسسەب مۇنداق دېگەن: بىراۋ كېچىدە ئورمانلىقتا تۇراتتى، قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى ۋە ئورمانلىقتىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئادەم ئۆز ئىچىدە، «چۈشۈۋاتقان بۇ ياپراقلارنى ئاللاھ بىلىپ بۇلارمۇ؟» دەپ ئويلىدى-دە، يىراق بىر چەتتىن ﴿أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ﴾ «ياراتقان زات (ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتىنى) بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنىمۇ بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر»[4] دېگەن ئاۋاز كەلدى. ئادەم دەھال ھوشىنى يىغدى ۋە مۇنۇ ئايەتنى تەكرارلاشقا باشلىدى. ﴿وَعِنْدَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَا إِلَّا هُوَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَمَا تَسْقُطُ مِنْ وَرَقَةٍ إِلَّا يَعْلَمُهَا وَلَا حَبَّةٍ فِي ظُلُمَاتِ الْأَرْضِ وَلَا رَطْبٍ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ﴾ «غەيىبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ، تۆكۈلگەن يوپۇرماقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر تال ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى لەۋھۇلمەھفۇزدا ئېنىق يېزىلغاندۇر»[5].

 

ئاللاھنىڭ بىلىشى مۇكەممەلدۇر

بىر ئۆلىما ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئوغلۇم! ئاۋۇ كېتىپ بارغان ئاپتوموبىلدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ ئەلۋەتتە بىلمەيسەن. چۈنكى، سەن ئۇنى تونۇمايسەن. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇ ئادەمنى تونۇيدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى، جىسمىنى، قاچان تۇغۇلغانلىقىنى، قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنى، ئائىلىسىنى، پەرزەنتلىرىنى تولۇق بىلىدۇ، يەنە ئۇ ئادەمنىڭ نېمىنى ياقتۇرىدىغان ۋە نېمىنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى، شۇ ئاندا ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، قورسىقى ئاچ ياكى توقلۇقىنى، يەنە ھەممە ئەھۋالىنى تولۇق بىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشى مەخپىي قالمايدۇ». توغرا، ئاللاھ تائالا ھەربىر نەرسىنى ۋە ھەربىر ئىشنى ئەڭ كىچىك ۋە ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغا قەدەر تولۇق بىلىدۇ.

ئۇنتۇماڭكى، سىز ئىبادەت قىلىۋاتقان رەببىڭىز دىلىڭىزدىكى سىرلارنى، ھەتتا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېنىق بىلىدىغان، سىزنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىدىغان زاتتۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىڭىزنى قەتئىي ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ سىزنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىمانىڭىز سىزنى دۇئاغا ئۈندەيدۇ. دۇئا بولسا ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئىبادەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇئا- ئىبادەتتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. سىز ھەر قېتىم دۇئا قىلغىنىڭىزدا سىزنى، ئەھۋالىڭىزنى، ھاجىتىڭىزنى تولۇق ۋە تەپسىلىي بىلىدىغان زاتقا يالۋۇرغان بولىسىز. بۇ يالۋۇرۇش ئىبادەتنىڭ جېنى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق ئىپادىسىدۇر. چۈنكى، دۇئا ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ ئىخلاسلىق ئىبادەتتۇر.

 

ئاللاھ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلەرنى ئۇنتۇمايدۇ

 بىر ئالىم ئىبنى كەسىرنىڭ «البداية والنهاية» ناملىق تارىخ ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھەيرانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەللامە ئىبنى كەسىر يازغان تارىختا ئۆتكەن قەۋملەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى، بەزى ئەھۋاللىرى، ئىش-ئىزلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، مەن مەزكۇر ئەسەردىن بىر باب ئوقۇپ توختىدىم ۋە تەپەككۇرغا چۆكتۈم. شۇ قەۋلەرنى، ئۇلاردىن باشقا دۇنيا يارىتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆتكەن مىللەتلەرنى ۋە ئۇلاردىن ھەربىرىنىڭ ئىسىمىنى، ئاتا-ئانىسىنى، تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن كۈنلىرىنى، چىراي شەكلىنى، مېجەز- خۇلقىنى، ئۆتكۈزگەن بەختلىك ۋە بەختسىز چاغلىرىنى، ئائىلە ئەھۋالىنى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلىرىنى، كۆرگەن ھۇزۇر- ھالاۋەتلىرىنى، ساقلىق، كېسەللىك كۈنلىرىنى، كېيىنچە قانداق بولغانلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئېنىق ۋە تەپسىلىي بىلىدىغانلىقى، ھەتتا بىز تىرىكلەرنى بىلگەندەك بىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قاتتىق سىلكىندىم، تېنىم شۈركەندى. شەھەرلەرنى پەتھى قىلىش، ۋەتىنىنى قوغداش ياكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش يولىدا ئۆلگەن ھەددى ھېسابسىز ئەسكەر، قوماندان، پىدائىي قاتارلىقلارنىڭ سانىنى- گەرچە ھېچكىم بىلمىسىمۇ-، ئاللاھ تائالا تەپسىلىي ۋە ئېنىق بىلىدۇ ۋە ھەربىرىنىڭ ئىسمىنى، پۈتۈن تارىخىنى ۋە قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلىدۇ. دېمەك، تارىخچىلار قەيت قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىچىك تەپسىلاتلارنى ئاللاھ تائالا تولۇق ۋە مۇكەممەل بىلىدۇ.

﴿تِلْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهَا إِلَيْكَ مَا كُنْتَ تَعْلَمُهَا أَنْتَ وَلَا قَوْمُكَ مِنْ قَبْلِ هَذَا فَاصْبِرْ إِنَّ الْعَاقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئەنە شۇ (قىسسە) بىز ساڭا ۋەھيى قىلىپ بېرىۋاتقان غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار. شۇڭا سەن (قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر»[6].

 

ئاللاھ تائالانىڭ بىلىشى چەكسىزدۇر

  ئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرىسى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئۇلار قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنىۋە ئىشلارنى بىلىپ كەتسۇن، قانچىلىك كۆپ ئوقۇغان بولسۇن، بەرىبىر ئىلىمنىڭ چېكىگە يېتەلمەيدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بىلىش دائىرىسى چەكسىزۋە ھەدسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلمەيدىغىنى يوقتۇر. ﴿وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾«ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[7] دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ تارىخ يۈزىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن، ئىنسانىيەت تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، ئىش-ئىزلىرى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن، خۇددى دۇنياغا كېلىپ باقمىغاندەك بولۇپ كەتكەن ئىنسانلارنى، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى، ئۆتمۈشلىرىنى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى ئېنىق ۋە تەپسىلىي بىلىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغىچە كەلگەن ئىنسانلارنى، توپان بالاسىدا غەرق بولغانلارنى، نۇھ كېمىسىدە قۇتۇلۇپ قالغانلارنى، قۇم بارخانلىرى ئاستىدا قالغان ئىرەم شەھىرىنى، ئىلاھىي جازا بىلەن پۈتۈنلەي ھالاك قىلىنغان ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى پەقەتلا ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىنى ئېيتىپ بەرمىگەن بولسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ھەرگىز بىلمىگەن بولاتتى.                           

 ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمىگە چىن كۆڭلىڭىزدىن جەزم قىلغان ۋاقتىڭىزدا، سىز تەرىپلەپ بولغۇسىز ھۇزۇرغا تولىسىز، ئىچىڭىز راھەتلىنىپ قالىدۇ. ئۇ سىزنىڭ بارچە ھاجىتىڭىزنى، دەردىڭىزنى ۋە تەلەپلىرىڭىزنى سىزدىن ئوبدانراق بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىنىڭىزدا تىلەكلىرىڭىزنى بىر-بىرلەپ ئېيتىشقا، دەردلىرىڭىزنى تەپسىلىي ئەرزھال قىلىشقا ھاجەت بولمايسىز. پەقەتلا «ئى رەببىم! بېشىمغا كەلگەننى كۆتۈرۈۋەتكىن، تىلەكلىرىمنى بەرگىن» دېيىشىڭىز كۇپايىدۇر. چۈنكى، سىزنىڭ دەردلىرىڭىزنى ھېچكىم ئۇنىڭدەك بىلمەيدۇ، تىلەكلىرىڭىزنى راۋا قىلىش يوللىرىنىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭدەك ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ «ئىلمى بىلەن ھەممىنى  قورشاپ تۇرىدۇ».

 

ھېچكىم ئاللاھ تائالا كۆرگەندەك كۆرەلمەيدۇ

  ئىنساننىڭ كۆرۈشى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئۇ ئالدىدا تۇرغان نەرسىلەرنى مەلۇم مۇساپىدىن كۆرەلەيدۇ، مۇساپە يىراق بولسا ياكى ئارىدا توساق بولسا ھەرقانچە كۆزى ئۆتكۈر ئادەممۇ كۆرەلمەيدۇ، قاراڭغۇدا يەنە كۆرەلمەيدۇ، ئارقىسىدىكى ۋە ئوڭ، سول ئىككى تەرىپىدىكى نەرسىلەرنىمۇ كۆرەلمەيدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ كۆرۈشى چەكسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەممىنى كۆرەلەيدۇ، مەيلى تامنىڭ ئارقىسىدا بولسۇن، مەيلى بەك يىراقتا بولسۇن ياكى قاراڭغۇدا بولسۇن، ھەممىسىنى روشەن ۋە مۇكەممەل كۆرەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ قاراڭغۇ كېچىدە قارا تاشنىڭ ئۈستىدىكى قارا چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. قىسقىسى، ئىنسان كۆز ئالدىدا تۇرغاننى، كامېرا ئۆزىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا يىراقتىكىنى، توساقلارنىڭ ئارقىسىدىكىنى ۋە قاراڭغۇدىكىنى ئېنىق ۋە روشەن كۆرىدۇ.﴿إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ﴾ «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[8] دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىنى ۋە ھەممە ئىشنى ئەينى ۋاقىتتا توسالغۇسىز ۋە غۇبارسىز ئېنىق ۋە روشەن كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 

ھېچكىم ئاللاھ تائالا ئاڭلىغاندەك ئاڭلىيالمايدۇ

 خەۋلە ئىسىملىك ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئېرى توغرۇلۇق شىكايەت قىلغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆينىڭ بىر تەرىپىدە ئىدى، ئۇ ھېلىقى ئايالنىڭ گەپلىرىنىڭ بەزىسىنى ئاڭلىيالىغان بولسىمۇ، بەزىسىنى ئاڭلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالمىغان ئىدى. ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئاللاھ تائالا ﴿قَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّتِي تُجَادِلُكَ فِي زَوْجِهَا وَتَشْتَكِي إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ يَسْمَعُ تَحَاوُرَكُمَا إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ﴾«(ئى پەيغەمبەر!) ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا دەردىنى ئېيتقان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى. ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزلەشكىنىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[9] دېگەن ئايەتنى نازىل قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قاتتىق تەئەججۈپ ئىچىدە قالىدۇۋە ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى قەتئىي يوشۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇ چاغدا ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ شىكايەتلىرىنى تولۇق ئاڭلىيالمىغان تۇرسا، ئاللاھ تائالا يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ۋە شىكايەتلىرىنى تولۇق ئاڭلىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە ئاۋازلارنى، دۇئالارنى ۋە نالە- پەريادلارنى تولۇق ئاڭلايدىغانلىقىغا ھەممىمىزنىڭ ئىمانى كامىل، ئەمما تەپسىلاتلارغا كەلگەندە، بىرىمىز بۇنىڭغا دائىر ۋەقەلىكلەرنى كۆرگەن ياكى بېشىمىزدىن كەچۈرگەن چاغدا ھەقىقەتەن ھەيرانلىقىمىزنى باسالماي قالىمىز. چۈنكى، ئۇ ئەجەپلىنىشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. شۇ چاغدا بىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز، گەپ-سۆزلىرىمىز، پىكىر-خىيالىمىز ۋە كېچە-كۈندۈزدىكى ھەممە ھالىتىمىز  ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان جەزم قىلىمىز.  ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بىزنى ۋە ھەممە ھالىتىمىزنى، شۇنداقلا بارلىق قىلمىشلىرىمىزنى بىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا جازاغا لايىق بولغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى ۋە بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىبانلىقىدىن ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ بېشارەت بېرىدۇ. ﴿وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمْ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا﴾«ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ (گۇناھكارلارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر»[10].

 

 ئىنساننىڭ نادانلىقى

يۇقىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىمىنىڭ چەكسىزلىكى، ھەممىنى ئېنىق ۋە تەپسىلىي بىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن بۇ يەردە، ئىنساننىڭ نەقەدەر جاھىللىقى، نادانلىقى ۋە نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىش مۇناسىپتۇر. چۈنكى، ئىنساننىڭ جاھىللىقىنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىنى قانداق چەكسىز، توسالغۇسىز بىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ روشەن چۈشىنەلەيمىز.

ئاللاھ تائالا ئۆزى ياراتقان ئىنساننى ۋە ئۇنىڭ نېمىلەرگە ئىقتىدارى يېتىدىغان ۋە نېمىلەرگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار توغرۇلۇق:  ﴿وَمَا أُوتِيتُمْ مِنَ الْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا﴾ «سىلەرگە پەقەت ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەندۇر» دەپ جاكارلىغان.

جىمى مەخلۇقات بېشىغا قانداق ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئىنسان بارچە مەخلۇقات ئىچىدە  ئەقىللىق بىرى تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ بايدا-زىيىنىنى، ئەتە بېشىغا قانداق ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بىلسە ئىدى، ھېچبىر زىيان تارتمىغان بولار ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ﴿قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ وَلَوْ كُنْتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزۈمنى زىياندىن قوغداپ قېلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئەگەر مەن غەيىبنى (كۆرۈنمەيدىغان ۋە بولىدىغان ئىشلارنى) بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، زىيان _ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم. مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى (قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن)»[11].

ئىنسانغا بېشىغا كېلىدىغانلارنى ۋە كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلارنى بىلىش ئىقتىدارى بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇئۆزىگە پايدىلىق بولغان دىن ۋە دۇنيالىق ياخشى ئىشلارنى ۋە ئۇچرايدىغان ھەر تۈرلۈك زىيان-زەخمەرلەرنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا ۋە ئۆزىنى زىيان-زەخمەتلەردىن قوغداشقا تىرىشمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھايات مۇساپىسىدە بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋە زىيان-زەخمەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. يولدىكى تاشقا پۇتلىشىپ كەتكەن ئادەم ناۋادا ئۇنى بىلسە ئىدى، چوقۇم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قوغدىغان بولاتتى، ئورىغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم ئەگەر يولىدا ئورا بارلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە تەدبىرىنى ئالغان ۋە چۈشۈپ كەتمىگەن بولاتتى.

ئاپتومۇبىلنى تېز ھەيدەپ قاتناش جازاسىغا ئۇچرىغان ئادەم ئالدىدا قاتناش ساقچىسى ياكى كامېرا بارلىقىنى بىلسە ئىدى، ھەرگىز تېز ماڭمايتتى ۋە جازادىن قۇتۇلۇپ قالغان بولاتتى. شۇنىڭدەك، قاراڭغۇدا مېڭىپ تامغا ياكى دەرەخكە ئۈسسۈپ  بەرگەن ئادەم ئۇنى بىلسە ئىدى، چوقۇم دىققەت قىلىپ ماڭاتتى ۋە ئۈسسۈپ بەرمىگەن بولاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلمىگەنلىكتىن بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان بېشىغا كېلىدىغانلىرىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم بىزگە: ﴿وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ «ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسلەر»[12] دەپ جاكارلىغان.

ناۋادا پىرئەۋن ئۆزىنىڭ دېڭىزدا غەرق بولۇپ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قوغلاپ دېڭىزغا كىرمىگەن بولاتتى. قارۇن ئۆيىنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، باشقا ئۆيدە ياتقان ياكى زاكات بېرىشتىن باش تارتمىغان بولار ئىدى. لېكىن شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ناۋادا قارۇن ئىگىز تاغقا چىقىۋالغان بولسىمۇ شۇ تاغ بىلەن بىللە دۈم كۆمتۈرۈلگەن بولاتتى. چۈنكى، ھالاك بولىدىغىنى ئۆي ئەمەس، بەلكى قارۇن ئۆزى ئىدى.

﴿وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ «ھېچكىم ئەتە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچكىم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر»[13].  بۇرۇن بىر قوشنىمىز باشقا بىر مەھەللىدە ۋاپات بولغان يېقىنى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگىلى بېرىپ، يولدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان ئىدى. ۋاپات بولغۇچى ئەگەر ئۆزىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئۆيدىن چىقماس ئىدى. ئەمما چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كەلگەن ئەجەلنى توسالمايدىغانلىقى ئايرىم مەسىلە.

دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ياكى باشقا جايلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار پىلانلىرىنى ئۆزگەرتكەن ۋە باشقىچە تەدبىرلەرنى ئالغان بولاتتى. لېكىن ئۇلار بىلمەيتتى. توغرا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

 

ئىنسان ئۆزىنى ئاللاھ تائالادىن يوشۇرالمايدۇ

قۇرئان كەرىم شۇنداق جاكارلايدۇكى، ئىنسان ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن ئوچۇقچىلىقتىكى بىر مەخلۇقاتتۇر. ئۇ ئۆزىنى ياكى ئەمەلىنى ياكى نىيىتىنى ۋەيا كۆڭلىگە كەچكەنلەرنى ئاللاھ تائالادىن قەتئىي يوشۇرالمايدۇ. چۈنكى، ياراتقان زات ئۇنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئەڭ كىچىك تەپسىلاتىغا قەدەر ئېنىق ۋە تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ، گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ﴿وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ﴾ «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ»[14].

ئاللاھ تائالا يەنە ئىنسانغا يىراقتىن ياكى يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە بولمىغان بارچە ئالەملەرنى ۋە شەيئىلەرنى بىلگىنىدەك، ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىنى، بالىلىقىنى، ياشلىقىنى، ئوتتۇرا ياشلىقىنى، قېرىلىقىنى، ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلىكلىرىنى، قالدۇرغان خاتىرىلىرىنى، كېلەچەكتە قىلىدىغان ئىشلىرىنى، كېيىنكى ھاياتىنى، ئاقىۋىتىنى تولۇق بىلىدۇ . ﴿يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ﴾ «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى(يەنى ئۆتمۈشلىرىنى ۋە كېلەچەكلىرىنى) بىلىدۇ»[15]. سىز قايسى تەرەپكە يول ئالماقچى بولسىڭىز، سىز قەدىمىڭىزنى بېسىشتىن بۇرۇنلا ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىدۇ، سىز بارىدىغان جاينى، ئۇ جايدا بولىدىغان ئىشلارنى ۋە سىز يولۇقىدىغان ۋەقەلىكلەرنى ئالدىن بىلىدۇ. قىسقىسى، بولغان، بولۇۋاتقان ۋە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

سىز كۆڭلىڭىزدىكىلەرنى ئېيتىڭ ياكى ئىچىڭىزدە يوشۇرۇڭ، بەرىبىر ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. ﴿وَإِنْ تَجْهَرْ بِالْقَوْلِ فَإِنَّهُ يَعْلَمُ السِّرَّ وَأَخْفَى﴾ «سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭمۇ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭمۇ، ئاللاھ ئۈچۈن بەرىبىردۇر)، چۈنكى ئاللاھ (ھەرقانداق) سىرنى ۋە ئۇنىڭدىن بەك مەخپىي ئىشلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ»[16]. مۇپەسسىرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئايەتتىكى «بەك مەخپىي ئىشلار» دېگەن سۆزدىن ۋەسۋەسە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن ئاز- تولا ۋەسۋەسىنىمۇ ئاللاھ تائالا بىلىپ تۇرىدۇ، دېگەنلىك.

ئاللاھ تائالا كۆڭۈلدە ئويلىغان ياكى پىلانلىغان ئىشلارنىلا ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلگە كېلىپ كەتكەن نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ﴿وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِۦ نَفْسُهُۥ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ ٱلْوَرِيدِ﴾ «بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلتۈرگەنلىرىنىمۇ بىلىمىز، بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز»[17].  

بۇ ئورۇندا شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان چوڭقۇرشەپقىتى ۋە تەڭداشسىز كۆيۈمچانلىقى يۈزىسىدىن، ئۇ بەندىلىرىنى ئۇلار كۆڭۈللىرىگە كەلتۈرگەن يامانلىقلار، بولمىغۇر خىياللار ۋە يامان ئويلار سەۋەبلىك جازالىمايدۇ، شۇ يامانلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغىچە ئۇلارغا گۇناھ يېزىلمايدۇ. ئەمما ئۇلار كۆڭۈللىرىگە كەلتۈرگەن ياخشى ئويلىرى، خالىس نىيەتلىرى ئۈچۈن، - گەرچە ئويلىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان بولسىمۇ،- ساۋابقا ئېرىشىدۇ.



[1] بەقەرە سۈرىسى 32- ئايەت.
[2] رۇم سۈرىسى 54- ئايەت.
[3]ئەنئام سۈرىسى: 59-ئايەت.
[4]مۇلك سۈرىسى: 14- ئايەت.
[5]ئەنئام سۈرىسى: 59- ئايەت.
[6]ھۇد سۈرىسى: 49- ئايەت.
[7]ھەدىد سۈرىسى:3- ئايەت.
[8]مۇلك سۈرىسى: 19- ئايەت.
[9]مۇجادەلە سۈرىسى: 1- ئايەت.
[10]ئەھزاب سۈرىسى: 51- ئايەت.
[11]ئەئراف سۈرىسى: 188- ئايەت.
[12]ئال ئىمران سۈرىسى: 66- ئايەت.
[13]لۇقمان سۈرىسى: 34- ئايەت.
[14]مائىدە سۈرىسى: 99- ئايەت.
[15]تاھا سۈرىسى: 110- ئايەت.
[16]تاھا سۈرىسى: 7- ئايەت.
[17] قاف سۈرىسى:16- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار