غۇربەت كوچىلىرىدا ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلەر

 

غۇربەت كوچىلىرىدا ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلەر

مۇھەممەد يۈسۈپ

بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن ھىندىستانغا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، تەھسىلىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتالماي، بىرى پاكىستاندا، يەنە بىرى بېنگالدا قېلىپ، بىر ئۆمۈر ۋەتەن ھەسرىتىدە كۆيۈشكە مەھكۇم بولغان ۋە شۇ جايلارنىڭ غۇربەت كوچىلىرىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىككى ئالىم ھېكايىسىدۇر.

ئىككى كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىدە، بېنگالدا ۋاپات بولغان خوتەنلىك ئالىم مۇھەممەد نىياز مەخدۇمنىڭ «معارف الختني على سنن الترمذي» يەنى (ئىمام تىرمىزىنىڭ ھەدىس كىتابىغا خوتەنلىك ئالىمنىڭ يازغان شەرھى) دېگەن ئەرەبچە كىتابنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە قاتتىق ھاياجانلاندىم. شۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەزى چوڭلارغا ئۇچۇر يوللاپ بۇ كىتابنى سۈرۈشتە قىلىش جەريانىدا، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى «خوتەن ۋەقپى»نىڭ نازىرى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت بۇ كىتابنىڭ ئۆزىدە بارلىقى، ئەگەر كېرەك بولسا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوللاپتۇ. كىتابنى جىددىي تەلەپ قىلدىم، ئاخشام ئۆزى جىددە شەھىرىگە بىر ئىش بىلەن كەلگەن بولۇپ، كىتابنى ئالغاچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ماڭا ئۇچۇر قىلدى. كىتابنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كېچىچە ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن ۋاراقلاپ چىقتىم.

بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ شۇنى بىلمدىمكى،  بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئىسمى ۋە تەقدىرى ئوخشاش ئىكەن. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد نىياز بولۇپ، بىرى، مۇھەممەد نىياز سابىت خوتەننىڭ شورباغ دېگەن يېرىدىن، يەنە بىرى، مۇھەممەد نىياز مەخدۇم مۇھەممەد سىددىق خوتەننىڭ ئىلچىدىن ئىكەن. مۇھەممەد نىياز سابىت 1916 – تۇغۇلغان، ھىندىستانغا 1934- يىلى چىققان، مۇھەممەد نىياز مەخدۇم 1919- يىلى تۇغۇلغان، سىددىق بولسا 1935- يىلى چىققان ئىكەن. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق –تۇغقانچىلىق بار بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ھىندىستاننىڭ دىيۇبەند دارۇلئۇلۇم بىلىمگاھىدا ئوقۇغان. ئۇلار ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، مۇھەممەد نىياز سابىت 1944- يىلى پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىگە، مۇھەممەد نىياز مەخدۇم سىددىق 1945- يىلى بېنگالغا بېرىپ ماكانلىشىپ قالغان. ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت 1992- يىل ۋاپات بولغان، ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم سىددىق 1986- يىلى ۋاپات بولغان.

بۇ كىتابنى ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم سىددىق يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، بۇ قوليازمىنى بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن، ئەللامە مۇھەممەد سابىتنىڭ ئوغلى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن مەرھۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋە 2018- يىلى 4- ئايدا پۈتتۈرۈپ چىققان. يېقىندا بۇ كىتاب مۇئەللىپنىڭ قىزىنىڭ ۋە ئۇستاز ئابدۇللا دولەتنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن پاكىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان ھەمدە ئالىملار بۇ كىتابقا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئۇستاز ئابدۇللا دولەت سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىندارلىقى،  ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە ياردەمسۆيەرلىكى بىلەن تونۇلغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دىن ۋە مىللەت ئۈچۈن قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. بۇ  كىشى مەدىنىدىكى كونىراپ خارابىگە ئايلىنىپ قالغان خوتەن ۋەقپى ئۆيىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ھەشەمەتلىك بىناغا ئايلاندۇردى، ۋەقپىدىن كەلگەن كىرىمنى يىغىپ يېنىدىن يەنە بىر قانچە ئۆينى سېتىۋېلىپ خوتەن ۋەقپىنىڭ ئورنىنى كېڭەيتتى. ھازىر خوتەن ۋەقپى بارلىق تۇركىستان ۋەقپىلىرىنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئازادە، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ يېڭى بىر ۋەقپى بولۇپ بارلىق ئۇيگۇرلارىگا خىزمەت قىلماقتا. ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت يەنە نۇرغۇنلىغان دىنى كىتابلارنى باستۇرۇپ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا تارقاتقان ئىدى. پېقىرنىڭمۇ كۆپلىگەن كىتابلىرىنى لىۋان ۋە سۈرىيەلەرنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە بېسىپ بەرگەن ئىدى. ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت بۇ ياخشىلىقلارنى ئاتىسى مەرھۇم دۆلەتنىياز ھاجىمدىن ئۆگەنگەن بولۇپ، دۆلەتنىياز ھاجىم ئائىلسىدىكى ياخشى تەربىيەنىڭ سەمەرىسى ئىكەنلىكى مۇقەررەر.

ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەسىدىكى ۋەقپىلەرنىڭ نازىرلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىخلاسلىق، ئەڭ تەقۋادار نازىر بولۇپ، ھېسابات ئىشلىرىنى ناھايىتى ئادىللىق بىلەن قىلىدۇ. ھەر يىلى خوتەن ۋەقپىگە مېھمانلارنى چاقىرىپ،  ۋەقپىنىڭ كىرىم- چىقىملىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىدۇ. باشقا نازىرلاردىن ھىسابات سورىسا ئاچچىقدىن جېنى چىقىپ كېتىدۇ، ھېچكىم ھېساب بېرىشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت  ھېچكىم سورمىسىمۇ ئۆزى ھىساب بېرىپ ئۆزىنىڭ  ۋە باشقىلانرىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. كاشكى بارلىق نازىرلار مۇشۇ كىشىدەك بولسا ئىدى.

ئەمدى بۇ ئىككى ئالىم بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

1. ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت

ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىدە پاكىستانلىق ئايالغا ئۆيلىنىپ بالا-چاقىلىق بولغان ۋە شۇ جايدا ھاياتىنىڭ ئاخىرغا قەدەر مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 – يىللاردىن كېيىن، ۋەتەندە سىرتقا چىقىش يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، دىنىي ئىلىم – تەھسىل قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇنجى چىققان دۆلەت پاكىستان ئىدى. شۇ چاغلاردا پاكىستانغا چىقىپ، پاكىستاننىڭ مەدرىسلىرىدە ئىلىم – تەھسىل قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن بەزى دوستلىرىم ماڭا ئۆزلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىدە خوتەنلىك بىر ئالىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. دېمەك، دەسلەپ پاكىستانغا چىققان قېرىنداشلار ئۇ كىشىنى كۆرگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە «خوتەن ۋەقپى» نىڭ نازىرى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت مېنى ۋەقپىگە تەكلىپ قىلدى ۋە مۇھىم ئادەم بىلەن كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇ ئاخشىمى ۋەقپىگە بارسام، ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىتنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر ئوغلى پاكىستاندىن كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ كىشى پاكىستاندا مەشھۇر كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلار بىر قانچە قېرىنداش بولۇپ ھەممىسى دىنى ۋە پەندە ئوقۇغان، بىلىملىك كىشىلەر ئىكەن. ئۇ كىشى دادىسى دادىسى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. كېيىن جىددە شەھىرىدىكى بىر ئولتۇرۇشتا ئەللامە مۇھەممەد نىياز سافىتنىڭ چوڭ ئوغلى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن بىلەن تونۇشتۇق. ئۇ كىشى ھەدىس ئىلمىدە  پاكىستان بويىچە تونۇلغان ئۆلىمالاردىن ئىكەن، ئۇنىڭ يېنىدا تالىپلىرى ۋە مۇرىدلىرى بىللە يۈرىدىكەن. بۇ ئولتۇرشتىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا يەتتە- سەككىز مۇرىدى بىللە ئىدى. ئۇلار ئائىلىسىنىڭ ئىسمىنى «ئاخۇن» دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ئاتىسىنىڭ يۇرتىنى ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن شۇنداق  ئاتىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، دادىسى ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىدە ئۇزۇن يىل مۇدەررىسلىك قىلغانلىقتىن، ئالاھىدە تونۇلغان مەشھۇر كىشىلەردىن بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇڭا ئۇ كىشى ۋاپات بولغان كۈننى باھاۋۇلنىگار خەلقى ماتەم كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى دەپ ئېلان قىلىپ، تا ھازىرغىچە ھەر يىلى شۇ كۈندە ئۇ كىشىنى ئالاھىدە خاتىرىلەيدىكەن ۋە ھەققىدە دۇئا-تىلەپ قىلىدىكەن.

2. ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم سىددىق

ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم سىددىق خوتەندە ئۆلىما ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دادىسى مۇھەممەد سىددىق ئاخۇنۇم ۋە بوۋىسى مۇھەممەد ئاخۇنۇملار ئىكەن، تاغىسى ئەھمەد قازى خوتەندە تونۇلغان قازى ئىكەن. ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ كىچىك يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۆزى ئاۋۋال خوتەندە، ئاندىن قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. 1935- يىلى ھىندىستانغا چىقىپ، دىيۇبەند دارۇلئۇلۇم بىلىمگاھىدا ئوقۇپ، 1944- يىلى خەلقئارالىق دىپلومغا ئېرىشكەن ۋە 1945- يىلى بېنگالنىڭ سەرسىنە دېگەن يېرىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى داڭلىق مەدرىسە «دارى سۈننەت» مەدرىسىسىگە ھەدىس ئىلمىدە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن. 

ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم سىددىق بېنگالنىڭ شۇ جايدا بىر بانگاللىق قىزغا ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن يەتتە قىزى بولغان ئىكەن. ھازىر بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغان. ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت بۇ قىزلارنى قىرقانچە قېتىم يوقلاپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ھەج قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئېتىپ بەرگەن ئىدى.

بۇ كىتابنى قوليازما ھالىتىدىن كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن ۋە نەشرگە تەييارلىغان كىشى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن بولۇپ، بۇ كىشى پاكىستان تونۇلغان كاتتا ھەدىس ئالىملىرىدىن بىرىدۇر.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت ناھايىتى تەقۋادار، ئىسلامىي ئىلىملەردە، خۇسۇسەن ھەدىس ئىلمىدە ئالاھىدە يېتىشكەن مەشھۇر ئالىملاردىن بىرى ئىدى. ئۇ كىشى ھاياتىنى ئوقۇش، ئۆگىتىش، كىتاب يېزىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ كىشى مەشھۇر ئالتە ھەدىس كىتابىغا ئالتە توملۇق شەرھ يازغان، يەنە بىر قانچە پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، «ئىمام تىرمىزىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرى» دېگەن كىتابقا يازغان شەرھىدىن باشقا كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى قوليازما بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى زايە بولۇپ كەتكەن.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ «معارف الختني على سنن الترمذي» دېگەن كىتابنىڭ قوليازمىسىنى مەرھۇمنىڭ چوڭ قىزى خالىدە خانىم بەرگەن بولۇپ، دەپتەرگە يېزىلغان، خەتنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى تار ھەم ئەتراپىدا شەرھىلىرى بار بولۇپ، ئۇنى كومپىيۇتېرغا ئېلىشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كەتتى.

دادام مەرھۇم بىر قېتىم ماڭا: «بىز مەكتەپنى بىللە پۈتتۈرگەن ۋە مەن بىلەن ئىسىمداش بىر يۇرتدىشىم بار ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىمىزمۇ بار. ئۇ كىشى بېنگال تەرەپكە كەتكەن» دېگەن ئىدى. شۇ چاغدىن تارتىىپ ئاشۇ كىشىنى بىر تاپسام دېگەن خىيال مەندە بولدى. ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى. سۈرۈشتە قىلىپ باقساممۇ ئۇ كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىدىم. 2010- يىلى مەدرىسىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەن بېنگال دۆلىتىنىڭ سەلھەت دېگەن شەھىرىگە يىغىنغا باردىم. سۇ يەردىكى دوستلىرىم ئارقىلىق ئۇ كىشىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم. ئەمما ئۇچۇر ئالالمىدىم. يىغىن تۈگەپ پايتەخت داكا شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، سۇ جايدىكى ئىسلام مەركىزىدىكى تونۇشلىرىم ئارقىلىق ئىزدىدىم. ئاخىرى ئۇ كىشىنىڭ دېرىكىنى تاپقان بولدۇم. ئۇلار ‹بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئالىم بار ئىدى، كىشىلەر ئۇنى "شەيخ خوتانى"، بەزىدە "شەيخ چىنى" دەپ ئاتايتتى› دېدى. مەن ئىزدىگەن كىشىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغان بولدۇم. ئاندىن  بىز ھەر خىل يوللار بىلەن ئىزدەپ ئۇ كىشىنىڭ قىزلىرىنى تاپتۇق، بىر قىزى چوڭ بىر گېنېرالغا ياتلىق بولغان ئىكەن. بىز گېنېرالنى مەركەزگە چاقىرتتۇق، ئۇ كىشى بىزنى مەرھۇمنىڭ بارلىق قىزلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى. مەن ئۇلارنى كۆرۈپ ھاياجاندىن ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم، ئۇ قىزلارمۇ يىغلاشتى. بىز بېنگالدىن ئايرىلىش ئالدىدا مەرھۇمنىڭ قىزلىرى بىزگە ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى بېرىپ ‹بىزنىڭ ئوغۇل قېرىندىشىمىز يوق، ھەممىمىز قىز بالىلار، شۇڭا بىز دادامنىڭ ئىلمى مىراسلىرىنى قوغداپ قالالمىدۇق› دېدى. بۇ گەپ ماڭا بەك تەسىر قىلدى. مەرھۇمنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇش ئويىغا كەلدىم.

مەرھۇمنىڭ بۇ كىتابى يېزىلغانغا يەتمىش يىل بولغان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا يېزىلغان ئىكەن. قوليازمىنى كومپىيوتېرغا ئېلىش ئىشلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار دىققەت بىلەن بۇ ئىشنى تاماملىدى. بۇ كىتاب مەرھۇمنىڭ قىزى خالىدە خانىم بىلەن ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن بېسىپ تارقىتىلدى».

بۇ ۋەقەلىتىكى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋاپادارلىق خىسلىتى شۇكى، مۇھەممەد نىياز ئىسىملىك بۇ ئىككى ئالىم بىر يەردە تۇغۇلغان ۋە بىر مەدرىسىدە ئوقۇغان بولسىمۇ، ھايات ھەلەكچىلىكى ۋە مۇساپىرلىق دەردى بىلەن ئىككىسى ئىككى دۆلەتكە ئايرىلىپ كېتىدۇ  ۋە بىر- بىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالغان پېتى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇلار ئالەمدىن ئۆتۈپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىر-بىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇمنىڭ يازغان كىتابىنى يەتمىش يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئوغلى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن نەشرگە تەييارلايدۇ ۋە نەشر قىلدۇرۇپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرىدۇ. بۇنى مەن ئاتىدىن ئەۋلادقا ئۆتكەن ۋاپادارلىق خىسلىتى دەپ ئاتايمەن.

 

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار