
كىشىلەر سىزنى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ
ھاياتىمىزدا شۇنداق ئېسىل كىشىلەر باركى، ئۇلاردىن قەتئىي بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بارلىقى بىلەن خۇشاللىققا تولىمىز، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە تويمايمىز، ئۇلار بىلەن قانغۇچە كۈلەلەيمىز. ئۇلارنى ھاياتىمىزدىن چىقىرىشقا ياكى ئۇلار بىلەن قارشىلىشىشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار قەلبىمىزگە ھۇزۇر، كۆڭلىمىزگە ئارام، روھىمىزغا مەدەت بېغىشلايدۇ.
ئۇلارنىڭ مۇنداق بولۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئېسىل خىسلەت ۋە گۈزەل ئەخلاقتىن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە سۆيگۈسىگە لايىق بولغان.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرىمىز:
- ئۇلار كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلاشنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كۆرۈش بىلەن دىللار يايرايدۇ، چىرايلاردا خۇشاللىق جىلۋە قىلىدۇ.
- ئۇلار مۇسىبەتلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى چوڭايتىۋەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولغىنىڭىزدا دۇنيالىق قىيىنچىلىقلىرى تۈگەپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالىسىز.
- ئۇلار ھېچقانداق بىر مۇئمىنگە ئاداۋەت قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يامانلىق تىلىمەيدۇ، تونۇشقان ھەرقانداق ئادەم بىلەن گۈزەل بىر ساداقەت ھېكايىسىنى باشلايدۇ.
- ئۇلار سىزگە بايلىقىڭىز ياكى مەنسىپىڭىز ۋەياكى ئابرۇيىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۆزىڭىزنى، شەخسىيىتىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
- ئۇلار ئاكتىپ روھىيەتكە ئىگە كىشىلەر بولۇپ، سالامنى ۋە تونۇشۇشنى ئاۋۋال ئۆزى باشلايدۇ، سىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
- ئۇلار شۇنداق ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەركى، ھەربىر ئادەمگە شۇ ئادەم ئارزۇ قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ.
- ئۇلار ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلاپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلىمەيدۇ، باشقىلاردىن دەردلەنمەيدۇ، سۆزلەۋاتقان كىشىگە پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇلاق سالىدۇ.
- ئۇلار گەرچە ئۆزى باشقىچە كۆزقاراشتا بولسىمۇ، سىزگە ئۆز كۆزقارىشىنى تېڭىشقا ياكى ئۇنى مۇداپىئە قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ.
- ئۇلار كىشىلەرگە يۇقىرىدىن باقمايدۇ، ئۆزىنى باشقىلاردىن پەرقلىق كۆرسىتىشتىن ۋە ماختىنىشتىن ساقلىنىدۇ.
- ئۇلار ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا بولسىمۇ، ھاياتنى سۆيىدۇ، ھېچقانداق قىيىنچىلىقى ياكى دەردى يوق ئادەمدەك كۈلەلەيدۇ.
- ئۇلار دەردمەننىڭ دەردىنى تىڭشايدۇ، تەسەللى بېرىشكە ۋە يول كۆرسىتىشكە قىلچە بېخىللىق قىلمايدۇ.
- ئۇلار مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ياشايدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، ئىنسانلاردىن كۆرگەن ئازراق ياخشىلىقنىمۇ قايتۇرماي قالمايدۇ.
- ئۇلار ۋاقىتقا رىئايە قىلىدۇ، ۋاقىتنى ئالتۇن، كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمايدۇ.
- ئۇلار ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى ئىماننىڭ قاتارىدىن سانايدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەرقانداق ھالەتتە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ.
- ئۇلار ھەركىمگە تەبەسسۇم قىلىدۇ، ئەڭ ناچار ھالىتىدىمۇ تەبەسسۇمغا بېخىللىق قىلمايدۇ.
- ئۇلار چوڭ-كىچىك، باي، كەمبەغەل، تەقۋا-پاسىق دەپ ئايرىماي ھەرقانداق ئادەمگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەممە ئادەمنىڭ سۆيگۈسىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
- ئۇلار ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن دەردلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ چارىسىنى ئىزدەيدۇ.
- ئۇلار غەيۋەت قىلمايدۇ، گەپ توشۇمايدۇ، يالغان ئېيتمايدۇ، تۆھمەت قىلمايدۇ.
كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەي دېسىڭىز...
يۇقىرىقى ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان ھەرقانداق ئادەم ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ. ناۋادا مەن بىلەن سىزمۇ بۇ خىسلەتلەرگە ئىگە بولساق ئەلۋەتتە بىزمۇ بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان ۋە سۆيۈلگەن ئىنسانلاردىن بولۇپ قالىمىز. بۇنداق بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال شۇ خىسلەتلەرنى ئۆگىنىش، ئاندىن مەشىق قىلىش، ئاندىن ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلغاندا يۇقىرىقى خىسلەتلەر بىزنىڭ شەخسىيىتىمىزگە ئايلىنىدۇ.
كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراي دېسىڭىز...
يۇقىرىقى ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ ئەكسىنى قىلىش كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراشقا، يەكلىنىشكە ۋە يالغۇز قېلىشقا يېتەرلىكتۇر.
چۈنكى ئىنسانلار تۆۋەندىكى ئىللەتلەرگە ئىگە ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ:
- ئىنسانلار ئۆزى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەيدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
- ئىنسانلار ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارغا يۇقىرىدىن باقىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
- ئىنسانلار باشقىلارغا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەيدىغان، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
- ئىنسانلار كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان، ئەيىبىنى ئاچىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
-ئىنسانلار قاپىقىنى تۈرۈپلا يۈرىدىغان، خۇش چىراي ئاچماسلىقنى جىددىيلىك دەپ بىلىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
-ئىنسانلار تەنقىدكە ئامراق، ئۈمىدسىزلىك چاچىدىغان، شۇملىق تىلەيدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئىنسانلار كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ نەسەبى، ئابرۇيى ۋە بايلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
- ئىنسانلار گۇمانخور، ئوت قۇيرۇق، يالغانچى، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
- ئىنسانلار قوپال، باغرى قاتتىق ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ. گەرچە ئۇ پەيغەمبەر بولغان تەقدىردىمۇ ...(وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ) « ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى»[1].
بەزى ئۆلىمالار ئىنسانلارنى ۋابا ئىنسانلار، داۋا ئىنسانلار ۋە ھاۋا ئىنسانلار دەپ ئۈچكە ئايرىيدۇ.
ۋابا ئىنسانلار – شۇملۇقىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغان سەلبىي ئىنسانلاردۇر.
داۋا ئىنسانلار- كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىجابىي ئىنسانلاردۇر.
ھاۋا ئىنسانلار- قەتئىي بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان بىباھا ئىنسانلاردۇر.
ئىبرەت:
- بىز كامالەتكە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىمىزدا كامالەتكە يېقىنلاشقان بولىمىز.
- ياخشى كۆرۈشنىڭ سەۋەبى بولغاندەك، يامان كۆرۈشنىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ. ئەقىللىق ئادەم ئالدىنقىسىنى چىڭ تۇتۇپ كېيىنكىسىدىن قۇتۇلىدۇ.
- ھەقىقىي مۇئمىن ئادەم ھەممە ئادەمگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
[1] ئال ئىمران سۈرىسى: 159- ئايات.

