
ئازابلانماي دېسىڭىز كۆڭلىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك قوزغاتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى ئاددىي ئىشلار ئۈچۈنمۇ نادانلىق قىلىپ قويىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تەپەككۇرى ۋە ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدۇ ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.
گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىتتىكلىك، ئېغىر–بېسىقلىق، ئالدىراقسانلىق، سەۋرچانلىق، سەزگۈرلۈك، دېۋەڭلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەسلى خاراكتېرىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور دەرىجىدە باغلىق بولسىمۇ، ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ باشقىلارغا مۇلايىم بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار.
پىشىپ يېتىلگەن ئادەم كامالەتكە يەتكەنسېرى كۆڭلى – كۆكسى كەڭ بولىدۇ. ئەپۇچان بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدۇ. تەنتەكتىن بىرى ئۇنىڭغا ئازار بەرگىلى تۇرسا ئۇ خۇددى يولدا ئويناۋاتقان سەبىي بالىلارنىڭ ئۆزىگە تاش ئاتقىنىغا قارىغان پەيلاسوپقا ئوخشاش ئېگىز چوققىدىن پەسكە باقىدۇ.
ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرگەن چاغدا غەزەپ بەزىلەرنى ساراڭلىق دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىنى قان تۆكمىگۈچە ئاقلانمايدىغان دەرىجىدە ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ قورغانلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولسا بۇنچىلىك ھالغا يېتىپ قالمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «ئاچچىقلانما» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، غەزەپ ئادەم بالىسىنىڭ قەلبىدە يانغان چوغدۇر. (غەزەپلەرنگەن كىشىنىڭ) كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى، گۈرەن تومۇرلىرىنىڭ كۆپۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟!» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەزەپنى يېڭىشنىڭ چارىسىنىمۇ ئۆگىتىپ: «مەن بىر سۆزنى بىلىمەن. ئەگەر ئۇ كىشى ئاشۇ سۆزنى ئېيتسا ئاچچىقى بېسىلاتتى، ئۇ بولسا "ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم" دېگەن سۆزدۇر» دېگەن. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن «سىلەر قانداق ئادەمنى كۈچلۈك دەيسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچكىم يىقىتالمايدىغان ئادەمنى كۈچلۈك دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتالىغان ئادەم ھەقىقىي كۈچلۈك ئادەمدۇر»( ) دەيدۇ.
«ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسان ئۆزىنى قانچە تۇتۇۋالغانسېرى، غەزەپنى قانچە بېسىۋالغانسېرى، ئېغىزىغا قانچە ئىگە بولغانسېرى، كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكىنى قانچە ئەپۇ قىلغانسېرى ئۇنىڭ كىشىلەر ۋە ئاللاھ نەزىرىدىكى ھۆرمىتى يۇقىرى بولىدۇ».( )
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئاچچىقىنى بېسىۋالغۇيچىلارنى ۋە كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچىلارنى ماختىغان. الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ يەنى «تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرەلەيدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ» .
بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشمۇ نېمەتتۇر. ئەمما ئاچچىقنى، غەزەپنى ۋە ئۆچلۈكنى ئۇنتۇپ كېتىش ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. چۈنكى ئىنسان بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئاسرىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، ئادەتتىكى ئىشلارغا چېچىلىپ يۈرمەسلىك، مۇمكىنقەدەر ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشقا، ئاچچىقلىنىشتىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىش ھېكمەتلىك ئىشتۇر.
بىر ئۇستازنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى يامان، ھەممە ئىشتىن ۋە ھەممە كىشىدىن دەردلىنىپلا يۈرىدىغان بىر شاگىرتى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇستاز ھېلىقى شاگىرتىنى چاقىرىپ، ئۇنى بىر سىقىم تۇز ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. شاگىرت تۇزنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۇزنى بىر ئىستاكان سۇغا سېلىپ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. شاگىرت ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ. شاگىرت ئۇستازىنىڭ بۇيرۇقىنى يىرالمىغانلىقتىن، ئۆزىنى زورلاپ ھېلىقى تۇزلۇق سۇنى ئىچىپتۇ. شاگىرت سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇستاز شاگىرتتىن سۇنىڭ تەمىنى سوراپتۇ. شاگىرت: «بەكمۇ ئاچچىق ئىكەن» دېگەن گەپنى ئاران دېيەلەپتۇ. ئاندىن ئۇستاز ئۇنىڭغا: تەييار بولغىن، كۆل بويىغا بويىغا بارىمىز، بىر سىقىم تۇز ئېلىۋالغىن» دەپتۇ. ئىككىسى كۆل بويىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇستاز شاگىرتىغا قاراپ: «ئوغلۇم! قولۇڭدىكى تۇزنى كۆلگە ئاتقىن، ئاندىن كۆلنىڭ سۈيىدىن ئىچكىن» دەپتۇ. شاگىرتى كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن، ئۇستاز سوراپتۇ: «تەمى قانداق ئىكەن؟». شاگىرت: «تەمى تاتلىق ئىكەن ئۇستاز» دەپتۇ. ئاندىن ئۇستاز شاگىرتقا يۈزلىنىپ: «ئوغلۇم! سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئىستاكاندەك ئەمەس، كۆلدەك ۋە دەريادەك كەڭ بولسۇن، شۇ چاغدا سەن ھاياتنىڭ گۈزەل تەمىنى تېتىيالايسەن» دەپتۇ.
ھاياتىڭىزنىڭ تەمىنى بەلگىلەش سىزنىڭ قولىڭىزدا بولۇپ، سىز ئۇنى كۆل سۈيىدەك تاتلىق قىلىشقا ياكى ئىستاكاندىكى تۇزلۇق سۇغا ئوخشاش ئاچچىق قىلىشقا، مۇسىبەتلەرنى پۇرسەتلەرگە ئۆزگەرتىشكە ئەلۋەتتە قادىرسىز.

