
تىللاشنى ئەمەس، ئىنساپنى ئۆگىنەيلى
مۇھەممەد يۈسۈپ
مېنى ئەڭ كۆپ بىئارام قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئۈندىدار، فېيسبۇك، تۇۋىتىر قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بىر _ بىرىنى تىللىشى ۋە ئۆلىمالىرىغا تىل ئۇزىتىشى بولدى. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى دېگۈسى كېلىدۇ، خەلقىگە يەتكۈزگۈسى كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئالىملارنىڭ شۇنداق قىلىش مەۋجبۇرىيىتى بار. ئەمما يېزىلغانلارنى ۋە سۆزلەنگەنلەرنى ياقتۇرۇش ياكى ياقتۇرماسلىق ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. ئىسلامغا دەۋەت قىلىشمۇ شۇنداق. چۈنكى دەۋەتنى قىلىمىز. ئۇنى خالىغان كىشىلەر قوبۇل قىلىدۇ، خالىغان كىشىلەر رەت قىلىدۇ. ئەمما ھېچكىم ھېچكىمنى مۇئەييەن ئەقىدىگە ياكى پىكىرگە مەجبۇرلىيالمايدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا كىشىلەرنى دىنغا زورلاش يوقتۇر. «دىندا زورلاش يوق« دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
ئېچىنىشلىق ئىش شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىملىرى بىر نەرسە يازسا ياكى سۆزلىسە، ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى ئىنكاسلار بىلەن بىرلىكتە تىل ئاھانەت، تۆھمەت، ھاقارەتلەر يېغىپ كېتىدۇ. ھاياتىدا مەكتەپ كۆرمەي، ئىلىمنىڭ قەدرىنى بىلمەي، ئىلىم ئۈچۈن سەپەر قىلىپ باقماي تۇرۇپ، ئۈندىداردىن بىر ئىككى ئايەت ۋە بىر ئىككى ھەدىسنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىپلا، ھاياتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ئاتاپ 30 _ 40 يىل بۇ يولدا يۈرگەن ئەزىمەتلەرنى تىللايدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان قېرىنداشلارمۇ كۆپىيىپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن ئاللاھ تائالادىن قورقماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، دىننى چۈشەنمەسلىك، رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلمىغانلىق دەپ چۈشىنىمەن. ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھېسابى بار. بەزىدە بىر كەلىمە سۆز جەننەتكە ئېرىششكە سەۋەب بولۇپ قالسا، بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز دوزاخ ئەھلى بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سورىقى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئىنسان ئۆزى ھېس قىلماستىن شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىدۇكى، ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاچچىقتا ئۆزىنى تۇتالماي بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى »قارا خوتۇننىڭ بالىسى« دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزەپتىن چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئەبۇ زەرنى «سەن جاھىلىيەتنىڭ ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئادەم ئىكەنسەن» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەبۇ زەر قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، بۇ خاتالىقىدىن ئۆزرە تىلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇبارەك يۈزىنى بىلالنىڭ تاپىنى ئاستىغا قويماقچى بولغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يولدا كېتىپ بارغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «قارىسىلا ماۋۇ ئادەم ئەجەب پاكاركىنا» دەپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، سىز ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭىز، دەرھال تەۋبە قىلىڭ» دېگەن. مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ھوشيار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولغان. ئۇلار شۇنداق ئېھتىيات قىلاتتى، ئاللاھ تائالادىن شۇنداق قورقاتتى. ئەمدى بىزگە نېمە بولدى؟ مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەپ ئۇلاردىكى خاتا يۆنىلىشلەرگە تۈزىتىش بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇرغان ئۆلىمالارنى بەزى كىشىلەر پەقەت ئۇلارنىڭ دېتىگە ياقمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر خىل ھاقارەتلەر بىلەن تىللىسا، بۇنىڭ سورىقى يوقمۇ؟ ئاللاھ تائالا بۇنى بىلمەمدۇ؟ ھېسابىنى سورىمامدۇ؟ يەنە كېلىپ تارىختىن بېرى ئادەم تىللايدىغانلار، كىشىلەرگە ھاقارەت قىلىدىغانلار، ياخشىلارنى سۆكۈدىغانلار ئازغۇنلۇقنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن بولسا، چىرايلىق نەسىھەت قىلىدىغانلار، سەۋرچانلىق قىلىدىغانلار ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلار ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ سۆزۈمگە ئىشەنمىسىڭىز ئىسلام تارىخىنى ئوقۇڭ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ئوقۇڭ. چۈنكى دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى تىللىغانلار پەقەت ئازغۇنلار تەبىقىسىدىكىلەر بولۇپ كەلدى. پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى «گېپىنىمۇ ئۇقتۇرالمايدىغان پەس ئادەم» دېگەن بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام «مەن ساڭا رەببىمنىڭ ئەلچىسىمەن» دەپ چىرايلىق جاۋاب بەرگەن. ئۆز ۋاقتىدا ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئەبۇ لەھەب ۋە ئەبۇجەھل قاتارلىقلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ نەمۇنىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئابىدىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «مەجنۇن»، «سېھىرگە»، «يالغانچى» دېگەن قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. مەجنۇن دېگەن ساراڭ، ئەقلى يوق دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ھېچبىرىنى تىللىمىغان. كاپىرلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىرى بولغان ئۇلۇغ ساھابىلەرنىمۇ دىندىن ئازغۇنلار، ئەقىلسىزلەر، يالاڭتۆشلەر دېگەندەك ھاقارەتلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. ئەمما ئۇلار «سىلەرگە ھىدايەت تىلەيمىز» دەپ يولىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرى شۇلار غەلىبە قىلغان.
يەنە بىر مەسىلە، ئىلمىي يوسۇنداق يېزىلغان بىرەر يازمىغا نارازى بولغان ئادەم ئۆزىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ ئىلمىي ئۇسۇلدا جاۋاب بەرسە بولمامدۇ؟ ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاش قاچاندىن بېرى مەدەنىيەت بولۇپ قالدى؟ ئادەتتە ئۇتتۇرۇپ قويغانلار، چىدىماسلار، نامەردلەر ۋە كۈچى يەتمىگەنلەر ئاچچىقىنى تىلىغا يۆلىنىپ تىللاش بىلەن چىقىرىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەسلىدىنلا نامەردلەرنىڭ ئىشىدۇر.
بەزى قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى مۇكەممەل ئىسلامىي قىيامەتتە كۆرسىتىپ يۈرۈش بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا مىسۋاك دېسە ئاغزىدا ھەمىشە بار، ساقال دېسە شۇنداق كېلىشكەن، كىيىم دېسە تەقۋا قىياپەتتە رەسمىي سالاپەتلىك يۈرىدۇ. ئەمما ئۆزى ھەسەتخور، پىتنىخور، ئېغىزى بۇزۇق! ئۇنى كاپىر، مۇناپىق دېسە، بۇنى بىدئەتچى دەيدۇ، ئۇنى غالچى دېسە، بۇنى جاسۇس دەيدۇ. ئېنىقلىماستىن، ئەقىلغا ئەمەس، بىر دەملىك ھېسسىياتقا بېرىلىپ، شۇنداق خەتەرلىك سۆزلەرنى قىلغان ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان: «كىمكى بىراۋنى كاپىر دېسە، ئەگەر دېيىلگەن ئادەم كاپىر بولمىغان بولسا، دېگۈچى ئۆزى كاپىر بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ بۇ ئاددىي سۆز ئەمەسقۇ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «بىراۋنىڭ مۇسۇلماننى كاپىر دېگەنلىكى ئۇنى ئۆلتۈرگىنى بىلەن تەڭدۇر» دېگەن.
يەنە ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايدىغان، ھەتتا دادىسى قويغان ئىسمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى تور قەھرىمانلىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار توخۇ يۈرەك تور لالمىلىرى بولۇپ، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلمىگەندىن كېيىن ھېچكىم بىزگە چېقىلالمايدۇ، بىزدىن ھېساب ئالالامايدۇ، دەپ ئېغىزىنى قويۇۋېتىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ غېمىنى يەۋاتقان تەشكىلات باشلىقلىرىنى، خەلقىمىزنىڭ دىلىغا ئىمان ۋە ئىلىمنى يەرلەشتۈرۈش يولىدا جاپا چېكىۋاتقان ئۆلىمالارنى خالىغانچە ھاقارەتلەيدۇ، ئۇلارغا تۆھمەتلەرنى توقۇيدۇ، قولىدىن كەلگەن يامانلىقلارنىڭ ھەممىنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدۇ. ئەركەك بولساڭ ئوتتۇرىغا چىق! ھەممە گېپىڭنى ئۆز سالاھىيىتىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا قوي! خوش، سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى ئىنسانلار بىلمەيدۇ، شۇڭا سېنى تاپالمايدۇ. ئەمما سېنى ئاللاھ تائالامۇ بىلمەمدۇ؟ سېنى ياراتقان زات سېنىڭ بۇ نامەردلەرچە قىلغان ھاقارەتلىرىڭنى بىلمەمدۇ؟ سەن ئىسمىڭنى يوشۇرۇش بىلەن ئاللاھ تائالانىمۇ ئالداپ كېتەلەمسەن؟ ئىسمىڭنى ۋە كىملىكىڭنى ئاللاھ تائالادىنمۇ يوشۇرۇپ قالالامسەن؟ ساڭا سەمىمىي نەسىھىتىم بولۇپ قالسۇنكى، ئەگەر سەندە زەررىچىلىك ئىمان ياكى ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان بولسا، بۇ سۆزۈمنى ئوبدان مۇلاھىزە قىل!
ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆزى مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانچە سالام قىلغان ئادەمنىمۇ كاپىر دېيىشتىن توسقان. قۇرئان كەرىم بىزگە: »ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ يولىدا غازاتقا ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ئېنىقلاپ ئىش كۆرۈڭلار، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ "سەن مۇئمىن ئەمەسسەن" دېمەڭلار« دەپ تەلىم بەرگەن. ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سورىقى بار ئەمەسمۇ؟ زادى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە كەلتۈرۈۋاتقان خەتىرى ۋە زىيىنى كاپىرلارنىڭكىدىن چوڭ بولماقتا. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلىمالىرىنى تىللاپ بېرىپ، خەلقنى بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، كاپىرلارنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىشى ئوڭاي بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە توردىن، ئۈندىداردىن بىرەر ئىككى ھەدىس ئۆگىنىۋالغانلار دىننى ئۆزىنىڭ دېتىگە قاراپ خالىغانچە كېسىپ، قۇراشتۇرۇپ، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەكتە. سۆزگە ئۇستىلىرى تېخىمۇ چوڭىنى قىلماقتا. ئادەم تىللاشنى كەسىپ قىلىۋالماقتا. ھالبۇكى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىزىدىن ئىپار ياغاتتى، گۈلدەك چىرايلىق، ھەسەلدەك تاتلىق سۆزلەر چىقاتتى. ئەمما ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئېغىزىدىن مەسخىرە، تىل –ئاھانەت، تۆھمەت ۋە سەت گەپلەر ياغاتتى. ئۇنداقتا، باشقىلارغا رەددىيە بېرىشتە قەلەمگە تايانماي سېسىق تىلىغا تايىنىپ ئادەم تىللايدىغانلار، ئىسلام ئۆلىمالىرىغا تىل ئۇزىتىدىغانلار قانداق ئادەملەردۇ؟ ئۇلارنىڭ خۇمەينى بىلەن ھەسەن نەسرۇللادىن نېمە پەرقى بار. چۈنكى بۇ ئىككىسىگە قارىسىڭىز، ئۇلاردىكى ساختا قىياپەت بىلەن ساختا تەقۋالىق ئۇلارنى ئۈلگىلىك ئۆلىمالارغا ئوخشاش قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان لەنىتى شەخسلەردۇر. ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۈلگىلىك زاتلىرىدىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى تۇرماستىن تىللايدۇ ئەمەسمۇ؟! ئۇيغۇرلاردىكى ئادەم تىللايدىغانلارمۇ بۇ ئىككىسىگە ئوخشاپ قالدىمۇ يا؟ قېرىنداشلار ئاللاھتىن قورقايلى! ئىنساب قىلايلى!

