
دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ئىنسان
دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ئىنسان كىم؟
سىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال ئىلكىڭىزدىكى قىممەتلىك نەرسىلەرگە، ھاياتىڭىزدىكى گۈزەل شەيئىلەرگە ۋە ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقلاغا بىر نەزەر ئاغدۇرۇڭ.
- سىزنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا تەلەيلىك تەرپلىرىڭىز ئىنتايىن كۆپ. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادا بولغانلىقىڭىز ۋە مۇشۇ كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەنلىكىڭىز ئەڭ تەلەيلىك تەرىپىڭىزدۇر. چۈنكى سىز ئانىڭىزنىڭ بالىياتقۇسىغا تۆكۈلگەن ئىسپىرمىدىكى 65 مىليون جانلىقتىن ھايات قېلىشقا تاللانغان يېگانە بىرىسىز.
-سىز ئانىڭىزنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى مېيىپ تۇغۇلۇشتەك، ھەر يىلى 15 مىليون تۆرەلمىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان تەلەيسىزلىكتىن ساقلىنىپ قالغانسىز.
- سىز ئۆزىنىڭ بوۋاقلىقىنى ياشىيالماي بۇ ئالەمدىن كۆز يۇمغان تەلەيسىز بوۋاقلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەسسىز.
- ئىككى كۆزىڭىز ساغلام بولغانلىقى ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىنى، ئاتا-ئانىڭىزنى ۋە بارلىق ياخشى كۆرگەنلىڭىزنى كۆرەلەيسىز. ھالبۇكى، دۇنيادا 12 مىليون ئادەم كۆرەلمەيدۇ.
- پۇت-قولىڭىز ساق بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭالايسىز، يۈگۈرەلەيسىز، مۇھىم بولغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزىڭىز چىقالايسىز.
-سىز ئەركىن نەپەس ئالالايسىز، رەئىس ئەزالىرىڭىز ئىشلەپ تۇرىدۇ، بەدىنىڭىز مىكروبلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق تەن ساقلىقىڭىزنى قوغداپ تۇرىدۇ.
- ئەتىگەندە ئورنىڭىزنى تۇرالايسىز، يېڭى كۈننىڭ ھۇزۇرىنى ياشىيالايسىز.
-سىزدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نېمەتلەر بار. سىز شۇ قەدەر بايكى، ئىككى كۆزىڭىزنىڭ بىرىنى مىليون دولارغا بەرمەيسىز.
- سىزنىڭ پىرئەۋندەك ھوقۇقىڭىز، قارۇندەك پۇلىڭىز بولمىسىمۇ ئۇلاردىن ئەۋزەل تۇرمۇشتا ياشاۋاتىسىز. چۈنكى ئۇلار سىزدە بولغان توك، پەن-تېخنىكا، تېلېفون، كومپىيۇتېر، ئېنتېرنېت، ئاپتوموبىل، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق نېمەتلەردىن مەھرۇم ئىدى.
- ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ شۆھرەتلىك پادىشاھى ھارۇن رەشىد ئاغرىق توختىتىش دورىسى بولمىغانلىقتىن، چىشى ئاغرىپ كېتىپ، كېچە-كېچىلەپ ئوخلىيالمىغان ئىكەن.
- خەلىپە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك باغدادتىن ھەج ھەپىرىگە چىقىپ، مەككىگە ئىككى ئاي يول ماڭغان ئىكەن.
- ئۆتمۈشلەردە تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن ھەجگە ئاتلانغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىن ئالتە ئاي يول يۈرۈپ، قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېشىش جەريانىدا دومىلاپ كېتىش ۋە قاراقچىلارنىڭ قولىدا ئۆلۈش دېگەندەك خەتەرلەردىن ساقلىنىپ قالغانلىرى ئاران ھەرەمگە بارالايتتىكەن.
مۇستەقىل ۋەتىنىڭىز ۋە پاسپورتىڭىز بولغانلىقى ئالاھىدە كاتتا نېمەتتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ نېمەت ئىكەنلىكىنى مۇساپىرلىق كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۈرگەنلەردىن باشقىلارنىڭ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
سىز ئەڭ تەلەيلىك ئىنسان
بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىمىز ئۆزىمىزدىكى سانسىزلىغان نېمەتلەرنى بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلماسلىقىمىزدۇر. نېمەتنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىش لازىم ئەمەس. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدىكى نېمەتلەرنىڭ قەدرىگە پەقەت شۇ نېمەتلەرنىڭ بىرەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنلا يېتىدۇ. كۆرۈش نېمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم يارىتىلغان كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈشكە قانچىلىك بەك تەلپۈنىدىغانلىقىنى كۆزى ساق كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىككى پۇتىغا تايىنىپ ماڭالمايدىغان كىشىلەرنىڭ دەردىنى ماڭالايدىغانلار بىلمەيدۇ. ئوكسىگېنلىك نەپەسلىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشقا قانچىلىك زور تەشنا ئىكەنلىكىنى ئۆپكىسى ساق كىشىلەر بىلمەيدۇ.
ئاللاھ تائالا سىزگە ئاتا قىلغان بوي، چىراي، رەڭ، ئەقىل، ئىلىم، ئائىلە، جور، پەرزەنت، پۇل-مال قاتارلىقلارغا رازى بولۇپ، ئۆزىڭىزنى ئەڭ تەلەيلىك ۋە ھەممە كىشىدىن ئارتۇق دەپ قانائەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىز راستتىنلا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم بولالايسىز. چۈنكى، ئەڭ تەلەيلىك ۋە ئەڭ بەختلىك ئادەم ئازغا قانائەت قىلىدىغان ئادەمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن كىمكى خاتىرجەم، تېنى ساق ۋە كۈنلۈك يېمەك-ئىچمىكى بار ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، گويا ئۇ دۇنيانىڭ بارچە نېمەتلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ»[1] دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە: «تۆتكە ئىگە بولغان ئادەم بەختلىك ئادەمدۇر. ئۇلار: ياخشى جور، كەڭرى ئۆي، ياخشى قوشنا ۋە ياخشى ئۇلاغ»[2] دەپ كەلگەن.
سائادەت ئۆزىڭىزدە
بەخت-سائادەتنى ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتنى سىرتقى سەۋەبلەردىن ئىزدىگەنلەر ئادرېستا خاتا كەتكەنلەردۇر. چۈنكى، سائادەت ئۆزىمىزدە، ئۇنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. پىسخولوگىيە ئالىملىرى «بەخت-سائادەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۇنى قارار قىلىشتۇر» دەپ قارايدۇ. رۇس مۇتەپەككۇرى تولىستوي: «بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەخت_ سائادەت يېنىمىزدا تۇرسىمۇ، كۆزىمىزدىكى كۆز ئەينەكنى ئىزدىگەندەك ئۇنى باشقا يەردىن ئىزدەپ يۈرىمىز» دېگەن ئىكەن. سائادەتنى سىرتتىن ئىمپورت قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت كىشىنىڭ ئىچىدىن كېلىدۇ. ئۇنى مال _ دۇنيادىن، ھوقۇق _ مەنسەپتىن ئىزدەۋاتقانلارنى قۇملۇقتىن سۇ ئىزدەۋاتقان كىشىلەر دېيىشكە بولىدۇ.
ئېيتىلىشىچە، بىر ئەر ئايالىغا تەھدىت سېلىپ، «مەن سېنى بەختسىز قىلىۋېتىمەن» دەپتۇ. ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «سەن مېنى بەختسىز قىلالمايسەن. چۈنكى مەندىكى بەخت -سائادەتنى سەن بەرگەن ئەمەس، ھەمدە ئۇ يا سېنىڭ ياكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىمۇ ئەمەس، ئۇ پەقەتلا مېنىڭ قەلبىمدىدۇر. قەلبىمگە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا سەن مېنى بەختسىز قىلالمايسەن» دەپتۇ.
ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: [مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً . وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ] «ئەر _ ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە بېرىمىز»([3]) دەيدۇ. ئايەتتىكى «ئوبدان ياشىتىمىز» دېگەندىن مەقسەت كۆپ مال _ دۇنيا بېرىمىز ياكى تۇرمۇشىنى پاراۋان قىلىپ بېرىمىز ۋەياكى يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشتۈرىمىز، دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى بەخت – سائادەت ۋە ھۇزۇر_ ھالاۋەت ئىچىدە ياشىتىمىز دېگەنلىكتۇر. چۈنكى كۆپ بايلىقى بار بولسىمۇ، يۇقىرى مەنسەپلىك بولسىمۇ، ھۇزۇر _ ھالاۋەتسىز ياشىغان ئادەمنى بەختلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئايەتتىن مەلۇمكى، بۇ نېمەت مۇئمىنلەرگە خاس نېمەت بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىدىن ھاسىل قىلغان خوشاللىقى ۋە رەببىنىڭ ئۆزىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتىكى سائادىتىدۇر. ئىمان بولمىغان قەلب بۇنداق سائادەتنى ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ.
[1] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[2] ئىمام ھاكىم رىۋايىتى، ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
([3]) نەھل سۈرىسى، 97_ ئايەت.

