ئاللاھ تائالانىڭ «الحَكِيمُ» (ئەلھەكىيم) دېگەن ئىسمى ھەققىدە

ئاللاھ تائالانىڭ «الحَكِيمُ» (ئەلھەكىيم) دېگەن ئىسمى ھەققىدە

ئاللاھ تائالانىڭ «الحَكِيمُ» (ئەلھەكىيم) دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە 94 ئورۇندا كەلگەن. ئۇلار: )قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ([1]، )رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آَيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ([2]، )وَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ([3] قاتارلىق ئايەتلەردۇر.

«الحَكِيمُ» ئاللاھ تائالانىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىنى ۋە نەتىجىسىنى ئېنىق بىلىپ، ۋايىغا يەتكەن ھېكمەت بىلەن ئەڭ پۇختا ۋە ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسمدۇر.

«الحِكْمَةٌ» (ھېكمەت) دېگەن سۆز لۇغەتتە بىر نەرسىنى ئۆز جايىدا قويۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا ھەربىر ئىشنى توغرا شەكىلدە، جايىدا ۋە ۋاقتىدا قىلىش دېگەنلىكتۇر.

«ھېكمەت» ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتى، «ھەكىيم» ئۇنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەربىر ئىشنى ۋايىغا يەتكەن ھېكمەت ۋە دانالىق بىلەن توغرا شەكىلدە، ئۆز جايىدا ۋە ئۆز ۋاقتىدا قىلىدىغان زات بولۇپ، ئۇنىڭ ھېكمىتى كائىناتنىڭ ھەممە تەرىپىدە مانا مەن دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئەقلى ساغلام كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىرىدىكى ۋايىغا يەتكەن ھېكمەتلەرنى كۆرمەي ۋە بىلمەي قالمايدۇ. چۈنكى، كائىناتتىكى ھەربىر مەۋجۇدات ئەڭ چوڭىدىن ئەڭ كىچىكىگە قەدەر ھەممىسى ۋايىغا يەتكەن ھېكمەت بىلەن يارىتىلغان ۋە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 

ھېكمەتنىڭ كۈچ – قۇۋۋەتتىكى رولى

قۇرئان كەرىمدە ھېكمەت كۈچ- قۇۋۋەتكە ياندىشىپ 46 ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، )سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ( «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[4] دېگەن ئايەت شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر. غالىبلىق كۈچ- قۇۋۋەتتىن، ھېكمەت ئىلىم –مەرىپەتتىن كېلىدۇ. ھەرقانداق كۈچ-قۇۋۋەتنى جايىدا ۋە توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ھېكمەت كېرەك. چۈنكى ھېكمەتتىن ئايرىلىپ قالغان كۈچ-قۇۋۋەت ھالاكەتنى كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئادىل، توغرا ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئەمما ئىنسانلار ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، ئۇلاردىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولغانلارنىڭ بەزىسى ھېكمەتتىن خالىي بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈچىگە تايىنىپ زۇلۇم قىلىدۇ، ھەتتا ۋەھشىيلىكتە يىرتقۇچلاردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ھېكمەتكە تايانمىغان ھەرقانداق كۈچ- قۇدرەت بۇزغۇنچىلىققا، ۋەھشىيلىككە ۋە زالىملىققا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق كۈچ ھېكمەت بىلەنلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچ- قۇدرىتىنى ھېكمىتىگە ئاساسەن ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئۇ زۇلۇم قىلمايدۇ، ناھەق ھۆكۈم قىلمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ ئاللاھ تائالاغا مۇنداق دەيدۇ: )إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ( «ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، شەكسىزكى، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»[5]. دېمەك، ئاللاھ تائالا گۇناھكارلارنى جازالاشقا قادىر تۇرۇپ ئۇلاردىن  خالىغانلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى، ئەپۇ قىلىش دېگەن جازالاشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ ئەپۇ قىلىشتۇر. ئەمما كۈچى يەتمىگەنلىكتىن كەچۈرۈۋەتتىم دېيىش ئەپۇ قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئاجىزلىقتۇر.

 

ھېكمەتنىڭ ئىلىم-مەرىپەتتىكى رولى

قۇرئان كەرىمدە ھېكمەت ئىلىم-مەرىپەتكە ياندىشىپ 37 ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، ) وَمَنْ يَكْسِبْ إِثْمًا فَإِنَّمَا يَكْسِبُهُ عَلَى نَفْسِهِ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا( «كىمكى، بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ ئەزەلدىن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[6] دېگەن ئايەتكە ئوخشاش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلمىنى ھېكمىتىگە ئاساسەن ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ھەربىر ئىشى ۋە ھەربىر سۆزى خاتالىقتىن خالىيدۇر.

ئېنىقكى، ھېكمەتتىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالالمىغان ھەرقانداق ئىلىم پالاكەتتۇر. چۈنكى، ئىلىمنى ھېكمەت بىلەن توغرا يولغا ئىشلەتمىگەنلەر يامان يوللارغا ئىشلىتىدۇ، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بانكىلارنى سويغانلار، ئىنسان، ھايۋان ۋە بارلىق جانلىقنى قىرىپ تاشلايدىغان قىرغۇچ قوراللارنى ياسىغانلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. مەيلى پەننىي ئىلىم ياكى دىنىي ئىلىم بولسۇن، ھېكمەتتىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغان بولسا، ئۇ پالاكەت ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، پەن- تېخنىكىنى جايىدا ئىشلەتمەسلىك پالاكەتكە يول ئاچقاندەك، دىنىي ئىلىمنى جايىدا ئىشلەتمەسلىك كىشىلەرنىڭ دىنىنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. «چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر» دېگەندەك. شۇڭا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز توغرا ۋە دۇرۇس ئىش قىلىدىغان ۋە قىلغانلىرىنى بىلىپ قىلىدىغان كىشىلەرنى «ئىلىم – ھېكمەتلىك كىشىلەر» دەپ ئاتاپ كەلگەن ۋە بىزلەرگىمۇ «ئىلىم- ھېكمەت» دېگەن سۆزنى ئۆگەتكەن. چۈنكى، ھاياتتا ئىلىم قانچىلىك زۆرۈر بولسا ھېكمەتمۇ شۇنچىلىك زۆرۈردۇر.

 

قاراڭ ۋە تەپەككۇر قىلىڭ

ئاللاھ تائالانىڭ ۋايىغا يەتكەن ھېكمىتى ھەممە نەرسىدە نامايان بولۇپ تۇرغاندەك، ئۇنىڭ يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ مۇكەممەل دەرىجىدە نامايان بولىدۇ.﴿أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ﴾ «يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر»[7].

ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىرى ۋە ئەمر-پەرمانلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولسا ئۇنىڭ ھېكمىتىگە قايىل بولماي قالمايدۇ.مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتېين كائىنات ھەققىدە ئۇزۇن يىل تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ياراتقۇچىنىڭ ئەقىلنى لال قىلىدىغان ئىلىم-ھېكىتى ۋە نۇقسانسىز ماھارىتى ئالدىدا ھەيران قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا قايىل بولغان ھالدا، «ئاللاھ ئويۇن ئوينىمايدۇ» دېگەن ئىكەن. بۇ ھېكمەتسىز ئىش قىلمايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

 

ئەزالىرىڭىزغا قاراڭ

ئۆلىمالاردىن بىرى ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَفِي الْأَرْضِ آَيَاتٌ لِلْمُوقِنِينَ. وَفِي أَنْفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ﴾ «زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا (ئاللاھقا) چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار، سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟»[8] دېگەن ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تەپەككۇر قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانلىقىنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىدە ۋە ئەزالىرىڭىزنىڭ ھەممىسىدە ئېنىق كۆرەلەيسىز. ئالىقىنىڭىزنىڭ تېرىسىنىڭ قاتتىق ۋە قېلىن، ئۇنىڭ دۈمبىسىنىڭ تېرىسىنىڭ يۇمشاق ۋە نېپىز يارىتىلغانلىقىغا قاراپ بېقىڭكى، ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئالىقاننىڭ تېرىسى يۇمشاق ۋە نېپىز، دۈمبىسىنىڭ تېرىسى قاتتىق ۋە قېلىن يارىتىلغان بولسا، بىزنىڭ بىر نەرسىلەرنى تۇتۇشىمىز قىيىنغا توختىغان بولاتتى. چۈنكى، ئالىقاننىڭ تېرىسى يۇمشاق ۋە نېپىز بولغاندا، ئۇ قىزىق نەرسىلەرنى تۇتۇشقا ۋە بەزى نەرسىلەرنى ئېلىشقا چىدىمايدۇ. ناۋادا قولىمىزنىڭ تېرىسى ئالىقىنىمىزدەك قاتتىق ۋە قېلىن بولغان بولسا، ئۇنى يىغىشىمىز ۋە تۇتۇشىمىز قىيىن بولغان بولاتتى.

بۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا نەچچە يۈز قېتىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئاددىي بىر ئىشتۇر.

قۇلىقىڭىزغا قاراپ بېقىڭكى، ياراتقۇچى سىزگە ئىككى قۇلاق ئاتا قىلغان. چۈنكى بىر قۇلاق بىلەن ئاۋازنىڭ قايسى تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىزنىڭ ئىككى قۇلىقىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوڭدىن كەلگەن ئاۋاز ئوڭ قۇلىقىڭىزغا، سولدىن كەلگەن ئاۋاز سول قۇلىقىڭىزغا دەرھال كىرىدۇ. ئەگەر ياراتقۇچى قۇلىقىڭىزنى ئىچكى پەردىلىرى بىلەن مۇشۇ شەكىلدە ياراتماي، بېشىڭىزنىڭ ئىككى تەرتىپىگە بىردىن ئىككى تۆشۈك ئېچىپ قويغان بولسا، سىز قۇلاقلىرىڭىزنى سۇ ۋە چاڭ- توزان كىرىپ كېتىشتىن توسالمىغان بولاتتىڭىز ۋە ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا سۇ كىرىپ كەتكەن بولاتتى. قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئاغرىقىنى تارتقان كۈنلىرىڭىزنى ۋە كېچىلىرىڭىزنى ئەسلىسىڭىز ئاللاھ تائالانىڭ قۇلاقلىرىڭىزدىكى مۇشۇ شەكىلدە ياراتقانلىقىنىڭ ھېكمىتىنى بىلىسىز.

بۇرنىمىزنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى سۆڭەكنى قاتتىق، تۆۋەن قىسمىدىكى سۆڭەكنى يۇمشاق ياراتقان زاتقا مىڭلارچە شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئەگەر ئەكسىچە بولۇپ، بۇرنىمىزنىڭ يۇقىرى قىسمى يۇمشاق يارىتىلغان بولسا، مەزكۇر يۇقىرى قىسمى چاپلىشىۋېلىپ نەپەس ئېلىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرغان بولاتتى، ئەگەر ئۇنىڭ تۆۋەن قىسمى قاتتىق يارىتىلغان بولسا، بۇرنىمىزنى مىشقىرىشتا ۋە سۇ ئېلىپ چىقىرىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولاتتۇق.

ئىككى كۆزىمىزنىڭ ئەتراپىكى كىرپىكلىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان قاشلىرىمىز كۆزلىرىمىزنى بىۋاسىتە قوغداپ تۇرىدۇ، سۇ، يامغۇر، چاڭ-توزان ھەممىسىدىن قوغداپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ياراتقۇچىنىڭ ھېكمىتى كۆزلىرىمىزدىن ئىبارەت نازۇك ۋە مۇھىم ئەزايىمىزنى ئۈچ تەرەپتىن قوغداشنى تەقەززا قىلغان. ﴿سَنُرِيهِمْ آَيَاتِنَا فِي الْآَفَاقِ وَفِي أَنْفُسِهِمْ حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ﴾ «ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىن ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز»[9].

تىرناقلىرىمىز ۋە چېچىمىز بەدىنىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ تۇرۇغلۇق، ياراتقۇچىنىڭ ئۇلاردا ھېس-تۇيغۇ قىلمىغانلىقى بىزگە بولغان رەھىم - شەپقىتىدىن بولۇپ، ئەگەر ئەكسىچە بولغان بولسا، بىز ھەرقېتىم تىرناقلىرىمىزنى ئالغان ۋە چېچىمىز قىسقارتقان چاغدا ئاغرىققا چىدىماي قالغان ۋە كىچىك ئوپېراتسىيەنى باشتىن كەچۈرگەن بولاتتۇق.

ياراتقۇچىنىڭ بۇرنىمىزنىڭ ئىچىدە قىللارنى ياراتقانلىقى سىرتتىن كىرىدىغان چاڭ-توزاننى ۋە مىكروبلارنى تۇتۇپ قېلىشى ئۈچۈن بولۇپ، ئەگەر بۇ قىللار بولمىغان بولسا، بىز ھەر قېتىم ئالغان نەپەس بىلەن بىرلىكتە چاڭ- توزان ۋە مىكروبلارنى ئۆپكىمىزگە ئۇدۇل ئېلىپ كىرگەن بولار ئىدۇق. ئەمما ياراتقۇچىنىڭ ھېكمىتى ئاشۇ قىللارنىڭ ئېغىزىمىزدا بولۇشىنى تەقەززا قىلمىغان. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، بىز يېيىشتە ۋە يۇتۇشتا كۆپ بىئارام بولغان بولاتتۇق.

ياراتقۇچى سۇنى تەمسىز، رەڭسىز ۋە پۇراقسىز قىلىپ ياراتقان بولۇپ، ئۇنى بىز پۈتۈن ئېچتىياجلىرىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىمىز. ئەگەر ئاللاھ تائالا سۇنى رەڭلىك قىلىپ ياراتقان بولسا ئىدى، بەدىنىمىز ۋە سۇ ئىشلەتكەن ھەممە نەرسىمىز ئۇنىڭ رەڭگىدە بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلالمايتتى. ئەگەر ئۇنى تەملىك قىلىپ ياراتقان بولسا، بارلىق تاماقلىرىمىز ئۇنىڭ تەمىدە بولۇپ قالاتتى. ئەگەر ئۇنى پۇرايدىغان قىلىپ ياراتقان بولسا، بەدىنىمىز ۋە سۇ ئىشلەتكەن ھەممە نەرسىمىز ئۇنىڭ پۇرۇقىدا بولۇپ قالغان بولاتتى.

 

ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىدىكى ھېكمەت

ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ئۇنىڭ ياراتقانلىرىدا نامايان بولغاندەك، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىدىمۇ نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسىدە بەندىلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى كۆزدە تۇتۇلغاندەك، پەرز قىلغان ئىبادەتلىرى ئۇلارنى تاقىتى ئىچىدىكى ئەمەللەردۇر. چۈنكى، ئۇ بەندىلىرىنى ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇغان ئەمەس. بەش ۋاخ نامازنىڭ روھنى جانلاندۇرۇش، دۇنيانىڭ تۈگىمەس ئەندىشىلىرى ۋە غەم-قايغۇلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پايدىلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، نامازنىڭ پۈتۈنلەي بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنىڭدەك، زاكاتمۇ بىزنى خۇشال ۋە سائادەتمەن قىلىشقا يېتەرلىكتۇر. چۈنكى، «سائادەت بېغىشلاشتىن كېلىدۇ» دېگەن ھەقىقەت بويىچە ئېيتقاندا، بىز يوقسۇللارغا زاكات بېرىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ياخشىلىق قىلىمىز. روزىمۇ بىزنى چىنقتۇرۇش، سەرۋرىمىزنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بىزنى مۇكەممەللىككە ئېلىپ بارىدۇ. باشقا ئىبادەتلەرمۇ ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن ھېكمەتلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان نەق مەنپەئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

 

مىراس تەقسىماتىدىكى ھېكمەت

بەزى كىشىلەر مىراستا بىر ئوغۇلنىڭ ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىنى ئالىدىغانلىقىغا قايىل بولمايدۇ. ئۇلار بۇنى قىزلارغا قارىتا تەڭسىزلىك ياكى ناھەقچىلىك دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئوبدان تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، بۇنىڭدا ناھەقچىلىك يوق. چۈنكى، قىزنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى ئالغان ئوغۇل چىقىم قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇڭا ئۇ ئانىسىغا، ئايالىغا، قىزلىرىغا، ھەمشىلىرىگە چىقىم قىلىدۇ. ئەمما قىز ھېچكىمگە چىقىم قىلىشقا بۇيرۇلمىغان بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان مىراسىنى خەجلىمەي يىغسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىدۇر. بىز بۇنى چۈشەنگەندە، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿لِلذَّكَرِ مِثۡلُ حَظِّ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۚ﴾«بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ»[10] دېگەن قانۇنىنىڭ نەقەدەر ھېكمەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز.

 

ئەڭ ھېكمەتلىك ئادەم رەببىنى تونۇغان ئادەمدۇر

ئىمام غەززالىي مۇنداق دېگەن: «ھەممە نەرسىنى بىلگەن بولسىمۇ رەببىنى بىلمىگەن ئادەم ھېكمەتلىك ئادەم ئەمەس»[11]. ئۆلىمالاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى بىر ئىلمىي سورۇندا، فىزىكا، بىيولوگىيە، تەربىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەربىرىدىن بىرەردىن دىپلوم ئالغان ۋە ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن بىر ئالىم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم بىردىنلا ئۆرلىدى ۋە ئۇنى ھەقىقەتەن تەقدىرگە لايىق ئالىم ئىكەن دېدىم. ئەمما سورۇن ئەسناسىدا ئۇنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قېلىشىم بىلەن ئۇ ئالىم كۆزۈمدىن چۈشتى، نەزىرىمدىن خۇددى يۇلتۇز ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەندەكلا چۈشۈپ كەتتى»[12].

 ئۇنداقتا قانداق ئادەمنى ھېكمەتلىك ئادەم دېگىلى بولىدۇ؟ شەكسىزكى،  ئۆزىنىڭ رەببىنى تونۇغان، نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە رەببىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەم ھەقىقىي ھېكمەتلىك ئادەمدۇر.

ھېكمەتلىك ئادەم ئەقىللىق ئادەمدۇر. ئەقىللىق ئادەم ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەقىللىق ئۆز نەپسىگە ئىگە بولغان ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەمەل قىلغان ئادەمدۇر، ئاجىز ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەن ۋە قۇرۇق ئارزۇلاغا ئەگىشىدىغان ئادەمدۇر»[13] دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، ئەقىللىق ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن ياشايدۇ، ئەقىلسىز ئادەم كۈندىلىك ھاياتى ئۈچۈن ياشايدۇ. «ھېكمەتنىڭ بېشى ئاللاھتىن قورقۇشتۇر» دېگەن ئەقلىيە سۆزگە ئاساسەن، ئاللاھ تائالادىن قورقمايدىغان ئادەم ھېكمەتتىن ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ. بۇنداق ئادەم ھەرقايسى ئىلىم ساھەلىرىدە كاتتا ئالىم بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا جاھىلدۇر.

ھەقىقىي مۇئمىن ئادەم ھېكمەتلىك ئادەمدۇر. چۈنكى، ئۇ دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى توغرا شەكىلدە ۋە توغرا رەۋىشتە، ئۆز ۋاقتىدا ۋە ئۆز جايىدا قىلىدۇ. )يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاءُ وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ( « ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ، ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ»[14].

ھېكمەت ھەممە ئىشتا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەقىللىق ئادەم ھەربىر ئىشنى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ قىلىدۇ.

 

«ھەكىيم» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

ئاللاھ تائالانىڭ «ھەكىيم» دېگەن ئىسمىدىن دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا، ئۆز يولىدا ۋە ئۆز جايىدا قىلىش، گەپ - سۆزدە، ئىش - ھەرىكەتتە، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە توغرا ۋە دۇرۇس بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىمىز. مەلۇمكى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىلار خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، پىلانلىق ئىش كۆرگەنلىكتىن، ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ھېكمەت ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. ]وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا[ «ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ»[15].

ھېكمەت بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم ئاز كىرىم بىلەنمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئېلىپ بارالايدۇ، ھېكمەتسىز ئادەم كۆپ كىرىم بىلەنمۇ تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدۇ. ھېكمەتلىك ئادەم ھۆسىن-جامالدا نورمال ئايال بىلەنمۇ بەختلىك بولالايدۇ، ھېكمەتسىز ئادەم ساھىبجامال بىلەنمۇ بەختلىك بولالمايدۇ. ھېكمەتلىك ئادەم ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوستلىرىغا ئايلاندۇرالايدۇ، ھېكمەتسىز ئادەم دوستلىرىنى دۈشمەنلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.



[1] بەقەرە سۈرىسى 32- ئايەت.
[2] بەقەرە سۈرىسى 129-ئايەت.
[3] ئەنئام سۈرىسى 18- ئايەت.
[4] ھەشر سۈرىسى:2- ئايەت.
[5] مائىدە سۈرىسى:117- ئايەت.
[6] نىسا سۈرىسى: 111-ئايەت.
[7]ئەئراف سۈرىسى: 54- ئايەت.
[8]زارىيات سۈرىسى:20-21- ئايەتلەر.
[9]فۇسسىلەت سۈرىسى: 53- ئايەت.
[10]نىسا سۈرىسى: 11- ئايەت.
[11] «اسماء الله الحسنى» للشيخ محمد راتب النابلسي، 74- بەت.
[12] «اسماء الله الحسنى» للشيخ محمد راتب النابلسي، 74- بەت.
[13] ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.
[14] بەقەرە سۈرىسى: 269- ئايەت.
[15]بەقەرە سۈرىسى: 269- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار