2026- يىللىق رامىزاننى ئەڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟

2026- يىللىق رامىزاننى ئەڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىغا تەن ساقلىقىمىز جايىدا، ئىمانىمىز كامىل، كۆڭلىمىز خاتىرجەم، ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق كىرىشكە ۋە رامىزاندىن بارلىق گۇناھلىرىمىز مەغپىرەت قىلىنغان ھالدا چىقىشقا نېسىپ قىلسۇن، بارلىق تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن، ئامىن.

رامىزان ئېيى بىرگە بېرىلگەن يېڭىلىنىش، كۈچلىنىش ۋە ئىسلاھ قىلىنىش پۇرسىتىدۇر. قىسقىسى، بۇ بىر ئاي ئۆزىمىزنى قايتىدىن رېمونت قىلىۋېلىش مەۋسۇمىدۇر. خۇددى بىز يانفونلىرىمىزغا توك قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولغاندەك، ئۆزىمىزگە مەنىۋى ئوزۇقلارنى قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاجمىز. شۇڭا ئاللاھ تائالا بىزگە كۈندە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغان بولسا، ھەپتىدە جۈمە نامىزىنى، يىلدا رامىزان روزىسىنى، ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشنى پەرز قىلغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار مۇشۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە مەنىۋى ئوزۇقلارنى قاچىلايدۇ.

   بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ھەربىرى بىزنى ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرىدىغان شوتا، ئەخلاقىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق قىلىدىغان ۋاسىتىدۇر. ﴿إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ﴾ «ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ»[1].﴿خُذۡ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡ صَدَقَةٗ تُطَهِّرُهُمۡ وَتُزَكِّيهِم بِهَا﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن»[2].﴿الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَعْلُومَاتٌ فَمَنْ فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ﴾ «ھەج (ۋاقتى) مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر. بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جېدەل _ ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ»[3]. ﴿إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَإِذَا تُلِيَتۡ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُهُۥ زَادَتۡهُمۡ إِيمَٰنٗا وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ﴾ «ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا ئەيمىنىش پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، (ھەر ئىشتا) رەببىگە تايىنىدىغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر»[4]. دېمەك، ناماز گۇناھتىن توسۇش، زاكات گۇناھتىن پاكلاش، ھەج ئېغىر-بېسىقلىقنى ئۆگىتىش، قۇرئان ئوقۇش ئىمانىمىز كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. دىنىمىزنىڭ يادروسى ۋە غايىسى ئەخلاقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم»[5] دېگەن.

   ئەمدى رامىزانغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشتىكى مەقسەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋدار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى»[6].

تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ساقلىنىش» دېگەنلىكتۇر. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى،  گۇناھتىن ساقلىنىش، ھارام يېيىشتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان  ۋە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.

ئايەتتىكى «ساقلىنىش»  يەنە ئاللاھ تالا توغرۇلۇق توغرا قاراشتا بولماسلىقتىن ساقلىنىش، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا: «بەندەم مەن ئۈچۈن قانداق قاراشتا بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن» دېگەن»[7]. شۇڭا ئاللا تائالا ماڭا ياردەم قىلىدۇ، گۇناھلىرىمنى كەچۈرىدۇ، دېگەن قاراشتا بولغان ئادەم چوقۇم شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. ئايەتتىكى «ساقلىنىش» يەنە توغرا ئەقىدىگە زىت كېلىدىغان ئېقىملارغا ئەگىشىشتىن ساقلىنىش، يامان ئوي-پىكىرلەردىن ساقلىنىش، ناچار قىلىقلاردىن ساقلىنىش، كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى تۈزىتىش بىلەن بولماي باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەشتىن ساقلىنىش، ئائىلە ئەزالىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىش، يانفونغا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بېرىلىپ كېتىپ قۇرئان ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالماسلىقتىن ساقلىنىش، كۆپ يېيىشتىن ۋە كۆپ ئۇخلاشتىن، تاراۋىھ نامازلىرىدا ۋە باشقا ئىبادەتلەردە روھلۇق ۋە تېتىك تۇرالماسلىقتىن ساقلىنىش، ئىبادەتتە ۋە ياخشى مۇئامىلىدە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولالماسلىقتىن ساقلىنىش، تىرىكچىلىك ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل ئادا قىلالماستىن ساقلىنىش، ئىشقا كېچىپ بېرىپ ياكى ياخشى ئىشلىمەي ئىش ئىگىسىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.

روزا ئەڭ ئىخلاسلىق ۋە ئەڭ سەمىمىي ئىبادەتتۇر. چۈنكى، مۇسۇلمان ئادەم روزىنى پەقەت ئاللا ئۈچۈنلا تۇتىدۇ. شۇڭا كىمنىڭ روزا تۇتقان، كىمنىڭ تۇتمىغانلىقىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. باشقا ئىبادەتلەرنى ئىنسانلار كۆرىدۇ، ئەمما بىراۋنىڭ تۇتقان روزىسىنى كۆرەلمەيدۇ. ناۋادا، بىر دۆلەتتە پەرمان چىقىرىلىپ، بارلىق پۇقرالار روزا تۇتسۇن دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىگە كىرىپ ياكى ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەرلەردە يەپ، ئىچىشى مۇمكىن، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ «سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى» دېگەن ئەمرىنى تۇتقانلار ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار روزىنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن تۇتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا «ئىنسان ئوغلىنىڭ بارچە ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈن بولۇپ، تۇتقان روزىسى پەقەتلا مەن ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈملا بېرىمەن»[8] دېگەن.

رامىزان گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى ۋە ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈش نىيىتى بىلەن تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». بۇ ھەدىستىكى: «ئىمانى بىلەن» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ھالدا روزا تۇتسا دىگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىستىكى مەغپىرەت قىلىنىدىغان گۇناھلار پەرزلەرنى ئادا قىلماي، ھارام، گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلغانلىقنىڭ گۇناھىدۇر، ئەمما قۇل ھەققى، يەنى بىراۋنىڭ ھەققىنى يېۋالغانلىقنىڭ، بىراۋنى زىيانغا ئۇغراتقانلىقنىڭ، بىراۋنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەنلىكنىڭ ياكى بىراۋغا ئەزىيەت قىلغانلىقنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنمايدۇ، ئۇ پەقەت ئىككى ئىش بىلەنلا مەغپىرت قىلىنىدۇ، ئۇ ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى ھەق ئىگىسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بۇ مەسىلىنى ناھايىتى روشەن بايان قىلىپ: {فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ} «كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (قىلمىشىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ»[9] دېگەن. يەنى بىراۋنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغان بولسا قايتۇرۇپ بەرسە، بىراۋغا تۆھمەت قىلغان بولسا ئاقلىسا، بىراۋغا ئەزىيەت قىلغان بولسا كەچۈرۈم سورىسا، بىراۋنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن بولسا كۆتۈرسە، بىرايغا زىيان سالغان بولسا تۆلىسە، ئاندىن ئاللاھ تائالا كەچۈرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ تۇتقان روزىسىنى قوبۇل قىلسۇن ۋە بۇ رامىزاندىن گۇناھلىرىمىز پۈتۈنلەي مەغپىرەت قىلىنغان ۋە ئۆزىمىزگە ئاپئاق يېڭى بىر بەت ئاچقان ھالدا چىققىلى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن.

 

 



[1] ئەنكەبۇت سۈرىسى: 112- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
[2] تەۋبە سۈرىسى: 103- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
[3] بەقەرە سۈرىسى:197- ئايەت.
[4] ئەنفال سۈرىسى: 2- ئايەت.
[5] ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى، ئەللامە ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[6] بەقەرە سۈرىسى: 183- ئايەت.
[7] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[8] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[9] مائىدە سۈرىسى:39- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار