
ئۆز كېمىڭىزنى ئۆزىڭىز ھەيدەڭ
«مەن ھاياتىمنىڭ مۇدىرى، روھىمنىڭ يولباشچىسى» نېلسون ماندېلا
ھاياتتا مۇستەقىل بولۇڭ، بىراۋنىڭ سايىسى بولۇپ ياشىماڭ. تەسىر كۆرسىتىشنى ۋە تەسىرلىنىشنى بىلىڭ، ئەمما باشقىلارنىڭ رەيىدە ئېرىپ كەتمەڭ. ئەقىل، پاراسەت ۋە ھېكمەت ئىگىلىرىگە ئەگىشىڭ، ئەمما پادىدىكى قوي كەبى بولماڭ. ھېكايىدىكى قەھۋەگە ئوخشاش ھاياتتا تەىسر كۆرسىتىدىغان بولۇڭ، تۇرغان ۋە بارغا يېرىڭىزدە تەسىر قالدۇرۇڭ، كۈنلەرنىڭ بۇزۇپ قويغانلىرىنى تۈزەپ مېڭىڭ.
بىر ئانا بالىلىرىغا ھاياتلىق دەرسى بەرمەكچى بولۇپ، ئۈچ قاچىغا سۇ تولدۇرۇپ ئوچاققا قويۇپتۇ. بىرىنچى قاچىغا سەۋزە، ئىككىنچى قاچىغا تۇخۇم، ئۈچىنچى قاچىغا قەھۋە سېلىپ قاينىتىپتۇ. سۇ قاينىغاندىن كېيىن، بالىلىرىغا مۇنداق دەپتۇ: «ئوت بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرىدىغان قىيىنچىلىقلار بولۇپ، ئىنسانلار مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، خۇددى قاينىغان سۇدا ئۆزىنىڭ قاتتىقلىقىنى يوقاتقان سەۋزىدەك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئاجىزلاپ كېتىدىغانلاردۇر. يەنە بىرى، خۇددى قاينىغان سۇدا قاتتىقلىشىپ كەتكەن تۇخۇمدەك قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈچلىنىدىغانلاردۇر. ئۈچىنچىسى، خۇددى سۇنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن قەھۋەگە ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىدىغانلاردۇر».
ھايات مۇساپىڭىز ئۈچۈن ئۆز خەرىتىڭىزنى ئۆزىڭىز سىزىڭ، ھەر ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، ئۆز كۈچىڭىزگە ۋە ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشىنىڭ. باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىڭ، مەسلىھەتلىرىنى ئېلىڭ، ئەمما قانداق قىلىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ. چۈنكى ھاياتتا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز خەرىتىسى بولىدۇ. سىز ئۆز تارىخىڭىزنى ئۆزىڭىز يېزىڭ، ئۆز مۇنارىڭىزنى ئۆزىڭىز تىكلەڭ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى ھېچكىم سىز ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ.
ئىبرەت
— ھەر ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ.
— ئىچىڭىز قورام تاشتەك مۇستەھكەم، تېشىڭىز ئېقىن سۇدەك ھەرىكەتچان بولسۇن.
— مەسلىھەتنى كۆپ ئېلىڭ، ئەمما قارارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ.

