
ھاياتىمىزدا خاتا كۆزقاراشلارنىڭ نىسبىتى
خاتا كۆزقاراشتا بولۇش، ھەتتا خاتالىشىش ئەيىب ئەمەس، ئەمما قاتماللىق ۋە ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلماسلىق ئەيىبتۇر. بۇ ھۆكۈم ئاۋام خەلققە چۈشكەندەك، ئۆلىمالارغا، زىيالىيلارغا ۋە مۇتەپەككۇرلارغىمۇ چۈشىدۇ. چۈنكى، ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئىنسان. ئىنسانلار ئەلۋەتتە خاتالىشىدۇ. مۇھىم بولغىنى ئۆز خاتالىقىنى تونۇش ۋە ئۆزىگە ئايان بولغان توغرىنى قوبۇل قىلىشتۇر. توغرىسىنى تېپىش، خاتالىشىش، غەلىبە قىلىش، مەغلۇپ بولۇش قاتارلىقلار ئىنساننىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇنىڭدا ھەممە مىللەت ۋە ھەممە جەمئىيەت ئوخشاشتۇر.
ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشىغان زامان ۋە جەمئىيەتنىڭ مەھسۇللىرىدۇر. شۇڭا ھەربىر جەمئىيەت ئەھلىنىڭ مەيلى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ئورتاق پىكىر -قاراشقا، بىر خىل ئېتىقادقا ۋە ئوخشاش قىممەت قاراشقا ئىگە بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئەجدادلىرىنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ۋە ئېتىقادى گەرچە خاتا بولسىمۇ ئۇنى قوغدايدۇ. خاتا پىكىر-قاراشلارغا ۋە باتىل ئەقىدىلەرگە قارشى چىققان ئادەم شۇ جەمئىيەت خەلقىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغان چىققانلار تارىختىن بېرى چوڭ بەدەللەرنى تۆلىگەن. بۇلارنىڭ بېشىدا پەيغەمبەرلەر، ئاندىن ئىسلاھاتچىلار كېلىدۇ. خاتا پىكىر-قاراش ۋە باتىل ئېتىقاد جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: دىن، تېبابەت، جۇغراپىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە خاتا پىكىر-قاراشلار ۋە باتىل ئېتىقادلار يۈز بېرىپ كەلگەن. خاتالىشىش ۋە ئېزىپ كېتىش ئادەتتىكى ئىنسانلارغىلا خاس ئەمەس، بەلكى بىلىملىك ۋە ئەقىللىق كىشىلەرمۇ خاتالىشىدۇ ۋە ئازىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولمايدىغان بولسا ئىدى، ھىندىستاندا تېبابەت ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن تەبىئىي پەن ئالىمىرى ۋە دوكتور، پروفېسسورلار ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قى؛ىشنى قوبۇل قىلماي، كالىغا چوقۇنمىغان بولاتتى. چۈنكى، ھىدايەت باشقا، ئىلىم باشقا نەرسىدۇر.
1. دىن
ئاللاھ تائالانىڭ دىنى ئەزەلدىن بىر بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن ۋەھيىلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل بولغان بولسىمۇ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدىن يىراقلىشىپ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى سەۋەبلىك ھەر خىل خۇراپاتلار دىن نامى بىلەن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ھەربىر قەۋمنىڭ ئۆزىگە خاس دىنى بولغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باتىل دىننى ئەجدادلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بولدى. كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەۋەتىلىپ، ئىنسانلار ئەسلىدىكى دىنغا قايتىشقا دەۋەت قىلىندى. ئىسلام دىنىنىڭ كېلىشى بىلەن ھەربىر قەۋم چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان دىنلارنىڭ باتىل دىنلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىنسانلار بۇ توغرا دىنغا قايتقان بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنلىرىدا قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزگىرىشنى خالىمىدى.
2. تېبابەت
بۇنىڭدىن 200 يىل ئىلگىرى كۆپ ساندىكى مېتىدسىنا ئالىملىرى مىكروپنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار مىكروپلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېزىنفېكسىيە قىلىشا كۆڭۈل بۆلمىگەن. نەتىجىدە، ۋابا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىدىنى ئالالمىغان.
تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى بىر زامانلاردا «بالا پەقەتلا ئانىنىڭ ئىسپېرمىسىدىن تۆرىلىدۇ» دەيدىغان نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كېيىنچە «بالا پەقەتلا ئاتىنىڭ ئىسوېرمىسىدىن تۆرىلىدۇ» دېگەن. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۇلار «بالا ئاتا ۋە ئانا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىسپېرمىسىدىن تۆرىلىدۇ» دەيدىغان بولدى. بۇ دەل قۇرئان كەرىم بىزگە بۇنىڭدىن 14 ئەسىر ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرى ئىدى. ئىنسانلار ئۇنى، بۇنى دەپ بېقىپ ئاخىرى قۇرئان كەرىمدىكى ھەقىقەتنى تاپقان بولدى. قۇرئان كەرىمدە « بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق»[1] دەپ جاكارلانغان.
3. جۇغراپىيە
بۇرۇنقى ئىنسانلار زېمىننى تاۋاقتەك يېيىلغان دەپ قارايتتى. ئۇلار زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمەيتتى. لېكىن ئىلىم-پەن زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققاندىن كېيىن، ھەممە ئۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى. قۇرئان كەرىم بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»[2].
ئىبرەت:
- خاتا كۆزقاراشتا بولۇش ئەيىب ئەمەس، ئەمما ئۆزگىرىشنى خالىماسلىق ۋە قاتماللىق ئەيىبتۇر.
- خاتالىشىش ھەرقاندق ئىلىم پەندە بولغاندەك، كۆزقاراش ۋە ئېتىقادتىمۇ بولىدۇ.
- ئومۇملاشقان خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغان چىققان ئادەم ھەممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.
- شەخسىيلەردىكى خاتا پىكىر ۋە خاتا كۆزقاراشلارنى بىر كۈندە، ھەتتا بىر سائەتتە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئىجتىمائىيلاشقان خاتا پىكىر ۋە خاتا كۆزقاراشلارنى بىر ياكى ئىككى ئەۋلادنى ئالماشتۇرۇش ئاقىلىقلا تۈزەتكىلى بولىدۇ.
[1] ئىنسان سۈرىسى:2- ئايەت.
[2] زۇمەر سۈرىسى: 5- ئايەت.

