ئايال ئايالسۇن! !аял аялсун

ئايال ئايالسۇن!

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

  ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىدىن: «ئوغلىڭىزنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قانداق نەسىھەت قىلدىڭىز؟»  دەپ سورالغىنىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن: «ئوغلۇم! بۇ قىز ئاتىسىنى، ئانىسىنى، ئاكىسىنى، ئۇكىسىنى، ئاچىسىنى، سىڭلىسىنى تاشلاپ ساڭا كېتىپ بارىدۇ. سەن ئايالىڭ ئۈچۈن ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى بولغىن» دەپ نەسىھەت قىلدىم. ئايالىڭىز سىزنىڭ كۆزىڭىزدە ئەتىۋارسىز كۆرۈنگەن، ئۆيىڭىزدە خىزمەتچى مۇئامىلىسى كۆرۈۋاتقان بىلەن، ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئەتىۋارلىقى،  ئەركىسى، نازۇك مەلىكىسى ئىدى. ئۇ سىزگە ئىشىنىپ، سىز بىلەن ھايات كەچۈرۈشنى تاللاپ سىزگە كەلگەن. شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ، ئىززىتىنى قىلىڭ، كۆڭلىنى ئىزدەڭ ، ھېس - تۇيغۇلىرىغا ئېتىبار بېرىڭ . ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىشغا يول قويماڭ. چۈنكى ئايالىڭىزمۇ خۇددى سىزنىڭ ئانىڭىزدەك، ئاچا-سىڭىللىرىڭىزدەك  كۆيۈنۈشكە ۋە قەدىرلىنىشكە ھەقلىق. ئۇنى«ئالدىم» دەپ ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كالامىنى شىپى كەلتۈرۈپ ، پەرىشتىلەر نىڭ ۋە ئەل - جامائەتنىڭ شاھىتلىقى ئاستىدا مەيدىڭىزگە  مۇشتلاپ تۇرۇپ ئەمرىڭىزگە ئالغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭغا  ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن  تولۇق غەمخورلۇق قىلىڭ، زۇلۇم قىلماڭ، باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغىمۇ يول قويماڭ. ئاياللار خىلۋەتتە يىغلايدىغان، ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان، جىسمى ئاجىز بولغان بىلەن ئىرادىسى ۋە مۇھەببىتى، سەۋرى ۋە ۋاپاسى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك تائپىدۇر.

 

ئاياللار  نېمە ئۈچۈن جىق گەپ قىلىدۇ؟

ئاياللارنى جىق گەپ قىلىدۇ، دەيمىز، ئەمما تىڭشالمىغىنى، گېپى ئېتىبارسىز قالغىنى، ئېرى ئۆزىنى سورىمىغىنى، سەل قارالغىنى ئۈچۈن سۆزلەپ سالىدۇ. تىڭشالمىغان، ھەل قىلىنمىغان شۇ  دەردلەر، ئېتىبار بېرىلمىگەن ھېس - تۇيغۇلار يىغىلىپ يېڭى توي قىلغاندىكى نازىنىن، مۇلايىم، قىزغىن ئايالنى سوغۇق، چېچىلغاق، چۈشكۈن، ھەتتا كېسەل قىلىپ قويىدۇ. «قىز بالىنىڭ ھەممىسى ياخشى، ئەسكى خوتۇن نەدىن كەلدى؟!»  زۇلۇم قىلىدىغان، كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان، ئايالىنىڭ پىكرىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغان، ئۆي، بالىلارغا قاراش ئىشلىرىنى ئايالىغىلا تاشلاپ قويۇپ جاپاسىنى كۆرمەس خۇپسەن - گاس بولۇۋالغان قاتمال، قوپال  بىر ئېرى بولسا، ئايالنىڭ ئىشى تېخىمۇ تەس.

بۇنداق ئايال بالىلىرى ئۈچۈنلا پىداكارلىق قىلىدۇ، بالىلىرى ئۈچۈنلا قۇربانلىق بېرىدۇ ۋە بەدەل تۆلەيدۇ.  سىزنىڭ ئوبرازىڭىز بولسا ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ نەزىرىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. قەلبى سىزدىن سوۋۇيدۇ،  بارا - بارا سىزگە ئاچچىقلانماس، پىكىرلىرىنى سۇنماس بولىدۇ. ھېس -تۇيغۇسىنى باستۇرۇپ  قەلبىنى سىزگە ئاچماس بولىدۇ. كەلسىڭىز - كەتسىڭىز سۈرۈشتە قىلمايدىغان، سىزنى ئارزۇلاپ ئىزدىمەيدىغان، كەمسۆز، روھى چۈشكۈن، ئۈمىدسىز ئايالغا ئايلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ راھىتىنى، ئارامىنى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، چېچەكتەك ياشلىقىنى ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ تۇرۇغلۇقمۇ، پىداكارلىقى سۇيئىستېمال قىلىنغان، مىننەتدارلىق، ئېتىراپقا  ئېرىشەلمىگەن ئايال  دەردىنى ھېچكىمگە چاندۇرمايدۇ، شۇنداق بىر قەيسەر ئاياللار باركى، ئېرىنىڭ دەردى، پەرزەنتلىرىنىڭ غېمىدىن ھېچكىمگە چاندۇرماي يىغلايدۇ، ھەتتا قان يىغلايدۇ.

دۇنيادا ئەڭ ئوڭاي، قانۇن دائىرىلىرى كۆرمەي قالىدىغان زۇلۇم ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشتۇر. ئەمما ئاللاھ تائالا زۇلۇمنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە قويمايلا بۇ دۇنيادا كۆرسىتىدۇ. «زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن!»[1]. «ئاللاھ زالىمنى جازالىماقچى بولغاندا ئۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ»[2].

ياخشى ئايال بىر مەكتەپكە ئوخشايدۇ

ياخشى ئايال ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى كامالەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ، ياخشى ئەر شۇ ئايال ئارقىلىق دۇنياغا قەدەم تاشلايدۇ، پەرزەنتلەر شۇ مەكتەپ ئارقىلىق يۈكسەكلەرگە ئۆرلەيدۇ. شۇڭا سۆيۈلەي دېسىڭىز سۆيۈڭ، ئۇ سىزنى يېڭىباشتىن دۇنياغا كەلتۈرىدۇ. ئايالىنى سۆيۈشنى بىلمىگەن كىشى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل سىرلىرىدىن بىخەۋەر ئۆتىدۇ. ئايالنىڭ ئۇششاق نۇقسانلىرىنى كەچۈرەلمىگەن ئەر ئۇنىڭ بۈيۈك پەزىلەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بىر ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان ئەر باشقا ئاياللارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئالالمايدۇ، بىر ئايالنىڭ كۆڭلىگە بارىدىغان يولدا ئادىشىپ قالغان ئەر باشقا كۆڭۈللەردە ئورۇن تاپالمايدۇ. تالادىكى ئاياللارمۇ ئۆيدىكى ئايالغا ئوخشايدۇ. ئۆيىدىكى چېچەكنى پەرۋىش قىلالمىغان ئەر تالادىكى ئۇرۇقلاردىن چېچەك ئاچتۇرالمايدۇ.

ساپانىڭ، تەقۋالىقنىڭ ۋە ئەخلاقنىڭ  قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان يەر مەسجىد ئەمەس، بەلكى ئۆيدۇر. تالادا پەرىشتە، ئۆيدە زالىم ئەرلەر ياخشى ئەرلەر ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر»[3] دەپ كۆرسەتكەن.

ياخشى ئايال ئېرىنىڭ تىرناقچىلىك ئىشىنىمۇ تاغدەك كۆپتۈرۈرىدۇ، ئەيىبلىرىنى، ئائىلە سىرلىرىنى يوشۇرىدۇ، پەردىشەپنى ھەر ھالەتتە ساقلايدۇ. ئەگەر ئايال ئېرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەتىۋار ھېس قىلسا ئېرىنى تېخىمۇ ئەتىۋارلايدۇ. ئەر-ئايال ھەر كۈنى ئەينەككىلا ئەمەس ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپ قەلبىدىكى ئوبرازىغا قاراشنى ئادەتلەندۈرسە،  قارشى تەرەپكە ھەيرانلىق ۋە يېڭى-يېڭى ھېس-تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلەلىسە مۇھەببەتنى قېرىپ ئۆلگەنگە قەدەر تازا پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.

 

ئايالنى قانداق سۆيىمىز؟

  ئايالىمىز خۇشال بولسا خۇشال بولىمىز، غەمكىن بولسا تەسەللى بېرىمىز، كۆڭلىنى ئۆستۈرىمىز، ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قېدىرىپ يۈرۈپ قىلىمىز. ھەر يەردە، ھەر كىشىنىڭ ئالدىدا، ھەتتا ئائىلىسىنىڭ ئالدىدىمۇ تولۇق ھىمايە قىلىمىز، ئائىلىمىزنى خىزمەتتىن مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز، كۆڭۈل بۆلىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزگە ئىشەندۈرىمىز، ھۇزۇر ۋە ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىمىز، كەڭ قورساق بولىمىز، چۈشىنىشكە تىرىشىمىز، ئىلھاملامدۇرىمىز، سۆيۈنگىنىمىزنى، ھېس - تۇيغۇلىرىمىزنى يوشۇرمايمىز، پىكرىنى ئالىمىز، ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يېتىشكە ھەمدەم بولىمىز، قىزىقىشلىرىغا، تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز.

ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن مېھىر-مۇھەببەت ھەر زامان ئىپادىلىنىشى ۋە ھېس قىلدۇرۇلۇشى لازىم. ئىپادىلەنمىگەن ۋە ھېس قىلدۇرۇلمىغان مۇھەببەت پېچىتى ئېچىلمىغان ئەتىرگە ئوخشايدۇ. ئىشلىتىلمىگەن ئەتىرنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟! بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سىلەر بىراۋنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار»[4] دەپ كۆرسەتكەن. بىراۋنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۇنى سۆز بىلەن بىۋاسىتە ئېيتىشتۇر. ئىنسان قانچىلىك بېخىل بولۇپ كەتسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆيگۈسىنى ئىپادىلەشكە بېخىللىق قىلماسلىقى لازىم.

 يىغلاتماڭ!

ئۇنتۇماڭكى، بىرىنى يىغلاتقانلىق ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. زۇلۇمنىڭ جازاسى ۋە سەۋرچانلىقنىڭ چېكى بار، ئايالىڭىزنىڭ سەۋرى تۈگىگەندە ئۇنى تۇتۇپ قالالمايسىز، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ سېتىۋالغان قۇلىڭىز ئەمەس، سىزمۇ تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس. زۇلۇم قىلساممۇ ئايالىم كۆتۈرىدىغۇ، دەپ ئويلاپ قالماڭكى، تەكرار -تەكرار كەچۈرگەن،  ئۈزۈلگەن ئۈمىدلىرىنى ئۇلىغان،  سىزگە بولغان تەلىپىنى تەكرار - تەكرار تۆۋەنلىتىپ سەۋر قىلغان، سىزگە ۋە ئۆزىگە  تەكرار - تەكرار پۇرسەت بەرگەن  ئايال  ۋاقتى كەلگەندە  پۈتۈنلەي كۆتۈرمەيدۇ. «قاچىنى تاشۇرىدىغىنى ئاخىرقى تامچە سۇ» بولۇپ، ئۇ «قاچا» يىللار داۋامىدا توشۇپ قالغان، كۆڭۈل ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ بولغان. ئايال ئالدىراپ كەتمەيدۇ، ئارقىسىغا قارىمايدىغان ھالغا كەلمىگۈچە سىزدىن كەتمەيدۇ. ئەگەر كېتىپ قالسا ئۇ چاغدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز. شۇڭا پۇرسەت كېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى تۈزىتىۋېلىڭ، ئارىڭىزدىكى مىھىر - مۇھەببەتنى يىلتىزى قۇرۇماستىن بۇرۇن   پەرۋىش قىلىڭ. ئايالىڭىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ قىممىتىنى بىلىڭ، تېلىفوندىن بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى تىڭشاش، چاقچاقلىشىش ئۈچۈن بىر باھانە تېپىڭ، كىچىككىنە ۋاقىت ئاجرىتىڭ، ئەجىر قىلىڭكى ، سىز ئەجىر قىلغان گۈللەر سىز ئۈچۈن ئېچىلىپ، سىزگە خۇشپۇراق چېچىپ بەرسۇن. ئەگەر ھەقىقەتەن ۋاقتىڭىز ئاز بولسا، شۇ ئاز ۋاقىتتىكى ھەمراھلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ،  غەپلەتتىن ئويغىنىڭ،  ئىلكىڭىزدىكى نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭ!

 

بېغىشلاش خۇشاللىقنىڭ كېپىلىدۇر

سىز ھەرگىز بېغىشلىماي تۇرۇپ ئېلىشنى، پەرۋىش قىلماي تۇرۇپ مېۋە يېيىشنى ئويلىماڭ. بېغىشلاشنى سىز باشلاڭ. چۈنكى، سىز بىر قەدەم ئالسىڭىز ئايالىڭىز سىز ئۈچۈن ئون قەدەم ئالىدۇ. «ئايالىم ئۇنداق-مۇنداق» دەپ سىقىلىشتىن ۋە قاقشاشتىن بۇرۇن ئۇنى بۇ ھالغا كەلتۈرگەن كىم؟ ئۆزۈم ئايالىمغا قانچىلىك مېھىر بېرەلىدىم؟ بۇغداي نېنىم بولمىسمۇ بۇغداي سۆزۈم بولدىمۇ؟ دەپ مەسلىنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىڭ. ئايال—  ئەكىس سادا. سىز قازانغا تاش تاشلاپ قايناتقان بولسىڭىز، چۆمۈچىڭىزگە ئاش چىقمايدۇ.

ھاياتىڭىزدا سىزگە چىن ھەمراھ بولالايدىغان قانچە كىشى بار؟ سىز ئازاپلىيالايدىغانلار يەنە شۇ سىزگە بارلىقىنى ئاتايدىغان كىشىلەر ئەمەسمۇ؟ ئۇنتۇماڭكى، ھايات ھېكايىڭىزنىڭ ئەڭ گۈزەل سەھىپىلىرى پەردە ئارقىسىدا ئۈنسىز پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان شۇ ئايالنىڭ سەۋرى بىلەن يېزىلىدۇ.

[1] ئىبراھىم سۈرىسى؛ 42- ئايەت.
[2] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[3] ئىمام تىرمىزى ۋە ئبنى ماجە رىۋايىتى.
[4] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار