
تارىخ ياراتقان ئانىلار: ئىنسانىيەتنىڭ يوشۇرۇن قەھرىمانلىرىدۇر
ئانىلار — ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ پارلاق سەھىپىلىرىنى پۈتكۈچى ۋە شۇ تارىخنىڭ باش قەھرىمانلىرىنى دۇنياغا كەلتۈرگۈچى مۇقەددەس زاتلاردۇر. ئۇلار تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىمىدا، پەرزەنتلىرىنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە كىشىلىك خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپلا قالماي، بەلكى تارىخنىڭ يۈرۈشى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئەڭ كۈچلۈك كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسىدۇر. پەيلاسوپلار ئېيتقاندەك: «بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتكەن ئانا، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ». ھەقىقەتەنمۇ، ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىق مەسئۇلىيىتى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆز ساھەلىرىدىن ھالقىپ، سىياسەت، ئىلىم-پەن، سودا-سانائەت، ھەربىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىمۇ ئەسىرلەر بويى ئۇنتۇلماس ئۈلگىلەرنى، كاتتا تۆھپىلەرنى ياراتقان ۋە ئۆچمەس ئىزنالارنى قالدۇرغان.
تۆۋەندە بىز ئىسلام تارىخى ۋە دۇنيا تارىخىدىن بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدىغان جانلىق مىساللار ۋە قىسقىچە ئۆرنەكلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز:
بىرىنچى: ئىسلام تارىخىدىكى نۇرانە ئانىلار
1. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئايالى، تۇنجى مۇسۇلمان ۋە «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا تۇنجى بولۇپ ئېرىشكەن خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ پىداكار ئانىدۇر. ئۇ زات پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۈشكۈل دەۋەت ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەملىشىپ، ئۇنى ھەم ماددىي، ھەم مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاپ، پۈتكۈل بارلىقىنى ئىسلام دىنىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ئاتىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھيى كېلىپ، ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە چاقىرىشقا بۇيرۇلغاندا، خەدىجە ئانىمىز ئۇنى بىرىنچى بولۇپ قوللىغان ۋە ئەڭ چوڭ تايانچ بولغان. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئانىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، بۇ مۇقەددەس دەۋەتنى قوبۇل قىلغان ۋە تۇنجى مۇسۇلمانلاردىن بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن[1]. بۇ ئۇتۇقلارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەربىيەسى بىلەن بىرگە، ئاشۇ پىداكار، پاراسەتلىك ئانىنىڭ مېھىرلىك قۇچىقىدىن ۋە تەڭداشسىز تەربىيەسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
2. ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ئانىسى (ئۇممۇ سۇلەيم)
بۇ ئۇلۇغ ئانا ئوغلىنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، كائىناتنىڭ سەرۋەرى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىگە تەقدىم قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە ۋە ئوغلىغا قىيامەتكىچە ئۆچمەس شان-شەرەپ كەلتۈرگەن. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىسسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، مەن ئەمدىلا سەككىز ياشتا ئىدىم. ئانام مېنى قولۇمدىن يېتىلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ باردى ۋە: ‹يا رەسۇلۇللاھ! مەدىنە ئەھلىدىن ئۆزلىرىگە بىرەر نەرسە ھەدىيە قىلمىغان ئەر-ئايال قالمىدى. مېنىڭ ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئوغلۇمدىن باشقا بايلىقىم يوق. ئوغلۇم خىزمەتلىرىنى قىلغاي، قوبۇل قىلغايلا› دەپ ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئون يىل پەيغەمبىرىمىزنىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. بۇ جەرياندا رەسۇلۇللاھ مېنى بىر قېتىممۇ ئۇرۇپ باقمىدى، تىللىمىدى ۋە ماڭا چىرايىنى تۈرمىدى»[2]. بۇ يەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا مال-دۇنيا ئەمەس، بەلكى ياخشى تەربىيەلەنگەن پەرزەنتتۇر.
3. خەنسا رەزىيەللاھۇ ئەنھا
تارىختا شائىرلىقى ۋە چەكسىز قەيسەرلىكى بىلەن تونۇلغان خەنسا رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەرزەنتلىرىنى ئىسلام روھى ۋە جەڭگىۋارلىق بىلەن تەربىيەلىگەن قەھرىمان ئانىدۇر. قادىسىيە جېڭىدە ئۇ تۆت ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى جىھادقا رىغبەتلەندۈرۈپ جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتكەن. تۆت ئوغلىنىڭ تەڭلا شېھىت بولغانلىق خەۋىرى يەتكەندە، ئادەتتىكى ئانىلارغا ئوخشاش پەرياد چەكمەستىن، بەلكى: «ئوغۇللىرىمنىڭ شېھىتلىقى بىلەن مېنى شەرەپلەندۈرگەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەپ، ئىمان ۋە سەۋرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلغان.
4. ئىمام مالىكنىڭ ئانىسى
مەدىنە ئىمامى ئىمام مالىكنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا نەغمە-ناۋاغا ۋە دۇنيا بايلىقىغا بولغان ئاز-تولا قىزىقىشىنى بايقاپ قېلىپ، ئۇنى پاراسەت ۋە ھېكمەت بىلەن پۈتۈنلەي دىنىي ئىلىمگە يۈزلەندۈرگەن. ئۇ ئوغلىنىڭ بېشىغا سەللە يۆگەپ، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ، «ئوغلۇم! سەن ئىلىم مەجلىسلىرىدىن ئەدەپ ۋە ئىلىم ئۆگەنگىن» دەپ، ئۇستازلارنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراتتى. بۇ يالغۇز ئانىنىڭ ئوغلىنى سەۋرچانلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، ئوغلى كېيىنچە مالىكىي مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ ۋە دۇنياغا مەشھۇر «مۇۋەتتا» ناملىق قىممەتلىك كىتابنى يېزىپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدۇ.
5. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئانىسى
ئىمام ئەھمەد تېخى بوۋاق ۋاقتىدىلا دادىسىدىن يېتىم قالغان بولۇپ، ئانىسى ئۇنى يالغۇز بېشى بىلەن مىڭبىر جاپادا چوڭ قىلىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئانىسى ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىتىپ بولىدۇ. ئوغلى ئون ياشلارغا كىرگەندە بولسا، ھەر كۈنى سەھەردە تۇرغۇزۇپ، تاھارەت ئالدۇرۇپ، قىش كۈنلىرىنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىغا قارىماي ئۇنى مەسچىتكە، ناماز بامدادتىن بۇرۇنقى ئىلىم ھەلقىلىرىگە ئېلىپ باراتتى. ئوغلىنىڭ دەرسى تۈگىگۈچە سىرتتا كۈتۈپ تۇراتتى. بۇ پىداكار ئانىنىڭ شۇنچە جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئوقۇتۇشى نەتىجىسىدە، ئىمام ئەھمەد ھەدىس ۋە فىقھى ئىلىملىرىدە كامالەتكە يېتىپ، ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى ۋە «مۇسنەد» ناملىق كاتتا ھەدىس توپلىمىنىڭ مۇئەللىپى سۈپىتىدە تارىخ بېتىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلدى.
6. ئىمام بۇخارىينىڭ ئانىسى
ھەدىس ئىلمىنىڭ سۇلتانى ئىمام بۇخارىينىڭ ئانىسى ناھايىتى تەقۋادار، ئىبادەتكۇي ۋە ئىرادىلىك ئايال ئىدى. كىچىك ۋاقتىدا ئوغلىنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، ئۇ قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەي، ئەتىگەن-ئاخشاملىرى توختىماي دۇئا قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئانىنىڭ سەمىمىي دۇئاسى سەۋەبلىك ئوغلىنىڭ كۆزلىرى قايتىدىن نۇرغا تولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوغلىنى ھەدىس ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئاتىغان ۋە ئاتىسىدىن قالغان مىراسنى خىراجەت قىلىپ، ئۇنى ئىلىم بۆشۈكى بولغان مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە تەلىم تەھسىل قىلىشقا قالدۇرغان. ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل بۇخارىي ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماي، 16 يىل ئىزچىل ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبە دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «سەھىھۇلبۇخارىي»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
7. ئىمام شافىئىينىڭ ئانىسى
ئىمام شافىئىيمۇ ئىككى يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان بولۇپ، ئانىسى ئۇنى غەززەدىن ئىلىم-مەرىپەت مەركىزى بولغان مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىدۇ. ئۇ ئوغلىغا قۇرئان كەرىمنى يادلاتقاندىن كېيىن، كاتتا ئۆلىمالارنىڭ دەرس سورۇنلىرىغا قوشىدۇ. گەرچە تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتسىمۇ، بۇ مەردانە ئانا يوقسۇللۇققا تىز پۈكمەي، ئوغلىنىڭ ئىلىم يولىدىكى بارلىق توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، ئىمام شافىئىي ئىسلام دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ مەزھەپنىڭ بىرى بولغان شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئىمامى بولۇپ تونۇلىدۇ ۋە قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ.
8. ئىمام سۇفيان سەۋرىينىڭ ئانىسى
بۇ ئانا ئوغلىنى كىچىكىدىنلا ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە تەقۋادارلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، «ئوغلۇم! سەن ئىلىم ئۆگەن، مەن ئۇرچۇق ئېگىرىپ سېنى باقىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن. بۇ تىرىشچان ئانا ئوغلىنى ئىسلامىي ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكۈزۈش يولىدا نۇرغۇن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، كۆپ جاپالارنى تارتقان بولسىمۇ، غايىسىدىن بىر كۈنمۇ ۋاز كەچمىگەن. نەتىجىدە، ئىسلام دۇنياسىغا سۇفيان سەۋرىيدەك كاتتا مۇجتەھىد ئالىمنى تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ مەزھىپى ئۆز دەۋرىدە مەشھۇر تۆت مەزھەپ بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان تەسىرلىك مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولغان.
9. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئانىسى
ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىلىم پەللىسىنىڭ چوققىسىغا چىقىشىدا ئانىسىنىڭ رولى بىباھادۇر. ئانىسى ئوغلىنىڭ دىندا ئالىم بولۇشى ئۈچۈن بارلىق قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كەرگەن. كېيىنچە، ئىبنى تەيمىيە سۈرىيەدىن مىسىرغا سۈرگۈن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندا، ئانىسىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدۇ. ئانىسى ئۇنىڭ خېتىگە مۇنداق دەپ جاۋاب يازىدۇ: «ئوغلۇم! سېنى مەن دىنىمىزغا خىزمەت قىلسۇن دەپ جاپاغا چىداپ ئوقۇتقانمەن. سېنىڭ ماڭا يېقىن تۇرغىنىڭدىن كۆرە، دىنىڭغا ۋە دىنىي خىزمەتلەرگە يېقىن تۇرغىنىڭ مەن ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر. مەن سېنىڭ پىراقىڭغا چىدايمەن» [3]. بۇ شەخسىي مېھىر-مۇھەببەتتىن ئالىي غايىنى ئۈستۈن قويغان بۈيۈك ئانىنىڭ ساداسى ئىدى.
10. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ئانىسى
ئوسمانىيلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئانىسى، ئوغلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرگەن «ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشى» ھەققىدىكى بېشارەتنىڭ ساھىبى بولۇشقا تەييارلىغان. ئۇ كىچىك مۇھەممەدنى قولىدىن يېتىلەپ ئىگىز تۆپىلەرگە ئېلىپ چىقىپ، ئىستانبۇلنىڭ ھەيۋەتلىك سېپىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئەي ئوغلۇم، سەن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاشۇ سېپىللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىسەن! رەسۇلۇللاھنىڭ بېشارىتى ساڭا نېسىپ بولغۇسى!» دەپ ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە ئالىي غايىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان. دەل شۇ ئانىنىڭ تەربىيەسى بىلەن بىر دەۋر ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر دەۋر باشلانغان.
11. ئەندەلۇس خەلىپىسى ئابدۇراھمان ناسىرنىڭ ئانىسى
ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە)تە سەككىز ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ 3-خەلىپىسى ئابدۇراھمان ناسىرنىڭ ئانىسى مۇزنە (ئەسلى ئىسمى مارىيا بولۇپ، كېلىپ چىقىشى ياۋروپادىن) ئوغلىنى بۈيۈك بىر دۆلەت ئەربابى ۋە قوماندان قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئۇ ئوغلىنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل تەربىيەلەپ، ئۇنى تارىختا ئىز قالدۇرىدىغان جەڭگىۋار ۋە پاراسەتلىك ھۆكۈمدارغا ئايلاندۇرغان[4].
12. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئانىسى
تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان، تەخمىنەن مىلادىيە 920-955-يىللار)نىڭ جەڭگىۋار روھ بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، كامالەتكە يېتىشىدە ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىدىمۇ ئانىسىنىڭ رولى ئالاھىدە زور بولغان. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئاتىسى بازىر ئارسلانخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ تاغىسى ئوغۇلچاقخاننىڭ سارىيىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئانىسى ئۇنى ئەتراپلىق يېتىشتۈرۈپ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتنى تونۇش ۋە خەلقنى يېتەكلەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەن.
13. مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە خانىم
بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە خانىم قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم غوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى بولۇپ، يۈكسەك مەلۇماتلىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئايال ئىدى. ئۇ دىنىي ۋە دۇنياۋى بىلىملەردىن باشقا، ئەرەب تىلىنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئوغلى مەھمۇدقا دەسلەپكى ساۋاتنى ۋە ئەرەب تىلىنى ئۆزى ئۆگەتكەن. مەھمۇد قەشقەرىينىڭ كېيىنچە بۇخارا، سەمەرقەنت ۋە باغداد قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرىدە ئوقۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دەك ئالەمشۇمۇل ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىدا ئانىسى سالغان ئۇلنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولغان[5].
بۇلاردىن باشقا، بىز يەنە بابۇر شاھنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم بىلەن، مەشھۇر تارىخچى مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ ئانىسى خۇبنىگار خانىمنىڭ، تېببىي ئالىم ئىبنى سىنانىڭ ئانىسى سىتارە خانىم بىلەن تەسەۋۋۇپ پېشۋاسى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ ئانىسى قاراچاچ ئانىنىڭ بۇ ئۇلۇغ شەخسلەرنى تەربىيەلەپ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغانلىقىنى پەخىرلىنىش بىلەن ئەسلەيمىز.
تارىخىمىزدا ئەنە شۇنداق ئاجايىپ ئىستېداتلىق، پاراسەتلىك ئانىلار ئۆتكەن. گەرچە نۇرغۇنلىغان ئالىيجاناب ئانىلارنىڭ نامى تارىخ سەھىپىلىرىگە يېزىلمىغان بولسىمۇ، بىز يۇقىرىقى مىليونلاردىن بىر تامچە مىساللار ئارقىلىق، پۈتكۈل مۇنەۋۋەر ئانا ئەجدادلىرىمىزنىڭ نۇرانە سىيماسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز.
مىڭ ئەپسۇسكى، مۇشۇنداق قەھرىمان ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى تارىخنىڭ قاراڭغۇ ھۇجرىلىرىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان. چۈنكى ئۆتمۈشتە تارىخ كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ تۆھپىسى ۋە قىلىچى بىلەن يېزىلغاچقا، جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدا مەۋجۇت بولغان، ياراملىق قوماندانلارنى، دۆلەت ئەربابلىرىنى ۋە كاتتا ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن ئاشۇ پىداكار ئانىلارنىڭ تۆھپىلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. ھالبۇكى، بۇ ئانىلار پەقەت بالا تەربىيەلىگەنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان قەھرىمانلاردۇر.
ئىككىنچى: دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئانىلار
1. توماس ئېدىسوننىڭ ئانىسى نانسى ماسيۇز
ئىنسانىيەتكە توك يورۇقىنى ئېلىپ كەلگەن كەشپىياتچى توماس ئېدىسوننىڭ ئانىسى نانسى ماسيۇز ئانىلىق مېھرى ۋە دانالىقنىڭ سىمۋولىدۇر. ئېدىسون كىچىك چېغىدا مەكتەپتىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ كېلىپ، «بۇنى مەكتەپ مۇدىرى سىزگە بەردى» دەپ ئانىسىغا تاپشۇرىدۇ. ئانا خەتنى ئوقۇۋېتىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئوغلىغا: «ئوغلۇم، خەتتە ‹ئوغلىڭىز بەك ئەقىللىك ئىكەن، بىزنىڭ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسى ئۇنى ئوقۇتۇشقا يەتمەيدۇ. شۇڭا ئوغلىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۆيدە ئوقۇتۇڭ› دەپ يېزىپتۇ» دەيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئوغلىنى ئۆزى ئوقۇتىدۇ. ئېدىسون مىڭلىغان مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن لامپۇچكىنى كەشىپ قىلىپ، دۇنياغا داڭلىق ئالىم بولىدۇ. يىللار ئۆتۈپ ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئېدىسون ئانىسىنىڭ كونا ساندۇقىدىن ھېلىقى خەتنى تېپىۋالىدۇ. خەتتە ئەسلىدە: «سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئەقلىي جەھەتتىن كەمتۈك (دۆت) ئىكەن. ئۇنىڭ مەكتىپىمىزدە ئوقۇش سالاھىيىتى يوق، ئەمدى مەكتەپكە كەلمىسۇن» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئېدىسون بۇنى كۆرۈپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىدۇ ۋە كۈندىلىك خاتىرىسىگە: «توماس ئېدىسون ئەقلىي جەھەتتىن كەمتۈك بىر بالا ئىدى، ئەمما قەھرىمان بىر ئانىنىڭ سايىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك تالانت ئىگىسىگە ئايلاندى» دەپ يازىدۇ. مانا بۇ، بىر ئېغىز ھېكمەتلىك سۆزنىڭ ۋە ئىشەنچنىڭ ئىنسان تەقدىرىنى قانداق ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.
2. فاتىمە ئەلفىھرى
بۇ دانىشمەن ئايال دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت بولغان ماراكەشتىكى «قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى»نى قۇرۇپ چىققان. بۇ بىلىم يۇرتى بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. فاتىمە خانىم مىلادىيە 859- يىلى ئۆز بايلىقىنى سەرپ قىلىپ، بۇ ئۇنىۋېرستېتنى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق دۇنيادا سىستېمىلىق بىر ئالىي مائارىپنىڭ ئۇلىنى سالغان ۋە ئىسلام دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئۇنتۇلماس ئايالدۇر.
3. سارا خولون (چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى)
ئوغلى تېمۇچىن (چىڭگىزخان) كىچىك ۋاقتىدا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، سارا خولون ئېغىر شارائىتتا، قەبىلىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ھالەتتىمۇ ئوغلىنى ۋە باشقا پەرزەنتلىرىنى يالغۇز بېقىپ، ئۇلارنى قەيسەر، چىداملىق ۋە ئىتتىپاقلىشىش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ تەربىيەسى تارىختىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان.
4. مارى كۇرىي
ئىككى قىزنىڭ ئانىسى بولغان مارى كۇرىي ئانىلىق بىلەن ئالىملىقنى تەڭ ئېلىپ ماڭغان مۆتىۋەر ئايالدۇر. ئۇ فىزىكا ۋە خىمىيە ساھەسىدە ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئاياللارنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى دۇنياغا ئىسپاتلىغان.
خۇلاسە
يۇقىرىدىكى تارىخىي پاكىتلار بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەقىقىي تەسىر كۈچى ھاكىمىيەت ئوردىلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئاددىي ئائىلىلەردىن، ئانىلارنىڭ مېھىرلىك قۇچىقىدىن باشلىنىدۇ. ھەرقانداق ئانا ئۆز پەرزەنتىنى توغرا تەربىيەلەش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ۋە يېڭى تارىخ يارىتالايدۇ.
تارىخ كىتابلىرىدا ئانىلارنىڭ نامى كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان، شۇڭا ئۇلار كۆپىنچە «نامسىز قەھرىمانلار» سۈپىتىدە كۆلەڭگىدە قالغان. ئەمما شۇنىسى ھەقىقەتكى، دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ھەربىر بۈيۈك شەخسنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنى دۇنياغا كەلتۈرگەن، روھىنى تاۋلىغان ۋە يولىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئۇلۇغ بىر ئانا باردۇر. جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ئانىلاردۇر. ئۇلار ئىنسانىيەت باغچىسىنىڭ ھەقىقىي باغۋەنلىرىدۇر.
[1] پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئىككى ئوغۇل، تۆت قىز، جەمئىي ئالتە پەرزەنتى بولغان. ئۇلار: قاسىم، ئابدۇللاھ، زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ كەلسۇم، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر. قاسىم ۋە ئابدۇللاھ كىچىك ۋاپات بولۇپ كەتكەن. پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى كەلگەندە، زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ كەلسۇم، فاتىمە قاتارلىقلار ئىمان ئېيتقان.
[2] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[3]» الأم تصنع القادة والعلماء»111-بەت.
[4]»الأم تصنع القادة والعلماء» 123-بەت.
[5] جامال قارشىنىڭ «تەزكىرەئى بۇغراخان» ناملىق ئەسىرى.

