ئانىنىڭ دۇئاسى — ئەرشىئەلاغا يېتىدىغان نۇرانە شوتا

ئانىنىڭ دۇئاسى — ئەرشىئەلاغا يېتىدىغان نۇرانە شوتا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئۈچ خىل دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىدا قىلچە شەك يوقتۇر. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇمنىڭ دۇئاسى، يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى»[1] . گەرچە ھەدىستە «ئاتا» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ مۇتلەق ھالدا ئانىنىڭ دۇئاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەتتا ئانا ھەققىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە مېھىر-شەپقىتىنىڭ چەكسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ دۇئاسى تېخىمۇ تېز ئىجابەت بولىدۇ. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە قىلغان دۇئاسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توسالغۇسىز قوبۇل بولىدۇ. مەيلى ئۇلار پەرزەنتلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلسۇن ياكى كۆڭلى رەنجىگەن ھالەتتە يامانلىق تىلەپ بەتدۇئا قىلسۇن، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇقەررەردۇر. شۇڭا، ئانىنىڭ دۇئاسى  پەرزەنتنىڭ تەقدىرىنى سىزىدىغان كۆرۈنمەس قەلەمدۇر.

بۇنىڭغا تارىخىمىزدىكى جانلىق مىساللاردىن بىرى بولغان، ھەدىس ئىلمىنىڭ سۇلتانى ئىمام بۇخارىينىڭ ھاياتىنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئىمام بۇخارىي تېخى گۆدەك ۋاقتىدىلا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە قالغان ئىدى. كىچىك ۋاقتىدا دۇچار بولغان ئېغىر بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. ئوغلىنى دىندا مۇكەممەل يېتىشتۈرۈپ، كاتتا ئالىم قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ۋە پۈتۈن بارلىقىنى شۇ يولغا ئاتىغان ئانا ئۈچۈن بۇ زور بىر سىناق ئىدى. لېكىن، بۇ ئىرادىلىك ۋە مېھرىبان ئانا تەقدىرنىڭ بۇ سىنىقىغا تىز پۈكمىدى، ئۈمىدسىزلىككە چۆكمىدى. ئەكسىچە، ئۇ كېچىلىرى ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ ئوغلىنىڭ شىپا تېپىشى ئۈچۈن رەببىگە يالۋۇردى. ئۇنىڭ يۈرىكىدىن چىققان ئىلتىجالار كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى يېرىپ ئۆتۈپ ئەرشكە يەتتى. بىر كېچىسى ئۇ چۈشىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆرىدۇ. چۈشىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەي ئايال! سېنىڭ كۆپ يىغلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن كۆپ دۇئا قىلغانلىقىڭ سەۋەبىدىن، ئاللاھ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلدى، ئوغلۇڭنىڭ كۆزلىرى قايتىدىن نۇرغا تولدى» دەپ بېشارەت بېرىدۇ. چەكسىز خۇشاللىق ئىچىدە ئويغانغان ئانا دەرھال ئوغلىنى ئويغىتىدۇ. ئوغلى كۆزىنى ئېچىپ، ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا ھەيرانلىقتىن تىلى تۇتۇلىدۇ. ئانا-بالا بۇ ئىلاھىي مۆجىزىدىن تەسىرلىنىپ، بىر-بىرىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە خۇشاللىق

 ياشلىرىنى تۆكىدۇ. مانا بۇ، ئۈمىدنى ئۈزمەي قىلىنغان ئانا دۇئاسىنىڭ قۇدرىتىدۇر.

ئەمدى، يېقىن زاماندىكى بىر مىسالغا نەزەر سالايلى: بىر ئانىنىڭ يالغۇز ئوغلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلمەكچى بولىدۇ. بىراق، ئانا ئۇ  يەردىكى بەزى ياشلارنىڭ يامان مۇھىت ۋە ناچار دوستلارنىڭ تەسىرىدە دىنىي ئەقىدىسىدىن ۋە ئىسلامىي ئەخلاقىدىن يىراقلىشىپ، ھاياتىنى زايە قىلىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، يۈرىكىگە قورقۇنچ چۈشىدۇ ۋە ئوغلىنىڭ ئوقۇشقا بېرىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئەمما ئوغلى بارىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئايال «ئەۋەتەي دېسەم، ئوغلۇمنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن؛ ئەۋەتمەي دېسەم، ئوغلۇم بارىمەن دەپ تۇرۇۋالدى» دەپ قاتتىق ئىككىلىنىدۇ. ئۇزاق ئويلىنىشتىن كېيىن، ئاخىرى ئوغلىنى ئەۋەتىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ: «ئى رەببىم! ئوغلۇمنى ساڭا ئامانەت قىلدىم، سەن قويۇلغان ئامانەتنى زايە قىلىۋەتمەيدىغان زاتسەن، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا سېنى ۋەكىل قىلدىم، سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ھامىي بولغىن ۋە ئۇنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن ساقلىغىن» دەپ چىن قەلبىدىن دۇئا قىلىپ، ئوغلىنى ياراتقۇچىنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرىدۇ. ئانا شۇ كۈندىن باشلاپ، نامىزىنىڭ بىر قىسمىنى مەخسۇس ئوغلىغا دۇئا قىلىشقا ئاتايدۇ. ھەر تاڭ سەھەردە ۋە ھەر ئاخشامدا ئاللاھتىن ئوغلىنىڭ ئىمانىنى ۋە ئەخلاقىنى قوغدىشىنى تىلەيدۇ. يىللار ئۆتۈپ، ئوغۇل ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ قايتىپ كېلىدۇ. ھەيران قالارلىقى، ئۇ پەقەت بىلىملىك بىر زىيالىي بولۇپلا قالماي، بەلكى بەش ۋاخ نامازنى مەسچىتتە ئوقۇيدىغان، سەھەرلىرى تەھەججۇد نامىزىنى تەرك ئەتمەيدىغان، ئانىسىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنىدىغان، تەقۋادار بىر ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. يەنى ئوغۇل ئانىسىنىڭ دۇئاسى ۋە ئاللاھنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا چەتئەلدىكى پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىنىپ، تېخىمۇ دىندار ۋە ئەخلاقلىق بولۇپ قايتىدۇ.

بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە! چۈنكى ئۇ ئانا ئوغلىنى ئالەملەرنىڭ رەببى، ھەممە نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان قادىر ئاللاھ تائالاغا ئامانەت قىلغان ۋە كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان زات تۇرسا، شۇنچە سەمىمىي قىلىنغان ئانا دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولمىسۇن؟!

ئايال — دۇنيانىڭ روھى ۋە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىگۈچى كۈچ
ئايال زاتى ئىنسانىيەتنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپلا ھايات سەھنىسىنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. ئايال — ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ، ھاياتلىق كۈرۈشىگە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئاتلانغان ھەمراھتۇر. ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى ھەرگىزمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن كەم ئەمەس، بەلكى بەزى ئورۇنلاردا تېخىمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە ھەۋۋا ئانىمىز، پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھاجەر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سارە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ۋە ئاچىسى، شۇنداقلا پاراسەتلىك ئايال پادىشاھ بىلقىس قاتارلىق ئاياللارنىڭ ئىسمى ۋە قىسسىلىرى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان.

ئىسلام تارىخىنىڭ دەسلەپكى بەتلىرىمۇ ئاياللارنىڭ شانلىق ئىزلىرى بىلەن بېزەلگەن. ئىسلامغا تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېيتقان ئىنسان ئەر ئەمەس، بەلكى بىر ئايال يەنى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولۇپ، بۇ ۋەقەلىك تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان. شۇنىڭدەك، ھاجەر ئانىمىزنىڭ سۇ ئىزدەپ يۈگۈرگەن جاپالىق ھەرىكىتى، بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ھاجىلارنىڭ سافا بىلەن مەرۋە تېغى ئارىسىدا قىلىدىغان سەئيى ئىبادىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. ئىسلام يولىدا تۇنجى بولۇپ جېنىنى پىدا قىلىپ، شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە يەتكەن كىشىمۇ سۇمەييە ئىسىملىك بىر ئايال ساھابە ئىدى. بۇلاردىن باشقا، ھەدىس ئىلمىنىڭ پېشۋاسى ئىمام بۇخارىي، فىقھى ئىلمىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، شۇنداقلا ئىستانبۇلنى فەتھى قىلغان بۈيۈك قوماندان سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىسلامنى قوبۇل قىلغان، تۈركىي خەلقلەر  ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ۋە گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىنى ئەڭ قۇدرەتلىك ھالغا كەلتۈرگەن ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان قاتارلىق دۇنيانى تەۋرەتكەن كاتتا شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلار دەل ئاشۇ مۇنەۋۋەر ئانىلار ئىدى. ئۇلار تارىخىمىزدا ھەمىشە ئىپتىخارلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان.

بىراق، مىڭ ئەپسۇسكى، كېيىنكى ئەسىرلەردە بىز ئىسلامنىڭ پارلاق كۆرسەتمىلىرىدىن، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ توغرا يولىدىن يىراقلىشىپ، جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا پاتقانسېرى، ئاياللارغا بولغان كۆزقارىشىمىزمۇ خۇنۈكلەشتى. ئاياللارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تۆھپىلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە سۆزلەش «ئەيىب» ياكى «نومۇس» سانىلىدىغان، ئەقىل ياكى دىن تەرەپتىن قىلچە ئاساسى يوق غەلىتە ئادەتلەر پەيدا بولدى. نەتىجىدە، بىز تارىخ ياراتقان بۇ قەھرىمان ئانىلارنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئاياللار بىزنىڭ نەزەرىمىزدە پەقەت ئۆي ئىچىگىلا قامىلىدىغان، جەمئىيەتتە ئورنى يوق، رولى ئېتىراپ قىلىنمايدىغان «كىچىك» بىر تائىپىگە ئايلىنىپ قالدى.

بۇ خاتا چۈشەنچىنىڭ بەدىلى ئېغىر بولدى: بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە يارامسىز، مەسئۇلىيەتسىز، غايىسىز ۋە روھىيىتى پۇچەك بىر ئەۋلاد بارلىققا كەلدى. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ تۇنجى مەدرىسىسى، بالىلارنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى بولغان ئانىلارغا ئەھمىيەت بېرىلمىدى، ئۇلارنىڭ تەربىيەچىلىك رولىغا سەل قارالدى. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئايالنى ھۆرمەتلىگەن مىللەت كەلگۈسىنى ھۆرمەتلىگەن، ئايالنى خارلىغان مىللەت  ئۆز ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلغان بولىدۇ.

 


[1] ئىبنى ماجە رىۋايىتى، 3862- ھەدىس، ئەللامە ئەلبانىي «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»دا «سەھىھ» دەپ باھالىغان، 596- ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار