
تۆھپىكار نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنى تەبرىكلەيمەن
مۇھەممەد يۈسۈپ
كىتاب ئادەملەرنىڭ بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىتىدىغان، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان، بىلىم ۋە چۈشەنچە ئۇپۇقىنى كېڭەيتىدىغان ئاجايىپ پايدىلىق خەزىنىدۇر. كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ئىلىم-مەرىپەت ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى بولغاندەك، كىتاب بارچە ئىلىم- مەرىپەتنىڭ ئۇنۋانىدۇر.
دىنىمىز كىتابقا ۋە ئوقۇشقا زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، پەيغەمبىرىمىزگە تۇنجى ۋەھيى «ئوقۇ» دېگەن ئەمر بىلەن باشلانغان ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ بېشىدا (ذَلِكَ الْكِتَابُ) «ئاشۇ كىتاب» دەپ كىتابنىڭ قىممىتىگە ئىشارەت قىلىنغان. كىتاب ئىنسان ھاياتىدا مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، كىتاب ئوقۇيالايدىغان ئىنسانلارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىغا قارىماي، پەيغەمبەرلەرگە كىتابلارنى چۈشۈرۈلگەن.
كىتابنى قەدىرلەش ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىك بولۇپ، كىتابنى قەدىرلىگەن ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان ئادەمنى كىتاب يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭغا مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى، تارىخىمىزدا ئۆلىما، زىيالى، پۇلدار ۋە مەشھۇر كىشىلەردىن مىڭلارچىسى ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر كىتاب چاغلىق ئەسەر قالدۇرغانلىرىنىڭ نام-نىشانىسى زامانىمىزغا قەدەر يادلىنىپ كەلمەكتە. مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەدىب ئەھمەد يۈكنەگى، ناۋائىي، ئابدۇقادىر داموللام، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
مىسىرلىق مەشھۇر شائىر ئەھمەد شەۋقىي بىر بەيتىدە مۇنداق دېگەن:
أنا من بدل بالكتب الصحابا
لم أجـد لي وافيـا إلا كتابا
كىتابقا تېگىشكەن ئادەممەن دوستلارنى،
كۆرمىدىم ئۇنىڭدىن ئۆزگە بىر ۋاپادارنى.
كىتابقا ئاتالغان ئۆمۈر
يېقىندا تۆھپىكار نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنى تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت ناھايىتى ياخشى بولدى، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ بەزى ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا تون كىيگۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. ئەسلىدە ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم تېخىمۇ زىيادىسىگە ھەقلىقتۇر. چۈنكى، بۇ كىشى مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرىدىغان، دىنىنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا باغلايدىغان ۋە دۇنياغا تونۇتىدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى توپلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزگەننىڭ سىرتىدا، كۆپلىگەن مۇھىم ئەسەرلەرنى ئۆزى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ بېسىپ كەڭ تارقاتقان بىر مۇھىم شەخستۇر. مەيلى دىندا ياكى پەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرغۇنلىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمىگە ئېرىشكەن. يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن بۇ شەخس ئۇلاردىن ھېچبىر ھەق تەلەب قىلماي، پوچتا ھەققىنى ئۆز يېنىدىن تۆلەپ كىتاب سېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن.
مەن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ئۇنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۆيىنىڭ بارلىق مۇساپىرلار، خۇسۇسەن، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەمىشە ئوچۇق بولغانلىقىنى بىلىمەن. مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىم ھايات ۋاقتىدىمۇ ئۇ ئۆي مۇساپىرلاردىن ۋە مېھمانلاردىن خالى بولمايتتى. بىز ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن مىسىردىن تەتىلگە كەلگەن چاغلىرىمىزدا ئۇدۇل شۇ ئۆيگە چۈشەتتۇق، پېقىر قازاقىستاندىن، كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلسەممۇ ئائىلەم بىلەن دەرھال شۇ ئۆيگە چۈشەتتىم. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ ۋاپادار رەپىقىسى جەمىلەگۈل خانىم مۇساپىرلارنى قوندۇرۇشتىن، ئۇلارغا تاماق ھازىرلاشتىن زېرىكىپ قالمايتتى، مېھمانلارنى ھەمىشە چىرايى ئوچۇق تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئالاتتى.
ئۇيغۇر كىتابچىلىقىدا مىسالى كۆرۈلمىگەن بۇ شەخس ئاكتىپلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە پىداكارلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىنى ياراتقان بولۇپ، مىللىتىمىز ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، كېيىنكىلەر چوقۇم ئەسلەيدۇ.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم كىچىكىدىن باشلاپلا دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇغان ۋە ھەر ساھەدىكى كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن يېتىشتۈرگەن بىر ئىلىم ئەھلى ۋە زىيالىيدۇر. ئۇنىڭ 8 توملۇق «ئۇيغۇر ئانسىكلوپېدىيە»سىنى ئۆزى يالغۇز يېزىپ چىقىپ نەشر قىلغانلىقى ۋە يەنە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغانلىقى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
كىتابخانىلىرىمىز قوللاشقا موھتاج
ئىستانبۇلدا تۇنجى بولۇپ كىتابخانا ئاچقان كىشى ئابدۇجېلىل ئەپەندىم بولۇپ، بارلىق مۇھىم كىتابلارنى ۋەتەندىن، بەزى ئەرەبچە ئەسەرلەرنى مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلاردىن ئەكەلدۈرگەن ئىدى. تۈركىيە ئىچىدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ كىتابخانىدىن ئۈزلۈكسىز پايدىلىنىپ كەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلدا كىتابخانىلار ئېچىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، زەيتىنبۇرنۇدا ئىككى، سەفاكۆيدە ئىككى جەمئىي تۆت كىتابخانا ئېچىلىپ خەلقىمىزگە خىزمەت قىلغان ئىدى. ئەمما ئەپسۇسكى، بۇ كىتابخانىلاردىن ئىككىسى تاقىلىپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنىڭ بولمىغانلىقى ۋە كىرىملىرى چىقىملىرىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىدىن بولدى. ھازىر زەيتىنبۇرنۇدا بىر، سەفاكۆيدە بىر، جەمئىي ئىككىلا كىتابخانا قالدى. بۇ كىتابخانىلار كەڭ خەلقىمىزنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللاپ بېرىشىگە موھتاجدۇر. بۇ كىتابخانىلارنى ئاياقتا تۇتۇشنىڭ يولى قوللاش، قوللاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى كۆپ كىتاب سېتىۋېلىش ۋە خالىسانە ياردەم قىلىشتۇر. كىتاب سېتىۋېلىپ باشقىلارغا ھەدىيە قىلىش بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن كەلگەن قەدىمىي گۈزەل ئادەتتۇر.
ساۋاب تېپىشنى خالامسىز؟
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كىتابخانىلىرى تاقىلىپ قېلىش خەۋپى ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش يەنىلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىدۇر. بۇ بىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بۇرچىمىز بولۇپ، ساۋابى ئىبادەت بىلەن تەڭدۇر. چۈنكى، ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەر ئىچىدە ئىسلامدىن ئىبارەت بىرلا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ھەممىسى مۇسۇلمان سانىلىدىغان يېگانە مىللەتتۇر. ھەمدە بۇ مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستانمۇ ئىسلام دىيارىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. شۇڭا بۇ مىللەتنىڭ ئۆز دىنىنى ئۆگىنىشى، مىللىي مىراسلىرىنى قوغدىشى، ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى، ھەر تەرەپتىن ئۆگىنىپ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشى، پەرزەنتلىرىگە ئۆز ۋەتىنىنى تونۇتۇشى، ئانا تىلىنى ئۆگىتىشى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى يولىدا بېسىلغان ھەربىر قەدەم جىھاد ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىشلار ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى قازاندۇرىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلماننى ۋە مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى بارلىق ھەرىكەتلەر دىنىمىزدا ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھاد سانىلىدۇ.
شۇڭا دىنىي كىتابلارنى باستۇرۇشقا ۋە مەدرىسىلەرنى ماڭدۇرۇشقا پۇل بەرسە ساۋاب بولىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆگىتىدىغان، ئەجدادىنى، مەدەنىيىتىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، تارىخىنى، جۇغراپىيەسىنى تونۇتىدىغان، دەردىنى ۋە دەۋاسىنى ئاڭلىتىدىغان كىتابلارنى، گېزىت-ژۇرناللارنى نەشر قىلىشقا پۇل بەرسە ساۋاب بولماسمىكىن، دەپ ئويلاش نادانلىق ۋە دىننى چۈشەنمىگەنلىكتۇر.
بىر مۇسۇلمان خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئېتىلغان ھەربىر قەدەمدە جىھادنىڭ ساۋابى بار. شۇڭا مەيلى دىنىي ياكى دىنىي بولمىغان ھەرقانداق كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىغا پايدىلىقلا بولىدىكەن، ئۇ كىتاب قىممەتلىك كىتابتۇر. ئۇنى نەشر قىلىشقا ياردەم قىلىش ساۋابلىق ئەمەلدۇر.
ئىستانبۇلدىكى كىتابخانىلارنى ساقلاپ قېلىش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئىش بولۇپ، كىتاب سېتىۋېلىش ياكى خالىسانە ياردەم قىلىش ئارقىلىق قوللاپ بەرسەك ساقلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر كارىمىز بولمىسا، كىتاب سېتىۋالمىساق ياكى ياردەم قىلمىساق بۇ كىتابخانىلارمۇ بۇرۇنقىلىرىدەك تاقىلىپ قالىدۇ. نەتىجىدە زىيان يەنىلا مىللىتىمىزگە بولىدۇ. بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا ۋىجدانىمىز يول قويارمۇ؟!
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماڭ!
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم بىلەن تونۇشقىنىمغا 38 يىل بولۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن بۇ كىشىنىڭ ياردىمىگە ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ كەلدىم. 1986- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى بىز ئون ئۈچ كىشى قاھىرە شەھىرىگە يېتىپ بارغىنىمىزدا، ئابدۇجېلىل ئەپەندىم بىزنى قىزغىن قارشى ئېلىپ مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە رەسمىيەتلىرىمىز تۈگەپ بىز مەكتەپكە ئورۇنلاشقانغا قەدەر بىر قانچە ئاي بىزگە ئەرەب تىلىدىن دەرس بەرگەن ئىدى. گەرچە مەن ئانا ۋەتەندە ئەرەب تىلى ئوقۇغان بولساممۇ بۇ تىلغا ھېچ ئېچىلالمىغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئابدۇجېلىل ئەپەندىمنىڭ «الملخص في قواعد العربية» ناملىق ئەسەرنى ئۆگىتىشى نەتىجىسىدە ئاز ۋاقىتتا بۇ تىلنى ئۆگىنىپ كەتتىم ۋە ئەزھەر بىلىمگاھىغا ئىمتىھان بېرىپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى سىنىپىغا چىقتىم. ئابدۇجېلىل ئەپەندىم بىزنى يەنىلا تاشلىۋەتمەي ئوقۇتۇپ تۇرغان ۋە ئېھتىياجلىق كىتابلىرىمىزنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئېلىپ بەرگەن ئىدى.
1993- يىلى بىز توققۇز كىشى ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالدۇق. شۇ يىلى ۋەتەنگە بېرىپ ئۇكا-سىڭىللىرىمغا ئىسلام ئەقىدىسىدىن دەرس بەردىم. يازلىق تەتىلنىڭ تۈگىشى بىلەن ئۇلار ھەممىسى مەكتەپلىرىنى باشلىدى، مەن بولسام ئىستانبۇلغا قايتتىم. ۋەتەندە باشلىغان دەرسىمنىڭ داۋامىنى يېزىپ ۋەتەنگە ئەۋەتىدىغان بولۇپ، تەييارلىدىم، ئاندىن ئابدۇجېلىل ئەپەندىمگە بىر دەپتەر ھالىتىدە تاپشۇرغىنىمدا، ئۇ كىشى دەپتەرنى ئوقۇپ چىقىپ، «بۇ ئوبدان بىر كىتاب بولۇپ قالغۇدەك» دېدى ۋە ماڭا ئۇنى تولۇقلاپ كىتاب قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە «ئىسلام ئەقىدىلىرى» ناملىق ئەسەرنى يازغان بولدۇم. شۇ ئەسەرنىڭ نەشردىن چىقىشى بىلەن ئۆزۈمگە تولۇق ئىشەندىم ۋە ئەسەر يېزىشنى توختاتمىدىم. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھازىرغىچە 31 ئەسىرىم نەشر قىلىنغان بولسا، مەن ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا، ئاندىن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمگە قەرزدارمەن.
«تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق 10 توملۇق تەپسىر ئەسىرىمنىڭ روياپقا چىقىشىدىمۇ ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ چوڭ رولى ۋە ئەجرى بار. چۈنكى، مەن 2002- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىگە دىكتور بولۇپ كىرگىنىمدە، كۈنلۈك ئاڭلىتىشنىڭ بېشىدىكى «قۇرئان كەرىم تەپسىرى» ناملىق پروگراممىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان ۋە شۇ كۈنىدىن باشلاپ كۈندە 15 مىنۇتلۇق تەپسىر پروگراممىسى ھازىرلاشنى باشلىۋەتكەن ئىدىم. شۇ چاغدا ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم ماڭا «التفسير الواضح» ناملىق تەپسىرنى ئەۋەتىپ بەردى ۋە شۇ تەپسىردىن پايدىلىنىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. تەپسىر پروگراممىسى تەييارلاشنى شۇ تەپسىردىن باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىلاسسىك ۋە زامانىۋى تەپسىرلەردىن 15 تەپسىرنى ئاساس قىلىپ، 14يىلدا 10 توملۇق «تەپسىر جەۋھەرلىرى»نى تاماملاپ چىقتىم، ئاندىن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم ئۇنى تۆت نۇسخىدىن كۆپەيتىپ، قازاقىستان، مىسىر، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۆلىما قېرىنداشلارغا، ئاندىن تىلشۇناسلارغا ئەۋەتىپ ئوقۇتۇپ بەردى. ھازىرمۇ ماڭا قانداق ماۋزۇلاردا كىتاب يېزىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپلىرىنى بېرىپ كەلمەكتە.
مەن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ ماڭا قىلغان بۇ ياخشىلىقلىرى ۋە ياردەملىرى ئالدىدا، ئۇنىڭغا «ئاللاھ رازى بولسۇن!» دېيىشتىن گۈزەل بىرەر سۆز تاپالمايمەن. ئەمەلىيەتتە، «ئاللاھ رازى بولسۇن» دېگەن سۆز چىن يۈرەكتىن ئېيتىلسا بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي سۆز ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ سىزدىن رازى بولغاندا سىزنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ھەممە ئىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دېگەنلىكتۇر.
ئاخىردا، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمگە ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا زور تەن ساقلىقى، بەرىكەتلىك ئۆمۈر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت تىلەيمەن.

