ناماز ۋاقىتلىرىنى بايان قىلغان ئايەت

ناماز ۋاقىتلىرىنى بايان قىلغان ئايەت

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى تەپسىر جەۋھەرلىرىدىن)

 

توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ بايانى


 ﴿ فَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطۡغَوۡاْۚ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ ١١٢ وَلَا تَرۡكَنُوٓاْ إِلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ فَتَمَسَّكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ ١١٣ وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَيِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِۚ إِنَّ ٱلۡحَسَنَٰتِ يُذۡهِبۡنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ ذَٰلِكَ ذِكۡرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ ١١٤ وَٱصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ١١٥ ﴾

 

 تەرجىمىسى

112 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) راۋۇرۇس بولغىن، سەن  بىلەن بىرلىكتە تەۋبە قىلغانلارمۇ (شۇنداق بولسۇن). چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

113 _ زالىملارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر، ئاندىن سىلەر ھېچبىر ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.

114 _ كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ ( كۈندۈزگە) يېقىن ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن.  شەكسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ ئىبرەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن بىر نەسىھەتتۇر.

115 _ (ئى پەيغەمبەر!) چىداملىق بولغىن. چۈنكى، ئاللاھ (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.

بۇ ئايەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇيرۇغان: ﴿(ئى پەيغەمبەر!) بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) راۋۇرۇس بولغىن﴾ دېگەن ئەمرى ئالدىنقى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان قىسسىلەردىن ئېلىنغان ئىبرەت ۋە ئۈگۈتلەرنىڭ ئاساسلىق مېۋىسى ۋە خۇلاسىسىدۇر. چۈنكى، بۇ قىسسىلەردىن بىلدۇقكى، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلنىڭ نەتىجىسى نۇسرەت ۋە غەلىبە بولغىنىدەك، كۇفرى ۋە گۇناھ _ مەئسىيەتنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر.

تەپسىرى

 ئى پەيغەمبەر! سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەر دىندا ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاندەك مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇڭلار!

ئېنىقكى، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇپ، توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش دېگەن «قۇرئان كەرىم» دە ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن قەلبىدىن ئىشىنىش، دىندا بۆلۈنمەسلىك، دىننىڭ ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىش، «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە بۇيرۇلغان ئىبادەت، مۇئامىلە، ئەخلاق قاتارلىقلارغا ئەمەل قىلىپ جايىدا ئورۇنداش، پۈتۈن ئەمەللەرنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتكەنلىرىگە ئۇيغۇن قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ فَإِن تَنَٰزَعۡتُمۡ فِي شَيۡءٖ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ وَأَحۡسَنُ تَأۡوِيلًا ٥٩ ﴾ يەنى ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، _ سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، _ بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەڭ گۈزەلدۇر﴾([1]).

دىندا مۇستەھكەم بولۇش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇيرۇلغىنىدەك ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسا ۋە ھارۇن قاتارلىق پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇلغان ۋە غەلىبىنىڭ كاپالىتى بولغان ئەمەلدۇر. ﴿ قَالَ قَدۡ أُجِيبَت دَّعۡوَتُكُمَا فَٱسۡتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَآنِّ سَبِيلَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ ٨٩ ﴾ يەنى ﴿ ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار﴾([2]). ﴿ إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ تَتَنَزَّلُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَبۡشِرُواْ بِٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ ٣٠ نَحۡنُ أَوۡلِيَآؤُكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَشۡتَهِيٓ أَنفُسُكُمۡ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ ٣١ نُزُلٗا مِّنۡ غَفُورٖ رَّحِيمٖ ٣٢ ﴾ يەنى ﴿شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن (شۇ ئىمانىدا) مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن ھازىردۇر. (بۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن (سىلەر ئۈچۈن) تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ﴾([3]).

 دىندا مۇستەھكەم بولۇش دېگەن دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتلىققا تولۇق تەتبىق قىلىشتۇر. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرلەر، سالىھلار ۋە شېھىتلار بىلەن بىللە بولىدۇ. سۇفيان سەقەفىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «يارەسۇلۇللاھ! ماڭا ئىسلامدىن بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغان بولسىلىكەن» دەپ ئىلتىجا قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «قُلْ: آمَنْتُ بِاللهِ، ثُمَّ اسْتَقِمْ» يەنى «‹ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم› دېگىن، ئاندىن توغرا يولدا راۋۇرۇس بولغىن»([4]) دېگەن.

ئى پەيغەمبەر! سەن ۋە ساڭا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر دىندا مۇستەھكەم بولۇڭلار. بۇ رەببىڭلارنىڭ ئەمرىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىندا شۇنچىلىك مۇستەھكەم تۇرسىمۇ يەنە ئۇنى مۇستەھكەم بولۇشقا بۇيرۇشتىن مەقسەت ئۇنى داۋاملىق شۇنداق قىلىشقا ئۈندەش ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈندۇر.

چەكتىن ئاشماڭلار، دىندا ئاشقۇنلۇق قىلماڭلار، ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىڭلار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى تولۇق كۆرۈپ تۇرىدۇ. چەكتىن ئېشىپ كېتىش دېگەن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» دە سىزىپ بەرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن تەتبىق قىلغان ئىسلام يولىدىن چەتنەپ كېتىش، توغرىلىقتىن چىقىپ كېتىش دېگەنلىكتۇر.

ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش دېگەن ئوڭ ياكى سولغا قىلچىلىكمۇ مايىل بولۇپ كەتمەي توپتوغرا بولۇش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى، بەزىدە ئىككى زىت نەرسىنىڭ ياكى ئىككى قارشى نەرسىنىڭ ئارىسىدىكى پاسىل ئىنتايىن ئىنچىكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ﴿ فَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ ﴾ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغاندا، بۇ ئايەت ساھابىلەرگە ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «شَيَّبَتْنِي هُودٌ وأخواتها» يەنى «مېنى ھۇد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈرىلەر قېرىتىۋەتتى»([5]) دېگەن. ناۋادا ئاللاھ تائالا ﴿ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُمۡ ﴾ يەنى ﴿سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار﴾[6] دېگەن ئايەتنى نازىل قىلمىغان بولسا، مۇسۇلمانلار كۆپ جاپاغا قالغان بولاتتى. خۇلاسە قىلغاندا، توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش دېگەنلىك ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىغا ئەمەل قىلىشتا ھېچقايسى تەرەپكە قىلچىلىكمۇ مايىل بولۇپ كەتمەسلىك دېگەنلىكتۇر»[7].

سىلەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان، ئۆز ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلغان زالىملارغا مايىل بولماڭلار، ئۇلارغا مايىل بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىش زۇلۇمدا ئۇلارغا شېرىك بولغانلىق بولۇپ، ئايرىم بىر زۇلۇمدۇر. زالىم كاتتىباشلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، راست سۆزنى قىلماسلىق، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشتىن ئىبارەت پەرزنى تەرك ئېتىش ۋە دىننىڭ بەزى چەكلىمىلىرىدىن چەتنەپ كېتىش ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغانلىقتۇر.

ئاللاھ تائالا بىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم بولۇشقا، ھەر ئىشتا چىداملىق بولۇشقا بۇيرىدى. ھەقىقەتكە قارشى چىقىشتىن، شەرىئەتنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كېتىشتىن، زالىملارغا مايىل بولۇشتىن، ئۇلاردىن مەدەت تىلەشتىن توستى. بۇ ئىشلار ئىمانى مۇستەھكەم بولمىغانلارغا ناھايىتى ئېغىردۇر. چۈنكى، ئىمانى سۇس كىشىلەرنىڭ دىللىرى مۇنداق ياخشى ئىشلارغا تەييار ئەمەس.

﴿ وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَيِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِۚ...﴾ يەنى ﴿كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ (كۈندۈزگە) يېقىن ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن﴾[8]. مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ئايەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر سەئدىي مۇنداق دېگەن: «مەزكۇر ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿طَرَفَيِ النَّهَارِ﴾ دېگەن قىسمى بامدات، پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئايەتنىڭ ﴿وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ دېگەن قىسمى شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ»[9].

  بەزى مۇپەسسىرلەر ئايەتنىڭ ﴿طَرَفَيِ النَّهَارِ﴾ دېگەن قىسمىدىن پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى، ﴿ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ دېگەن قىسمىدىن بامدات، شام ۋە خۇپتەن قاتارلىق ئۈچ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چۈنكى، «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى»دىن مەقسەت پېشىن بىلەن ئەسىر ۋاقتىدۇر.  ﴿ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ دېگەن ئايەتتىكى ﴿ زُلَفًا ﴾ دېگەن سۆز «زُلْفَةً» ۋە «زُلْف» دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك  شەكلى بولۇپ، ئەرەب تىلىدا كۆپلۈكنىڭ ئەڭ ئاز سانى ئۈچتۇر، يەنى ئۈچتىن ئاز نەرسىگە كۆپلۈك ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇڭا ﴿ زُلَفًا ﴾ دېگەن سۆز بامدات، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت ئۈچ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

   ئەمدى بۇ يەردە، ﴿وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ يەنى «كېچىنىڭ (كۈندۈزگە) يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دېگەن ئايەت قانداق بولۇپ، بامدات، شام ۋە خۇپتەننىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ؟ دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن، . بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، كۈندىلىك نامازلارنىڭ بىرىنچىسى پېشىندۇر، يەنى كۈندۈزنىڭ نامىزى پېشىندىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، جىبرىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شۇنداق ئۆگەتكەن ۋە ئىككى كۈن ئۇنىڭغا ئىمام بولۇپ يۇقىرىقى ناماز ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىپ قويغان. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس تۆۋەندىكىچە:

  ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئابباس ردزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت نەقىل قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىل كەئبىنىڭ يېنىدا ماڭا ئىككى قېتىم ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى. بىرىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئاياغنىڭ بوغۇچىدەك بولغاندا ئوقۇدى، ئەسىرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، شامنى كۈن پاتقان ۋە روزا تۇتقان كىشى ئىپتار قىلىدىغان چاغدا ئوقۇدى، خۇپتەننى شەپەق يوقالغاندا ئوقۇدى، بامداتنى تاڭ يورۇپ، روشا روزا تۇتقۇچىغا يېمەك-ئىچمەك مەنئى قىلىنىدىغان چاغدا ئوقۇدى. ئىككىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويىغا تەڭ كېلىدىغان كەلگۈدەك بولغان چاغدا، يەنى بىرىنچى قېتىم ئەسىرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، ئەسىرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوخشىشىغا تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، شامنى يەنە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەن ۋاقىتتا ئوقۇدى، بامداتنى ئەتراپ ئاقارغاندا ئوقۇدى، ئاندىن ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى: ‹مانا بۇ، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقىتلىرىڭ مۇشۇلارنىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىدۇر›».

 دېمەك، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بەش ۋاخ نامازنىڭ ئادا قىلىنىش ۋاقىتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەلگىلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جىبرىلنى ئەۋەتىپ، نامازلارنى قانداق ئادا قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن.  

  ناماز پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ بېشى. ئۇ بەندە بىلەن  تائالانىڭ ئوتتۇرىسىنى باغلايدىغان، نەپسنى پاكلايدىغان، روھنى يۈكسەلدۈرىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان ئەمەلدۇر. ناماز يەنە دىننىڭ بېشى. ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش دىننى تۇتقانلىقتۇر، ئۇنى تەرك ئېتىش دىننى تەرك ئەتكەنلىكتۇر.

ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇكەممەل ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. ﴿ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱسۡتَعِينُواْ بِٱلصَّبۡرِ وَٱلصَّلَوٰةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ ١٥٣ ﴾ يەنى ﴿ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سەۋر ۋە ناماز بىلەن ياردەم تىلەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر﴾ ([10]).

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. مۇسۇلمانلار ئەقىدە، ئەخلاق، ئىبادەت، مۇئامىلە قاتارلىق پۈتۈن ئىشلاردا ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشكە بۇيرۇلغان.

2. ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن شەرىئەتتىن چەتنەپ كېتىش ئۆزىنى جازاغا تۇتقانلىق ۋە ئازغۇنلۇقتۇر.

3. «قۇرئان كەرىم»دە بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆگەتكەن.

4. ناماز ۋاقتىغا رىئايە قىلىش پەرزدۇر. ئۆزرىسىز تۇرۇپ نامازنى قازا قىلىش گۇناھتۇر.

5. ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن يامانلىقلار ئۆچۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ إِنَّ ٱلۡحَسَنَٰتِ يُذۡهِبۡنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ ﴾ يەنى ﴿شەكسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ﴾([11]) دېگەن.

6. چىدامچانلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش ئەڭ ياخشى ئەمەللەردىن سانىلىدۇ.

([1]) نىسا سۈرىسى:59 _ ئايەت.
([2]) يۇنۇس سۈرىسى:89 _ ئايەت.
([3]) فۇسسىلەت سۈرىسى:30 _ 32 _ ئايەتلەر.
([4])«صحيح مسلم» 1- توم، 65-بەت، 38-ھەدىس.

 
([5]) «حلية الأولياء» 4- توم، 350-بەت.
[6] تەغابۇن سۈرىسى: 16- ئايەت.
[7] «تفسير الشعراوي» 11- توم، 6707 – بەت.
[8] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.
[9] «تيسير الكريم الرحمن في تفسير كلام المنان» 389- بەت.
([10]) بەقەرە سۈرىسى:153-ئايەت.
([11]) ھۇد سۈرىسى:114-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار