
مۇئمىنلەرنىڭ ئىككى چوڭ قورالى
مۇھەممەد يۈسۈپ
رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا مىڭلارچە شۈكرىكى، بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىككى ئالەملىك خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق يولىغا يېتەكلىدى. بىز مۇسۇلمانلار پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتە بەزى مىللەتلەردىن ئارقىدا بولساقمۇ، ئىمانىمىز بىلەن ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ بايمىز. مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ سەۋەبتىن ئىبارەت بىرلا قورالى بولسا، بىزنىڭ دۇئا ۋە سەۋەبتىن ئىبارەت ئىككى قورالىمىز بار.
ئىسلام ئۈممىتى دۇئا بىلەن سەۋەبتىن ئىبارەت ئىككى قورالغا تەڭلا ئەھمىيەت بېرىشكە بۇيرۇلغان. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە، شۇنداقلا تارىخىي ئەسەرلەردە مۇئمىنلەرنىڭ دۇئا بىلەن سەۋەبكە تايىنىپ تالايلىغان مەغلۇبىيەتلەردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىغا دائىر قىسسىلەر بايان قىلىنغان. ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدر ئۇرۇشىغا ئۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان بارلىق تەييارلىقنى قىلغان، قولىدىن كەلگەن سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇش مەيدانىدا ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ماڭا قىلغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن، ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن ئىسلام ئەھلىدىن بولغان بۇگۇرۇھنى ھالاك قىلىۋەتسەڭ، يەر يۈزىدە ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەم قالمايدۇ» دەپ دۇئا قىلغانلىقى، نەتىجىدە يېنىدىكى 314 كىشىلىك ئازغىنە قوشۇن بىلەن بىر مىڭ كىشىلىك مۇشرىكلار قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.
نۆۋەتتىكى خىتاي ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىلكىدە بولغان ئىككى قورال دۇئا بىلەن سەۋەب بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى قىلالمايدىغان مۇسۇلمان يوقتۇر. تەلەپ ناھايىتى ئاددىي، ئەمما ناھايىتى مۇھىم.
بىرىنچى قورال: دۇئا
قُلْ مَا يَعْبَأُ بِكُمْ رَبِّي لَوْلَا دُعَاؤُكُمْ يەنى «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ» دېگەن ئايەت دۇئانىڭ ئەھمىيىتىنى ئىخچام ھالدا بايان قىلغان بولۇپ، دۇئانىڭ چوقۇم ئىشقا يارايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان. ئاللاھ تائالا يەنە ئوچۇق قىلىپ:ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ يەنى «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دېگەن. ئاللاھ تائالا يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن قۇتقۇزغان. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان سەۋەب ۋە چارىلەر تۈگىگەن، پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى باشقا ياردەم كەلمەيدىغان بىر ھالقىلىق پەيتتە چىن قەلبى بىلەن ئىلتىجا قىلىپ: لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ يەنى «(ئى رەببىم!) سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن (بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن راستتىنلا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ سەمىمىي دۇئا قىلغان ئىدى. بۇ ئايەتتە دۇئانىڭ ئەدەپلىرىگە ئىشارەت بار. چۈنكى بۇ ئايەتتە، يۇنۇنس ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تەۋھىد ئەقىدىسىنى جاكارلىغان، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ زالىم ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ بېلىقنىڭ قارنىدا قالغانلىقىنىڭ ئۆز گۇناھىدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ئاندىن گۇناھىغا تەۋبە قىلغان. مۇشۇ تەرىقىدە دۇئا قىلغان ئادەم ئەگەر دۇئاسىدا سەمىمىي بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ.
دۇئانىڭ ئەدەپلىرى
1. دۇئانى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش بىلەن باشلاش. ئاندىن ھاجەتلىرىنى سوراش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئوقۇمىغانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ ئالدىراپ كەتتى» دېگەن، ئاندىن ساھابىلارغا مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: «سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلغىنىڭلاردا، ئاۋۋال ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغان دۇئالىرىڭلارنى قىلىڭلار»( ). دۇئانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش بىلەن ئاخىرلارشتۇرۇش ئەۋزەلدۇر.
2 . ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم- سۈپەتلىرىنى، كىشى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش. «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئۇنى شۇلار بىلەن چاقىرىڭلار»( ).
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ: اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِاَنِّي اَشْهَدُ اَنَّكَ أَنْتَ اللَّهُ لاَإِلَهَ إَلاَ أَنْتَ الأَحَدُ الصَّمَدُ الَّذِي لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُواً أَحَدٌ يەنى «ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ھەممە ساڭا مۇھتاج بولغان، پەرزەنتكە ۋە ئانىغا مۇھتاج بولمىغان، ھېچكىم ساڭا تەڭداش بولمايدىغان يەككە - يېگانە ئىلاھسەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئادەم ئۇنىڭ بىلەن نېمە سورىسا بېرىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن قىلغان دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم (ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىسمى) بىلەن دۇئا قىلدى»( ).
3. كىشى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش. ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئۆڭكۈردىكى ئۈچ كىشى» نىڭ قىسسىسىنى رىۋايەت قىلغان بولۇپ، قىسسىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئۈچ نەپەر ئادەم يولدا كېتىۋاتقىنىدا ئۇشتۇمتۇت قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، ئۇلار بىر ئۆڭكۈرگە كىرىۋالىدۇ، تاغ ئۈستىدىن بىر يوغان تاش دومىلاپ چۈشۈپ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋالغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلار ئۆڭكۈر ئىچىگە سولىنىپ قېلىپ چىقىپ كېتىشكە ھېچقانداق چارە قالمىغاندا، ئۇلاردىن ھەر بىرى ئۆزىنىڭ خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئاللاھقا كامالىي ئىخلاسى بىلەن دۇئا قىلغىنىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ئېچىلىدۇ ۋە ھەممىسى سالامەت چىقىپ كېتىدۇ( ).
4. دۇئا قىلغاندا قىبلىگە قاراپ، قولىنى كۆتۈرۈش ۋە دۇئادىن كېيىن قولى بىلەن يۈزىنى سىپاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئانى قىبلىگە قاراپ قولىنى كۆتۈرگەن ھالدا قىلغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ. مەسىلەن: ئەبۇ ھەمىد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابەلىرىگە ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان مالنى يېيىشنىڭ قاتتىق ھاراملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى قولىنى قولتۇقلىرىنىڭ ئاق تۈكلىرى كۆرۈنگىچىلىك ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ‹ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولغىنكى، كۆزۈم كۆرگەن ۋە قۇلىقىم ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىنى تولۇق يەتكۈزدۈم› دېگەن»( ).
5. دۇئادا ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرمەسلىك، بەلكى ئاشكارىلىق بىلەن مەخپىلىك ئوتتۇرىسىدا كۆتۈرۈش. «رەببىڭلارغا تـۆۋەنچىلىك بىلەن ئىچىڭلاردا دۇئا قىلىڭلار»( ) دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئىمام قۇرتۇبىي بۇئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرىنچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارنى دۇئا قىلىشقا بۇيرىغانلىقى، ئىككىنچىسى، دۇئانى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرغان ۋە يېلىنغان ھالدا قىلىشنىڭ لازىملىقى، ئۇچىنچىسى، دۇئانى رىيادىن يېراق بولۇش ئۈچۈن مەخپى قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر»( ).
6. دۇئادا قاپىداش سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى دۇئا دېگەن چىن قەلب قاتلىرىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ئېتىلىپ چىقىدىغان سەمىمىي ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە ئېسىللىكى بىلەن قەتئىي ھېسابلاشمايدۇ. تىل پەقەت قەلبتىكىنى تەرجىمە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. دۇئانى قاپىلاشتۇرغاندا، كۆڭۈل سۆزلەرنىڭ تىزىلمىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغانلىقتىن، دۇئادىكى سەمىمىيەت ۋە چىن ئىخلاس يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ: «رەببىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىچىڭلاردا دۇئا قىلىڭلار. ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ» دېگەن سۆزىدىكى «ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەر» دېگەن جۈملىنى «دۇئانى قاپىلاشتۇرغانلار» دەپ تەپسىر قىلغان.
7. دۇئا قىلغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىگە، ئاندىن باشقىلارغا دۇئا قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا دۇئا تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن بولغان بولىدۇ، ھەزرىتى ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىگە دۇئا قىلىپ قالسا ئالدى بىلەن ئۆزىگە دۇئا قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇ كىشىگە دۇئا قىلاتتى»( ).
8. دۇئا قىلغاندا ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلىش، يامانلىق ياكى گۇناھ ئىشنى تىلىمەسلىك لازىم. بەزى كىشىلەر ئاچچىغىم كەلدى دەپ ئۆزى ياكى باشقىلارنى قارغاپ بەتدۇئا قىلىپ سالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا - چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلارنىڭ، بالىلىرىڭلارنىڭ ۋە مال – مۈلكۈڭلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلماڭلار. ئاللاھتىن سورىسىلا بېرىدىغان بىر ۋاقىت بولۇپ، دۇئايىڭلار شۇ ۋاقىتقا ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ سىلەرگە ئىجابەت بولۇپ قالمىسۇن»( ).
9. دۇئا قىلغاندا قاشاڭلىق بىلەن ئارقا ـ ئارقىدىن قايتا - قايتا تىلەش، دۇئانىڭ ئاخىرىدا «ئامىين» دەپ ئاياغلاشتۇرۇش. ئەبۇ مۇسبەھىل مەقرائىي ئەبۇ زۇھەير ئەلنەمرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سىرتقا چىققان ئىدۇق، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىۋېتىپ ئۇنى قايتىلاۋاتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ دۇئاسىنى تىڭشاش ئۈچۈن توختىدى، ئاندىن ‹ئەگەر ئۇ كىشى دۇئاسىنى تاماملىسا، دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ› دېدى. ھەمراھلىرىمىزدىن بىرسى: ‹نېمە بىلەن تاماملايدۇ؟› دەپ سوراپ قالدى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئامىين› بىلەن تاماملايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى دۇئاسىنى «ئامىين» بىلەن تاماملايدىگەن، ئۇنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ» دېدى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىغان ھەمراھىمىز ھېلىقى دۇئا قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئى پالانى! دۇئايىڭنى ‹ئامىين› بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ› دېدى»( ).
10. دۇئادا سورىغانلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ ئېيتىش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغىنىدا ئاللاھ تائالادىن سورىغانلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ سورايتتى»( ) دەپ كەلگەن.
ئىككىنچى قورال: سەۋەب
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھەممىنى قىلىپ بېرىىشكە قادىر تۇرۇقلۇق، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سەۋەبلەرگە باغلىغان، ئىنسانلارنىڭ ۋە جىمى جانلىقلارنىڭ رىزقىنى يالغۇز ئۆزى بېرىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى شۇ رىزىقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلەشكە ۋە سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇغان. دۇنيا سەۋەب دۇنياسى. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ: «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» دېگەن.
ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى تىلىگەن ئادەم ئۆزىنى جەننەتكە كىرىشكە سالاھىيەتلىك قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، دوزاختىن پاناھ تىلىگەن ئادەم دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈشكە، رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى ۋە پېقىرلىقتىن قۇتۇلۇشنى تىلىگەن ئادەم رىزىق دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى ئەمگەك ئاچقۇسى بىلەن ئېچىشقا، ئاغرىق-سىلاقتىن، بالا-قازادىن ساقلىنىشنى تىلىگەن ئادەم ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ چارە ۋە تەدبىرلىرىنى قىلىشقا، كېسەلدىن ساقىيىشنى تىلىگەن ئادەم ئۇنىڭ شىپاسىنى ئىزدەشكە بۇيرۇلغان.
دۇئا مەقسەتكە يېتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇش ۋە يوللىرىنى يورۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ.
سەۋەبكىلا چوقۇنۇپ كېتىپ ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ كېتىش توغرا بولمىغاندەك، دۇئاغىلا يۆلىنىپ سەۋەبتىن بىھاجەت بولۇشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئالدىنقىسى، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقانلىق، كېيىنكىىسى، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دېگەنلىكتۇر.
نۆۋەتتىكى خىتاي ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تەۋسىيە قىلغان ئىشلارنى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئورۇنداش شەرتتۇر. تېببىي تەۋسىيەلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ياكى تولۇق ئەمەل قىلماسلىق ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھالاكەتكە ئاتقانلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا كەچۈرۈلمەس جىنايەتتۇر.
ئەگەر بىز مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىكى ئۈلگىلىك كىشىلەردەك، ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، ھازىر بىز ۋىرۇستىن قورققاندەك ئاللاھ تائالادىن قورققان بولسا ۋە ھازىر ۋىرۇستىن قورقۇپ تازىلىق قىلغاندەك تازىلىق قىلىدىغان بولساق، بۇنداق قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلەرگە ئۇچرىمىغان بولار ئىدۇق. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلارنى تولۇق بىلىدىغان زات تەرەپتىن كەلگەن دىن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا ھەرقانداق بىر مۈشكىلىنىڭ چارىسى، ۋە ھەرقانداق بىر كىرىزىسنىڭ چىقىش يولى بار.
ھازىر مۇشۇ كۈنلەردە بىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا چىن كۆبىلىمىزدىن يالۋۇرۇپ ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلىشىمىز، ئىبادەتلەرنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك مۇكەممەل ئورۇنداشقا تىرىشىشىمىز ۋە تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز قاتارلىق ئىشلىرىمىز بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىۋاتقانلىقىمىزنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئەسلىدە بىز ھەمىشە مۇشۇنداق بولۇشىمىز كېرەك ئىدى.
مەجبۇرىي دەم ئېلىشتىكى بوش ۋاقىتنى ئائىلە ئەزالىرىمىز بىلەن بىللە خۇشال ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز بىز ئۈچۈن تولىمۇ ياخشىدۇر. مەسىلەن: ھەربىر ناماز ۋاقتىدا ئائىلە ئەزالىرىنى چوڭ-كىچىك دېمەي ھەممىسىنى جاينامازغا تىزىپ، نامازنى ئۇلار بىلەن بىللە ئوقۇش، ئاندىن بىللە دۇئا قىلىش، بىللە قۇرئان ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش، ياخشى قىسسىلەرنى نۆۋەتلىشىپ سۆزلەپ چىقىش نېمىدېگەن ياخشى!
ھازىر ئەتىگەندە ئىشقا بېرىش بولمىغاچقا بامدات نامىزىدىن كېيىن جاينامازدا كۆپرەك ئولتۇرۇپ، كۈن چىققاندىن كېيىن ھەممە بىرلىكتە چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ دۇئا قىلىش، ئاندىن خۇشاللىق ئىچىدە بىللە ناشتا قىلىش، ناماز شامدىن ناماز خۇپتەنگىچە جاينامازدا ئولتۇرغان بويىچە بىرلىكتە قۇرئان ئوقۇش نېمىدېگەن ياخشى!
جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئامىن.

