سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قورقايلى!

 

سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قورقايلى!

 

«ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە»

− ئۇيغۇر خەلق ماقالى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمە. چۈنكى، قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ»[1] دەپ تەلىم بەرگەن. ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن، راستچىل گۇۋاھچىلار ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان ھەرقانداق ئىش ھەققىدە «بىلىمەن» ياكى «شۇنداق» دېيىش ھېسابىنى بېرىپ بولغىلى بولمايدىغان ئېغىر مەسئۇلىيەتتۇر. چۈنكى، ئۇ ئىش ناۋادا دېيىلگەندەك بولماي قالسا، يالغان بولىدۇ. ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھېسابى بار. بەزىدە بىر سۆز جەننەتكە ئېرىشىشكە سەۋەب بولۇپ قالسا، بەزىدە بىر سۆز دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ھەر سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سورىقى بار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان ئۆزى ھېس قىلماستىن شۇنداق بىر سۆزنى دەپ سالىدۇكى، ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاچچىقتا ئۆزىنى تۇتالماي بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى «قارا خوتۇننىڭ بالىسى» دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى غەزەپتىن تاتىرىپ كەتكەن ۋە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى: «سەن جاھىلىيەتنىڭ ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئادەم ئىكەنسەن» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئۆزرە تىلەش ئۈچۈن مۇبارەك يۈزىنى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاپىنى ئاستىغا قويماقچى بولغان.

بىر قېتىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر ئادەمنى كۆرۈپ:

‐ قارىسىلا، ماۋۇ ئادەم ئەجەب پاكاركىنا! ‐ دەپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ:

‐ «ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭىز، دەرھال تەۋبە قىلىڭ!» ‐ دېگەن.

ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ھوشيار ۋە مەسئۇلىيەتچان ئىدى، شۇنداق ئېھتىيات قىلاتتى، ئاللاھ تائالادىن بەك قورقاتتى. ئەمدى بىزگە نېمە بولدى؟ بىر قىسىم كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەپ، خاتالىقلىرىغا تۈزىتىش بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان ئۆلىمالارنى، خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ۋەتەن دەۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى دېتىغا ياقمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ھەر خىل ھاقارەتلەر بىلەن تىللىسا، بۇنىڭ سورىقى يوقمۇ؟ ئاللاھ تائالا بۇنى بىلمەمدۇ؟ ھېسابىنى سورىمامدۇ؟ يەنە كېلىپ تارىختىن بېرى ئادەم تىللايدىغانلار، كىشىلەرگە ھاقارەت قىلىدىغانلار، ياخشىلارنى سۆكىدىغانلار ئازغۇنلۇقنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن بولسا، سەۋرچانلىق بىلەن چىرايلىق نەسىھەت قىلىدىغانلار ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلار ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، ئىسلام تارىخىنى ئوقۇڭ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ئوقۇڭ. چۈنكى، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئىسلاھاتچىلارنى تىللىغانلار پەقەت ئازغۇنلار تەبىقىسىدىكىلەر بولۇپ كەلدى. ئەينى چاغدا پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى «گېپىنىمۇ ئۇقتۇرالمايدىغان پەس ئادەم» دېگەن بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام: «مەن ساڭا رەببىمنىڭ ئەلچىسىمەن» دەپ چىرايلىق جاۋاب بەرگەن. ئۆز ۋاقتىدا ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئەبۇ لەھەب ۋە ئەبۇجەھل قاتارلىقلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، بارلىق ياخشىلىقنىڭ نەمۇنىسى ۋە گۈزەل ئەخلاق ئابىدىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ساراڭ»، «سېھىرگەر»، «يالغانچى» دېگەن قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. ئەمما، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ھېچبىرىنى تىللىمىغان. كاپىرلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىرى بولغان ئۇلۇغ ساھابىلەرگىمۇ ئازغۇنلار، ئەقىلسىزلەر، يالاڭتۆشلەر دېگەندەك ھاقارەتلەرنى قىلغان. ئەمما، ئۇلار «سىلەرگە ھىدايەت تىلەيمىز» دەپ يولىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاخىر شۇلار غەلىبە قىلغان.

يەنە بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشقا پېتىنالمايدىغان، ئەمما پەردە ئارقىسىدا توختىماي ئادەم تىللايدىغان تور قەھرىمانلىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار بىر ئوچۇم توخۇ يۈرەكلەر بولۇپ، «كىملىكىمىز نامەلۇم بولغاندىن كېيىن، ھېچكىم بىزگە چېقىلالمايدۇ، بىزدىن ھېساب ئالالمايدۇ» دەپ ئېغىزىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىدۇ؛ كېچە - كۈندۈز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ غېمىنى يەۋاتقان تەشكىلات مەسئۇللىرىنى، خەلقىمىزنىڭ دىلىغا ئىمان ۋە ئىلىم سېلىش يولىدا جاپا چېكىۋاتقان ئۆلىمالارنى خالىغانچە ھاقارەتلەيدۇ؛ ئۇلارغا خىلمۇخىل تۆھمەتلەرنى توقۇيدۇ؛ قولىدىن كەلگەن يامانلىقلارنىڭ ھەممىنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئىنسانلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالامۇ بىلمەمدۇ؟ ياراتقان زات ئۇلارنىڭ بۇ نامەردلەرچە قىلىقىنى بىلمەي قالامدۇ؟ ئۇلار ئىسمىنى ئەل - جامائەتتىن يوشۇرۇش بىلەن ئاللاھ تائالانى ئالدىيالامدۇ؟ ئىسمى ۋە كىملىكىنى ئاللاھ تائالادىنمۇ يوشۇرۇپ قالالامدۇ؟

بۇنداقلارغا سەمىمىي نەسىھىتىم شۇكى، ئەگەر سىلەردە زەررىچىلىك ئىمان ياكى ئازراق ۋىجدان بولسا، يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمنى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلار!



[1] ئىسرا سۈرىسى، 36 - ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار