ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھادىي» دېگەن ئىسمى ھەققىدە

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھادىي» دېگەن ئىسمى ھەققىدە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتتا بەزى ئىشلار توغرۇلۇق گاڭگىراپ قېلىۋاتامسىز؟ ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى تاللاش ھەققىدە ئىككىلىنىپ قېلىۋاتامسىز؟ ئەقلىڭىز توغرا بىلەن خاتانى ئايرىپ بېرىشكە ئاجىز كېلىۋاتامدۇ؟

ئۇنداقتا، سىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھادىي» (يول كۆرسەتكۈچى) دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ. مەيلى چوڭ ياكى ئاددىي ھەرقانداق بىر ئىشتا توغرا تاللاشقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىنى تىلەڭ. چۈنكى ئىنسان ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ.

 ئاللاھ تائالا «الهادي» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن بەندىلىرىگە ئىماننىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ، بەختلىك ھايات كەچۈرۈشنىڭ يوللىرىنى تونۇتىدۇ، ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ، ھەتتا ئۇچارقانات، ھايۋان ۋە بارلىق جانلىقلارغا ياشاش قانۇنىيىتىنى، ئۆزىنى قوغداش يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ. دېمەك، ھەربىر مەخلۇق ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشىگە موھتاج. وَكَفَى بِرَبِّكَ هَادِيًا وَنَصِيرًا «يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا رەببىڭ يېتەرلىكتۇر» .

دۇنيادا توغرا يولغا يېتەكلىنىشتىن كاتتا نېمەت يوقتۇر. چۈنكى ئىنسان دىن ۋە دۇنيالىق ھەممە ئىشتا توغرا يولدا ۋە توغرا يۆنىلىشتە بولغاندىلا ئۇنىڭ ھەممە ئىشى غەلىبىلىك بولىدۇ. توغرا مەكتەپتە ئوقۇش، توغرا جور تاللاش، توغرا بولغان تىرىكچىلىكنى قىلىش، توغرا جايدىن ئۆي ئېلىش، بالىلارنى توغرا يوسۇندا تەربىيەلەش، ھاياتىنى ئىككى ئالەملىك پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش، ۋاقتىنى ساۋابلىق ۋە مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن تولدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ توغرا يولغا يېتەكلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. يۇقىرىقىلارنىڭ بىرەرسى توغرا تاللانمىغاندا، ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «اَللَّهُمَّ اهْدِنِي وَسَدِّدْنِي» «ئى ئاللاھ! مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە توغرا ئادەم قىلغىن»( ) دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن.

ھىدايەت دېگەن سۆزنىڭ لۈغەتتىكى مەنىسى: يۆنىلىش، توغرا يول تۇتۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئازغۇنلۇقتىن توغرا يولغا، خاتالىقتىن دۇرۇسلۇققا، زىيانلىق ئىشتىن پايدىلىق ئىشقا يۈزلەنگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللى شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «ھىدايەت ئومۇم ۋە خاسلىق ئېتىبارى بىلەن «هداية دلالة وهداية معونة» يەنى (يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت ۋە ياردەم قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت: پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئومۇمىي ھىدايەت بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغىنىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلدى، ئۇلارغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت _ سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەق يولنى ئېنىق بايان قىلىپ كۆرسەتتى ۋە ئۇلارنى شۇ يولغا دەۋەت قىلدى. ئەمما ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ ھەق يولغا ئەگەشكەن بولسا، يەنە بەزىسى بۇ ئىلاھىي دەۋەتنى قوبۇل قىلماي، ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى ئۆزلىرىگە راۋا كۆردى. ئىلاھىي ھىدايەتنى قوبۇل قىلىپ، پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەر «مۇئمىنلەر» دەپ ئاتالدى، بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلماي، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلار «كاپىرلار» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن «مۇئمىن»، «كاپىر»دىن ئىبارەت ئىككى پىرقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سەمۇد (قەۋمى)گە كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى (ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى كۆرمەسلىكنى) ئارتۇق بىلدى. ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى( ).

 ياردەم قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت: مۇئمىنلەرگىلا خاس بولغان ھىدايەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەق دىننى قوبۇل قىلغان مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ، تەقۋادارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھىدايەت تاپقانلارغا ئاللاھ ھىدايەتنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى تەقۋالىققا مۇۋەپپەق قىلىدۇ( )»( ).

ھىدايەت ماھىيەت جەھەتتىن يەنە ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى «هداية توفيق» يەنى (توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت)، يەنە بىرى، «هداية إرشاد» يەنى (توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇش مەنىسىدىكى ھىدايەت)دۇر.

توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش مەنىسىدىكى ھىدايەت: پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولغان ھىدايەت بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم كىشىلەرنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ( ).

ئەمما توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇش مەنىسىدىكى ھىدايەت: پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ھىدايىتى بولۇپ، بۇ ھىدايەت پەيغەمبەرلەرنىڭ قولىدىن كەلگەندەك، ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: شەك _ شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن( ).

 

ھىدايەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنىڭ يولىنى كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگەنلىكىدۇر. وَإِنَّ اللَّهَ لَهَادِ الَّذِينَ آَمَنُوا إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ «شەكسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر» . ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇلارنى بۇ دۇنيادا توغرا يولغا ۋە توغرا ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارنى جەننەتكە باشلايدۇ. وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ يَهْدِ قَلْبَهُ «كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ» . إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ يَهْدِيهِمْ رَبُّهُمْ بِإِيمَانِهِمْ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ «شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۇلارنىڭ ئىمانى يۈزىسىدىن رەببى (جەننەتنىڭ يولىغا) يېتەكلەيدۇ. نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئۇلارنىڭ (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ» .

ئاللاھ تائالا بارچە مەخلۇقاتىنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئېھتىياجىغا ئەڭ مۇناسىپ ۋە پايلىق يوللارغا يېتەكلەيدۇ. رَبُّنَا الَّذِي أَعْطَى كُلَّ شَيْءٍ خَلْقَهُ ثُمَّ هَدَى «بىزنىڭ رەببىمىز ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە خاس) شەكىل (ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت) ئاتا قىلغان، ئاندىن (ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان نەرسىلەردىن پايدىلىنىش يوللىرىغا) يېتەكلىگەن زاتتۇر» .

ئاللاھ تائالا ئەمانى تۈز يولدا مېڭىشقا، ئاڭلىمايدىغانلارنى مەقسەتنى چۈشىنىشكە، ئاجىزنى مۇرادىغا، كىچىك بالىنى ئۆزىگە زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، چۆلدە ئېزىپ كەتكەنلەرنى قۇتۇلۇش يولىغا، ئىزدەنگۈچىلەرنى نەتىجىگە، ئۆلىمالارنى ئىلىم- ھېكمەتكە، مۇجتەھىدلارنى مەسىنىڭ دەلىلىگە، دەۋەتچىلەرنى گۈزەل ئۇسلۇبقا، ئاتا-ئانىنى پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشقا يېتەكلەيدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى تاسادىپيلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، ئەكسىچە، ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتى ۋە يېتەكلىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسىي مۇنداق دەيدۇ: «سەلمۇن بېلىقى ئاتلانتىك ئوكياندىن يولغا چىقىپ، ئامېرىكىدىكى دېڭىزلارنىڭ بىرىدە توختايدۇ ۋە ئۇ جايدا تۇخۇملىرىنى قالدۇرۇپ يەنە ئاتلانتىك ئوكيانغا قايتىپ كېتىدۇ. بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن تۇخۇملاردىن چىققان كىچىك بېلىقلار يۈزلەرگە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئانىلىرىنى تېتىپ بارىدۇ. ئۇلار يولىدىن ئادىشىپ قالمايدۇ. بۇ كىچىك بېلىقلارنى ئانىلىرى بار جايغا كىم باشلاپ قويىدۇ؟ ئۇلارغا يولنى كىم كۆرسىتىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا كۆرسىتىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەردىن بىرى بىر تاشپاقىنىڭ ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغان بولۇپ، تاشپاقا بىر ئۆلۈك چاياننى يەيدۇ، ئاندىن بېرىپ بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ياپرىقىنى يەيدۇ، ئاندىن كېلىپ ھېلىقى چاياندىن ئازراق يەپ بولۇپ، يەنە ئاشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياپرىقىنى يەيەدۇ، يەنە كېلىپ چاياننى يېيىشنى داۋالماشتۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغان كىشى ھېلىقى ئۆسۈملۈكنى قۇمۇرۇپ تاشلىۋېتىدۇ، تاشپاقا ئۆسۈملۈك بار يەرگە كېلىپ ئۇنى ئىزدەيدۇ ۋە تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرئاز تۇرغاندىن ئۆلىدۇ. بۇ تاشپاقىغا زەھەر قايتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكنى كىم بىلدۈردى، ئۇنى يېيىشنى كىم ئىلھام قىلدى؟ شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «ئەل ھادىي» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن بىلدۈردى» .

مەن بالىلىق چاغلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى مومامنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزگەن ئىدىم. مومامنىڭ ناھايىتى يېقىملىق بىر مۈشۈكى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ مۈشۈك تۇغقان ئىدى، ئەمدىلا تۇغۇلغان بۇ ئاسلانلار ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيتتى، ھەممىسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئانىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشتى، ئۇلار تۇرماستىن پۇراپ ۋە ئىزدەپ يۈرۈپ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى تاپتى ۋە ئېمىشكە باشلىدى. مەن ئۇ چاغدا، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىلمەيتتىم. شۇڭا، ئاسلانلارنىڭ بۇ ئىشى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، نورمال ئەھۋالدەك بىلىنگەن ئىدى. ئەمدى، ئويلىسام بۇ تەپەككۇر قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئىكەن. ئاشۇ ئاسلانلارغا ئانىسىنىڭ ئەمچىكىدە ئۇلارنىڭ غىزاسى بارلىقىنى ۋە ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئېمىشنى كىم ئۆگەتتى؟ شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆگەتتى ۋە ئۆزىنىڭ «ئەل ھادىي» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن ئۇلارغا رىزقىنى تېپىش ۋە قوغدىنىش يوللىرىنى كۆرسەتتى.

ئاللاھ تائالا ھىدايىتىنى بەندىلىرىگە ھەر خىل يوللار بىلەن ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يەتكۈزىدۇ. بەزىدە بىرەر ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشنىش، ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، بىرەر ئېغىز ھېكمەتلىك سۆزنى ئاڭلاپ قېلىش، بىراۋنىڭ تەسىرلىك نەسىھىتى، كۈتۈلمىگەن بىرەر ئۆزگىرىش ئىنساننىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا بىر ئىنسانغا ئايلىنىدۇ.

ئۆمەر ئىببى خەتتابنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق قىسسىسى ھەممىگە تونۇشلۇق. ئۇ خۇپيانە ئىمان ئېيتقان سىڭلىسىنى ئەدەپلەش ئۈچۈن قاتتىق غەزەپ بىلەن كىرگەن ئۆيدە تاھا سۈرىسىنىڭ بېشىدىن بىر قانچە ئايەتنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ قېلىپ ئىمان ئېيتقان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا شۇ ئايەتلەرنى سەۋەب قىلغان.

ئاللاھ تائالا بەزىدە تەپەككۇر قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھىدايەت قىلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېچە، ئاي، كۈن قاتارلىق نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن، تەپەككۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھىدايىتى ئاشقان، ئىمانى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَى كَوْكَبًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآَفِلِينَ . فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ . فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَذَا رَبِّي هَذَا أَكْبَرُ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ. إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ «ئىبراھىم كىچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: ›بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر‹ دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، ›مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايمەن‹ دېدى. ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ: ›بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر‹ دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، ›ئەگەر رەببىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇن قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن‹ دېدى. ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: ›بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر، بۇ ھەممىدىن چوڭ ئىكەن‹ دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: ›ئى قەۋمىم! مەن سىلەر (ئاللاھقا) شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلەردىن ئەلۋەتتە يىراقمەن. شەكسىزكى، مەن بارچە باتىل دىنلاردىن يىراق بولۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن‹» .

بىر كۈنى ئاۋازىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر بولغان ناخشىچىلاردىن بىرى سالىھ بىر زاتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالىدۇ. سالىھ زات ئۇنىڭغا: «بالا سېنىڭ ئاۋازىڭ نېمىدېگەن گۈزەل – ھە، كاشكى، سەن بۇ گۈزەل ئاۋازىڭنى قۇرئانغا ئىشلەتكەن بولساڭچۇ» دەيدۇ. بۇ سۆز ناخشىچىغا ئىنتايىن تەسىر قىلىدۇ-دە، دەرھال تەۋبە قىلىدۇ ۋە ھاياتىنى شۇ سائەتتىن باشلاپ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە بېغىشلايدۇ.

ئاللاھ تائالا بەزىدە دۇئا ۋە ئىلتىجانىڭ يۈزىسىدىن توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەللامە ئىبنى تەيمىيە بىر ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، نۇرغۇن تەپسىرلەرنى كۆرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئەڭ توغرىسىنى تاللاشتا كۆپ قىينىلىدۇ، كۆپ ئىزدىنىش سەۋەبلىك بېشى ئايلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەجدىگە بېرىپ كۆپ يىغلايدۇ ۋە «ئى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بىلمىگەنلىرىنى ئۆگەتكەن، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا چۈشەنمىگەنلىرىنى چۈشەندۈرگەن ئاللاھ!» دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن مەزكۇر ئايەتنىڭ ئەڭ توغرا مەنىسىنى تېپىپ چىقىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىنى ھىدايەت قىلىشنى خالىسا ئەڭ ئاددىي سەۋەبلەر بىلەنمۇ ھىدايەت قىلىدۇ. ئۆلىمالاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «بىر ھاراقكەش تاشلىۋېتىلگەنلىكتىن خارابىگە ئايلىنىپ قالغان تۆمۈر يولنىڭ ئەگرى – بۈگرى يوللىرىدا ئاران-ئاران قەدەم ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى. توساتتىن ئۇنىڭ كۆزى يەردە ياتقان بىر كونا قەغەزگە چۈشتى. قەغەزنى قولىغا ئېلىپ تەسلىكتە ئۇنىڭغا قارىسا، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىكەن. ئۇ دەرھال ھوشىغا كەلدى ۋە كاللىسىنى چايقىۋېتىپ، «ئاللاھنىڭ ئىسمى يەردە ياتسا بولامدۇ؟» دېدى، ئۇنى قوينىغا سالدى ۋە ئۆيىگە كەتتى. ئۆيىگە بېرىپ ھېلىقى قەغەزنى ئاۋايلاپ سۈرتۈپ پاكىزلىدى، ئاندىن ئۇنى قايتا-قايتا سۆيدى. شۇنىڭ بىلەن قەغەزنى تۇتۇپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. چۈشىدە قۇلىقىغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئاۋاز بولسا «سەن مېنىڭ ئىسمىمنى يەردىن كۆتۈردۈڭ، مەنمۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈردۈم ۋە سالىھلار قاتارىغا كىرگۈزدۈم» دېگەنلىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ھىدايەتكە ئويغاندى، قەلبى ئىمان بىلەن تولدى. ئۇنىڭ ھاياتى غايىسىز ياشايدىغان مەنىسىز ھاياتتىن ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتالغان مەنىلىك ھاياتقا، ئۆزى بولسا ئىسمى تارىخقا قەيت قىلىنغان مەشھۇر سالىھ زاتلاردىن بىرىگە ئايلاندى» .

ئاللاھ تائالا خالىسا سەۋەبسىزمۇ ھىدايەت قىلىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ گۇناھ قىلىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىدۇ، گۇناھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن ئاز مۇساپە قالغاندا، توساتتىن گۇناھتىن يانىدۇ، يامان نىيىتىدىن ۋاز كېچىدۇ ۋە تەۋبە قىلىپ ئۆيىگە قايتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ۋە بۇ ۋاز كېچىشنىڭ ئارقىسىدا ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتى بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق ئىش تاسادىپىي بولۇپ قالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بەزىدە خەتەرنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغاندا، ئامانلىق تەرەپكە يېتەكلەش ئارقىلىق خەتەردىن ساقلاپ قالىدۇ. مەسىلەن: كېچە سىز ماشىنا بىلەن ناھايىتى تېز كېتىپ بارغاندا، بىرى قۇلىقىڭىزغا «توختا!» دېگەندەكلا سەۋەبسىز توختايسىز ياكى بىردىنلا ئاستىلايسىز. ئالدىڭىزدا خەتەر بارلىقىنى كېيىن بىلىسىز ياكى مەڭگۈ بىلمەي قالىسىز. ئەمما ئاللاھ تائالا شۇ چاغدا سىزنى چوڭ بىر قازادىن ساقلاپ قالغان بولىدۇ. يولدا پىيادە يۈرۈپ كېتىپ بېرىپ، توساتتىن قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىسىز. كۆپ ئۆتمەيلا ئالدىڭىزدا تېيىلغاق يەر بارلىقىنى بىلىسىز ياكى پەقەتلا بىلمەي قالىسىز. ئەمما ئاللاھ تائالا سىزنى تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان بولىدۇ. خۇددى كۆڭلىڭىز بىر نەرسىنى تۇيغاندەكلا بوۋاقنىڭ ياتىقىغا كىرىسىز، قارىسىڭىز بوۋاق كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىشكە ئاز قالغان بولۇپ، ناۋادا سىز كۆرمىگەن بولسىڭىز قاتتىق يەرگە چۈشۈپ كېتەتتى. سىز يۈگۈرۈپ بېرىپ بوۋاقنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا، چىن يۈرىكىڭىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ «شۈكرى رەببىم! كۆرمىگەن بولسام بالام تاس قالاتتى چۈشۈپ كەتكىلى» دەيسىز. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللار تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ قېتىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا بىزنى ھەر زامان زىيانلىق ئىشلاردىن پايدىلىق ئىشلارغا، خەتەرلىك جايلاردىن ئامانلىققا، قورقۇنچلاردىن خاتىرجەملىككە يېتەكلەپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا ئىلتىپاتلىرىنى بىلمەيمىز، بەزىلىرىنى ئاڭقىرالىساقمۇ، نۇرغۇنلىرىنى ھېس قىلمايمىز ۋە ئويلاپمۇ قويمايمىز.

تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كۈندىلىك ئۆيدىن چىقىش ۋە قايتىش يولىدا ئاللاھ تائالا بىزنى نۇرغۇنلىغان خەتەرلەردىن، زىيان زەخمەتلەردىن ۋە بالا-قازالاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە بىزنى نۇرغۇن قېتىم يېگەن-ئىچكەنلىرىمىزدىن زەھەرلىنىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ئانا قارنىدىكى بوۋاقنى كەمتۈك تۇغۇلۇشتىن ساقلايدۇ. بىز بۇلارنىڭ مىڭدىن بىرىنى بىلىمىز ياكى ھېچ بىلمەيمىز، ھېس قىلمايمىز، ھەتتا بۇ ھەقتە تەپەككۇرمۇ قىلمايمىز، گويا شۇنداق بولۇشىنى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىدەكلا ئويلاپ قالىمىز. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى، ھېكمىتى ۋە رەھىم-شەپقىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىشلاردۇر. 

بىر بىئولوگىيە ئالىمى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى ئۇنىڭ بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. چۈنكى، بوۋاقنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا ھەركۈنى مەلۇم مىقداردىكى ھۈجەيرىلەر مەلۇم جايلارغا يۆتكىلىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھۈجەيرىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ».

چۈنكى، — بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى  ئىسپاتلىغاندەك — بىزنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە ھۈجەيرىلەردۇر. ھەر بىر ھۈجەيرىدە بولغان ماددىلار بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنىڭ شەكلى، كۆزىمىزنىڭ ۋە چېچىمىزنىڭ رەڭگى، ئىگىز ياكى پاكار بولۇشىمىز، چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىز بولۇشىمىز قاتارلىق ئۆزگىچىلىكلىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھۈجەيرىلەردىكى ئەڭ ئاددىي بۇزۇقلۇق بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھۈجەيرىلەر كۆپ ھاللاردا ئىشلەم خاتالىقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا تۈزىتىلىدۇ. بۇنداق كۆپ تەكرارلىنىدىغان خاتالىقلار تۈپەيلى بوۋاقلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ناھايىتى چوڭدۇر. مىليونلارچە قېتىم بۇنداق خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ شەپقىتى بىلەن ئىشلەملەر قايتا تۈزىتىلىپ، ھەر ئىش ئۆز يولىغا كىرىپ تۇرىدۇ. ئاقساقلىق، چولاقلىق، كورلۇق، پاڭلىق ۋە باشقا ھەرخىل كەمتۈكلۈكلەرگە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلارنى كۆرىمىز. ئىنسانلار ئارىسىدىن مىڭدىن بىرىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شۇ جىسمانىي كەمتۈكلۈككە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلار بولمايدىغان بولسا، بىز كەمتۈكسىز، ساق ـ ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، ئۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلغان بولاتتۇق. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى ئەگەر بۇ ئىشلار تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى بولسا، نېمە ئۈچۈن بەزى بوۋاقلار كەمتۈك تۇغۇلىدۇ؟

  ئاللاھ تائالا جىسمانىي تەرەپتىن كەمتۈك ئىنسانلارنىمۇ يارىتىشى ئارقىلىق ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى دېگۈچىلەرگە ئەجەللىك رەددىيە بەرمەكتە ۋە مۇنداق دېمەكتە: «سېنىڭمۇ شۇنداق كەمتۈك تۇغۇلۇشۇڭ مۇمكىن ئىدى، ئەمما كەمتۈك بولمىدىڭ، ساق - ساغلام تۇغۇلدۇڭ. ئۇنتۇمىغىنكى، ئۈستۈڭدىكى نېمەتلىرىم ۋە ھەققىم كۆپتۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار