ئاللاھ تائالانىڭ «السلام» (ئەسسەلام – ئامانلىق بەرگۈچى) دېگەن ئىسمى ھەققىدە

ئاللاھ تائالانىڭ «السلام» (ئەسسەلام – ئامانلىق بەرگۈچى) دېگەن ئىسمى ھەققىدە

ئاللاھ تائالانىڭ «السَّلامُ» دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ﴿هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ﴾[1] دېگەن ئايىتىدە كەلگەن. «سەھىھ مۇسلىم»دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن، «اَللَّهُمَّ اَنْتَ السَّلاَمُ، وَ مِنْكَ السَّلاَمُ، تَباَرَكْتَ ياَذاَ الْجَلاَلِ وَاْلإِكْراَمِ» دەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان[2].

«ئەسسەلام» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: بىرى، ئەيىبسىز، مۇكەممەل، تولۇق دېگەنلىك، يەنە بىرى، تىنچ -ئامانلىق، سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمى ئۇنىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەيىب-نۇقساندىن پاك، تۈرلۈك كەمچىلىكتىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا كەمچىلىكتىن پاك بولغاندەك، بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشتىنمۇ ئەلۋەتتە پاكتۇر. ﴿وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا﴾ «رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ»[3].

ئاللاھ تائالا ئەيىب- نۇقسانسىز پاك ۋە مۇكەممەل بولغاندەك، تىنچلىقنىڭ، ئامانلىقنىڭ ۋە سالامەتلىكنىڭ مەنبەسىدۇر. دۇنيادا مۇتلەق يامانلىق يوقتۇر. كۆزىمىزگە يامان كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇتلەق يامان نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى كۆپلىرى چوڭ بىر ياخشىلىق ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەر بولۇپ، بىزنىڭ ياخشىلىققا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن شەرت ھازىرلايدۇ. بۇ بېشىمىزغا كەلگەن مەغلۇبىيەتنىڭ بىزنى غەلىبىگە ئېلىپ بارغىنىغا، دوختورنىڭ بەدىنىمىزنى پىچاق بىلەن كېسىپ ئاغرىتقاندىن كېيىن، بىزنى ساقايتقىنىغا ئوخشايدۇ.

 

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمى بىلەن بولغاندا...

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمى ئامانلىقنىڭ، خاتىرجەملىكنىڭ بېشارىتىدۇر. شۇڭا بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشقاندا «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم» (سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن!) دەپ سالام بېرىمىز.
ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزغاندەك، ئۇنىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمىنى تىلىمىزغا جارى قىلىش ئارقىلىق دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمزىدا بىر پۈتۈن خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك ئىچىدە بولىمىز. أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ﴾ « دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ»[4].
ئاللاھ تائالاغا باغلىنىش ئارقىلىق توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرالايمىز. چۈنكى بىز ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا قەتئىي ئېزىپ كەتمەيمىز.
دىن ۋە دۇنيالىق ھەممە ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرگىنىمىزدە ھەرگىز زىيان تارتمايمىز.
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمىنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلغان ۋاقتىمىزدا، قەلبىمىزنى ئۆچ-ئاداۋەت، ھەسەت، تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەردىن پاك تۇتالايمىز.
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمىنى ھاياتىمىزغا رەھبەر قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۆزىمىنى ۋە باشقىلارنى ئاياش، ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلاش قاتارلىق پەزىلەتلەرگە ئېرىشىمىز.
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمىنى ئۆگىنىش ۋە تەتبىق قىلىش ئارقىلىق بۇ دۇنيادا مۇئمىنلەرگە تىلىمىز ۋە قولىمىز بىلەن زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىپ، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشكە تېگىشلىك بولىمىز. «مۇسۇلمان مۇسۇلمانلارغا تىلى ياكى قولى بىلەن زىيان يەتكۈزمىگەن ئادەمدۇر»[5]. ﴿إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ﴾ «پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەرلا پايدا تاپىدۇ»[6].
ئاللاھ تائالادىن يىراقلىشىپ كەتكەن ياكى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا، كۆڭلىمىزنى خاتىرجەمسىزلىك، ۋەھىمە ۋە ھۇزۇرسىزلىق ئورىۋالىدۇ، تەڭپۇڭلۇقىمىز بۇزۇلىدۇ، ھاياتىمىز جاپالىق بولىدۇ. ﴿وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنْكًا﴾ «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى جاپالىق بولىدۇ»[7].
 

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمىنىڭ كارامەتلىرى

1.     ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب-نۇقساندىن ۋە تۈرلۈك كەمچىلىكلەردىن پاك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمۇ ئەيىبتىن ۋە كەمچىلىكتىن پاكتۇر. شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ۋايىغا يەتكەن مۇكەممەللىكنى كۆرىمىز. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە لايىق كەلمەيدىغان جىمى سۈپەتلەردىن ساغلام ۋە ساق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ﴿الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَوَاتٍ طِبَاقًا مَا تَرَى فِي خَلْقِ الرَّحْمَنِ مِنْ تَفَاوُتٍ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَى مِنْ فُطُورٍ . ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنْقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ﴾ «رەھمان ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچقانداق نۇقسان تاپالمايسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يېرىقنى كۆرەمسەنكىن؟ ئاندىن سەن يەنە قايتا-قايتا تەكرار قارىغىن، كۆزۈڭ (ئىزدىگەن نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ»[8]. «ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان زاتتۇر»[9].

 

2.         ئاللاھ تائالا بارچە ئامانلىقنىڭ ۋە سالامەتلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ، جىمى مەخلۇقاتىغا ئامانلىق، سالامەتلىك ۋە تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىر ھامىلىنىڭ بوۋىقىنى ساق-سالامەت تۇغۇشى، بىر ئاتىنىڭ خەتەرلىك جايلاردىن، يوللاردىكى قاتناش زىچلىقىدىن، بوران-چاپقۇنلاردىن سالامەت بولۇپ ئۆيىگە قايتىشى، ئىنسانلارنىڭ كېچە-كۈندۈزنىڭ خەيىم-خەتەرلىرىدىن ساق-سالامەت ھالدا دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، بوۋاقلارنىڭ ۋە نارەسىدىلەرنىڭ خەتەرنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان چاغلىرىدا ساق قېلىشى، كىشىلەرنىڭ كېچە خاتىرجەم ئۇخلىيالىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئامانلىق، سالامەتلىك سايىدا ئەمەلگە ئاشماقتا.

       بىز بەزىدە خەتەرنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغاندا، ئاللاھ تائالا ئامانلىق تەرەپكە يېتەكلەش ئارقىلىق خەتەردىن ساقلاپ قالىدۇ. مەسىلەن: سىز كېچىدە ماشىنا بىلەن ناھايىتى تېز كېتىپ بارغاندا، بىرى قۇلىقىڭىزغا «توختا!» دېگەندەكلاسەۋەبسىز توختايسىز ياكى بىردىنلا ئاستىلايسىز. ئالدىڭىزدا خەتەر بارلىقىنى كېيىن بىلىسىز ياكى مەڭگۈ بىلمەي قالىسىز. ئەمما ئاللاھ تائالا شۇ چاغدا سىزنى چوڭ بىر قازادىن ساقلاپ قالغان بولىدۇ. يولدا پىيادە يۈرۈپ كېتىپ بېرىپ، توساتتىن قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىسىز. كۆپ ئۆتمەيلا ئالدىڭىزدا تېيىلغاق يەر بارلىقىنى بىلىسىز ياكى پەقەتلا بىلمەي قالىسىز. ئەمما ئاللاھ تائالا سىزنى تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان بولىدۇ. خۇددى كۆڭلىڭىز بىر نەرسىنى تۇيغاندەكلا بوۋاقنىڭ ياتىقىغا كىرىسىز، قارىسىڭىز بوۋاق كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىشكە ئاز قالغان بولۇپ، ناۋادا سىز كۆرمىگەن بولسىڭىز قاتتىق يەرگە چۈشۈپ كېتەتتى. سىز يۈگۈرۈپ بېرىپ بوۋاقنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا، چىن يۈرىكىڭىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ «شۈكرى رەببىم! كۆرمىگەن بولسام بالام تاس قالاتتىكەن چۈشۈپ كەتكىلى» دەيسىز. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللار تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا بىزنى ھەر زامان زىيانلىق ئىشلاردىن خەتەرلىك جايلاردىن قوغداپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا ئىلتىپاتلىرىنى بىلمەيمىز، بەزىلىرىنى ئاڭقىرالىساقمۇ، نۇرغۇنلىرىنى ھېس قىلمايمىز ۋە ئويلاپمۇ قويمايمىز.

      تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كۈندىلىك ئۆيدىن چىقىش ۋە قايتىش يولىدا ئاللاھ تائالا بىزنى نۇرغۇنلىغان خەتەرلەردىن، زىيان زەخمەتلەردىن ۋە بالا-قازالاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە بىزنى نۇرغۇن قېتىم يېگەن-ئىچكەنلىرىمىزدىن زەھەرلىنىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ئانا قارنىدىكى بوۋاقنى كەمتۈك تۇغۇلۇشتىن ساقلايدۇ. بىز بۇلارنىڭ مىڭدىن بىرىنى بىلىمىز ياكى ھېچ بىلمەيمىز، ھېس قىلمايمىز، ھەتتا بۇ ھەقتە تەپەككۇرمۇ قىلمايمىز، گويا شۇنداق بولۇشىنى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىدەكلا ئويلاپ قالىمىز. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى، ھېكمىتى ۋە رەھىم-شەپقىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىشلاردۇر.  بىر بىئولوگىيەئالىمى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى ئۇنىڭ بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. چۈنكى، بوۋاقنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا ھەركۈنى مەلۇم مىقداردىكى ھۈجەيرىلەر مەلۇم جايلارغا يۆتكىلىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھۈجەيرىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ».

3.      ئاللاھ تائالانىڭ دىنى بولغان «ئىسلام» بىلەن «سالام» ئىككى سۆز ئامانلىق، خاتىرجەملىك بېغىشلاشتا بىر مەنىگە كېلىدۇ. چۈنكى، ئىسلام دىنى كىشىلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئامانلىققا ۋە ئەبەدىي خاتىرجەمللىكە دەۋەت قىلىدۇ. ﴿وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى دَارِ السَّلَامِ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ﴾ «ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ئامانلىق يۇرتىغا (جەننەتكە) دەۋەت قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ»[10]. شۇڭا دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىدا ئىسلامنى قانۇن قىلغان، قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلغان ئادەم دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئامانلىق ۋە سالامەتلىككە ئېرىشىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ غەم-قايغۇلىرىدىن خالاس قىلىشنى ۋە ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ئامانلىق ۋە سالامەتلىككە ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ. ﴿فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَى﴾ « كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىمايدۇ»[11].

 

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىمۇ سالامەت بولۇشقا بۇيرۇيدۇ

 سالامەت كىشى قانداق بولىدۇ؟

1.      ئەقىدىسى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى ئاساسىدا مۇستەھكەم قۇرۇلغان، شەك-شۈبھىلەردىن، بۇزۇق ئېتىقاد ۋە ئازغۇن پىكىر ئېقىملىرىدىن پۈتۈنلەي يىراق بولغان بولىدۇ.

2.      قەلبى نىفاق ۋە رىيادىن پۈتۈنلەي خالى بولۇپ، ئىخلاس بىلەن تولغان بولىدۇ.

3.      ئەخلاقى ھەسەت، كىبىر، ئىچى تارلىق دېگەندەك ناچار ئىللەتلەردىن خالى بولغان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، ياردىمى مۇشۇنداق كىشىگە كېلىدۇ. مۇنداق كىشى ئاخىرەتتىمۇ جەننەتكە لايىق بولىدۇ. ﴿يَوْمَ لَا يَنْفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ. إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ﴾ «ئۇ كۈندە مال _ دۇنيامۇ، بالىچاقىلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا»[12].

 

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسەلام» دېگەن ئىسمىدىن ئالدامچىلىقتىن ۋە شەكىلۋازلىقتىن خالىي، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يىراق بولۇشنى، ئەقىدىنى بۇزۇق ئېتىقاد، ئازغۇن پىكىرلەردىن، قەلبنى ھەسەت، ئاداۋەت ۋە يامان نىيەتتىن ساغلام تۇتۇشنى ئۆگىنىمىز.



[1] ھەشر سۈرىسى 23- ئايەت.
[2] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى، 591- ھەدىس.
[3] كەھف سۈرىسى: 49-ئايەت.
[4] رەئد سۈرىسى: 28-ئايەت.
[5] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[6] شۇئەرا سۈرىسى: 89- ئايەت.
[7] تاھا سۈرىسى: 124- ئايەت.
[8] مۇلك سۈرىسى: 3-4- ئايەتلەر.
[9]  سەجدە سۈرىسى: 7- ئايەت.
[10] يۇنۇس سۈرىسى:25- ئايەت.
[11] تاھا سۈرىسى: 123- ئايەت.
[12] شۇئەرا سۈرىسى: 89- 90-ئايەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار