زەمزەم سۈيى

زەمزەم سۈيى
مۇھەممەد يۈسۈپ
زەمزەم سۈيى ― ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى پۇتى ئاستىدىن چىقىرىپ بەرگەن مۇبارەك سۇدۇر.
مىلادىيىدىن تەخمىنەن 2000 يىللار ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى شۇ ۋاقىتتىكى سۇسىز، گۈل – گىياھسىز، قاقاسلىق چۆل مەككىگە ئېلىپ كېلىپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. ھاجەر سۇ ئىزدەپ سافا بىلەن مەرۋە ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدا يۈگۈرگەن بولسىمۇ سۇ تاپالمايدۇ. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئۇسسۇزلىقتىن قىينالغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئىككى تاپىنىنىڭ ئاستىدىن بۇلاق چىقىدۇ. ئانىسى ھاجەر سۇنى كۆرۈپ قاتتىق خوشال بولىدۇ ۋە سۇنى بېكار ئېقىپ كەتمىسۇن دەپ «زەمزەم» (توختا)دەيدۇ. شۇندىن بىرى بۇ سۇ «زەمزەم سۈيى»دەپ تونۇلىدۇ.
زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئېچىلىشى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىب چۈشىدە بىر كىشىنىڭ ئۇنى زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئورنىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ئۇجاينى ئېچىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمۇتتەلىب زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئورنىنى كولاشقا باشلايدۇ. ئاخىرىدا زەمزەم سۈيىنى چىقىرىدۇ. شۇندىن بىرى زەمزەم سۈيى چىقىشقا داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئورنى
زەمزەم قۇدۇقى مەسجىدى ھەرەمنىڭ سەيناسىدىكى مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ جەنۇپ تەرىپى ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان. كەبىدىن 21 مېتىر ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدتىن 18 مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، چوڭفۇرلىقى 43 مېتىر كېلىدۇ. قۇدۇقنىڭ تېگىدە ئۈچ دانە بۇلاق بار. بۇلارنىڭ بىرى ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىدا، يەنە بىرى سافا تېغىنىڭ يېنىدا، ئۇچىنچىسى مەرۋەنىڭ يېنىدىدۇر.
بۇرۇن زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئىككى كۆلچىكى بار بولۇپ، بىرى زەمزەم قۇدۇقى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. كىشىلەر بۇ جايدىن زەمزەم ئىچەتتى. يەنە بىرى سافا تەرەپكە ئېقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن تاھارەت ئالاتتى. كېيىنچە، كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارغا قىستىلاڭغۇ بولۇپ قالغانلىق سەۋەبتىن، زەمزەم كۆلچەكلىرى تاقىۋېتىلىپ، كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى مەيداننىڭ ئاستىغا كىشىلەر پەلەمپەي بىلەن كىرىپ ئىچىدىغان قىلىپ كرانلار(جۆمەكلەر) بېكىتىلىدۇ. 2003-مىلادىيە يىلىغا كەلگەندە ھەرەمنىڭ سەيناسىنى ئازادىلەشتۈرۈش مەقسىتى بىلەن زەمزەم قۇدۇقىغا چۈشىدىغان ئېغىز تاقىۋېتىلىپ، زەمزەم سۈيى سەينانىڭ يان تەرىپىدىن تۇرۇبىلار ئارقىلىق چىقىرىپ قويۇلدى.
زەمزەم سۈيىنىڭ خاسىيىتى
20- ئەسىرنىڭ بىيولوگىيە ئالىملىرى زەمزەم سۈيىنىڭ تا قىيامەتكىچە سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۆجىزىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر سۇنىڭ پاكلىقتا ۋە سۈزۈكلۈكتە زەمزەم سۈيى ئېرىشكەن خۇسۇسىيەتلەرگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە. قىسقىسى، زەمزەم سۈيى مىڭلارچە يىللاردىن بىرى مىقدارى ئازىيىپ كەتمەستىن ياكى ئېتىلىپ چىقىپ پالاكەت تۇغدۇرماستىن بىر خىل چىقىپ كەلمەكتە.
زەمزەم سۈيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
ئادەتتىكى سۇلارنى ئۇنىڭغا ساقلىغۇچى ماددىلارنى ئارىلاشتۇرماستىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ساقلىغاندا ئۇنىڭ تەمى بۇزۇلىدۇ. ئەمما زەمزەم سۈيى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بىرخىل تەمى بىلەن داۋام قىلىدۇ. زەمزەم سۈيىنىڭ تەمى دۇنياۋى بىر تەم بولۇپ، بېرەر قېتىم زەمزەم سۈيى ئىچكەن ئادەم ئۇنىڭ تەمىنى بىلىۋالىدۇ- دە، قايتا ئىچكىنى ھامان ئۇنى پەرق ئېتەلەيدۇ. زەمزەم سۈيىنى دۆلەتلەر ئارا يۆتكەش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش بىلەنمۇ ئۇنىڭ تەمى قەتئى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ دىگەنلىرىمىز نەزەرىيە ياكى قەدىمقى كىتابلارنىڭ خەۋىرى ئەمەس، بەلكى تەجرىبە ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنىدۇر. زەمزەم سۈيى ئۇزاق ئۆتمۈشلەردىن بىرى بۇ قاقاسلىق چۆل رايونغا كەلگۈچىلەرنى ئۇسسۇزلۇققا قاندۇرۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ كەلمەكتە. زەمزەم سۈيىنىڭ بەزى كېسەللىكلەرگە شىپا بولغانلىقى توغرۇلۇق يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلارمۇ ئاز ئەمەس. ھازىرغىچە زەمزەم سۈيى زىيان قىلغان بېرەر جانلىق كۆرۈلمىگەن.
زەمزەم سۈيىنىڭ مۆجىزىسى
21- ئەسىرنىڭ بىئولوگىيە ئالىملىرى زەمزەم سۈيىنىڭ تا قىيامەتكىچە سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان مۆجىزىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر سۇنىڭ پاكلىقتا ۋە سۈزۈكلۈكتە زەمزەم سۈيى ئېرىشكەن خۇسۇسىيەتلەرگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە. قىسقىسى، زەمزەم سۈيى مىڭلارچە يىللاردىن بىرى مىقدارى ئازىيىپ كەتمەستىن ياكى ئېتىلىپ چىقىپ پالاكەت تۇغدۇرماستىن بىر خىل چىقىپ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى فەيسەلنىڭ زامانىدا 1971-يىلى تىببىي مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى ياۋروپا نەشرىيات مەركىزىگە»زەمزەم سۈيىنى ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى كەبىنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن ئورنىغا جايلاشقان ھەمدە مەككە شەھىرىنىڭ تۇربا سۇلىرىنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە توپلىنىدۇ ۋە زەمزەم سۈيىگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ»دېگەن مەزمۇندا بىر چارچە دوكلات يوللايدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ فەيسەل سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ زىرائەت ۋە سۇ ئىنشائات مىنىستىرلىكىگە پەرمان چۈشۈرۈپ، زەمزەم سۈيىدىن ياۋروپا تەجرىبىخانىسىدا ئەۋەتىشنى بۇيرۇيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مەككىگە يېتىپ كېلىپ زەمزەم قۇدۇقىنىڭ تېگىدىكى بۇلاقلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. لېكىن ئۇلار زەمزەم قۇدۇقىنىڭ مەنبىئىنى تاپالمايدۇ. ئاخىرىدا، قۇدۇق سۈيىنى موتورنىڭ ياردىمى بىلەن سىرتقا شوراپ چىقارغاندىن كېيىن، قۇدۇق سۈيىنىڭ يان تەرەپلىرىدىن ئەمەس، بەلكى قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى قۇملار ئاستىدىكى بۇلاقلاردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنداقلا زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئەتراپى پەقەتلا قۇرۇق، قاقاسلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ئاندىن ئۇلار زەمزەم سۈيىدىن نەمۇنە ئېلىپ ياۋروپا تەجرىبىخانىسىدا ئەۋەتىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇرغان مۆجىزە
مۇتەخەسسىسلەر زەمزەم سۈيىنى ياۋروپا تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، زەمزەم سۈيىنىڭ باشقا ئادەتتىكى سۇلار بىلەن بولغان پەرقى ئېنىقلاندى. ياۋروپا تەجرىبىخانىسى «زەمزەم سۈيى ئىچىشكە تامامەن بولىدىغان سۇ ئىكەن. زەمزەم سۈيىنى ئىچىشكە بولمايدۇ، دەيدىغان دەۋا ئىلمىي ئاساسى بولمىغان قۇرۇق سەپسەتىدۇر» دېگەن نەتىجىنى ئېلان قىلدى. زەمزەم سۈيىدە كالىسيوم بىلەن مىگنىسيوم ماددىلىرى ئادەتتىكى سۇلارنىڭكىدىن ئالاھىدە يوقىرى بولۇپ چىققان. ھاۋانىڭ ئوتتەك ئىسسىق كۈنلىرىدە كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ زەمزەم سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن باشقىچە روھلىنىپ ۋە جانلىنىپ قالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بۇنىڭدىن بايقالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە زەمزەم سۈيىدە مىكروبلارغا قارشى ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە فلورىدا ماددىسى بار ئىكەن. شۇڭا ھەر يىلى مەككىگە كېلىپ توپلىشىدىغان تەخمىنەن 3 مىليون ھاجىنىڭ ھەر خىل يوقۇملىنىشلاردىن ساقلىنىپ قېلىشى ۋە بەزى كېسەللەرنىڭ بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن شىپا تېتىپ قېلىشىنىڭ سىرى زەمزەم سۈيى ئىكەن.
زەمزەم سۈيى ئىچىشنىڭ پايدىسى
ھەج قىلغۇچى، ئۆمرە قىلغۇچى ۋە شۇنداقلا ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ زەمزەم سۈيىدىن ئىچىشى مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەمزەم سۈيىدىن ئىچكەنلىكى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر كۆپ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەمزەم سۈيىنى تەرىپلەپ: «ئۇ مۇبارەك سۇدۇر، ئۇ ئاچلىققا تائام، كېسەلگە شىپادۇر»( ) دېگەن. يەنە ئۇ: «زەمزەم سۈيىنى نېمە مەقسەت بىلەن ئىچسە شۇنىڭغا پايدا قىلىدۇ»( ) دېگەن.
19- يۈز يىلنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ئىبنى قەييىم جەۋزىيە مۇنداق دېگەن:«مەن ۋە باشقىلار زەمزەم سۈيىنىڭ كېسەللەرگە قانداق شىپا بولىدىغانلىقىنى تەجرىبە قىلىپ كۆردۇق. مەن زەمزەم سۈيى ئىچىش بىلەن كۆپلىگەن كېسەللىكلەردىن شىپا تاپتىم. ئەتراپىمدا بەزى كىشىلەرنىڭ يېرىم ئاي، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت ھېچ نەرسە يېمەستىن پەقەت زەمزەم سۈيى ئىچىش بىلەنلا ھېچقانداق ئاچلىق ھېس قىلماستىن ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ۋە شۇنداق تۇرۇپمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار