ھەجەرۇلئەسۋەد

ھەجەرۇلئەسۋەد
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھەجەرۇل ئەسۋەد ― كەبىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى بۈرجىكىگە ئورنىتىلغان، يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1.5 (بىر يېرىم) مېتىر كېلىدىغان، كۈمۈش رامكا ئىچىگە ئېلىنغان تۇخۇم شەكىللىك، رەڭگى قىزىلغا مايىل، دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان قارا تاشتۇر.
ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزغان ۋاقتىدا، كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلانىڭ تاۋاپنى باشلاپ ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىر نىشانە ئورنىدا، ھازىرقى ئورنىغا بېكىتكەن. شۇندىن بىرى بۇ تاش كەبىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ كەلمەكتە.
كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشى مۇستەھەب (يەنى تەكىتسىز) سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنى تاۋاپ قىلغىنىدا ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيەتتى. بۇ ئادەم كۆپ بولمىغان ۋە قىستىلاڭغۇ بولمىغان ۋاقىتلاردا شۇنداق. بىر ھەدىستە:» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئۇزۇن – ئۇزۇنغىچە يىغلاپ كەتتى»( ) دەپ كەلگەن.
ئەمما ھەج ۋە رامىزان ئايلىرىغا ئوخشاش ھەرەمدە ئادەم كۆپ، قىستىلاڭغۇ بولغان ۋاقىتلاردا ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىغا بارماستىن، يىراقتىن قول ئىشارىتى قىلىپ سالام بېرىش يېتەرلىكتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنى تاۋاپ قىلغان ۋاقتىدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئەي ئۆمەر! سەن كۈچلۈك ئادەمسەن، سەن بۇ جىسمىڭ بىلەن ئاجىزلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىسەن. ھەجەرۇل ئەسۋەدتە قىستىلاڭغۇ پەيدا قىلما. ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىدا بوشلۇق تاپالساڭ سۆيگىن، بولمىسا تەكبىر ئېيتىپ كېتىۋەرگىن.»( )
ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ئۇنىڭغا چوقۇنغانلىق ئەمەس
كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ بۇ تاشنى سۆيۈشى پەقەت ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى كەبىگە ياكى ھەجەرۇل ئەسۋەدكە چوقۇنۇشنى بۇيرىغان ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغان. كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿قەدىمى ئۆي كەبىنى تاۋاپ قىلسۇن﴾ ۋە ﴿بۇ كەبىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇن﴾ دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن قىلىنىغاندەك، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى جارى قىلدۇرغانلىق يۈزىسىدىن قىلىنىدۇ. بۇ ئورۇندا ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ مەشھۇر سۆزى يېتەرلىك. ئۇ كەبىدىكى قارا تاشنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:«مەن ئەلۋەتتە بىلىمەنكى، سەن كىشىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاشسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام ئىدى، سېنى سۆيمىگەن بولاتتىم.»( )
ھەجەرۇلئەسۋەدنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن 5 يىل ئىلگىرى مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى كەبىنى قايتا رېمونت قىلغان ۋاقتىدا، قەبىلىلەر ھەجەرۇل ئەسۋەدنى كەبىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى ئورنىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىدۇ. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قوللىرى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ ھازىرقى ئورنىغا قويغان.
317- ھىجرىيە(930م) يىلى قەرامىتە كۇپپارلىرى ھەرەمگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەل ئەھسا شەھىرىگە ئېلىپ كېتىپ، 339- ھىجرىيە يىلى كەبىدىكى ئۆز ئورنىغا ئەكىلىپ قويغانلىقى ئىدى.
ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ كۈمۈش بىلەن قاپلىنىشى
ھەجەرۇل ئەسۋەدنى تۇنجى بولۇپ كۈمۈش بىلەن قاپلاتقان كىشى مىلادىيىنىڭ 680 -يىللىرىدىكى مەككە ھۆكۈمدارى ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن خەلىپىلەر ۋە بايلار ئۇنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن قاپلايدىغان بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىدىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1331- ھىجرىيە( 1903م) يىلى ھەجەرۇل ئەسۋەدنى خالىس كۈمۈش بىلەنلا قاپلاتقان كىشى سۇلتان مۇھەممەد رىشاد خان ئىدى. 1366- ھىجرىيە(1946م) يىلى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ھەجەرۇل ئەسۋەدنى رېمونت قىلدۇرغان. ئاندىن 1375- ھىجرىيە(1955م) يىلى پادىشاھ سۇئۇد ئۇنى يېڭى كۈمۈشتىن قايتا قاپلاپ چىققان


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار