
ئەقىللىق بولۇڭ!
مۇھەممەد يۈسۈپ
1. ئەقىل ئىگىلىرىگە قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ توغرا تەۋسىيە تەقۋالىققا بۇيرۇشتۇر. بۇ مۇنازىرە قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ھەرقانداق بىر خۇتبە تەقۋالىققا بۇيرۇش بىلەن باشلىنىدۇ. تەقۋالىق- ئاللاھ تائالاغا ۋە بەخلۇقاتقا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇنى ئاللاھ تائالادىن قورققان ئادەملەرلا قىلالايدۇ. شۇڭا سىز تەقۋالىقنى قولدىن بەرمەڭ. چۈنكى، ئۇ دىن ۋە دۇنيالىق ئەڭ ياخشى ئوزۇق ۋە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈچۈن چىقىش يولىدۇ. ﴿وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا. وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ﴾ «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»[1].
2. ئۆتكەنگە ھەسرەت چەكمەڭ. ئەگەر سىز ئۆتمۈشنىڭ ھەسرەت-نادامەتلىرى بىلەن دەرت چېكىپ يۈرسىڭىز، دۇنيا سىزگە كۈلمەيدۇ. چۈنكى سىز ئۇ چاغدا ئۆتمۈشتە قېلىپ بۈگۈننى ياشىيالمايسىز، تۈنۈگۈنكى قاراڭغۇدا قېلىپ بۈگۈنكى قۇياشتىنى كۆرەلمەيسىز. شۇڭا سىز تۆكۈلۈپ كەتكەن سۈتكە ھەسرەت چېكىشنىڭ ئورنىغا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.
3. ئۈمىدۋار بولۇڭ. چۈنكى ئۈمىدۋار ئادەم كېچىدە ئاسمانغا قاراپ ئاينىڭ نۇرىنى كۆرىدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم ئاسمانغا قاراپ قاراڭغۇلۇقنى كۆرىدۇ. ئۈمىدۋار ئادەم كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم ئۆزىنىڭ شۇملۇقى سەۋەبلىك مۇھەببەتتىن مەھرىم ياشايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈمىدۋار زات ئىدى. ئۇ ئۈمىدۋارلىقنى ياخشى كۆرەتتى، شۇملۇقنى يامان كۆرەتتى. ئۈمىدسىزلىك ۋە شۇملۇق ئاللاھ تائالاغا قارىتا توغرا قاراشتا بولمىغانلىق، ئۈمىدۋارلىق ئۇنىڭغا قارىتا توغرا قاراشتا بولغانلىقتۇر. مۇئمىنلەر ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار ۋە ئاللاھ تائالاغا قارىتا توغرا قاراشتا بولۇشقا بۇيرۇلغان.
4. قىيىنچىلىق تارتقان چاغلىرىڭىزدا سىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان، ھەممە ئادەم سىزنى تاشلىۋەتكەندە تاشلىۋەتمىگەن، ھەممە ئادەم ئۇنتۇپ كەتكەندە ئۇنتۇپ كەتمىگەن ۋە سىزگە مەدەت بەرگەن كىشىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇلارغا «رەھمەت ئېيتتىم» ۋە «مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم» دەپ كۇپايە قىلماڭ، يەنە رەھمەت ئېيتىڭ، ياخشىلىقلىرىنى يەنە قايتۇرۇڭ.
5. جاھاننى قاراڭغۇلۇق باسقاندا شامنى كۆتۈرگۈچى سىز بولۇڭ، ھەرگىز چىراقلارغا تاش ئاتقۇچى بولماڭ، تاڭ يورۇغاندا قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرىنى قوبۇل قىلىدىغان كىشى سىز بولۇڭكى، قۇياش چىقىىپ بولغاندا قوپىدىغان ھورۇنلاردىن بولماڭ.
6. تاغنىڭ چوققىسىغا چىققان ۋاقتىڭىزدا ھەرگىز مەغرۇرلانماڭ، بولمىسا تەڭپۇڭلۇقىڭىزنى يوقىتىپ قويۇپ چۈشۈپ كېتىسىز. تاغنىڭ تۆۋىنىدە تۇرغانلارنى پاكار ئادەملەر دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۇلارمۇ ۋاقتى كەلگەندە بويىنى كۆرسىتىدۇ.
7. ھېچقانداق بىر ئىشتىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. چۈنكى ئۇمىدسىزلىك كۆزىڭىزنى يېپىپ قويىدۇ، ئۇ چاغدا سىز ئوچۇق ئىشىكلەرنى ۋە ىسزگە سۇنۇلغان يادەم قوللىرىنى كۆرەلمەي قالىسىز. « ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ»[2].
8. چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى چۈشكۈنلۈك كېسەللىكتۇر. روھى چۈشكۈن ئادەملەرگە يورۇق دۇنيا قاراڭغۇ، ئوغۇق ئىشىكلەر تاقاقلىق، ئوڭاي ئىشلار قىيىن كۆرۈنىدۇ. بۇنداق ئادەم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپلا تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار «قىلالمايمەن» دەپ ئۆزىگە ئالدىن بۇرۇن ھۆكۈم قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن قىلالمايدۇ، توغرىسى قىلىشنى خالىمايدۇ، ھەتتا قىلالايدىغان ئەھۋالدا بولسىمۇ قىلالمايدۇ.
9. تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن زىتلاشماڭ. چۈنكى ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئوقۇش، باي بولۇش ئۈچۈن ئىشلەش، بالىلىق بولۇش ئۈچۈن ئۆيلىنىش دېگەندەك ئىشلار ئاللاھ تائالا تەبىئەتتە بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتلەر بولۇپ، ئۇلار بىلەن زىتلاشقان ئادەم غەلىبە قىلالمايدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن: توقلۇق ئۈستىگە يېيىش، كېچىسى ئاز ئۇخلاش، ئەتىگەن تۇرماسلىق قاتارلىقلارمۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن زىتلاشقانلىقتۇر.
10. مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلماڭ، سىزگە كەلگەن مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئېرىشىش يولىدىكى تەجرىبە ياكى مۇقەددىمە دەپ تونۇغان ۋاقتىڭىزدا سىز غەلىبىگە قاراپ يۈرگەن بولىسىز. ھىنرى فورد، توماس ئىدىسون، ۋالت دېزنى، ستېۋىن جوپس، ئىلان ماسك قاتارلىقلارنىڭ غەلىبىلىرى بىر نەچچە قېتىملىق چوڭ مەغلۇبىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر.
[1] تەلاق سۈرىسى: 2-3- ئايەتلەر.
[2] يۈسۈف سۈرىسى: 87- ئايەت.

