ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆزىنى قوغدىغانلىقتۇر

 

 

ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆزىنى قوغدىغانلىقتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇرئان كەرىمدە: (وَمِنْ آَيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِلْعَالِمِينَ) «ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىدۇر. بۇنىڭدا ھەربىر ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» دەيدۇ. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى ۋە ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى بولغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سەنئەتلىرىدىن بىرى ۋە ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر.  ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سەنئىتى بولغان تىلنى قوغداش، ئۇنى ئاسراش ئۇنىڭ سەنئىتىنى قوغدىغانلىقتۇر. دۇنيا ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا ئۇنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا، يۈكسەك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە مۇنەۋۋەر بىر خەلقمىز. ئۆتمۈشتە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئالىملىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ تىل بايلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ چوڭ ھەجىمدىكى قامۇسلارنى يېزىپ قالدۇرغان. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ئەسەرلىرى شۇنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر. بۇ ئارقىلىق ئالىملىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا چوڭ رول ئوينىغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسلام دىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا يېڭىدىن تارقىلىپ، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىش ھەۋىسى خەلق ئارىسىدا كەڭ قانات يايغان مەزگىل ئىدى. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارغا ئىران تەرەپتىن كىرىپ كەلگەچكە شۇ قاتاردا پارىس تىلىنىڭمۇ تەسىرى ئاز بولمىدى. نەتىجىدە تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئەرەب، پارىس تىللىرىدىن بەزى ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە، ئۆز تىلىدىكى شۇ ئاتالغۇلارنى قوللانمايدىغان ھالەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. دەل شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ دانىشمەن بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىي بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئەرەب، پارىس تىللىرىغىلا بېرىلىپ كېتىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا خەلقلەرنىڭمۇ تۈرك تىلىنى ئۈگىنىشىگە ياردەمچى قوللانما بولۇشى ئۈچۈن مەزكۇر دىۋاننى يېزىپ چىقىدۇ.

 شۇ دەۋرلەردە شۇنداق بىر ئېقىم شەكىللەنگەنكى، ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەرەب ياكى پارىس تىللىرى ئارىلاش بولمىسا ئۇ ئەسەر بەدىىئي ئەسەر سۈپىتىدە باھالانمايدىغان بولغان ئىدى. شۇنداق بىر شارائىتقا ئەمەل قىلماي يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق « قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرىنى خالىس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىقتى. «قۇتادغۇ بىلىك»نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملار شۇنى ئېنىق ئىپادىلىدىكى، بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىن باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر يوقنىڭ ئورنىدا، بېرەن- سارانلا ئۈچرىشىپ قالىدۇ. شۇ يۆنىلىش تەسىرىدە 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماۋەرائۇننەھرىدە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان لۇتفىي، ئاتائىي ۋە سەككاكىيلارنىڭ غەزەللىرىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان. دېمەك، شۇ دەۋر شارائىتىدىمۇ ئەجداتلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇغىدەك قوغداپ كەلدى.

ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقتۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز ھېچبىر زامان ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولغان ئەلشىر نەۋائىي 15- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىلا، ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونترول قىلىۋالغان پارس تىلىدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن ئىسپاتلاش ئۈچۈن «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» دېگەن شانلىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ۋە ئۇنى پۈتكۈل خەلقى ئالەمگە جاكارلىغان.([1])

   بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى مانجۇرلار ئانا ۋەتىنىمىزنى ئىككىنچى قېتىم ئىستېلا قىلغىنىدا، خەلقىمىزنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئۈچۈن مانجۇر تىلىنى زورلاپ تېڭىپ، يېزا- قىشلاقلاردا مانجۇر تىلىدا مەكتەپلەرنى ئاچقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئارىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك زاتلار، ئۆلۈمالار ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشتىن قاتتىق توسۇپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە تىلىمىز ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىق ئىدى. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان كۆپچىلىك ئاتا- ئانىلىرىمىز ھېلىمۇ تىلىمىزنى سىرتقى تەسىرلەردىن ساقلاپ كەلمەكتە. بىز ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئانا تىمىزدا گەپ قىلىۋاتقان بولساق، بۇ دەل ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن.

يات ئەلدە ياشاپ شۇ خەلقنىڭ تىلىنى بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، بىراق ھازىر دۇنيانىڭ قايسىبىر يېرىدە ياشىمايلى ئۆز ئانا تىلىمىزنى بىلمەسلىكىمىز ئېچىنىشلىق ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدىكى جىنايىتىمىزدۇر. قىسقىسى، ئۆز تىلىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى شۇ مىللەت قاتارىغا قويالايمىز.

 كۆپ تىل بىلىشنىڭ بىلىم- سەۋىيەنىڭ يوقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەقىقەت. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۈگەنمەسلىك يېتەرسىزلىكتۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىماندىن قالسا، ئۆگىتىش ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىش زۆرۈر بولغاندەك زۆرۈردۇر.

ئىسلامدا مىللەتچىلىك يوق، ئەمما مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بار. بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ تىلى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىستېمالدىن قېلىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشنى پەرز دەرىجىسىدىكى زۆرۈرىيەت دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.

تىلىمىز بىزنى قوغدايدۇ
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەرشارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى، ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.

ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى

     ھازىرقى زاماندا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتالمايدىغان مەجبۇيىتى پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر. بىر تىلنى بىلدىم دېيىش ئۈچۈن، شۇ تىلدا يېزىشنى، شۇ تىلدا ئوقۇشنى، شۇ تىلدا سۆزلەشنى بىلىشى ۋە شۇ تىلدىكى سۆزلەرنى چۈشىنىش شەرتتۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ناۋادا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى ياكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمىسە، ئۇلار نېمە بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ قىلالايدۇ؟

    بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كېتىشتىن بۇرۇن ھەربىر ئاتا-ئانا ئۇلارغا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىۋالالايدۇ. ئەمما بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئاتا-ئانىنىڭ چىشى پاتمايدۇ، ھەم ئۇلارنى كۆزىتىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشى ۋە ئەپلىك پۇرسەت بالىلارغا كىچىك يېشىدىنلا ئىمان، ئىسلام ئۆگىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشتۇر.

   شۇڭا ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس  ۋەزىپىنى ئورۇندىماي تۇرۇپ، بالىلىرىنى قانچىلىك ياخشى بېقىپ كەتسۇن، قانچىلىك ياخشى ئوقۇتۇپ كەتسۇن، ئۇيغۇر ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنى قانچىلىك ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار نۆۋەتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ۋە بوينىدىكى ئامانەتنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ. بۇ ھەربىر ئۇيغۇر باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.

    ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، شۇ مىللەتنىڭ دىنىنى قوغدىشى قانچىلىك زۆرۈر بولسا، ئانا تىلىنى قوغدىشىمۇ شۇنچىلىك زۆرۈر. چۈنكى بۇ ئىككىسى مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە قوغداپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدۇر.

   ۋەتەندىكى ۋەزىيەت ھەممىگە مەلۇملۇق، شۇڭا، ئۇ يەردە ئانا تىلنى قوغداش خەلقىمىزنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ئەمما چەتئەللەردىكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا تامامەن كۈچىمىز يېتىدۇ. ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ياكى نابۇت قىلىۋېتىش ھەربىرىمىزنىڭ قولىدىكى ئىش. شۇڭا، ھەربىر ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداشقا زور ئەھمىيەت بېرىشى، ئائىلىدە ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشى، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇشى، پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى، ئۇيغۇرچە ئوقۇشنى ۋە ئۇيغۇرچە يېزىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.


 ([1]) ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانىنىڭ «"مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين"دىن "مەئارىفۇل لۇغەتەين "گىچە» ناملىق ئەسىرى 8- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار