پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە تەكلىپ

پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە تەكلىپ

مۇھەممەد يۈسۈپ

پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى

تەربىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بالىلارنى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان ئەل ئىشىغا ياراملىق، چىن مەنىدە مۇسۇلمان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇش دوختۇر بولۇشتىن، ئىنژېنېر بولۇشتىن، فىزىكا مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىرەر ھۈنەرنىڭ ئۇستىسى بولۇشتىن ۋە  جاھاندىكى بارلىق نەرسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

قىسقىسى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى شەخسلەرنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇشىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە يېتىشىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان دوختۇر، مۇسۇلمان مۇئەللىم، مۇسۇلمان دېھقان، مۇسۇلمان تىجارەتچى، مۇسۇلمان كادىر، مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇسۇلمان ھۈنەرۋەن بارلىققا كەلگەن ئۈلگىلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش غايە ۋە مەقسەت قىلىنىدۇ.

پەرزەنتلەرگە ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. چۈنكى ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز تىلى ئارقىلىق مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.

كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نومۇسلۇق ئىشتۇر. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مىللىي قائىدە- يوسۇنلارنى ئۆگىتىش، ھەتتا ئىمان ۋە ئىسلامنىمۇ ئۆز تىلىمىزدا بىلدۈرۈش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.

تەربىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى
ئاتا ـ ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال بالىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك تەربىيەسىدىن مەسئۇلدۇر.

1. بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

2. بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

3. بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

4. بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەنددىكىچە:

 

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ئىسچوتى
بانكىدا پۇل قويغان ئادەم ئۇنى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئىشلىتىش ۋە زۆرۈر ھاجەتلەردىن چىقىش ئۈچۈن قويىدۇ. ئىشەنچ ئىسچوتىمۇ خۇددى بانكا ئىسچوتىغا ئوخشاش مۇھىم ھاجەتلەردىن چىقىش ئۈچۈن سېلىنىدۇ. بانكا ئىسچوتىدىكى ئامانەت تۇرمۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغاندەك، ئىشەنچ ئىسچوتىدىكى ئامانەت كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئادەمگە، خۇسۇسەن بالىلارغا توغرا، سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشىمىز بىزدىكى ئىشەنچ ئىسچوتىنى بېيىتىدۇ. ئىشەنچ ئىسچوتى باشقا ھېسسىيات سېلىنمىلىرىنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. «ئىشەنچلىك ئادەم» دېگەن ئىشەنچ ئىسچوتىغا ئىگە بولۇش بانكىدا مىليون دوللارلىق پۇل ئىسچوتىغا ئىگە بولغاندىن يۇقىرىدۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىشەنچ ئىسچوتىغا سالغان سېلىنمىسىغا قاراپ بولىدۇ.

 

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچنىڭ يوقۇلۇشى
ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقۇلۇشى ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغان خاتالىقتۇر. ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنچ قىلمىغان بالا، قانداقمۇ ئۇلارنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلسۇن؟

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى، بالىغا قىلغان تەھدىتلىرىنى ئىجرا قىلماسلىقى، يالغان سۆزلىشى ۋە ساختىپەزلىك قىلىشى قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردۇر.

ئاتا-ئانا بالىسىغا تۈنۈگۈن بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بالىلار بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇمايدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاددىي ساناشنىڭ ئۆزى چوڭ خاتالىق.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىدە بالىلارنى قورقۇتۇش نىيىتى بىلەن «ئۆلتۈرىمەن»، «بوينۇڭنى ئۈزىمەن» دېگەنگە ئوخشاش تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشى بالىلارنى تېخىمۇ ئىسيانكارلىققا مايىل قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە بوينىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ. شۇڭا ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەلىك لازىم.

بالىلارغا ئۆزىگە تايىنىپ چارە ئىزدەشنى ئۆگىتىش
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھېچكىمنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ھەم قاچۇرالمايدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ باشقىلار تېرىغان ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك. ھەممىلا ئىشتا ياردەم قىلىۋەرمەستىن، ئاز-تولا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش ئارقىلىق تەجرىبىلىك بولۇشىغا ئۈندەش كېرەك. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشىغا ياردەم بېرىش ۋە شۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك.

بالىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجايىن بولۇشىغا مەدەت بېرىش
تاللاش ھوقۇقىنى بالىلارغا بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجايىن بولۇشىغا مەدەت بېرىش لازىم. گەرچە سىز قانداق قىلىشنى بىلسىڭىزمۇ، لېكىن بالىلارغا مۇستەقىل قارار چىقىرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن توپلىغان تەجرىبىسى ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.

بالىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش
بالىلارغا كۆپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاز تەنقىد قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا سۆز قىلماسلىقى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى پەرزەنتلەر بىلەن ياخشى پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، مەسىلەن: «ياتىقىڭ قالايمىقان ھەم مەينەت ئىكەن»نىڭ ئورنىغا: «سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئۆز ھۇجراڭنى پاكىز تۇتۇش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش سەل ياخشى بولىدۇ. ئەگەر پەرزەنتلەر ئورۇنلىيالمىسا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن ياخشى.

بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئىشىنىش
 پەرزەنتلەردە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىشەنچنىڭ رولى تەنقىدلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاسىيادا تۇرۇشلۇق تەتقىقات ئورنىدىكى مەلۇم  بىر  داڭلىق خادىمىنىڭ ھېكايە قىلىشىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىر قېتىم مەكتەپتە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان، لېكىن ئانىسى ئۇنى بىر ئېغىزمۇ تەنقىدلىمىگەن ۋە بالىسىنىڭ قورقۇنچ بىلەن قارىغان كۆزىگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ: «سەن بۇرۇن ياخشى بالا ئىدىڭ بالام، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشى بالا بولىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىكەن. بۇ كىشى ھەر قېتىم شۇ ئىشنى ئەسلىگىنىدە: «بۇ ئانامنىڭ شۇ كۈنى ماڭا بەرگەن ۋە مەن مەڭگۈ ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيدىغان، ئەڭ ياخشى سوۋغات بولۇپ قالدى» دېگەن.

بالىلارنى ئارتۇقچە قائىدە - تۈزۈملەر بىلەن باغلىۋالماسلىق
ھەددىدىن زىيادە كۆپ قائىدە-تۈزۈملەر، بالىلارنىڭ پۇت-قولىنى بوغۇپ قويىدۇ. ئامال بار، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلىرىغا يول قويۇش ۋە  ئۇلارغا ئۆزىنى جارى قىلدۇرىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇلارغا يول قويۇش دېگەنلىك، قارىغۇلارچە ھەممىلا ئىشىغا يول قويۇش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق ئىش جايىدا ۋە توغرا بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، «بىرلىكتە قارار چىقىرىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلار كومپيۇتېر ئويناشقا ئامراق بولسا: «ئويناشقا رۇخسەت يوق» دېمەستىن، «نەتىجەڭ ياخشى بولسا، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولغان بولساڭ ئوينىساڭ بولىدۇ» دېسىڭىز بولىدۇ.

بالىلارنى مەغلۇپ بولغانلىقى سەۋەبلىك جازالىماسلىق
ھۇرۇنلۇق، يۆلىنىۋېلىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلار كۆرۈلگەندە مۇۋاپىق دەرىجىدە جازالاش ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە ھەرقانداق كىشىنىڭ قىلغان قىلمىشىغا بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا بولىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا جازالىماسلىق كېرەك، چۈنكى مەغلۇبىيەت بىلىم ۋە تەجرىبە توپلايدىغان بىر جەريان. ئەگەر بۇ چاغدا جازالانسا، بالىلارنىڭ ئىجاد قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا بالىلارغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېزراق مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ۋە مەغلۇبىيەتتىن تەجرىبە توپلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

بالىلارغا ھەممىلا ئىشنى قىلىپ بەرمەسلىك
 بالا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىنىشى لازىم. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەممىلا ئىشنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئورنىدا قىلىپ بەرمەسلىكى، بەلكى پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەرگە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرگىلى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بالىلارغا تاللاش ئەركىنلىكى بېرىش
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىلا ئىشىغا چات كېرىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھەممىلا ئىشقا چات كېرىۋېلىش پەرزەنتلىرىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانغا باراۋەر. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ئۆزى بېكىتىپ بەرگەن يولنى بىردىنبىر غەلىبىگە تۇتىشىدىغان يول دەپ ئويلايدۇ ۋە پەرزەنتلىرىنى بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قىستايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ھەممىلا ئىشتا «ياق» دېمەسلىكى ۋە ئۇلارغا تاللاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقى ھەددىدىن ئارتۇق زىيادە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ زەررىچىلىك ئازابقا ئۇچراپ قېلىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ، ھەم يول قويمايدۇ. شۇڭا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ «ئەتراپلىق» قوغداشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنىڭ پۇت-قولى تەبىئىيلا باغلىنىپ قالىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. تېخى بەزى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆزلۈكىدىنلا پەرزەنتلىرىگە تۇرمۇش پىلانى تۈزۈپ بېرىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەر ئاسانلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشى ۋە تاللاش ئىقتىدارىغا سەل قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، "ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئازاب ئىكەنلىكىنى بىل" دەيدىغان سۆز بار.

پەرزەنت تەربىيەسىدە مۇھىتنىڭ تەسىرى
بىر تەربىيە مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەيدۇ: «بىر پەرزەنتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدە تۇغۇلۇشى، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا چوڭ  بولۇشى شۇ بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي دۇنياسىدا چەكسىز پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مۇھىتنىڭ شۇ بالىغا بەرگەن غىدىقلىشى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ بالىلاردا چوڭ پەرقلەر پەيدا بولىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت زىددىيەتلىك مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت دۈشمەنلىشىش مۇھىتىدا ياشىسا، ئۇ ئۇرۇشقاق بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت قورقۇنچ ئىچىدە ياشىسا، ئۇ غەمكىنلا يۈرىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت بىخەتەر مۇھىت ئىچىدە ياشىسا، ئۇ باشقىلارغىمۇ ئىشىنىدىغان بولۇپ چىقىدۇ.

ياراملىق ئائىلە ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرىدۇ

ئالىملار ئائىلىنى «مىللەتلەرنى قۇرۇپ چىقىدىغان قېلىپ» دەپ تەرىپلەيدۇ. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى. ساغلام ئائىلىلەردىن ساغلام جەمئىيەت بەرپا بولىدۇ ۋە ياراملىق پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقىدۇ. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى پەرزەنتلىرىنى توغرا يوسۇندا تەربىيەلەشكە باغلىق. شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئىلمىيسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ناھايىتى مۇھىم. ئاۋادا تەربىيەدىكى ئىلمىيسىزلىك ھەل قىلىنمىسا، پەرزەنت تەربىيەسىدە نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ.

ئاتاغلىق يازغۇچى يالقۇن روزى مۇنداق دەيدۇ: «بالىلارنى توغرا تەربىيەلەشتىكى چىقىش نۇقتا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ياشاشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. خوجايىنلىق تۇيغۇسى ئاجىز، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن ئەۋلادلارنىڭ ھاياتىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. بالىلارنى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولىدىغان، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى توققۇز تۈرلۈك تەربىيە ئۇسۇلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم:

1.         بالىلارغا ئۆزى ئىلگىرىلەپ ماڭىدىغان بوشلۇق بېرىش.

2.       ئىشلارنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋاقىت بېرىش.

3.       ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىش.

4.       ئۆزى جاۋابىنى تاپىدىغان سوئال بېرىش.

5.       ئۆزى ھەل قىلىدىغان قىيىن مەسىلە بېرىش.

6.       ئۆزى چىڭ تۇتىدىغان پۇرسەت بېرىش.

7.        ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىدىغان ئالاقە بېرىش.

8.       تاللاش ھوقۇقى بېرىش.

9.       ئىجادكارلىق پۇرسىتى بېرىش.

مەلۇمكى، بالىلار ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىسىنىڭ قانىتى ئاستىدا يۈرمەيدۇ، ئۇلار بەرىبىر جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ، رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ، بۇ جەرياندا ھەر خىل مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مائارىپشۇناسلار مانا مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ، ئانا-ئانىسىنىڭ قوينىدىن ئايرىلالمايدىغان، مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى ئاجىز، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن، تايىنىۋېلىش ئىدىيەسى كۈچلۈك بالىلارنى ‹كېنگۇرۇ بالىلىرى› دەپ ئاتاشتى. ئۇلار يەنە ‹كېنگۇرۇ بالىلىرى› قوشۇنىنىڭ كۈنسېرى زورىيىشى جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى، دەپ ئاگاھلاندۇردى»[1].

پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئىككى چوڭ خاتالىق
جەمئىيەتتە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئاتا-ئانا مەۋجۇت: بىرى، پەرزەنتلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئاتا-ئانا، يەنە بىرى، مۇستەبىت ئاتا-ئانىدۇر. پەرزەنتلىرىنى مەيلىگە قويۇۋېتىش شەكلىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى قوللانغان ئاتا-ئانىلار ئادەتتە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە، يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ دىنىمىز بەلگىلىگەن ئەخلاق ئۆلچىمى دائىرىسىدە بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىغا، قىزىقىشلىرىنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكىگە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلمايدۇ.

مۇستەبىتلىك ئۇسۇلىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى قوللانغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە تاللاش ھوقۇقى، ئىختىيارىلىق ۋە ئازادىلىك بەرمەيدۇ. بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى پەرزەنتلىرىگە تاڭىدۇ، ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارمانلارنى ئۇلارغا يۈكلەيدۇ. مۇستەبىتلىك تۈسىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئومۇملاشقان تۈرى قاتتىق قوللۇق بىلەن بالا تەربىيەلەشتۇر. تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى بالىلارنى قورقۇتۇش بىلەن مەجبۇرلاشنى ئاساس قىلغان تەربىيە ئۇسۇلىنى ئەڭ ناچار ئۇسۇل دەپ قارايدۇ.

پەرزەنت تەربىيەسى ئۆسۈملۈكلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئوخشايدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنى ۋاقتىدا سۇلاپ تۇرمىغاندا، ئۇ قۇرۇپ قالىدۇ، ھەددىدىن ئارتۇق سۇلىغاندا بولسا، ئۆسۈملۈك ۋەيران بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىدە مەيلىگە قويۇپ بېرىش بىلەن مۇستەبىتلىك ئوتتۇرىسىدا مۇناسىپ يول تۇتۇش لازىم. شۇ ئېنىقكى، مەيلى بالىغا زىيادە ئامراق بولۇپ كېتىش بولسۇن ياكى زىيادە قاتتىق قول بولۇش بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئائىلە تەربىيەسىدىكى چەكتىن ئاشقان ھالەتتۇر.

پەرزەنتلەرنى سەلبىي ئۇچۇرلاردىن قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى

ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يوشۇرۇن مېڭىگە ئەۋەتىلگەن سەلبىي ئۇچۇرلار ئىنساننىڭ تەپەككۇرىغا ۋە ئېتىقادىغا، ئاندىن ئۇنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىغا ۋە ئىش-پائالىيىتىگە زور دەرىجىدە يامان تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئىنسان سەلبىي ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇنىڭ ئىلمىي قۇدرىتى، تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى تۆۋەنلەيدىكەن. مەسىلەن: «سىز غەلىبە قىلالمايسىز»، «سىز باشقىلاردىن ئارتۇق ئەمەس»، «سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئەقىللىق دەپ ئويلامسىز؟» «سىز توغرا پىكىر قىلالمايسىزكەن» دېگەنگە ئوخشاش سەلبىي ئۇچۇرلار ئادەمنى ئىجادىيەتتىن ۋە تىرىشچانلىقتىن توختىتىپ قويالايدۇ. چۈنكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بۇنداق سەلبىي ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ كېتىدۇ، مەن راستتىنلا شۇنداق ئوخشايمەن دەپ قوبۇل قىلىدۇ، بۇنداق سەلبىي ئۇچۇرلار يوشۇرۇن مېڭىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، سىز كېيىنچە قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى روياپقا چىقىرىشقا ئىنتىلگىنىڭىزدە ياكى ئىجادىيەتكە كىرىشمەكچى بولغىنىڭىزدا، يوشۇرۇن مېڭىڭىزدىكى بۇ سەلبىي ئۇچۇرلار باش كۆتۈرىدۇ ۋە يولىڭىزنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئۇستاز ئابدۇددائىم كۇھەيل مۇنداق دەيدۇ: «سىز مېڭىڭىزنى ئىنتايىن پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يۈرۈش تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر دەپ چۈشىنىشىڭىز لازىم. مېڭە ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇئەييەن پروگرامما بويىچە ئىشلەيدۇ، ئاشۇ پروگراممىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۆزىڭىز بولۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز غەلىبىنىڭ ئاچقۇچى قولىڭىزدا بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ھەقىقەتنى بىلمىسىڭىز، مېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز باشقۇرمىسىڭىز، سىزنىڭ مېڭىڭىزنى باشقىلار باشقۇرىدۇ، دوستلار، خىزمەتداشلار، جەمئىيەت ۋە سىزگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھەممىلا ئادەم باشقۇرىدۇ. سىز ئۇ چاغدا ھېسسىياتقا بېرىلىپ شوئارلا توۋلايدىغان، ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلالمايدىغان، ئەقلىڭىزنى ياكى ھېسسىياتىڭىزنى باشقۇرۇشقا كۈچىڭىز يەتمەيدىغان ئادەم بولۇپ قالىسىز».

بالىلارغا كىچىكىدە بېرەلمىگەن مېھىرنى چوڭ بولغاندا بەرگىلى بولمايدۇ

سىز پەرزەنتلىرىڭىزگە ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا مېھرىڭىزنى بېرەلمىگەن بولسىڭىز بۇ مېھىرنى ئۇلار چوڭ بولغاندا بېرەلمەيسىز. چۈنكى ئۇلار ئۇ چاغدا سىزدىن ئالالمىغان مېھىر بوشلۇقىنى ئاللىقاچان باشقىلاردىن ئېلىپ تولدۇرۇپ بولغان بولىدۇ. ئاددىيسى، سىز پەرزەنتلىرىڭىزنى كىچىكىدىن باغرىڭىزغا بېسىشنى ۋە پىشانىسىگە سۈيۈشنى ئادەت قىلمىغان بولسىڭىز، ئۇلار چوڭ بولغاندا سىز شۇنى قىلاي دېسىڭىز ئۇلار ئۈچۈن غەلىتە تۇيۇلىدۇ. بالىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياجى تەبىئىي ئېھتىياجلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئۇنى چوقۇم تولدۇرىدۇ، سىز بەرمىسىڭىز باشقىلاردىن، ھەتتا كوچىدىكىلەردىن تولدۇرىدۇ. شۇڭا سىز پەرزەنتلىڭىزنىڭ بۇ تۈرلۈك تەبىئىي ئېھتىياجلىرىنى ئۆزىڭىز تولدۇرۇڭ، باشقىلار تولدۇرمىسۇن. چۈنكى باشقىلار تولدۇرۇۋالسا سىزگە بوشلۇق قالمايدۇ. بۇ سىز ئۈچۈن چوڭ قولدىن بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

 

دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش
كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان دىن ۋە مىللىتى بىلەن ئىپتىخارلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىشىنى تەربىيەگە ھاجەت بولماستىن، ئۆزلۈكىدىن قولغا كېلىدىغان قىممەت قاراش دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

ئەمما ھەقىقەت شۇكى، ئىش ھەرگىزمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭاي ئەمەس. بالىلار پەقەت ئىسلامىي ئەخلاق بويىچە ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل يېتىشتۈرۈلگەندىلا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلالايدىغان ۋە بۇ ئىككىسىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ.

رېئاللىقتا كۆرۈۋاتىمىزكى، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولمىغان، ئىسلامىي ئەخلاقتىن نېسىۋە ئالالمىغان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان قىممەتلەرنى بىلمەستىن ياكى ئاددىي سانىغانلىقتىن، باشقا دىندىكىلەرنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ھېس قىلىش ۋە قوغداش دەيدىغان چۈشەنچە ئەسلا تېپىلمايدۇ.

پاساتچىلىق ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئومۇملاشقان، دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ھەممىلا يەردە توختىماي داۋام قىلىۋاتقان، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇشنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، ياشلاردا ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئىمانسىزلىق باش كۆتۈرگەن مۇشۇ دەۋردە، بالىلىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايمىز؟

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەلۋەتتە دىنىمىزغا قايتىشىمىز، چارىنى دىنىمىزدىن ئىزدىشىمىز، ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تولۇق قوراللىنىشىمىز شەرت. بۇنىڭدىن ئون تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى زامانلاردا ئەخلاقىي، ئېتىقادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن بۇزۇلۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان، ھەتتا مىللەت قاتارىدىن سانالماسلىق دەرىجىسىگە يېتىپ قالغان ئەرەب مىللىتىنى چارەك ئەسىرگە يەتمەيدىغان ئازغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە، ئەخلاق-پەزىلەتتە، دىن-دىيانەتتە، ئىنساب-ئادالەتتە دۇنيا خەلقىگە ئۈلگە بولالايدىغان بىر مىللەتكە ئۆزگەرتكەن ئىسلام بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغان، بۇ ئىككىسىنى جان تىكىپ قوغداشنى ۋە بۇ يولدا بەدەل تۆلەشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شەرەپ بىلىدىغان، دىيانەتلىك ۋە ئىرادىلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ، يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئەلۋەتتە قادىر.

مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
بىز مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى، ئىلىم-مەرىپىتىنى، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، سۆزىدە تۇرۇش، مۇئامىلىدە سەمىمىي بولۇشقا ئوخشىغان ئىنسانىي ئەخلاقىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر، ئۇنى نەدىن تاپسا ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر»([2]) دېگەن.

ئەرەب تىلىدىكى «ھېكمەت» سۆزى «توغرا ئىش، توغرا سۆز ۋە پايدىلىق ئىلىم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ئىلىم-مەرىپەتنى، ھۈنەر-كەسىپنى ۋە توغرا ئىشلارنى نەدە بولسا تېپىپ ئۆگىنىشكە ۋە قىلىشقا بۇيرۇلغان.

بالىلار ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ئوڭايلىقلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا كومپيۇتېر ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش، ھەر خىل مەلۇماتقا ئىگە قىلىش، ئىزدىنىش روھىنى ئويغىتىش جەھەتلەردىن تېخنىكىلىق بىر مۆجىزە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بېرىلىپ كېتىشى، ئۇنى ئاتا-ئانىنىڭ نازارىتىسىز قوللىنىشى ۋە كېرەكسىز ئىشلار ئۈچۈنمۇ قوللىنىشى نەتىجىسىدە، پىسخىكىي ۋە ئىجتىمائىي مۈشكىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن مۇتلەق توسۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ، بەلكى بۇنداق قىلغاندا باشقا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىلارنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن مۇتلەق توسماي ۋە كونترولسىزمۇ قويۇپ بەرمەي، نازارەت قىلىش ۋە چەك قويۇش كېرەك. بۇ ماۋزۇدا تۆۋەندىكىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

1. ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئىشىغا چەك قويۇشى، بۇ جەھەتتە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشى لازىم. چۈنكى ئۆزى رىئايە قىلمىغان ئىشقا بالىلارنىڭ رىئايە قىلىشى تەس.

2. بالىلارغا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ پايدا- زىيانلىرى توغرۇلۇق يېتەرلىك مەلۇماتلارنى بېرىش، بۇ ئىككىسىنى ھەددىدىن ئارتۇق  كۆپ ئىشلىتىشنىڭ خەتىرىدىن ئۇلارنى  ئاگاھلاندۇرۇش، ئەدەپ-ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تورلارغا كىرىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قايىل قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش.

3. بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت بەلگىلەش.

[1] يالقۇن روزىنىڭ «تەنقىدنىڭ كۆزىدە» ناملىق ئەسىرى، 12-13- بەتلەر.
([2]) ئىمام ئىبنى ماجەنىڭ «سنن ابن ماجه» ناملىق ھەدىس توپلىمى«كِتَابُ الزُّهْدِ» 2-توم، 1395-بەت، 4169-ھەدىس. ئىمام تىرمىيزىنىڭ « سنن الترمذي » ناملىق ھەدىس توپلىمى «أَبْوَابُ الْعِلْمِ عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ», 4-توم، 348-بەت، 2687-ھەدىس.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار