پۇرسەت ۋە ھېكمەت

پۇرسەت ۋە ھېكمەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

پۇرسەت – بىرەر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان ۋاقىت ۋە پەيت دېگەنلىك بولۇپ، ۋاقىت بىلەن پەيت ھەمىشە كېلىپ تۇرىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر پايدىسىز ئۆتكۈزىۋېتىدۇ.

ھېكمەت- ھەربىر ئىشنى ئۆز جايىدا ۋە ئۆز ۋاقتىدا توغرا شەكىلدە ئورۇنداش دېگەنلىك بولۇپ، ھېكمەتلىك كىشىلەر توغرا ئىش قىلىدۇ ۋە توغرا گەپ قىلىدۇ.

ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئالدىمىزغا نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ. پۇرسەتلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆرۈمسىز ۋە دىققىتىمىزنى قوزغىمايدىغان شەكىلدە كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز. ئەسلىدە بىزگە كەلگەن ھەربىر مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك ۋە ھەربىر كېلىشمەسلىك ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن سۇنۇلغان پۇرسەتلەر بولۇپ، پايدىلىنىشنى بىلسەك زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرالايمىز.

پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش ئۈچۈن ھېكمەت كېرەك. پۇرسەتتىن ھېكمەتلىك پايدىلىنىش ھەققىدە كۆپلىگەن ئىبرەتلىك قىسسىلەر بار.

ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى (630م) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئون مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىنى مەككە خەلقىگە: «كىمكى ئۆز ئۆيىگە كىرىۋالسا ياكى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۆيىگە كىرىۋالسا ئامان قالىدۇ» دەپ ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھېكمەتلىك تەدبىرى سايىسىدا مەككە مۇكەررەمە شەھىرى تىنچلىق بىلەن ئازاد بولىدۇ، ئۇرۇش ۋە قان تۆكۈش دېگەنلەر بولمايدۇ. چۈنكى، ئەبۇ سۇفيان مەككىنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئۇ جايدىكى مۇشرىك كۈچلىرىنىڭ قوماندىنى بولۇپ، ئۇ مەككە ئازاد بولۇشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا ئىمان ئېيتقان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇ سۇفيانغا بۇ كاتتا ئىلتىپاتنى قىلغانلىقى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مۇشرىك كۈچلىرىنى ۋە بارلىق مەككە خەلقىنى قايىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام قوشۇنىغا ھېچكىم قورال تەڭلىمىگەن ۋە ھەممە ئۇلارنى قارشى ئالغان.

بۇ قىسسىدە، جەمئىيەتتە ھۆرمىتى ۋە نوپۇزى بار كىشىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئاندىن ئۇلارنى كۆزلەنگەن مەقسەت- مۇددىئاغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئىپادىلىنىدۇ.

 

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش سەپەرۋەرلىكى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، شۇ چاغدا گوللاندىيەلىك بىر باي بار پۇلىغا جەنۇبىي ئافرىقىدىن بىپايان بىر زېمىننى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇ جاينى كاتتا دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ جاينىڭ ھېچ نەرسە ئۈنمەيدىغان ۋە يىلان-چايانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر جاي ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم نېمە قىلىشىنى بىلمەي، چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئاخىر ئۇ جايدىكى يىلان-چايانلاردىن پايدىلىنىپ زەھەر قايتۇرىدىغان تەبىئىي دورىلارنى ياساشنى پىلانلايدۇ ۋە شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈپ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەھەرلىك ۋاكسىنا زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇ قىسسىدە، يېڭىلگەندە بولدى قىلماسلىق ۋە ھەرقانداق بىر مۇسىبەتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت قايتماس روھ يورۇتۇپ بېرىلگەن. چۈنكى ئادەم زىيانغا بوي ئەگمىگەن ۋە مەسىلىنىڭ ئىجابىي تەرىپىگە قارىغان. نەتىجىدە، يىلان-چايانلىق زېمىندا زەھەرلىك ۋاكسىنا زاۋۇتى قۇرۇش ئارقىلىق زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرغان.

 

بىر بالا ئىسكىرىپكا چېلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مەشھۇر يەتتە مۇزىكانت بىلەن بەسلىشىدۇ. شۇ ئارىدا بالىنىڭ قولىدىكى ئىسكىرىپكىنىڭ بىر تارىسى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، ئەمما بالا چاندۇرماي چېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئىككىنچىسىمۇ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، بالا قالغان ئىككى تارا بىلەن يەنە چېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. گەرچە تارىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك ئىسكىرىپكا تەلەپكە لايىق چېلىنمىغان بولسىمۇ، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بالىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قايتماس روھىغا ئاپىرىن ئۇقۇپ، ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقىرى نومۇر بېرىدۇ.

بۇ قىسسىدە، ئۇرۇنۇشتىن توختاپ قالماسلىق، يېڭىلگەنگە تەن بەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئىجابىي روھ يورۇتۇپ بېرىلگەن. ناۋادا بۇ بالا تارىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك توختاپ قالغان بولسا قازىنالمىغان بولاتتى.

 

دائىل كارنېگى «ئىنسانلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيسىز» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشقا باشقىلارنى قانداق قايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلغان:

بىر دېھقان ئوغلى بىلەن بىرلىكتە بىر كالىنى ئېغىلغا ئەكىرەلمەي قالىدۇ، ئۇلار كالىنى ئارقىسىدىن كۈچلۈك ئىتتىرىدۇ، كالا بولسا تاقارىشىپ ماڭماي تۇرۇۋالىدۇ. شۇ ئەسنادا دېھقاننىڭ ئايالى ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇلارنى كۆرىدۇ ۋە گەپ قىلماي قولىغا بىر سىقىم بېدىنى ئېلىپ چىقىپ، كالىنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. بۇ چاغدا كالا ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئېغىلغا كىرىدۇ.

بۇ قىسسىدە، ئۆزىمىز قىلماقچى ياكى قىلدۇرماقچى بولغان ئىشقا باشقىلارنى كۈچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سىلىق ۋە جەلب قىلارلىق ئۇسلۇب بىلەن قايىل قىلىشتىن ئىبارەت ھېكمەتكە ئىشارەت قىلىنغان.

 

 دالى كارنېگى يەنە باشقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە قەدرىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسسىنى بايان قىلغان بولۇپ، بىر ئايالنىڭ ھەرخىل گۈللەر تېرىلغان بېغى بار ئىكەن. ئەمما مەھەللىنىڭ بالىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇ ئايالنى بىئارام قىلىدىكەن، بېغىغا كىرىپ گۈللەرنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن. ئايال بالىلارغا ئالدى بىلەن چىرايلىق نەسىھەت قىلغان، كېيىن قاتتىق سۆزمۇ قىلغان، ھەتتا ساقچىغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بالىلارنى گۈللەرنى بۇزۇشتىن توختىتالمايدۇ. ئايال شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ۋە ھەممىگە گېپى ئۆتىدىغان بىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا باغنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ، مەھەللىنىڭ بالىلىرىغا باشلىق قىلىپ سايلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بالا باغقا كىرىشكە پېتىنالمايدىغان ۋە ھەممە بىللە باغنى قوغدايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.

بۇ قىسسىدە، باشقىلارنىڭ قەدرىنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىمىز پىلانلىغان ئىشقا خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ھېكمەت يورۇتۇپ بېرىلگەن.

 

بىر پىسخولوگ پەم-پاراسەت بىلەن باشقىلارنى قانداق يولغا كىرگۈزگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلغان. بىر ئادەم ھەر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بىرەر سائەت قەيلۇلە قىلىدىكەن (ئۇخلايدىكەن)، ئەمما مەھەللىنىڭ بالىلىرى شۇ ۋاقىتلاردا ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيى با كوچىدا بىر كونا چېلەكنى تىپىپ ئوينايدىكەن. بۇ سەۋەبتىن ئادەم قاتتىق بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمايدىكەن. ئادەم بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ھەرخىل چارىلەرنى ئويلاپ چىقىدىكەن. قولۇمغا بىر تاياق ئېلىپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ قوغلىۋەتسەم قايتا كەلمەسمۇيا؟ ياق، ئۇنداق قىلسام ئۇلار مەن بىلەن زىتلىشىپ مېنى تېخىمۇ راھەتسىز قىلىشى مۇمكىن. ياكى ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلىپ يالۋۇرسام ۋە بالىلىرىم مېنى راھەتسىز قىلماڭلار دېسەم بولارمۇ؟ ياق، ئۇ چاغدا مېنى ئاجىز ساناپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشى مۇمكىن. ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ تارقىتىۋەتسەم بولارمۇ؟ ياق، ئۇ چاغدا ئۇلار مەندىن ئۆچ ئالىدۇ ۋە بىئارام قىلىشنى توختاتمايدۇ. ئادەم ئۇنى ئويلاپ، بۇنى ئويلاپ، ئاخىر بىر قارارغا كېلىدۇ ۋە سىرتقا چىقىپ بالىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بالىلىرىم! سىلەر بەك ياخشى ئوينىدىڭلار. ئەگەر سىلەر ھەر كۈنى مۇشۇنداق چېلەك تىپىپ بەرسەڭلار، مەن سىلىگە بەش سوم پۇل بېرىمەن» دەيدۇ. بالىلار خۇشال بولىدۇ ۋە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەتىسى كېلىپ يەنە چېلەك تىپىپ ئوينايدۇ. بوۋاي بەش سوم بېرىدۇ، بالىلار بەك خۇشال بولىدۇ. بالىلار ئەتىسى يەنە كېلىپ ئوينايدۇ. بوۋاي چىقىپ، «بالىلىرىم! بۈگۈن پۇلۇم ئاز قاپتۇ، سىلىگە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى سوم بېرەلەيمەن» دەپتۇ. بالىلار خۇش ياقمىغاندەك قىياپەتتە «مەيلى ئەمدى» دەپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەتىسى بوۋاي چىقىپ، «بالىلىرىم! ئەمدى پۇل يوق، سىلىگە بۇنىڭدىن كېيىن پۇل بېرەلمەيدىغان بولدۇم» دەيدۇ. بالىلار «ئاچچىقلىنىپ، بىز نېمىشقا بىكارغا چېلەك تەپكۈدەكمىز؟ بولدى، تەپمەيمىز» دەپ قېيىداپ كېتىپ قالىدۇ ۋە قايتا ھېچ كەلمەيدۇ».

بۇ قىسسىدە، ھەرقانداق بىر ئىش ماددىي مەنپەئەتكە باغلانغاندا ھاياجان ۋە ئىخلاسنىڭ يوقۇلىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

 

ئىبرەت:

-         بەزىدە بىرەر قىسسە مىڭ نەسىھەتتىن ياخشىدۇر.

-         قىسسە بايان قىلىش ئىنسانلار ئارىسىدا تەجرىبە- ساۋاقلارنى يۆتكەشنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر.

-         قىسسە ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن مەزمۇن ئەستە ساقلاش ئۈچۈن قولايلىقتۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار