سىز ئىشەنگەن بىرىنىڭ ئىلكىدە بولسىڭىز ھېچ قورقماڭ مۇھەممەد يۈسۈپ

سىز ئىشەنگەن بىرىنىڭ ئىلكىدە بولسىڭىز ھېچ قورقماڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۇزۇن يىللىق ئۆيلۈك بولۇپ، بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ھەتتا بىرەر كۈن كۆرمىسە تۇرالمايدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ خاراكتېرى بىر-بىرىگە تامامەن زىت بولۇپ، ئەر ناھايىتى ئېغىر-بېسىق، ئوڭاي ئاچچىقلانمايدىغان كىشى ئىكەن، ئايالى بولسا ئېرىنىڭ ئەكسىچە، ئاددىي ئىشلارغىمۇ چېچىلىدىغان، سەپرا مىجەز ئايال ئىكەن. ئۇلار بىر كۈنى كېمە بىلەن دېڭىز سەپىرىگە چىققان بولۇپ، قاتتىق بوران سەۋەبلىك كېمىگە سۇ توشقىلى تۇرۇپتۇ، كېمىدىكى يولۇچىلار قورقۇنچ ئىچىدە داد-پەرياد قىلىشىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ئايال بۇ دەھشەتلىك ئەھۋال ئىچىدە ئېرىنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ. قارىسا ئېرى بىر چەتتە بەخىرامان ئولتۇرغۇدەك، ئايال قاتتىق غەزەپ بىلەن ئېرىگە ئېتىلىپ، «كېمىدە بولۇۋاتقان دەھشەتتىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟ نېمانداق جىم ئولتۇرىسىز؟» دەپ ۋارقىراپتۇ. ئادەم «بىلىۋاتىمەن» دەپتۇ-دە، يېنىدىن خەنجىرىنى چىقىرىپ، ئايالنىڭ بوينىغا توغرىلاپ تۇرۇپ، «خەنجەردىن قورقمامسەن؟» دەپ قاتتىق ۋارقىراپتۇ. ئايال ئېرىگە قاراپ: «ياق، قورقمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، ئېرى ئايالىدىن: «نېمىشقا قورقمايسەن؟» دەپ سورىشىغا، ئايالى دەرھال جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى خەنجەر مەن ئىشەنچ قىلىدىغان ۋە سۆيىدىغان كىشىنىڭ قولىدا» دەپتۇ. ئاندىن ئېرى كۈلۈمسىرەپ: «مەنمۇ شۇڭا قورقمايمەن، چۈنكى بۇ قاتتىق بورانمۇ مەن ئىشەنچ قىلىدىغان ۋە مەن ياخشى كۆرىدىغان زاتنىڭ ئىلكىدە. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا، مەن نېمىدىن قورقاتتىم؟!» دەپتۇ.

بۇ بىر مىسال، بىر ھېكايە. بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئالىدىغان دەرسىمىز شۇكى، بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىز، كېچە-كۈندۈزدىكى ئەھۋالىمىز، تەقدىرىمىز ۋە ھاياتىمىز، ماماتىمىز چەكسىز قۇدرەتلىك، رەھىم-شەپقەتلىك بىز زاتنىڭ ئىلكىدە بولغان ئىكەن،  بىز سۇ زاتنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىپ ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە قوللۇق قىلسا، ئۇ زات بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ خاپىلىقلىرىدىن، خەتەرلىرىدىن ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر. ئايروپىلان سىلكىنگەندە، ئايروپىلاندىكى مەسئۇللارنىڭ «قورقماڭلار، ئايروپىلان كونترولىمىز ئاستىدا» دېگەن سۆزىگە ئىشىنىپ خاتىرجەم بولىمىز، يۈرىكىمىز جايىغا چۈشىدۇ-يۇ، ئاللاھ تائالانىڭ يۈزلەرچە ۋەدىسىگە ۋە وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا  يەنى «كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ» ،  وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرًا  يەنى «كىمكى ئاللاقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»  دېگەن سۆزلىرىگە ئىشەنمەيمىز، گەرچە دىلىمىزدا ئىشەنگەن بولساقمۇ، ئىش-ھەرىكىتىمىزدە ئىشەنمىگەندەك ئىپادىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ قويىمىز. بۇ بىزنىڭ يېتەرسىزلىكىمىزدۇر.

ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىش — ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن دەرھال يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇكەممەل ئىتائەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى تەن سالامەتلىكىمىزنى ساقلاشقا بۇيرۇدى. نەتىجىدە، تەن ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بارچە سەۋەبلەرنى قىلىش ئىبادەتتۇر.  چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر

— ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش تەقۋالىقتۇر.

— ئۆزىمىزدە يۇقۇملىنىش بايقالسا جامائەت سورۇنلىرىغا، نەزىر-چىراقلارغا، توي-تۆكۈملەرگە، ھەتتا مەسجىدلەرگە، ۋە جۈمە نامىزىغا بارماسلىق تەقۋالىقتۇر.

— تازىلىققا زور ئەھمىيە بېرىش تەقۋالىقتۇر.

— ئۆزىمىزدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان كېچىكمەي دوختۇرغا بېرىش تەقۋالىقتۇر.

— پەرزەنتلىرىمىزنى يۇقۇملىنىشتىن قوغداش تەقۋالىقتۇر.

— سىرتقا چىققاندا يۇقۇملىنىشقا قارشى تەدبىرلەرنى تولۇق ئېلىش تەقۋالىقتۇر.

— ئۆيگە كىرگەندە دەرھال قولىمىزنى سوۋۇنلاپ 20 سىكونتتىن 40 سىكونتقىچە يۇيۇش تەقۋالىقتۇر.

—

ھازىر دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ھۆكۈم سۈرمەكتە. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى قورالىمىز بار، بىرى ئىشىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇش، دۇئا قىلىش، يەنە بارچە سەۋەبلەرنى قولدىن بەرمەسلىكتۇر. بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۆلۈم قورقۇنچلۇق نەرسە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي قورقۇنچلۇق ئىش ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلماسلىقتۇر.

ھەرقانداق بالا-قازا، ئاغرىق-سىلاق ۋە ۋابا ئاللاھ تائالانىڭ كونترولىدا بولىدىغان ئىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىلىرىگە ئۇنى ئەۋەتىدۇ، خالىغان بەندىلىرىنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قالىدۇ. ئەمما بىز ئاللاھ تائالانىڭ كىملەرنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، شۇڭا سەۋەبنى قولدىن بەرمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى بىز سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلدۇق. بىز سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاش يولىدا سەۋەب قىلساق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز. ئىشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىپ دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى تەۋسىيە قىلغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ۋە مۇكەممەل دەرىجىدە ئورۇندىشىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار