
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىكىر ۋە دۇئا بىلەنكى 24-سائىتى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېچە-كۈندۈزدىكى ھەربىر ئىشتا ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلاتتى، ھەمىشە ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ھاياتنى خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋالاتتى. كېچىنىڭ ئۈچىدىن بىرى قالغان ۋاقتىدا، ئورنىدىن تۇرۇپ :
الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي عَافَانِي في جَسَدِي وَرَدَّ عَلَيَّ رُوحِي وأَذِنَ لِي بِذِكْرِهِ يەنى «تېنىمنى ساق قىلغان، جېنىمنى ماڭا قايتا ئاتا قىلغان ۋە ئۆزىنى ياد ئېتىشىم ئۈچۈن ماڭا پۇرسەت بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن»( ) دەيتتى.
بۇ دۇئادىكى ۋايىغا يەتكەن كەمتەرلىك بىلەن ئەدەپكە قاراڭ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئادا ھايات بىلەن تەن ساقلىقىنىڭ ئەڭ كاتتا نېمەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەت قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكى يەنە ئايرىم بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان. بەرھەقكى، ھايات بىلەن تەن ساقلىقى بىزگە بېرىلگەن نېمەت ۋە پۇرسەتتۇر. بىز بۇ ئىككىسىگە ئىگە بولۇشتا ھېچقانداق بەدەل تۆلىمىدۇق، بۇلارنى سېتىۋالمىدۇق، پەقەتلا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئاتا-ئېھسان ۋە ئامانەت سۈپىتىدە بىزگە بېرىلدى. شۇڭا قىيامەت كۈنى ئالدى بىلەن بۇ نېمەتلەردىن سورىلىمىز. «بەندىنىڭ قەدىمى قىيامەت مەيدانىغا قويۇلغان ھامان تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۈگەتكەنلىكىدىن، ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن، پۇل _ مالنى نەدىن تېپىپ، نەگە ئىشلەتكەنلىكىدىن، ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن»( ).
كېچە بىلەن كۈندۈز ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان نېمەت بولۇپ، ئىككى ئالەملىك ئامانلىقنى ۋە بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلار ئۈچۈن پۇرسەتتۇر. اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ يەنى «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ) قىلىپ بەرگەن، (تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى يەنىلا شۈكۈر قىلمايدۇ» .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ھەربىر يېڭى كۈننى كۆپلىگەن ئېسىل دۇئا ۋە زىكىرلەر بىلەن باشلايتتى.
اَلَّلهُمَّ إِنّيِ أَصْبَحْتُ مِنْكَ فِي نِعْمَةٍ وَعَافِيَةٍ وَسِتْرٍ، فَأَتِمْ عَلَيَّ نِعْمَتَكَ وَعَافِيَتَكَ وَسِتْرَكَ فِي الدُّنْيَا وَاْلآخِرَةِ يەنى «ئى ئاللاھ! مەن سەن تەرەپتىن بېرىلگەن نېمەت، ئامانلىق ۋە مەغپىرەت ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزدۇم. ئى ئاللاھ! نېمىتىڭنى، ئامانلىقىڭنى ۋە مەغپىرىتىڭنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ماڭا تولۇقلاپ بەرگىن»( ) (ئۇچ قېتىم).
اَللَّهُمَّ مَا أَصْبَحَ بِي (ئاخشاملىرى: «ماَ اَمْسَى بِي» دەپ ئوقۇلىدۇ) مِنْ نِعْمَةٍ أو بأحَدٍ مِنْ خَلْقِكَ، فمِنْكَ وَحْدَكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ، فَلَكَ الْحَمْدُ وَلَكَ الشُّكْرُ، ياَ رَبِّ لَكَ الْحَمْدُ كَماَ يَنْبَغِي لِجَلاَلِ وَجْهِكَ وَعَظِيْمِ سُلْطاَنِكَ يەنى «ئى ئاللاھ! ماڭا ياكى بەندىلىرىڭدىن بىرەرسىگە ئەتىگەندە (ئاخشامدا) ئاتا قىلىنغان قانداقلا بىر نېمەت بولمىسۇن، ئۇ چوقۇم سېنىڭدىندۇر. سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، ھەمدۇ سانا ۋە شۈكۈر پەقەت ساڭىلا خاستۇر. پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنىڭ كاتتىلىقى ۋە مەرتىبەڭنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق كېلىدىغان ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر»( ) (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).
رَضِيْتُ بِاللهِ رَبّاً، وباْلإِسْلاَمِ دِيْناً، وَ بِنَبَيِّناَ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَبِيّاً وَرَسُولاً يەنى «ئىگەم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدىم»( ) (ئۈچ قېتىم).
سُبْحَانَ اللّهِ وَبِحَمْدِهِ عَدَدَ خَلْقِهِ، وَرِضَا نَفْسِهِ، وَزِنَةَ عَرْشِهِ وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ يەنى «ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھېسابىچە، ئەرشىنىڭ زىننىەتلىرىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا يېتەرلىك سىيالارغىچە ۋە ئۆزى مەمنۇن بولغىچە ھەمدۇ ساناغا لايىقتۇر»( ) (ئۈچ قېتىم).
بِسْمِ اللهِ الَّذِي لاَ يَضُرُّ مَعَ اِسْمِهِ شَيْءٌ فِي اْلأَرْضِ وَلاَ فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيْعُ العَلِيْمُ يەنى «نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندە ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»( ) (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).
تاھارەت ئېلىش ئالدىدا
بِسْمِ اللهِ يەنى «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»( ).
تاھارەتتىن كېيىن
أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُه يەنى «يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ شېرىكى يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن»( ).
اَللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِنَ التَّوَّابيْنَ، وَاجْعَلْنِي مِنَ الْمُتَطَهِّرِيْنَ يەنى «ئى ئاللاھ! مېنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ۋە گۇناھلاردىن پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن»( ).
ئۆيدىن چىقىشتا
بِسْمِ اللهِ تَوَكَّلْتُ عَلَى اللهِ لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاّ بِاللهِ يەنى «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ»( ).
مەسجىدكە كىرىشتە
اَللّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ يەنى «ئى ئاللاھ! ئۇلۇغ پەزلىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلىشىڭنى تىلەيمەن»( ).
مەسجىدتىن چىقىشتا
اَللَّهُمَّ اعْصِمْنِي مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ يەنى «ئى ئاللاھ! مېنى قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىغىن»( ).
تائامدىن ئاۋۋال
اَللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيْمَا رَزَقْتَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ بِسْمِ اللَّهِ يەنى« ئى ئاللاھ! بىزگە ئاتا قىلغان رىزقىڭغا بەرىكەت بەرگەيسەن ۋە بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن»( ).
تائامدىن كېيىن
اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَطْعَمَنِي هٰذَا وَرَزَقَنِيْهِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنّي وَلاَ قُوَّةٍ يەنى «جىمى ھەمدۇ سانا مەن ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلماستىن، مېنى بۇ تائام بىلەن غىزالاندۇرغان ۋە ئۇنى ماڭا رىزىق قىلىپ ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىمەن»( ).
ئۇلاغقا مىنگەندە
سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِيْنَ. وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ يەنى «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز بۇنىڭغا(چىقىشقا)قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز»( ).
مېھمانغا بارغاندا
اَللَّهُمَّ بَارِكْ لَهُمْ فِيْمَا رَزَقْتَهُمْ وَاغْفِرْ لَهُمْ وَارْحَمْهُمْ يەنى «ئى ئاللاھ! ئۇلارغا ئاتا قىلغان رىزقىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا رەھىم قىلغىن»( ).
سورۇندىن كېيىن
سُبْحَانَكَ اَللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ لاَ إلٰهَ إلاَّ أَنْتَ أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ يەنى «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. سەندىن مەغپىرەت تىلەيمە ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن»( ).
قىيىنچىلىققا يولۇققاندا
لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ الْعَظِيْمُ الْحَلِيْمُ. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَرَبُّ الأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيْمِ يەنى «ئاسىيلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر»( ).
دۈشمەنگە يولۇققاندا
اَللَّهُمَّ إِنَّا نَجْعَلُكَ في نُحُورِهِمْ وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شُرُورِهِمْ يەنى «ئى ئاللاھ! ئۇلارنى سېنىڭ جازايىڭغا تاپشۇردۇق، ساڭا سېغىنىپ ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز»( ).
تەھدىتكە ئۇچرىغاندا
حَسْبُنَا اللهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ يەنى «ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئۇ ئەڭ ياخشى مەدەتكاردۇر»( ).
كېسەل يوقلىغاندا
اَسْأَلُ اللهَ الْعَظِيْمَ رَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ أَنْ يَشْفِيْكَ يەنى«ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە شىپالىق تىلەيمەن»( ).
ئۆيگە كىرىشتە
بِسْمِ اللهِ وَلَجْنَا وَبِسْمِ اللهِ خَرَجْنَا، وَعَلَى اللهِ رَبِّنَا تَوَكَّلْنَا يەنى «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كىردۇق، ئۇنىڭ نامى بىلەن چىقتۇق ۋە پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا تەۋەككەل قىلدۇق»( ).
ھاجەتخانىغا كىرىشتە
اللّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْخُبْثِ وَالْخَبَائِثِ يەنى «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ ھەرقانداق شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەيمەن»( ).
ھاجەتخانىدىن چىقىشتا
غُفْرَانَك، الْحَمْدُ ِللهِ الَّذيِ اَذْهَبَ عَنّيِ اْلأَذَى وَعَافَانِيَ يەنى «ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، مەندىن زىيان ـ زەخمەتنى يوق قىلغان ۋە مېنى سالامەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن»( ).
ئەينەككە قارىغاندا
اَلَّلهُمَّ أَحْسَنْتَ خَلْقِي فَأَحْسِنْ خُلُقِي يەنى «ئى ئاللاھ! مېنى چىرايلىق ياراتقىنىڭدەك ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن»( ).
يامغۇر ياغقاندا
صَيِّبًا نَافِعًا يەنى «ئى ئاللاھ! ئۇنى بىزگە پايدىلىق قىلىپ بەرگىن»( ).
يامغۇر بەك كۆپ يېغىپ كەتكەندە
اللَّهُمَّ حَوَالَيْنَا وَلاَ عَلَيْنَا يەنى «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ زىيىنىمىزغا ئەمەس، ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن»( ).
چاقماق چاققاندا
اللَّهُمَّ لاَ تَقْتُلْنَا بِغَضَبِكَ وَلاَ تُهْلِكْنَا بِعَذَابِكَ وَعَافِنَا قَبْلَ ذَلِكَ يەنى «ئى ئاللاھ! بىزنى غەزىبىڭ بىلەن ئۆلتۈرمىگىن، ئازابىڭ بىلەن ھالاك قىلمىغىن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزگە سالامەتلىك بەرگىن»( ).
بوران چىققاندا
اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ مِنْ خَيْرِ هَذِهِ الرِّيحِ وَمِنْ خَيْرِ مَا فِيهَا وَمِنْ خَيْرِ مَا أُرْسِلَتْ بِهِ وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ هَذِهِ الرِّيحِ وَمِنْ شَرِّ مَا فِيهَا وَمِنْ شَرِّ مَا أُرْسِلَتْ بِهِ يەنى «ئى ئاللاھ! بىز سەندىن بۇ شامالنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقلاردىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن سورايمىز، ساڭا سېغىنىپ بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى يامانلىقلاردىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز»( ).
ئۇخلاش ئالدىدا
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئاخشىمى ياتاق جايىغا بارغىنىدا، ئىككى ئالقىنىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئىككى ئالىقىنى بىلەن بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن يېرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈچ قېتىمدىن سىلاپ چىقاتتى. ئالدى بىلەن بېشىنى، ئاندىن يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىنى سىلايتتى»( ). ئاندىن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: بِاسْمِكَ رَبِّي وَضَعْتُ جَنْبِي، وَبِكَ أرفَعُهُ، إِنْ أمْسَكْتَ نَفْسِي فَارْحَمْهَا، وَإِنْ أَرْسَلْتَهَا فَاحْفَظْهَا بِمَا تَحْفَظُ بِهِ عِبَادَكَ الصَّالِحِيْنَ يەنى «ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆزۈمنى يەرگە قويدۇم ۋە نامىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ئەگەر جېنىمنى ئالماقچى بولساڭ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئەگەر ئۇنى ماڭا قايتا ئاتا قىلماقچى بولساڭ، ئۇنى ئۈلگىلىك بەندىلىرىڭنى ساقلايدىغان ئىنايىتىڭ بىلەن ساقلىغىن»

