نورمال كۈلكە ساغلاملىقنىڭ دەلىلىدۇر

نورمال كۈلكە ساغلاملىقنىڭ دەلىلىدۇر

نورمال كۈلكە خۇشاللىقنىڭ ئەلچىسى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى ۋە ساغلاملىقنىڭ دەلىلىدۇر. مەلۇمكى، ساغلاملىق بەدەننىڭ كېسەلدىن ساق بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق — پىكىر، ھېسسىيات، بەدەن ۋە روھ قاتارلىق تۆت نەرسىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە بولغان ھالىتىدۇر. كۈلكە ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە سۈپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشىدۇ، كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە لايىق قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار تەبەسسۇم قىلىدىغان، ئوچۇق چىراي، يېقىملىق كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەللامە قۇرتۇبى وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ « ھەقىقەتەن كۈلدۈرگەنمۇ، يىغلاتقانمۇ ئاللاھتۇر»[1] دېگەن ئايەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بارچە جانلىقلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئىنساننىلا كۈلىدىغان ۋە يىغلايدىغان قىلىپ ياراتقان. چۈنكى باشقا جانلىقلاردا كۈلۈش ۋە يىغلاش خۇسۇسىيىتى يوقتۇر. مايمۇن كۈلىدۇ، يىغلىمايدۇ، تۆگە يىغلايدۇ، كۈلمەيدۇ، دېيىلىدۇ». چۈنكى، كۈلكە ۋە يىغا ئىنسان ئەقلىنىڭ ۋەقەلىكلەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرىشىدىن كېلىدىغان نەرسە، ئەمما باشقا جانلىقلاردا ئەقىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ ياراتقان فىترىتى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

كۈلكە يېقىلغۇغا ئوخشاش ھارارىتى بىلەن ھاياتىمىزغا ئېنېرگىيە بېرىدىغان ۋە ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. سىز ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ۋە رەھىمسىزلىكىگە ھەر قېتىم كۈلگىنىڭىزدە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىڭىزنى ۋە قەتئىي تەسلىم بولمايدىغانلىقىڭىزنى ئېلان قىلغان بولىسىز. كۈلۈپ تۇرىدىغان ئىنسان ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئىنساندۇر.

كۈلكە - چاقچاق كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرىدۇ، دەرد- ئەلەملەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەمما دىنىمىزدا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ چەك-چېگراسى بولغىنىدەك، كۈلكە - چاقچاقنىڭمۇ چەك-چېگراسى بار. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ نەمۇنىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ كۈلەتتى، چاقچاق قىلاتتى، بۇ ئارقىلىق سۆھبەتداشلىرىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرەتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى گۈزەل مەنىلەرنى، ئالىي مەقسەتلەرنى، ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ساھابىلىرىگە تەسەللى بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈلكىسىمۇ تەربىيەدىن ۋە يول كۆرسىتىشتىن خالى ئەمەس ئىدى. ئۇ زات ساھابىلىرىگە ھەر ئىشتا ئوتتۇراھاللىقنى ساقلاشنى ئۆگەتكەندەك، كۈلكە -چاقچاقتىمۇ نورمال بولۇشنى ئۆگەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە: «ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! ئاز كۈلگىن، چۈنكى كۆپ كۈلۈش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ»[2] دېگەن. ئۆلىمالار ھەدىستىكى «قەلبنى ئۆلتۈرىدىغان كۈلۈش»نى دۇنيالىقتىن بولغان ئامەتلىرىگە كۆرەڭلەپ قاھقاھلاپ كۈلۈش، دەپ شەرھلىگەن.

كۈلكە ھەرقانداق ۋاقىتتا مۇباھتۇر، ئەمما بىرلىرىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈش ھارامدۇر. چۈنكى، ئىنسانلارنى مەسخىرە قىلىش كاپىرلارنىڭ قىلىقىدۇر. قۇرئان كەرىم ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا يَضْحَكُونَ «كاپىرلار ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى»[3].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ جاپالىق كۈنلەردىمۇ ۋە قىيىن ۋاقىتلاردىمۇ ساھابىلىرىگە تەبەسسۇم قىلاتتى، بەزى چاغلاردا كۈلسە ئېغىز چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى. ئۇچراشقان ھەرقانداق ئادەمگە تەبەسسۇم بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. ھەتتا ئۆزىگە قارىتا ئەدەپسىزلىك قىلغانلارغىمۇ كۈلۈپ قوياتتى. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كېلىشىچە، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېتىۋاتاتتى، توساتتىن بىر سەھرالىق ئەرەب چىقىپ كېلىپ، «ئەي مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭىمۇ بەرمەمسەن؟» دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ياقىسىنى قاتتىق تارتىپ، بوينىنى قىزارتىۋېتىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشنى بۇيرۇيدۇ.

ئىنساننىڭ سائادىتى بېشىغا كەلگەن قاتتىق كۈنلەرگە ۋە ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قارىتا ئىجابىي بولۇشىغا باغلىقتۇر. چۈنكى پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بېشىمىزغا كېلىدىغان كېلىشمەسلىكلەرنىڭ 10%ى ئىلكىمىزدە بولمىغان سەۋەبلەردىن كەلسە، 90%ى بىزنىڭ ئاشۇ كېلىشمەسلىككە قارىتا كۆزقارىشىمىزدىن كېلىدىكەن. يەنە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىمىز خۇشاللىق، ھۇزۇرلۇق ۋە سائادەتلىك لەھزىلىرىمىزدىن ھېس قىلمايلا تېز ئۈتۈپ كېتىمىز، ئەمما دەرد-ئەلەملىك، غەم-قايغۇلۇق چاغلىرىمىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز ۋە بارلىق ھېس-تۇيغۇمىز بىلەن ياشايمىز.

ئىنسانلار تەبەسسۇم قىلغاندا ئۆزىنىلا ئەمەس، ئەتراپىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇشال قىلىدۇ، ئۇلارغا راھەت ۋە ھۇزۇرلۇق بىر مۇھىتنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىرەر مۇسۇلمانغا تەبەسسۇم قىلىش سەدىقىدۇر»[4] دەپ كۆرسەتكەن. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن مۇسۇلمان بولغاندىن بېرى رەسۇلۇللاھ ماڭا ھەمىشە تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى، مەن ئۇنى دائىم تەبەسسۇم قىلغان ھالىتىدە كۆرەتتىم»[5].

ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھەمىشە كۈلۈپ تۇرىدىغان ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىش كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن. كۈلەلەيدىغانلار ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى نامايان قىلىپ تۇرغانلاردۇر. شۇڭا سىز ھاياتىڭىزدىكى خۇشاللىق لەھزىلىرىڭىزنى ئەسلەڭ، كۈلكىلىك چاغلىرىڭىزىنى ئىزدەڭ، چىن قەلبىڭىزدىن كۈلۈڭ، ھەتتا قىيىنچىلىقلىرىڭىز ئۈچۈنمۇ كۈلۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز روھىڭىز ھەر دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەرەبلەردە «سىز ھاياتقا كۈلسىڭىز، ھاياتمۇ سىزگە كۈلىدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. دۇنيادا تەبەسسۇم قىلىشقا چامى يەتمەيدىغان پېقىر، ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالايدىغان باي يوقتۇر.

ئىبرەت:

-        كىشىلەرگە تەقدىم قىلالايدىغان ئەڭ كاتتا ھەدىيە ئۇلارغا چىن قەلبتىن تەبەسسۇم قىلىشتۇر.

-        تەبەسسۇم پېقىرلارمۇ، بارلارمۇ بىھاجەت بولالمايدىغان سەدىقىدۇر.

-        كىشىلەرگە تەبەسسۇم قىلىش ھېچقانداق چىقىم تەلەپ قىلمايدىغان، ئەمما دىللاردا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدىغان نەرسىدۇر.



[1] نەجم سۈرىسى: 43- ئايەت.
[2] ئىبنى ماجە رىۋايىتى، ئەلبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[3] مۇتەففىفىين سۈرىسى: 29- ئايەت.
[4] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار