بەزى گۇمانلار دۆتلۈكتۇر

بەزى گۇمانلار دۆتلۈكتۇر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئارتۇقچە گۇمان قىلىش، خاتا ئويدا بولۇش ۋە ئورۇنسىز ئەيىبلەشكە ئالدىراش گۇناھ بولغاننىڭ سىرتىدا  دۆتلۈك ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدا مۇشۇنداق دۆتلۈكلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. ئۆزۈممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. تۆۋەندە بېشىمدىن ئۆتكەن ئىككى ۋەقەلىكنى ھېكايە قىلىپ ئۆتىمەن.

بىرىنچىسى، بالىلىق ۋاقتىمدا دادام ئاكامغا مەندىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتى، پۇل بەرگەندە ئۇنىڭغا كۆپرەك بېرەتتى، ھەمىشە سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى. ھالبۇكى، ئاكام دادامغا ئۆگەي ئىدى. مەن دادامدىن رەنجىپ قالاتتىم. ئىچىمدە «دادام مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن» دەپ ئويلايتتىم، دادامنىڭ ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىشىدىن بەكمۇ زارلىناتتىم. بىر قېتىم ئەمەس، ھەمىشە شۇنداق قىلاتتى. بىر كۈنى ئانامغا دەردىمنى تۆكتۈم ۋە يىغلاپ تۇرۇپ: «دادام نېمىشقا ماڭا ئۆچلۈك قىلىدۇ؟» دېدىم. ئانام «داداڭ ساڭا ئۆچ ئەمەس، بىكار گەپ قىلما» دېدى. شۇ كۈنى ئانام مېنىڭ بۇ گېپىمنى دادامغا يەتكۈزگەن ئىكەن. دادام مېنى چاقىردى ۋە بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ: «بالام سەن مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسەن، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما ئاكاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىم راست. چۈنكى، ئۇ يېتىم، ئۇنىڭ دادىسى يوق، بوينى قىسىلىپ قالسا بولامدۇ؟» دېدى. مەن شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ راستتىنلا دۆتلۈك قىلغانلىقىمنى چۈشەندىم ۋە رازىمەنلىك بىلەن دادامغا قاراپ يېشىمنى سۈرتتۈم. شۇ تاپتا دادامغا ئۆزرە ئېيتقۇم كەلدى، ئەمما خىجىل بولۇپ ھېچنەرسە دېيەلمىدىم، دادامغا تولۇق قايىل بولدۇم، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. چۈنكى، دادامنىڭ قىلغىنى بىر پەزىلەت ئىدى، ئۇ يېتمنىڭ بېشىنى سىلاشنىڭ نەقەدەر كاتتا ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىكەن.

ئىككىنچىسى، مەن قازاقىستاندا مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ھەر كۈنى چۈشتە مۇئەللىملەرگە تاماق بېرىدىغان قازاق ئايالدىن قاتتىق رەنجىپ قالدىم ۋە ئۇنىڭغا بىر قانچە كۈن گەپ قىلمىدىم. ۋەقەلىك مۇنداق بولغان ئىدى: بىر كۈنى چۈشلۈكتە مۇئەللىملەر مەكتەپنىڭ ئارامخانىسىدا ساندۋىچ يەۋاتاتتى. مەنمۇ كىردىم ۋە ئاشپەز ئايالنىڭ ئالدىغا باردىم. ئەمما ئايال: «يۈسۈپ! ساڭا بۈگۈن بەرمەيمەن، خاپا بولماي سىرتتىن ئەكىرىپ يېگىن» دەپ مېنى قايتۇرۇۋەتتى. سەۋەبىنى بىلمىدىم، قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ۋە ئاشپەز ئايالغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە كۈن ئۇ ئايال بار يەرگە يولىمىدىم. ئىچىمدە «بۇ ئايال نېمىشقا ماڭا شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇ مېنى بەك ھۆرمەتلەيتتىغۇ، بۈگۈن نېمە بولدى ئەمدى؟» دەپ ئويلايتتىم. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ كارىدورىدا ئايال مېنى توسۇۋېلىپ گەپكە تۇتتى. «يۈسۈپ! سەن مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ؟ قاراپمۇ قويمايسەنغۇ» دېدى. مەنمۇ ئاچچىقىم بىلەن: «ھەئە، رەنجىپ قالدىم، ئۆزىڭىزمۇ بىلىدىكەنسىزدە مېنى رەنجىتىپ قويغىنىڭىزنى» دېدىم. «ھە، شۇ ئىشنى دەمسەن؟ توۋا، سەن مېنى خاتا چۈشىنىپسەن، ساڭا كۆيۈنگەنلىكىمدىن شۇنداق قىلغانتىم. چۈنكى مۇئەللىملەر يەپ ئولتۇرغان ساندۋىچ كالباسادىن قىلىنغان ئىدى،  كالباسانىڭ نېمىدىن ياسىلىدىغانلىقىنىسەن بىلىسەنغۇ. شۇڭا ئۇ كۈنى تۈرك مۇئەللىملەرمۇ كەلمىگەنتى. ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭكىلەر ئىدى. بۇنى ئۇ چاغدا ساڭا چۈشەندۈرۈش ئەپسىز ئىدى، شۇ ئارىدا سەن چىقىپ كەتتىڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا بولغان نەپرىتىم بىر دەمدىلا يوقاپ كەتتى ۋە قايتىدىن ھۆرمىتىم تۇغۇلدى. چۈنكى كالباسا ئومۇمەن چوشقا گۆشىدىن ياسىلاتتى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا ئۆگىنىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلار ئۇنى بىمالال يەيدۇ، پەقەت ھىدايەت تاپقان ۋە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەرلا ئۇنى يېيىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.

 

ئىبرەت

—    تولا گۇمان قىلىش گۇناھ بولغاندەك، بەزى گۇمانلار دۆتلۈكتۇر. شۇڭا، گۇمانغا تايىنىپ كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىۋېتىشتىن ياكى ئۇلارغا يامانلىق قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

—    بىراۋ ھەققىدىكى گۇمانىڭىز قانچىلىك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىز ئويلىغاندەك بولماسلىق ئېھتىمالىغا ئورۇن بېرىشىڭىز لازىم.

—    سىزنىڭ شەخسىي ئويلىغانلىرىڭىز ۋە ئىشەنگەنلىرىڭىز قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ئەمەس، شۇڭا ھەقىقەت بىلەن ئوي-پىكىرىڭىز ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا زىيان تارتىدىغىنى سىز بولىسىز.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار