مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى

  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنساننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەركىم ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ ماۋزۇدا ئون ئادەم پىكىر بايان قىلسا ئون خىل كۆزقاراش ياكى تەجرىبە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى، ھەممە ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەجرىبە-ساۋاقلىرى بولىدۇ. ئەمما ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدىغان ۋە ھەرقانداق بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنساندا بولىدىغان خىسلەتلەر ئۆزىگە ئىشىنىش، كونكېرت پىلان تۈزۈش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك، ئىشىغا ئىخلاس قىلىش، ۋاز كەچمەسلىك قاتارلىقلاردۇر.

يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان ھەرقانداق ئادەم ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىشىدا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە بەزى كىشىلەر تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە سەۋىيەسىنىڭ يېتىلىپ بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىشنىڭ بېشىدا ئاز-تولا قىينالسىمۇ، ئۇلار ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ۋاز كەچمەسلىك ئارقىلىق ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارالايدۇ.

 ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆت چوڭ ئىستراتېگىيە بولۇشى كېرەك، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.          نىشان ئېنىق، پىلان كونكېرت، ئىش پروگراممىسى روشەن بولۇشى

بۇلارسىز مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، نەگە بېرىشىنى بىلمەي يولغا چىققان ئادەم ھېچبىر يەرگە بارالمىغاندەك، پىلانسىز ۋە پروگراممىسىز ئىش قىلغان ئادەممۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن نىشانىمىزنى بەلگىلىشىمىز، ئاندىن شۇ نىشانغا قانداق يېتىشنى پىلانلىشىمىز، ئاندىن ئىشنى پروگراممىمىز بويىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. نىشان قانچىلىك ئېنىق، پىلان قانچىلىك كونكېرت، ئىش پروگراممىسى قانچىلىك روشەن بولسا مۇۋەپپەقىيەتكە شۇنچىلىك تېز ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتسىز ئادەمنىڭ پەرقى شۇكى، ئالدىنقىسى مەلۇم بىر نىشاننى كۆزلەپ، پىلانلىق ھالدا ئىلگىرىلەيدۇ، ئىككىنچىسى بولسا نىشانسىز، پىلانسىز ۋە بىپەرۋالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ. نىشانسىز ماڭغان ئادەم قەدەمدە بىر يىقىلىپ ماڭغان ئادەمگە ئوخشاشتۇر. ﴿أَفَمَنْ يَمْشِي مُكِبًّا عَلَى وَجْهِهِ أَهْدَى أَمَّنْ يَمْشِي سَوِيًّا عَلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ) «يۈزىچە يىقىلىپ يۈرۈپ ماڭغان ئادەمنىڭ يولى توغرىمۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ يولىمۇ؟»[1].

 

2.      ۋاقىت باشقۇرۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

ھەممىمىز ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن دەردلىنىمىز، بىز ھەمىشە «ۋاقتىم يوق» دەپ قويىمىز. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، كۆپىنچە كىشىلەر پىلانسىز ياشايدۇ. ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈنلۈك ھاياتىنى بىرەر نەتىجىسىز ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىز ۋاقىتتىن پىلانلىق پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

      «ھاياتىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈڭ» ناملىق ئەسىرىمنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتكە ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ» دېگەن بابىدا، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالغان.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۇنيادا كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ئومۇمەن ئۆزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى ۋە ئىشنى كىچىكتىن باشلىغانلىقىنى بايقايدۇ. چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئەمەس، داۋاملاشتۇرۇشقا، ئاخىرقى نىشانغا ئەمەس، ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرغا قەدەر داۋاملىشىدىغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.

 

3.     پۇسەت ئۈچۈن تەييار تۇرۇش

بۇ كېلەچەككە ھەقىقىي رەۋىشتە ئىنتىلىشنى، ھەر زامان ھوشيار ۋە ئويغاق تۇرۇشنى تەلەب قىلىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىنسانغا تۇيۇقسىز كېلىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەر بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىدۇ، ئەمما كۆپ سانلىق كىشىلەر تۇيۇقسىز كەلگەن پۇرسەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى سەۋەبلىك ھېچ پايدىلىنالمايدۇ. پۇرسەت ئادەتتە ئادەمنى جەلب قىلارلىق سۈرەتتە كەلمەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلمايدۇ. پۇرسەت كۆپىنچە ھاللاردا ھەممە ئادەمنىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەم ئىشىكىنى ئاچمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەلگەن پۇرسەت كېتىپ قالىدۇ.

 پېقىر قازاقىستاندا ئىنىستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان پەيتلىرىمدە كەسپىمنى بەك سۆيەتتىم، ئەسلىدە مۇئەللىملىكتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە ئاشىق ئىدىم. شۇڭا خىزمىتىمنى كۆڭۈل بۆلۈپ قىلاتتىم. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن يېزىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن كەچ سائەت 5:30 غىچە مەكتەپتە دەرس ئۆتۈشتىن باشقا مەكتەپنىڭ ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان كۆپ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۆيگە ئاخشىمى ئاران يېتىپ كېلەتتىم. شۇڭا يېزىش ئۈچۈن پۇرسىتىم ئاز، ۋاقتىم ئىنتايىن قىس ئىدى. پەقەتلا ئاخشاملىرى يازاتتىم. بەزىدە يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىمايتتىم. شۇ چاغلاردا ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، ماڭا يېزىش ئۈچۈن كەڭ پۇرسەت، كۆپ ۋاقىت بېرىشىنى تىلەيتتىم. كېيىنچە، ئويلىمىغان يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ياشلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. ئەمما ئۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن بولساممۇ، خىزمەتدىشىم ۋە سەپدىشىم ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ماڭا تېلېفون قىلىپ، مەن توغرۇلۇق سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆمۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ماقۇل دېسەم، مېنى ۋە ئائىلەمنى ھۆكۈمەت ئۆزى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىزىققان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، دۆلەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن مۇئەللىملىك خىزمىتىمنى تاشلاپ، دىكتور بولۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتتىم.

سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسىدا ماڭا يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك پۇرسەت ۋە كەڭ ۋاقىت بولدى. بىر تەرەپتىن رادىيوغا پروگرامما تەييارلىسام، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كىتابلىرىم ۋە ماقالىلىرىم يورۇق كۆردى. شۇ چاغدا بىلدىمكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ تىلىكىمنى قوبۇل قىلغان ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەت مەن ئەڭ زور ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىنى ماڭا تولۇقى بىلەن بەرگەن ئىكەن.

 

4.     ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق

ئالىملارنىڭ دېيىشىچە، مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى تەجرىبىدۇر. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە ۋە شۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار تۇنجى قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەنلا ئۇ ئىشتىن ۋاز كېچىدۇ، قايتا تەجرىبە قىلىپ بېقىشنى خالىمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەسلىك ۋە چىڭ تۇرۇشتۇر.

توماس ئېدىسون لامپۇچكىنىڭ قىلىنى كەشىپ قىلىش يولىدا 261 قېتىم مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ۋاز كەچمىگەن ۋە ئاخىر بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

       قەدىمىي ئاپتوموبىل«فورد»نىڭ ئىجادكارى ھىنرى فورد مەزكۇر ئاپتومۇبىلنىڭ موتورىنى ياساش ئۈچۈن تۆت يىل تەجرىبە قىلغان، تۈزۈشتىن، بۇزۇشتىن ھېچ زېرىكمىگەن، ئايالىدىن باشقا ھەممە ئادەم ئۇنى بۇ ساراڭلىقتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن بولسىمۇ، ئۇ موتور ياساش ئىرادىسىدىن قىلچە ۋاز كەچمەي ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

يۇقىرىقى تۆت ئىستراتېگىيە سىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا كېپىللىك قىلىدۇ. كەسىپىڭىز ۋە ئىشلەيدىغان ئورنىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇ ئىستراتېگىيە بويىچە ھەرىكەت قىلسىڭىز مۇۋەپپەقىيەت سىزگە يېقىنلاپ كېلىدۇ.

شۇڭا سىز ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. چۈنكى، ئۇ بۈگۈن سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە بولغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىزدۇر.

 

ئىبرەت:

-        مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنسان ئۆزىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىدىغان ياخشى ئادەتلەرگە ئىگە بولغان ئىنساندۇر.

-        ئۆزىگە ئىشىنىش، كونكېرت پىلان تۈزۈش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك، ئىشىغا ئىخلاس قىلىش، ۋاز كەچمەسلىك قاتارلىق خىسلەتلەر ھەرقانداق بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

-        ھەربىر ئىنسانغا نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر كېلىدۇ، بەزىسى ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىدۇ، نۇرغۇنى ئۇنىڭدىن بىر ئوبدان قاچىدۇ، شۇڭا پۇرسەتلەر كېتىپ قالىدۇ.



[1] مۇلك سۈرىسى: 22- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار