
ھېيت كۈنلىرىدىكى ئىبادەتلىرىمىز
مۇھەممەد يۈسۈپ
دىنىمىزدا بۇيرۇلغان روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەت ئايەم كۈنلىرىمىزدىكى ھېيت نامىزى ئوقۇش، سەدىقە بېرىش، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش، يېتىملەرنى بېشىنى سىلاش، بالىلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرۈش، قوشنىلار، تۇغقانلار ۋە يۇرت-جامائەت بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتتۇر. يەنى بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىۋاتىمەن دېگەن ئېتىقاد بىلەن ھېيت خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىش ۋە ھېيتلىشىش ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز.
ھېيتتا قىلىشقا تېگىشلىك ساۋابلىق ئىشلار
1. ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇپ، پاكىز ۋە چىرايلىق كىيىنىپ، ئۆزىمىزگە خۇشبۇي چېچىپ، ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز مىللىي كىيىملىرىمىزنى كىيىپ بىللە بېرىش.
2. نامازغا بېرىش ياكى قايتىشتا يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىش، يولدا ئۇچرىغان ھەرقاندا بالىغا ھېيتلىق بېرىش، ئاللاھ تائالاغا كۆپ شۈكۈر قىلىش ۋە ئۇنى كۆپ ياد ئېتىش.
3. جامائەت بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈش ۋە ھەربىر كىشىنىڭ ھېيتىنى ئالاھىدە تەبرىكلەش.
4. تۇغقانلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ ۋە خىزمەتداشلارنىڭ ئۆيلىرىنى ھېيتلاش، ئارىدا رەنجىشىش بولۇپ قالغان كىشىلەرنى ئۇلاردىن بۇرۇن ئەپۇ قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەممىدىن ئاۋۋال زىيارەت قىلىش.
5. ئاتا-ئانىسى ۋەتەندە قالغان بالىلارنى ئۆيىمىزگە چاقىرىپ ھېيتلىتىش، ئەھۋالىنى سوراش ۋە ئۇلارغا قولىمىزدىن كەلگەنچە ئوبدانراق ھېيتلىق بېرىش.
6. پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قالغان چوڭلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيتلاپ بېرىش ۋە ئەھۋالىنى سوراش، ياردەمگە ئېچتىياجلىق بولسا ياردەم قىلىش.
7. يىراقتىكى تۇغقانلارنى، دوستلارنى تېلېفوندا بولسىمۇ ھېيت مۇناسىۋى بىلەن تەبرىكلەش.
ياشىنىپ قالغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقىدۇر
مۇساپىرلىق كوچىلىرىدا پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەيدىغان، ئائىلىسى بۆلۈنگەن، يۈرىكى زەرداپ بولغان مىڭلارچە ياشانغانلار بار. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ قويۇش ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانى سۆيۈندۈرىدىغان ياخشى ئەمەلدۇر.
بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدىمۇ بىزگە گۈزەل ئۆرنەكلەرنى قالدۇرغان. مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭغا سالام بەرگىلى كەلگەنلەر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يامانلىقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگەنلەر، يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ كەلگەنلەر، ئۇنى ئۇزۇن زامان كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋاللاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەكمۇ ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ، كەلگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ شۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، چاپىنىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى چاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئايال بىلەن بىر سائەت مىقدارى سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئۇ ئايال خەدىجەنىڭ دوستى ئىدى، خەدىجە ھايات ۋاقتىدا ، ئاللاھ تائالاغا كۆپ شۈكۈر قىلىشبىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تۇراتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

