مۇئمىن ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئىبادەتتۇر

مۇئمىن ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئىبادەتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

نۇرغۇن كىشىلەر ئىبادەتنى پەقەت ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش ۋە ھەج قىلىش دەپلا ئويلايدۇ، ئىبادەتنى كۈندىلىك ھاياتىمىزدىكى چەكلىك پەيتلەر بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئەمما ھەقىقەت بۇنىڭدىن چوڭقۇردۇر. ئەگەر بىز ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ھاياتىمىزنى ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئېلىپ بارالىساق، ھەممە ئىشتا دىننىڭ قورغىنى ئىچىدە ھەرىكەت قىلساق، بىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىمىز ئىبادەت ئىچىاە ئۆتكەن بولىدۇ. ئىبادەت پەقەت بەدەننىڭ ھەرىكەتلىرى ياكى مەلۇم سۆزلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ھايات ئۇسۇلىدۇر. بىز قىلغان ھەر بىر ئىش پاك نىيەت بىلەن بولسا ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ. ھەتتا كۈندىلىك خىزمىتىڭىز ۋە ھالال رىزىق تېپىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىزمۇ — ئەگەر ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولسا — ئىبادەت بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان. بۇ ئىبادەت مەلۇم ۋاقىتلار بىلەنلا چەكلىنىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: { وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ} «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم  [1]« دېگەن. شۇڭا ھاياتىمىزدىكى ھەر لەھزە ئاللاھقا يېقىنلىشىش پۇرسىتى بولالايدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىققا شۈكۈر شۈكۈر قىلىش بىلەن ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ، خىزمەت ئۆزىمىزنى ۋە ئائىلىمىزنى ھالال يول بىلەن بېقىش ئۈچۈن قىلىنسا ئىبادەت بولىدۇ، يەر يۈزىدە مېڭىش ئۆگىنىش ۋە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش نىيىتى بىلەن بولسا ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ.

ئىبادەتنى مۇشۇ مەنىدە چۈشەنگىنىمىزدە، كۈندىلىك ھاياتىمىز داۋاملىق روھىي سەپەرگە ئايلىنىدۇ. بىز ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتنى ساقلاپ تۇرمايمىز، بەلكى ھەربىر پەيتتە ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايمىز. ھاياتىمىزدىكى ھەربىر چوڭ- كىچىك ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئالاھىدە قىممىتى بارلىقىنى چۈشىنىمىز.

شۇڭا ھاياتىمىزنى ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشتىن ئىبارەت پاك نىيەت بىلەن ياشاش ئارقىلىق كۈندىلىك ئىشلىرىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئىشتۇر. بۇنداق قىلغاندا، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن بولىمىز ۋە ھەربىر لەھزىسىنى ئىبادەت قاتارىغا كىرگۈزەلەيمىز.

 



[1] زارىيات سۈرىسى:56-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار