
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل جەببار» دېگەن ئىسمى ھەققىدە
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھاياتنىڭ رەھىمسىزلىكى سىزنى قىيناپ قويدىمۇ؟ تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقى بېلىڭىزنى ئېگىپ قويدىمۇ؟ ئىنسانلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى دىلىڭىزنى بىئارام قىلدىمۇ؟ ئەقىلسىزلەرنىڭ تەنتەكلىكى كۆڭلىڭىزنى رەنجىتتىمۇ؟
سىز راستتىنلا دەردلىرىڭىزگە شىپالىق تىلەمسىز؟ كۆڭلىڭىزگە تەسەللى ئىستەمسز؟ يۈرەك يارىلىرىڭىزنى تېڭىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا، سىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل جەببار» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن تونۇشۇڭ، بۇ ئىسىمغا بولغان ئىمانىڭىزنى كۈچەيتىڭ، بارلىق يارىلىرىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئىسمى بىلەن تېڭىڭ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل جەببار» دېگەن مۇبارەك ئىسمىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى، «بەندىلىرىنىڭ يۈرەك يارىلىرىنى تاڭغۇچى»، «ھەر خىل ئاغرىقلىرىغا شىپالىق بەرگۈچى» ۋە «دىللىرىغا تەسەللى بەرگۈچى» دېگەنلىكتۇر.
ئەرەب تىلىدا تېڭىقنى «جَبِرَة»، تاڭغۇچىنى «جابىر» دەيدۇ. «جەببار» دېگەن سۆز «جابىر» دېگەن سۆزنىڭ مۇبالىغە شەكلى بولۇپ، «ھەمىشە تاڭىدىغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل جەببار» دېگەن مۇبارەك ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل مەنىدە كەلگەن.
1. رەھىم - شەپقەت قىلىش ۋە كۆيۈنۈش مەنىسىدە كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئاجىزلارنى يۆلەيدىغانلىقىنى، رەنجىگەنلەرنىڭ يۈرەك يارىلىرىنى ئۆزىنىڭ رەھىم - شەپقىتى بىلەن تاڭىدىغانلىقى ۋە كېسەللىرىگە ھەم بارلىق دەردلىرىگە شىپالىق بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇشۇ مۇبارەك ئىسمى بىلەن ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، كېسەللەرگە شىپالىق بېرىدۇ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز نامازلىرىمىزدىكى ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا «اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَاجْبُرْنِي وَارْفَعْنِي وَاهْدِنِي وَارْزُقْنِي»، يەنى «ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، يارىلىرىمنى تاڭغىن، مەرتىۋەمنى يۇقىرى قىلغىن، مېنى توغرا يولغا باشلىغىن ۋە ماڭا رىزىق بەرگىن»[1] دەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغان.
2. كۈچ - قۇۋۋەت مەنىسىدە كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ ئىنسانلارنى ئەزگەن ۋە ئۇلارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلغان زالىملارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ جازالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
3. ئۈستۈنلۈك مەنىسىدە كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ جىمى خەلقىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا رەھىم - شەپقىتى ۋە ياردىمى بىلەن ئۇلارغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جاراھەتلىرىنى تاڭغۇچى، شىپالىق بەرگۈچى ۋە كۆڭۈللەرگە تەسەللى بەرگۈچى زاتتۇر. يىقىلىپ كېتىش، تېيىلىپ كېتىش دېگەندەك كېلىشمەسلىكلەر ئېغىر بولغاندا ئىنسانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرىدۇ، ئەمما ئاھانەت، دىل ئازار، شەپقەتسىزلىك، خىيانەت قاتارلىق قىلمىشلار بولسا ئىنساننىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ، دىللىرىنى سۇندۇرىدۇ. يۈرەكلىرى ئېزىلگەن، دىللىرى سۇنغان كىشىلەرنىڭ دەردىنى يەنە شۇلارغا ئوخشاش يۈرەكلىرى ئېزىلگەن، دىللىرى سۇنغانلار بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق ھەر تۈرلۈك سۇنۇقلىرىنى ئۆزىنىڭ «ئەل جەببار»، يەنى «تاڭغۇچى»، «ئاسرىغۇچى» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن داۋالايدۇ.
ھاياتنىڭ رەھىمسىزلىكى، دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ۋە تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقى بېلىنى ئېگىپ قويغان، كۆڭلىنى پەرىشان قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېلىنى ئاللاھ تائالا ئۆز شەپقىتى بىلەن رۇسلايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە تەسەللى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدۇ، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ ۋە كېسەللەرگە شىپالىق بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىككى سەجدە ئارىسىدا ۋە بارلىق دۇئالىرىمىزدا «اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَاجْبُرْنِي وَارْفَعْنِي وَاهْدِنِي وَارْزُقْنِي»، يەنى «ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، يارىلىرىمنى تاڭغىن، مەرتىۋەمنى يۇقىرى قىلغىن، مېنى توغرا يولغا باشلىغىن ۋە ماڭا رىزىق بەرگىن»[2] دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن. «يارىلىرىمنى تاڭغىن» دېگەن دۇئا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر ۋە كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ شەپقىتىگە موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.
بىرەر دەردمەننى كۆرسىڭىز ، ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇڭ؛ بىرەر موھتاجنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىڭ؛ يىغلىغاننى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتۈڭ؛ ئاچ قالغاننى كۆرسىڭىز، ئۇنى چوقۇم تويغۇزۇڭ؛ غەمكىننى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ دىلىغا ئۈمىد شامىنى يېقىڭ. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ سىزنىڭ قولىڭىز بىلەن بەندىلىرىنىڭ يۈرەك يارىلىرىنى تېڭىشىغا مۇشەررەپ بولۇڭ. ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى بۇ شەرەپلىك ھەم كاتتا ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكىدىن خۇشال بولۇڭ. پاھ، بۇ سىز ئۈچۈن نېمىدېگەن كاتتا شەرەپ - ھە!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر يەھۇدىي بالىنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ، ئۇنى ئالەمچە خۇشال قىلىۋېتىدۇ. ئېنىقكى، بۇ خۇشاللىق پۈتۈن ئائىلىگە يېتىدۇ.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئەما ئايالنىڭ ئۆيىنى سۈپۈرۈپ بېرىش ۋە تامىقىنى پىشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇ ئايالنىڭ دىلىنى يايرىتىۋېتىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان يوقسۇل ئائىلىلەر ئۆزلىرىگە يىللاردىن بېرى يوشۇرۇنچە يېمەك -ئىچمەك يەتكۈزۈپ بېرىپ كېلىۋاتقان كىشىنىڭ دەل ئاشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەسرەت چېكىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەققىگە كۆپ دۇئا قىلىشىدۇ.
ئۆزىگە يىللاردىن بېرى دۈشمەنلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەللامە ئىبنى يەتمىيە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سولغۇن دىللىرىنى ياشارتىدۇ.
ئۇلار كىشىلەرنىڭ سولغان دىللىرىنى ياشارتىش ۋە ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شۇنداق كاتتا شەرەپلىك ئىشلارغا ئىشلەتكەن. نەتىجىدە، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل جەببار» دېگەن مۇبارەك ئىسمىنىڭ دىللارغا تەجەللى قىلىشىغا ۋەسىلە بولغان.
ئاللاھ تائالا دىلى سۇنغان، كۆڭلى ئازابلانغان، بىرەر ياردەمگە، مېھىر - شەپقەتكە ۋە تەسەللىگە موھتاج بولغان نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ۋە ياردىمىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ھاياتىمىزدا بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆپ كۆرىمىز.
دوستلىرىمدىن بىرى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: «بىر كۈنى ھاۋانىڭ ئىنتايىن ئىسسىق سائەتلىرىنىڭ بىرىدە، ھەرەمنىڭ ئەتراپىدا بىر موماينىڭ تەسلىكتە ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. قارىسام، ھارۋىدىكى نەرسىلەر سېتىش ئۈچۈن ئېلىپ چىققان ئۇششاق – چۈششەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىكەن. موماينىڭ قورۇق باسقان يۈزى ئاپتاپتا قارىيىپ كەتكەن ۋە قوللىرى يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستى بېشىدىن چىپىلداپ تەر قۇيۇلماقتا ئىدى. مومايغا قاراپ ئانامنى ئەسلىدىم، توغرىسى، مومايدا ئانامنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قاتتىق ئىچىم ئاغرىدى ۋە ئىختىيارسىز يىغلاپ سالدىم. يانچۇقۇمدا بار بولغان ئازراق پۇلۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردىم، ئاندىن ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ سايىغا ئاپىرىپ بېرىپ، موماي بىلەن خوشلاشتىم. ئەمما، بۇ مەنزىرە بىر قانچە كۈنگىچە كۆز ئالدىمدىن زادى نېرى كەتمىدى. ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتمەيلا، ئاللاھ تائالا مېنى خۇددى مەن ھېلىقى موماينى خۇش قىلغاندەك قاتتىق خۇش قىلىۋەتتى. يەنى مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ھەل قىلالمىغان ئىشىم ھەل بولدى ۋە بانكا ھېسابىمغا كۆپ مىقداردا پۇل كىردى».
مەككىدىكى ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بېشىدىن ئۆتكەن بىر قىسسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بىر كۈنى، ئاخىرقى ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ ئۇنىۋېرسىتېتقا كېتىۋاتاتتىم. يولدا بىر كىشى ماشىنامنى توستى ۋە ساقچى ئىدارىسىنى سورىدى. مەن ئالدىراش بولساممۇ، ئۇنى ماشىنامغا ئېلىۋالدىم. يولدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىرقۇر بايان قىلىپ بەردى. ئۇ كىشى ئەسلىدە ئۆمرىگە كەلگەن بولۇپ، ئۈچ كۈن بۇرۇن قول سومكىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپتۇ، ئۇ پاسپورتى، پۇلى ۋە ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىكەن. ئۇ ماڭا ئۈچ كۈندىن بېرى كوچىدا ياتقانلىقىنى ۋە كىشىلەر نېمە بەرسە شۇنى يەپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ئارقىدىن قاتتىق يىغلاپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭغا: <تاغا، ئۆزىڭىزنى خار قىلىپ يۈرمەڭ، پەقەت ئاللاھقا سەجدە قىلىپ دەردىڭىزنى ئېيتىڭ، ئاللاھ سىزگە چوقۇم چىقىش يولى بېرىدۇ> دەپ تەسەللى بەردىم. يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام، ئاران 83 رىيال پۇلۇم بار ئىكەن، ھەممىنى ئۇنىڭغا بېرىۋەتتىم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئىمتىھان نەتىجىلىرى چىقتى، مەن چوقۇم ئۆتەلمەيمەن دەپ ئويلىغان ۋە ئەڭ قورققان پەندىن 83 نومۇر ئالغانلىقىمنى بىلدىم. گەرچە بۇ ئەھۋالدىن بىر ئاز ھەيران قالغان بولساممۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم».
دۇنيادا ھېچقانداق ئىش تاسادىپىي بولۇپ قالمايدۇ، ھەممە ئىش ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ. 83 رىياللىق ياردەمنىڭ ئەڭ قىيىن پەندىن 83 نومۇر ئېلىشقا سەۋەب بولغانلىقى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشى.
ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بىز قانچىلىك ئىنكار قىلساقمۇ، ھەتتا كۆرمەسكە سېلىۋالساقمۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەربىرى ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنى، ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ تاسادىپىي بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. بۇ قىسسىدە، ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئوقۇغۇچىنى كۆڭلى يارىلانغان شۇ كىشىنىڭ يارىسىنى داۋالاشقا ئىشلەتكەن، ئاندىن ئۇنىڭغا تېگىشلىك مۇكاپاتىنى بەرگەن.
قىسقىسى، سىز كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا چوقۇم سىزنىڭ ھاجىتىڭىزنى راۋا قىلىدۇ؛ سىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلسىڭىز، ئاللاھ تائالا چوقۇم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قىيىن ھاجىتىڭىزنى راۋا قىلىپ بېرىدۇ. ]هَلْ جَزَاءُ الْإِحْسَانِ إِلَّا الْإِحْسَانُ[ «ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا ياخشىلىقتۇر»[3].
ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىنىڭ دەردلىرىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇشنى خالىسا، خالىغىنىنى قىلىدۇ، بەدىلى قانچىلىك بولۇپ كەتسۇن، قىلچە پەرۋا قىلمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تائىف شەھىرىدىن مۇبارەك پۇتلىرىدىن قان ئاققان ھالدا غەمكىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جىبرىلنى ئەۋەتىپ، «ئەگەر خالىساڭ، ساڭا تاش ئېتىپ ئەزىيەت بەرگەن تائىفلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئەخشەبەين تېغىنى باستۇرىمەن» دېگەن.
ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسى ئۈچۈن دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۆز ۋاقتىدا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۆڭلىگە ئازار بەرگەندە، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، ]أَنِّي مَغْلُوبٌ فَانْتَصِرْ[ «مەن راستتىنلا ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدىم، ماڭا ياردەم قىلغىن»[4] دەپ قەۋمىگە قارشى ياردەم تىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا «توپان بالاسى»نى ئەۋەتىپ، يەر يۈزىنى سۇغا غەرق قىلغان، يەنى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن دۇنيانى غەرق قىلىۋەتكەن. ئەجەبا، ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرى شۇنداق قىلالامدۇ؟
[1] ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
[2] ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
[3] رەھمان سۈرىسى 60 - ئايەت.
[4] قەمەر سۈرىسى 10 - ئايەت.

