
ئىسلام تەربىيەسىنىڭ غايىسى
、مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىسلام تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق غايىسى پەرزەنتلەرنى ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى بەختلىك قىلالايدىغان، ئاللاھ تائالانى رازى قىلالايدىغان، دىنىغا، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە ۋە جىمى ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان، ياراملىق، چىن مۇسۇلمان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.
چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇش دوختۇر بولۇشتىن، ئىنژېنېر بولۇشتىن، فىزىكا مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىرەر ئالىي ھۈنەرنىڭ ئۇستىسى بولۇشتىن ۋە جاھاندىكى بارلىق نەرسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قىسقىسى، ئىسلام مىللىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى شەخسلەرنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇشىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە يېتىشىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان دوختۇر، مۇسۇلمان مۇئەللىم، مۇسۇلمان دېھقان، مۇسۇلمان تىجارەتچى، مۇسۇلمان كادىر، مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇسۇلمان ھۈنەرۋەن بارلىققا كەلگەن بىر ئۈلگىلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىش غايە قىلىنىدۇ. ئىمام ھەسەن ئەل بەننا مۇنداق دېگەن: «چىن مۇسۇلمان تېپىلغان يەردە غەلىبىنىڭ بارلىق ئامىللىرى تېپىلىدۇ».
چىن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ مەنىسى چوڭقۇر
چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇش دېگەنلىكتىن، قانداقتۇر شۇ زاھىرى ئىبادەتلەرلا مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان يوسۇندا بولۇش ۋە پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، مۇئامىلە قاتارلىق ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسىنى ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن ئۆلچەمدە قېلىپلاشتۇرۇش، دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانى تەقۋالىقتۇر. إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ يەنى»ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك سانىلىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر« ( ).
چىن مۇسۇلمانلىق ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئىچكى دۇنياسى ئۇنىڭ تاشقى دۇنياسىدىن كۆركەم بولغاندا، چىن مۇسۇلمانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. مۇبادا ئادەمنىڭ تاشقى دۇنياسى ئىچكى دۇنياسىدىن كۆركەم بولۇپ قالسا، ئوتتۇرىغا مۇناپىقلىق كىرىپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى مۇناپىقلارنىڭ تاشقى دۇنياسى چىرايلىق بولغىنى بىلەن ئىچكى دۇنياسى خارابىلىقتۇر.
چىن مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن سۆيۈملۈك بولۇشىدۇر. چۈنكى ئاللاھ سۆيگۈسى ۋايىغا يەتمىگىچە ئىمان تولۇقلانمايدۇ.
چىن مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى ئاللاھ تائالانى لايىقىدا ئۇلۇغلاش ۋە ئۆزىنى كىچىك ساناش بىلەن بولىدۇ.
چىن مۇسۇلمانلىق ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۇنىڭغا تەقۋالىق قىلىش، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش، غەزىپىدىن ھەزەر قىلىش، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
چىن مۇسۇلمانلىق ھەر كىمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى چىن مۇسۇلمان ئادەم جەمئىيەتتە ئەڭ ياخشى شەخس، ئائىلىسىدە ئەڭ ياخشى ئەزا، مەھەللىسىدە ئەڭ ياخشى قوشنا، ئىش ئورنىدا ئەڭ ياخشى خىزمەتداش بولىدۇ.
چىن مۇسۇلمان ئادەم ئايالى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ئەر، بالىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ئاتا، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۈلگىلىك بالا، قوشنىلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك قوشنا، خىزمەتداشلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك خىزمەتداش، ساۋاقداشلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك ساۋاقداش بولالايدۇ.
چىن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ سۆيگۈ-نەپرىتى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈنلا بولىدۇ. ئۇ ياخشىلىق يولىدا توختىماستىن ئىلگىرىلەيدۇ، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. خاتالاشقان ياكى بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلىپ سالغان ھامان، تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشنى بىلىدۇ.
چىن مۇسۇلمان بولغان ئادەم خۇددى خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇ نەگە بارسا ۋە كىم بىلەن ئۇچراشسا، خۇددى گۈلنىڭ يېقىملىق پۇرىقىغا ئوخشاش ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قېتىم مۇئامىلە قىلغان ئادەمنىڭ يەنە مۇئامىلە قىلغۇسى كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قېتىم ھەمسۆھبەت بولغان ئادەمنىڭ قايتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولغۇسى كېلىدۇ.
چىن مۇسۇلمان ئادەم خۇددى قۇياشتەك ئىللىق بولۇپ، جورىسىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ، قوشنىلىرىنىڭ، خىزمەتداشلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋە يۇرت-جامائىتىنىڭ كۆڭۈللىرىنى سۆيگۈ-مۇھەببىتى، دۇرۇسلۇقى، گۈزەل خۇي-پەيلى ۋە ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ھەمىشە ئىللىتىپ تۇرىدۇ.
بىزنىڭ ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇنداق ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەخلاق-پەزىلىتى ئارقىسىدا، چارەك ئەسىرگىمۇ يەتمەيدىغان قىسقىغىنا بىر ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كىشىلەرنى قايىل قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىدا يۈرگەنلەرمۇ مۇشۇ ئەخلاق-پەزىلەت سايىسىدا ئىسلام دىنىمىزنى دۇنياغا تارقاتقان، جۈملىدىن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنى قايىل قىلىۋەتكەن.
چىن مۇسۇلمان ئادەم ھەربىر مۇسۇلماننىڭ چامى يېتىشىچە ئورۇندىشى تەلەپ قىلىنغان «كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش»تىن ئىبارەت پەرزنى سۆزى بىلەنلا ئەمەس، ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ.
مەلۇمكى، ئېغىز بىلەن قىلىنىدىغان ۋەز-نەسىھەتنى ھەر جايدا ۋە ھەركىمگە قىلغىلى بولمايدۇ. ئادەم چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئەمما ئەمەلىيىتى بىلەن قىلىنىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەرنى ھەركىم قىلالايدۇ. چۈنكى دۇرۇسلۇق، ئادىل مۇئامىلە، گۈزەل ئەخلاق، سۆيگۈ-مۇھەببەت دېگەنلەر ھېچبىر يەردە چەكلەنمەيدۇ، بەلكى تەشەببۇس قىلىنىدۇ (پېقىرنىڭ «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق ئەسىرىدىن).

