ئوغۇللارنىڭ جور تاللىشىدا بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار

ئوغۇللارنىڭ جور تاللىشىدا بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار

مۇھەممەد يۈسۈپ

تۇرمۇش قۇرۇش دېگەنلىك ھاياتىنىڭ ئاخىرغا قەدەر داۋام قىلىدىغان بىر مۇئەسسەسەنى قۇرۇپ چىقىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنى پۇختا ۋە مەھكەم قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرى بولغان ئەر بىلەن ئايالنى توغرا تاللاش زۆرۈر. چۈنكى، ئائىلە مۇئەسسەسەسىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئاخىرغىچە داۋاملىشىشى شۇ ئىككى شەخسنىڭ توغرا تاللىنىشىغا باغلىقتۇر.

تۇرمۇش قۇرۇشتا ئەرنىڭ توغرا تاللىنىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا ئايالنىڭ توغرا تاللىنىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئىنسانلار كۆرۈنگەندەك ئەمەس. ئۇلارنى تولۇق تونۇش ۋە كۆڭۈلنى تىندۇرۇش ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا دىنىمىزنىڭ بۇ ھەقتە بەلگىلىگەن پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش لازىم.

 

ئوغۇللارنىڭ جور تاللاش پىرىنسىپى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە تەلىم بېرىپ: «كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسەبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، شۇنداق قىلساڭ پايدا تاپىسەن»([1]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاپ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بەزى كىشىلەر جورىسى بولىدىغان ئايالنى تاللاشتا، ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل كېلىشتە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭ بايلىقنىلا كۆزدە تۇتىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئايالنىڭ مەنسىپى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتىدىن ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال، ئايالنىڭ دىيانىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ.

«دىيانەتلىك» دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە تېپىلسا تېخىمۇ ياخشى، ئەگەر باشقىسى بولمىسىمۇ، دىيانەت ئۆزى يالغۇزلا يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەلۋەتتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايالنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نەسەبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئايالنى ئۇنىڭ ئابرۇيىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسەبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايالنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانەتنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ»([2]).

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاياللارنى ئۇلارنىڭ چىرايىنىلا كۆزلەپ ئالماڭلار. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنى دىيانەتنى كۆزلەپ ئېلىڭلار. دىيانەتلىك بولغان، قارا تەنلىك دېدەك ، دىيانىتى بولمىغان ھۆر گۈزەلدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر»([3]).

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن، بايلىقىدىن ۋە ئابرۇيىدىن پايدىلنىشتىن توسمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى بەزى ئاياللاردىكى ئاقىۋەتسىز، ۋاقىتلىق گۈزەللىككە، مال ـ دۇنياغا ۋە داۋامى يوق ئابرۇيىغا قىزىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ھەم مەڭگۈلۈك بولغان دىيانەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئايالنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى گۈزەللىكىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىنىلا كۆزلەپ، ئۇنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماستىن، قۇرۇلغان تۇرمۇش كىشىنى داۋامسىز، ۋاقىتلىق نەرسىلەرگە قۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سائادىتىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋاقىتلىق لەززەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھاۋايى ـ ھەۋەسلەرنى سىرتمىسىغا ئاسقان بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى، دىيانەتسىز گۈزەل ئايال مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر كېلىدۇ. دىيانەتسىز باي ئايال ھەددىنى بىلمەيدىغان، چوڭچى كېلىدۇ. دىيانەتسىز ئالىي نەسەبلىك ۋە ئابرۇيلۇق ئايال تەكەببۇر كېلىدۇ. ئەمما دىيانەتلىك ئايال كەمتەر، ئىتائەتچان، ئېسىل، ئەخلاقلىق، سەۋر ــ تاقەتلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ، گۈزەل جامالغا، بايلىققا، ئابرۇيغا ئىگە ئايال بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى دىيانەتلىك بولغاچقا، ئۆز ھەددىنى بىلىدىغان، ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان، ئېسىل، پەزىلەتلىك كېلىدۇ. شۇڭا دىيانەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل سۈپەتنى بېسىپ چۈشىدۇ.

11ـ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى«قۇتادغۇبىلىك» تە مۇنداق دەپ يازغان:

دېسە كىم ئۆيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،

ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى،

بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر ،

ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر،

يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر،

ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈرەر.

بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى،

ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى،

بۇلارنىڭ ئۇبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا،

ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا،

ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۈچى جان،

ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان،

گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى،

ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۈلكىسى.

ئەي ئەسلى بۈيۈككە ئىنتىلگۈچى سەن،

ئۆمرۈڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن.

ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ، ئېسىل بولۇر،

قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر.

ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل،

ئۇ بولسا، بولۇر بۇ تۆت شەرتىمۇ بىل.

يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان ھەدىسلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ توغرىدىكى پىرىنسىپى كۈندىن كۈنگە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتكە ئايلانماقتا. جەمئىيىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانلار جەمئىيىتىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن تەجىرىبىلەرمۇ، بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

 

ئۈلگىلىك ئايالنىڭ ئوبرازى

ئىسلام نەزىرىدىكى ئۈلگىلىك ئايالنىڭ ئوبرازىنى تۆۋەندىكى ھەدىستە كۆرىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئايال ئەڭ ئۈلگىلىك ياخشى ئايال سانىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئېرى قارىسا خۇشال قىلالايدىغان، بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئورۇندايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان، ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ھەر ھالەتتە ساقلىيالايدىغان ئايال ئەڭ ئۈلگىلىك ئايالدۇر»([4]).

ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ناملىق ئەسىرىدە، ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ، قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.

ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: «ئى قىزىم! سەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇۋاڭدىن ئايرىلىپ، ساڭا تونۇشلۇق بولمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دوستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەن! قىزىم! ئېرىڭدىن كۆپ نەرسە سورىما سەندىن زېرىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن يىراقلاشما سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا سەنمۇ يېقىنلاشقىن، سەندىن يىراقلاشسا سەنمۇ يىراقلاشقىن. ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خوشپۇراقنىلا بۇرىسۇن، پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن ۋە گۈزەللىكلەرنىلا كۆرسۇن»([5]).

 

ھەقىقىي دىندار قىزنى تاللاڭ

دىندارلىق مۇسۇلمانچە كىيىنىش ياكى كۆپ ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى دۇرۇسلۇق ۋە ئەخلاق بىلەن ئۆلچۈنىدۇ. ھەقىقىي دىندار ئىنسان چوقۇم گۈزەل ئەخلاقلىق بولىدۇ. شۇڭا ئەخلاقى ناچار دىندار ساختا دىنداردۇر. شۇ سەۋەبتىن ھېچكىمنى ئۇنىڭ ئىبادەتلىرىگە قاراپ ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇناپىقلارمۇ ناماز ئوقۇيتتى ۋە ئىبادەتلەرنى ئورۇندايتتى. كۈنىمىزدىمۇ مەسجىدلەردە پەرىشتە سۈرەتلىك، ئائىلىسىدە زالىم، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا قويمىچى قىلىقلىق ئىنسانلار ناھايىتى كۆپتۇر. ئىنسانلارنىڭ ياخشى يامانلىقىنى ئۆلچەيدىغان نەرسە ئەخلاقتۇر. گۈزەل ئەخلاقلىق ئىنسانلار نەدە بولسا ياخشى ئىنسانلاردۇر.

 

دىندارلىق دېگەن نېمە؟

دىندار- قەلبى ئاللاھ  تائالاغا باغلانغان، ئىبادەتلىرى جايىدا، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئەخلاقى گۈزەل، مۇئامىلىسى دۇرۇس، ئىچى بىلەن تېشى بىر خىل بولغا ئادەمدۇر.

 

ئەخلاق دېگەن نېمە؟

ئەخلاق __ ئىنساننىڭ روھىدا يەرلىشىپ، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن قىلىقلار بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىش – ھەرىكىتى، گەپ – سۆزى، ئىدىيەسى ، مىجەز – خۇلقى، مۇئامىلىسى، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۆرپ – ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قېلىپقا سالىدىغان مىزاندۇر.

 
گۈزەل ئەخلاق دېگەن نېمە؟
گۈزەل ئەخلاق __ ھەر ئىشتا توغرا، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق،  ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ – ۋاپالىق، ئىمان ـ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا – ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەپلىك، جاسارەتلىك، سېخىي، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى–قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار.

 

گۈزەل ئەخلاق دىننىڭ غايىسى ۋە جەننەتكە كىرىشنىڭ كاپالىتىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»([6]) دېگەن. دىننىڭ غايىسى ئەخلاقتۇر. شۇڭا ئەخلاق ئىبادەتتىن مۇھىمدۇر. چۈنكى ئىبادەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشان ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە  ياشايدىغان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. ناۋادا ئىبادەت بۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا، ئۇنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدىن پەرقى بولماي قالىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن ياخشى ئەخلاقتۇر»([7]) دەپ كۆرسەتكەن.

 

كۆپ ئوقۇغانغا ئالدانماڭ

قىزلارنىڭ ئوقۇغان، دىننى ۋە دۇنيانى توغرا چۈشەنگەن بولۇشى مۇھىم. چۈنكى، ئۇلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرى ۋە مىللەتنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بىلىملىك بولغىنى ياخشى، ئەمما شەرت ئەمەس. شەرت بولغىنى دىن ۋە ئەخلاقتۇر.

 جور تاللاشتا قىزلارنىڭ مەيلى دىندا ياكى پەندە كۆپ ئوقۇغان بولۇشى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي دىندار ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى شەرتتۇر. ناۋادا دىندارلىقى، گۈزەل ئەخلاقى بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىلمىمۇ بولسا، ياكى قارى قۇرئان دېگەندەك ئارتۇقچىلىقى بولسا تېخىمۇ ياخشى. بۇ چاغدا نۇر ئۈستىگە نۇر بولغان بولىدۇ. ناۋادا دىنىي ياكى پەننىي بىلىمى بولمىسىمۇ، ئۆزى دىندار، گۈزەل ئەخلاقلىق بولسا يېتەرلىكتۇر. كۆرۈۋاتىمىزكى، كۆپ ئوقۇغان ۋە ئالىي دىپلوملارنى ئالغان بەزى قىزلار يا دىندارلىقتا يوق ياكى گۈزەل ئەخلاقتا يوق ۋەياكى ئائىلە ئىشلىرىدا – تاماق ئېتىشتە، پاكىزلىقتا، ئۆينى سەرەمجان قىلىشتا، ئېرىنى كۈتۈشتە، قېيىنئانا ۋە قېيىنئاتىسىغا ھۆرمەتتە يوق. ئۇلار شۇنداق يېتەرسىز تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى ئوقۇمۇشلۇق كاتتا كىشى دەپ سانايدۇ، ئەمما ھېچكىمنى مەمنۇن قىلالمايدۇ. شۇڭا يىگىتلەرنىڭ ھاياجانلانماسلىقى، قىزلارنىڭ ئۇنۋانىغا، ئاتىقىغا ۋە كىيىنىشىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

 

قىزلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە قاراڭ

ئائىلە تەربىيەسى ھەرقانداق پەرزەنت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بولۇپمۇ قىزلار ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەتتۇر. ئائىلىسىدە ئىسلامىي تەربىيە ئالغان ۋە ئۆزىنى شۇ يولدا يېتىشتۈرگەن قىزلار ئۆزلىرىنى ۋە كېلىن بولۇپ بارغان ئائىلىلەرنى بەختلىك قىلالايدۇ.

   ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يوقلۇقى ياكى كەملىكى قىزلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقسانلىقتۇر. چۈنكى، بىر ئائىلىدە ھەقىقىي دىنىي تەربىيە بولسا، ئۇنىڭ پايدىسى شۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان بالىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ياشىغان مەھەللە، يۇرت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئومۇم بولىدۇ. ئائىلىدىكى دىنىي تەربىيە، بالىلارنىڭ ئىپتىدائى تەربىيەسى بولۇپ، ئۆزلىرىگە دىنىي تەربىيەنى ئۆزلەشتۈرگەن قىز ـ يىگىتلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى ۋە نومۇسىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. نەتىجىدە، قۇرۇق سۆزلەردىن ۋە يالغان تۆھمەتلەردىن ساقىلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ياتلار بىلەن بىنورمال ئالاقە قۇرمايدۇ، قىزلار ئائىلىسىدىن رۇخسەتسىز خالىغان جايغا كەتمەيدۇ، يات ئەرلەر بىلەن بىرگە يۈرمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام تەربىيەسىنىڭ تەقەززاسى بۇ خىل يولسىز ئالاقىلارنى رەت قىلىدۇ ۋە مەنئى قىلىدۇ.

شۇڭا قىزلارنى تاللاشتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرۈش، ئائىلە تەربىيەسنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان، ئىتائەتچان قىزلار ئېرىنىمۇ مەمنۇن قىلالايدۇ، كېيىنچە پەرزەنتلىرىنىمۇ ياخشى تەبىيەلىيەلەيدۇ. ئەكسىچە، ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆز بېشىمچە ئىش قىلىدىغان قىزلار ئېرىنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، پەرزەنتلىرىگىمۇ ياخشى ئانا بولالمايدۇ.

 

 

ئاۋۋال قىزنى كۆرۈڭ

ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنى بويىچە، ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىشى ۋە ئاياللارنىڭمۇ نامەھرەم ئەرلەرگە تىكىلىپ قارشى مەنئى قىلىنغان مەسىلىدۇر.

ئەمما بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئوغۇل - قىزلار بىر - بىرىنى كۆرۈشى لازىم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان بىر ئادەمدىن، ــ سەن ئۇنى (يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالنى) كۆردۈڭمۇ ؟ ــ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم ــ ياق، كۆرمىدىم ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، ــ ئاۋۋال بېرىپ ئۇنى كۆرگىن ــ دەپ بۇيرىدى»([8]). يەنە بىر ھەدىستە: «بىرىڭلار ئۆيلەنمەكچى بولغىنىدا، ئالماقچى بولغان ئايالنى ئىمكانقەدەر كۆرسۇن»([9]) دەپ كەلگەن.

ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىشى، شۇ ئارقىلىق بىر-بىرىنى يېقىندىن تونۇشى ياخشىدۇر. ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىشتا ئىككىسى يالغۇز قالماسلىقى، قىزنىڭ يېنىدا ئاچا-سىڭىللىرىدىن بىرەرسى بولۇشى شەرتتۇر.



[1]))    بۇخارى رىۋايىتى
([2])    تەبەرانىي رىۋايىتى.
7       ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
([4])    نەسائىي رىۋايىتى
([5])    « احياء علوم الدين» (دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش)» نامىلق ئەسەر، 4 ـ توم، 163 ـ بەت
([6]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
([7]) ئىمام تىرمىزى، ئىبن ماجە رىۋايىتى
[8]))    مۇسىلىم رىۋايىتى
[9]))    ئەھمەد رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار