ھېچقانداق بوۋاق كاپىر تۇغۇلمايدۇ مۇھەممەد يۈسۈپ

ھېچقانداق بوۋاق كاپىر تۇغۇلمايدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەنگىلىيەنىڭ (Bristol University)  بىرىستول ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىسخولوگىيە ئۇستازى (Bruce Hood) ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە (Scientists have claimed we are born to believe in God) يەنى «بىز ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئېتىقاد قىلغان ھالدا تۇغۇلىمىز» دېگەن. بۇ سۆز پەيغەمەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەرقانداق بوۋاق ئىسلام دىنىغا تۇغۇلىدۇ، ئەمما ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان ۋە ياكى ئاتەشپەرەس قىلىۋېتىدۇ» دېگەن مۇبارەك ھەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بوۋاق پاك ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىدىغان ھالەتتە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ، ئەمما ئائىلە، مۇھىت، تەربىيە ۋە جەمئىيەت دېگەنلەر ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلماننىڭ بالىسى مۇسۇلمان، خىرىستىياننىڭ بالىسى خىرىستىيان، يەھۇدىينىڭ بالىسى يەھۇدىي، ئاتېئىستنىڭ بالىسى ئاتېئىست بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بۇ بىر رېئاللىقتۇر.

قۇرئان كەرىم ھەدىس مۆجىزىلىرى تەتقىقاتچىسى ئابدۇددائىم كۇھەيل مۇنداق دەيدۇ: «تەبىئىي پەن ئالىملىرى ئىنسان مېڭىسىنىڭ تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان قىلىپ پروگراممىلانغانلىقىنى ۋە بۇ پروگراممىنىڭ ئىرسىيەت يولى بىلەن زامانىمىزغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھازىرلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ ئىلمىي ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلغان  بولۇپ، ئەئراف سۈرىسىدە مۇنداق كەلگەن: وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آَدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ قَالُوا بَلَى شَهِدْنَا أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ * أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آَبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِنْ بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ * وَكَذَلِكَ نُفَصِّلُ الْآَيَاتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ يەنى « ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىنى (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، (ئەلۋەتتە سەن بىزنىڭ رەببىمىزسەن) بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا _ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغانلا يېرىمىز بار، ئازغۇنلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ (كۇفرىدىن) قايتىشى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز» . بۇ ئايەتلەر ئىنساننىڭ مېڭىسىگە مۇشۇ مەلۇماتلارنىڭ قاچىلانغانلىقىغا ۋە بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم بالىلىرىنى ئاتىلىرىنىڭ پۇشتىدىن چىقىرىپ، ئۇلاردىن ئەھدە ئالغانلىقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ ئايەتنى مۇنداق چۈشىنىش كېرەك: ئاللاھ تائالا تۇنجى ئىنساننى ياراتقاندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىغا ئۇلارنى ئۆزلىكىدىن ئىمانغا ئىتتىرىدىغان تەبىئىي ئاڭنى ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇ ئاڭ ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئىتتىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كاپىر ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن زىتلاشقان بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۇنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈشكە ئىتتىرىدۇ، ئۇ بولسا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، دەيمىزكى، كاپىرلارنىڭ ھەممىسى چىن قەلب قاتلىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ». دېمەك، ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ئىنساندىكى تۇغما ئاڭ بولۇپ، ھەرقانداق بىر بوۋاق ئەتراپىدىكى تەسىرلەردىن يىراق قىلىنسا، ئۇ ئۆزلىكىدىن ئاللاھ تائالانى تونۇيدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار