
قىزلارنى قەدىرلەيلى!
مۇھەممەد يۈسۈپ
قىزلار تولىمۇ قىممەتلىكتۇر، چۈنكى، ئۇلار دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېمىتى، ئائىلىنىڭ گۈلى ۋە بەرىكىتىدۇر.
قىزلار جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، ياتلىق بولغۇچىلىك ئاتىسىنىڭ، ياتلىق بولغاندىن كېيىن جورىسىنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتتۇر. بۇ ئامانەتنى ئاسراپ ساقلىغانلار مۇكاپاتىنى كۆرگەندەك، ئۇلارنى خارلىغانلار ۋە نازۇك كۆڭلىنى بىئارام قىلغانلار جازاسىنى تارتىدۇ.
دۇنيادا ئەڭ ئوڭاي گۇناھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشتۇر. ئەمما ئاللاھ تائالا زۇلۇمنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە قويمايلا بۇ دۇنيادا كۆرسىتىدۇ.
ئۇنتۇپ قالمايلىكى، مەزلۇمنىڭ يىغىسى چوقۇم تۇتىدۇ!
بىر ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان ئەر باشقا ئاياللارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئالالمايدۇ، بىر ئايالنىڭ كۆڭلىگە بارىدىغان يولدا ئادىشىپ قالغانلار باشقا كۆڭۈللەردە ئورۇن تاپالمايدۇ. تالادىكى ئاياللارمۇ ئۆيدىكى ئايالغا ئوخشايدۇ. ئۆيىدىكى چېچەكنى پەرۋىش قىلالمىغان ئەر تالادىكى ئۇرۇقلاردىن چېچەك ئاچتۇرالمايدۇ.
ئەرنىڭ تەقۋالىقىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆلچەيدىغان يەر مەسجىد ئەمەس، بەلكى ئۆيدۇر. تالادا پەرىشتە، ئۆيدە زالىم ئەرلەر ياخشى ئەرلەر ئەمەس. چۈنكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! سىزنىڭ قىز پەرزەنتلىرىڭىز بولسا، ئۇلارنى ئاياڭ، ئىززەتلەڭ ۋە ئۇلارغا بارچە سۆيگىڭىزنى كۆرسىتىڭ. قىزىڭىزنىڭ ياكى قىزلىرىڭىزنىڭ بېشىنى كۆكسىڭىزگە قويۇڭ ۋە چاچلىرىنى سىلاپ بېرىڭ. بۇ قىزلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان كاتتا ئىشتۇر، ئۇلارغا ھۇزۇر ۋە سائادەت بېغىشلايدىغان ھەرىكەتتۇر.
ناۋادا سىزنىڭ قىزىڭىز بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى كۆكسىڭىزگە قويمىغان ۋە چاچلىرىنى سىلىمىغان بولسىڭىز، دەرھال ئۇنى قىلىڭ، ھەتتا قىزلىرىڭىز تۇرمۇشقا چىقىپ بولغان ۋە بىر قانچە پەرزەنتى بولۇپ قالغان بولسىمۇ شۇنداق قىلىڭ. چۈنكى، بالىلار سىز ھايات تۇرغان مۇددەتچە بالىدۇر، قىزلاپ سىزنىڭ سۆيگىڭىزگە ۋە چاچلىرىنى سىلاپ قويۇشىڭىزغا ھەممىدىن بەك موھتاجدۇر. قىزلارغا بېرەلەيدىغان ئەڭ قىممەتلىك ھەدىيە ۋە ئۇنتۇلماس ياخشىلىق ئۇلارغا تامامىي مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىشتۇر.
ئەگەر شۇنداق قىلمىسىڭىز چوقۇم پۇشايمان قىلىپ قالىسىز!

