كىشىلەرنى خۇشال قىلىش سەنئىتى

كىشىلەرنى خۇشال قىلىش سەنئىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىسلام دىنىمىز پۈتكۈل ئالەملەر ئۈچۈن رەھمەت ۋە شەپقەت دىنى بولغانلىقتىن، ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ۋە ھۇزۇرلۇق ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشنى غايە قىلغاندەك، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە خۇشاللىق كىرگۈزۈشنى ئىبادەت قاتارىدىن سانىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەرز ئەمەللەردىن قالسا ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل بىرەر مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق كىرگۈزۈشتۇر» ، «بىرەر كىشىنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق كىرگۈزۈش گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» .

رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ئىككى بىمار بېرى بىر ياتاقتا ئايلاردىن ياتىدىكەن. بىرى ئومۇرتقىسى زەخمىلەنگەنلىكتىن ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بىمار بولۇپ، ئۇ دېرىزىنىڭ يېنىدىكى كارۋاتتا ياتقان بىمارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىكەن. دېرىزىنىڭ يېنىدىكى كارۋاتتىكى بىمار دائىم دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا سىرتتىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدىكەن، سىرتتىكى خۇش پۇراق گۈللەر، مەيداندا ئويناۋاتقان ئۇماق بالىلار، سايراۋاتقان قۇشلار توغرۇلۇق توختىماي سۆزلەپ بېرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بىمار كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، ھۇزۇر ئىچىدە ياتىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېرىزىنىڭ يېنىدىكى كارۋاتتىكى بىماردىن ئۈن چىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئورنىدىنمۇ تۇرماپتۇ. ئارقىدىن سېستىرالار ئالاقزادە بولۇشۇپ، دوختۇرنى چاقىرىپتۇ. قارىسا ئۇ بىمار ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغان ئىكەن. كېيىن ھېلىقى ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بىمار ئۆزىنى دېرىزىنىڭ يېنىدىكى كارۋاتقا يۆتكەپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دوختۇرلار ئۇنى دېرىزىنىڭ يېنىدىكى كارۋاتقا يۆتكەپ قويۇپتۇ. ئادەم ئۆزىدە «ئەمدى مەنمۇ سىرتتىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ ياتىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ خۇشال بولۇپتۇ. ئەمما قارىغۇدەك بولسا سىرتتا يوغان بىر تام بولۇپ، ئۇ تام سىرتنى پۈتۈنلەي توسۇپ تۇرىدىكەن، دېرىزىنىڭ سىرتىدا تامدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىكەن. بىمار بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، سېستىرالاردىن سوراپتۇ: «قېنى بۇ سىرتتىكى گۈزەل مەنزىرىلەر؟ قېنى ئۇ ئۇماق بالىلار، قېنى ئۇ خۇش پۇراق گۈللەر؟ قېنى قۇشلار؟». سېستىرالار بىمارنىڭ ئەقلىدىن گۇمانلىنىشقا باشلاپتۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا سىرتتا ئۆزى كۆرگەن ئاشۇ تامدىن باشقا ھېچ نەرسە يوقلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاندىن ھېلىقى بىمار سېستىرالاردىن ۋاپات بولغان بىمارنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران بولۇپتۇ. كۆپ ئويلانماستىنلا مەرھۇمنىڭ ئۆزىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئاشۇ گۈزەل ھېكايىلەرنى توقۇپ چىققانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ. كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق كىرگۈزۈش دېگەن ئەنە شۇنداق ئوڭاي، ئەمما ئۇنتۇلماس ياخشىلىقتۇر. ھەربىرىمىز بۇنى قىلالايمىز.

ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ گۈزەل بىر تەمى بولۇپ، ئۇنىڭ تەمىنى خەير_ ئېھسان ئىگىلىرىلا تېتىيالايدۇ. چۈنكى ياخشىلىق كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغان، ۋىجداننى راھەتلەندۈرىدىغان، ئىنسانلارنى خوش قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاقتۇر. بەرگۈچى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن ۋاقتىدىكى خوشاللىقىدۇر.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىق ئادەتتۇر»( ) دېگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ياخشىلىق قىلىش، ھەمىشە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە ياخشىلاردىن بولۇش ھەربىر مۇسۇلمان قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈرىيەتتۇر. كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش يارىتىلىشتىكى تەبىئىي ھالەتنى ساقلاپ قالغانلىق ۋە يارىتىلىشنىڭ تەقەززاسىغا مۇناسىپ ئىش قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئىنسانلار تۇغۇلىشىدىن ياخشىلىق سۆيىدۇ ۋە يامانلىقتىن نەپرەتلىنىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار