
ئاللاھ تائالانىڭ «المجيب» (ئەل مۇجىيب- ئىجابەت قىلغۇچى) دېگەن ئىسمى ھەققىدە
رەببىمىز ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىدىن بىرىنى «المجيب» دەپ ئاتىغان. «المجيب» - دۇئالانى ئىجابەت قىلغۇچى، تىلەكلەرنى قوبۇل قىلغۇچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى ۋە تىلەكلىرىنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: {وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ } «(ئى پەيغەمبەر!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، شۇڭا ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن»[1].
ئايەتنىڭ «مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن» دېگەن قىسمى «ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئۇلار دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يول تېپىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، مېنىڭ ئىمانغا چاقىرغان دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا چىن قەلبىدىن ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا، مەن چوقۇم ئۇلارنى ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلايمەن»[2] دېگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ «المجيب» دېگەن ئىسمى قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا بايان قىلىنغان. {وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ} «نۇھ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن) بىزگە ئىلتىجا قىلدى (بىز ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدۇق)، بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچى!»[3]. {ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٌ مُجِيبٌ} «ئاندىن رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. چۈنكى، رەببىم (ئۆزىگە يۈزلەنگەن كىشىگە) يېقىندۇر، (دۇئالارنى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»[4].
دۇئا - ئىبادەتتۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:{الدُّعَاءُ هُوَ الْعِبَادَةُ} «دۇئا_ ئىبادەتتۇر»([5]) دەپ كۆرسەتكەن. دۇئا ئەڭ ئوبرازلىق، ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ كاتتا ئىبادەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ھاجەتلىرىنى تىلىگەن ئادەم تىلەكلىرىنى چىن قەلبىدىن تىلەيدۇ، ئەڭ سەمىمىي ھالەتتە بولىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە، بەندىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلىدىغانلىقىغا، دۇئايىنى ئاڭلايدىغانلىقىغا، ئىجابەت قىلىشقا ۋە تىلەكلىرىنى بېرىشكە قادىر ئىكەنلىكىگە بولغان ئىمانىنى يېڭىلايدۇ. شۇڭا بۇ كاتتا ئىبادەتتۇر. چۈنكى بۇ دۇئادا ئاللاھ تائالانىڭ «الحق»، «البصير»، «الرحيم»، «السميع»، «القادير» دېگەن ئىسىملىرىغا بولغان ئىمان يېڭىلىنىدۇ.
شەكسىزكى، ئىنسان ئەڭ زور ئېھتىياج بولغان ئىبادەت دۇئادۇر. چۈنكى، ئىنسان ئاجىز، ئاللاھ تائالا كۈچلۈك، ئىنسان پېقىر، ئاللاھ تائالا غەنىي (باي)، ئىنسان موھتاج، ئاللاھ تائالا سېخىي، ئىنسان جاھىل، چۈنكى، ئۇ كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پايدىلىق بولغاننى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا پۈتۈن كائىناتنى يوق قىلىۋەتسە قىلىۋېتىدۇكى، ئەمما بىرەر بەندىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەتسىز تاشلاپ قويمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: {ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ} «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن»[6] دەپ ۋەدە قىلغان. { وَعْدَ اللَّهِ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ وَعْدَهُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ} « بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ»[7].
ئاللاھ تائالا ھەرقانداق دۇئانى ئىجابەت قىلىدۇ
ئاللاھ تائالا ھەممە دۇئانى ئاڭلايدۇ ۋە ئىجابەت قىلىدۇ. ئەمدى، ئاللاھ تائالانىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىشى قانداق بولىدۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالا: «قانداقلا بىر ئادەم دۇئا قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلىشنى ياكى تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈشنى تىلىمىگەن بولسا ۋە ئالدىراپ قالمىسىلا، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئايىنى ئىجابەت قىلىدۇ. يا ئۇنىڭ تىلىگەنلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا بېرىدۇ، ياكى دۇئايىنى ئۇنىڭغا ساۋاب قاتارىدا ئاخىرەتكە ساقلاپ قويىدۇ، ۋەياكى دۇئا قىلغىنىچىلىك گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» دېگەندە، ساھابىلەر: «يارەسۇلۇللاھ! ئالدىراپ قالغانلىق دېگەن قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئالدىراپ قالغانلىق دېگەن دۇئا قىلدىم، ئەمما دۇئايىم ئىجابەت بولمىدى، دېيىشتۇر»[8] دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالا يەنە: «قانداقلا بىر مۇسۇلمان دۇئا قىلىپ، دۇئاسىدا تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈشنى تىلەشلا بولمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنۇ ئۈچنىڭ بىرىنى بېرىدۇ: يا ئۇنىڭ دۇئاسىنى دەرھال ئىجابەت قىلىپ تىلىگەنلىرىنى بېرىدۇ، ياكى دۇئايىنى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ساۋاب قاتارىدا ساقلاپ قويىدۇ، ياكى ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك يامانلىقنى توسىدۇ» دېگەندە، ساھابىلەر: «ئۇنداقتا، «بىز دۇئانى كۆپ قىلايلى» دېگەن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ»[9] دېگەن.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۆز ئانىلىرىدىنمۇ بەك شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. شۇڭا بەندىنىڭ ئاللاھ تائالادىن سورىغان نەرسىسى گاھىدا شۇ بەندە ئۈچۈن زىيانلىق بولۇپ چىقىدۇ. ئىنسانلار ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پايدا ــ زىيىنىنى بىلمىگەن بىلەن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۇئالار دەرھال ئىجابەت بولسا، بەزىلىرى كېچىكىپ ئىجابەت بولىدۇ. بەزىلىرى بولسا ئىجابەت بولماستىن، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كىشىنىڭ سورىغىنىدىن ياخشىراقى بېرىلىدۇ. ھەتتا بەزى دۇئالار شەرتلىرى تولۇق بولغان بولسىمۇ، ۋاقتىدا ئىجابەت بولماي، سورىغۇچىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا ئىجابەت بولىدۇ. شۇ ئېنىقكى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ كۆتۈرۈلگەن قوللار ھەرگىز قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ.
ئۆلىمالاردىن بىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن: « دۇئايىم ئىجابەت بولسا خۇش بولىمەن، ئەمما ئىجابەت بولمىسا ئون ھەسسە كۆپ خۇش بولىمەن. چۈنكى، ئاۋۋالقىسى مېنىڭ تاللىغىنىم بولۇپ، كېيىنكىسى ئاللاھ تائالانىڭ تاللىغىنىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلغان بەندىسىگە ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدۇ».
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان كۈنىدىن بېرى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان مەككىنىڭ فەتھى بولۇشىنى تىلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇئاسى دەرھال ئىجابەت بولماستىن، ئىسلام دىنى كۈچەيگەن ۋە مۇسۇلمانلار قۇدرەت تاپقان مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا يەنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغىنىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىجابەت بولۇپ، مەككە فەتھى بولغان.
ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ دۇئاسىنىمۇ ئىجابەت قىلىدۇ
ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئىككى ھالەتتە كاپىرلارنىڭمۇ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. بىرى، بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەمنىڭ دۇئاسى، يەنە بىرى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ دۇئاسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: { أَمَّنْ يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ أَئِلَهٌ مَعَ اللَّهِ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ} «(ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). سىلەر تولىمۇ ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر»[10].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ۋالىي قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇنى: «بىرىگە زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بەتدۇئا قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلە! چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەردە يوقتۇر»[11] دەپ ئاگاھلاندۇرغان. يەنە بىر ھەدىستە: «گەرچە كاپىر بولسىمۇ، بىرىگە زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بەتدۇئا قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەردە يوقتۇر» [12] دەپ كەلگەن.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دۇئا قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇئادىن قىممەتلىك نەرسە يوقتۇر»([13]) دەپ كۆرسەتكەن. ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: «دۇئا ئەڭ كاتتا ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئىبادەتتۇر، ھەتتا ئاللاھ دۇئانى تەرك ئەتكەن بەندىسىگە غەزەپ قىلىدۇ[14]. چۈنكى، دۇئادا ئۆزىنىڭ ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىنى، ئاللاھقا موھتاجلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىشەنچ قىلىشتىن ئىبارەت تەۋھىد ئەقىدىسى ئورۇن ئالغان بولىدۇ». شۇڭا دۇئا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان ئىبادەتتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشىنىپ قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ غەپلەتتىكى پەرۋاسىز كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ»([15]). ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دېگەن: «دۇئا بالا-قازادىن ساقلىىنىشنىڭ ۋە تىلەكلەرگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى دۇئا قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغان قاراپ بىر خل بولمايدۇ. بۇ يا باشقىلارغا يامانلىق تىلەشتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان دۇئانى قىلىش ياكى قەلبتىكى ئاجىزلىق سەۋەبلىك دۇئا قىلغان ۋاقتىدا ئاللاھقا يۈزلەنمەي پەرۋاسىز ھالدا دۇئا قىلىشتۇر. بۇ چاغدىكى دۇئا يىپى بوش تارتىلغان ئوقيادىن چىقىپ يىراققا بارالمىغان ئوققا ئوخشاپ قالىدۇ»[16].
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىدە قىلغان دۇئالىرىنىمۇ ئىجابەت
ئىنسان قانداق شارائىتتا، قانداق جايدا ۋە قانداق ھالەتتە بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا بولغان ھاجىتىنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ھەتتا ئاۋازسىز ھالدا مۇناجات قىلسىمۇ، ئۇنىڭ مۇناجاتىنى قوبۇل قىلىپ، تىلىگەنلىرىنى بېرىدۇ. قۇرئان كەرىم زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە مۇنداق دەيدۇ: {إِذْ نَادَى رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا}«ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى»[17].
دۇئانى پەس ئاۋازدا قىلىش دۇئانىڭ مۇھىم ئەدەبلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: {ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ} «رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[18] دەپ كۆرسەتكەن. ئايەتنىڭ «ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر» دېگەن قىسمى دۇئادا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ باشقىلارنى راھەتسىز قىلغۇچىلارنى ۋە ھارامدىن يەپ، ئىچىپ، ھارامدىن كىيىنگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەكبىر توۋلىغان كىشىلەرگە: «ئى ئىنسانلار! ئۆزۈڭلارنى ئاياڭلار، چۈنكى سىلەر ئاڭلىمايدىغان ياكى يىراقتىكى بىرىنى چاقىرىۋاتمايسىلەر، بەلكى سىلەر ئاڭلايدىغان، سىلەرگە يېقىن ۋە ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان زاتنى چاقىرىۋاتىسلەر»[19] دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ يېگەن ــ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولسۇن!؟»([20]). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بېچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ.
دۇئا قىلىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتلىرى
1. سەجدىگە بارغان ۋاقىت. ئاللاھ تائالا سەجدىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ {وَاسْجُدْ وَاقْتَرِبْ} «ئاللاھقا سەجدە قىلغىن، (شۇ ئارقىلىقئۇنىڭغا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن» ([21]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىتى ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»([22]). شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا مەنىۋىي تەرەپتىن ئەڭ يېقىن بولغان ۋە ئەڭ ياخشى ھالىتىدۇر.
2. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى يەنى بامدات نامازدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىدۇ ۋە: ‹ماڭا دۇئا قىلىدىغانلار بارمۇ؟ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلاي، مەندىن ھاجەتلىرىنى تىلەيدىغانلار بارمۇ؟ راۋا قىلاي ۋە مەندىن مەغپىرەت تىلەيدىغانلار بارمۇ؟ مەغپىرەت قىلاي› دەپ نىدا قىلىدۇ»([23]). شۈبھىسىزكى، تىلەكلەرنى تىلەش ۋە گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن سەھەر ۋاقتىدىن ئەۋزەل ۋە ياخشى پۇرسەت يوقتۇر.
3. قاتتىق خوشاللىق ياكى قاتتىق قورقۇنچلۇق لەھزىلەر. بۇنداق لەھزىلەردە قىلىنغان دۇئالار ئىجابەت بولۇشقا يېقىندۇر. ئاللاھ تائالا زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: )هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ. فَنَادَتْهُ الْمَلَائِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَى مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ( «زەكەرىييا ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ:«ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟»دەيتتى، مەريەم «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى. شۇ ۋاقىتتا زەكەرىييا رەببىگە دۇئا قىلىپ: «ئى رەببىم! سەن ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن. چۈنكى، سەن دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن»دېدى(([24]). بۇ ئايەت، خوشاللىقتىن قاتتىق ھاياجانلانغان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
4. سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ــ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىدۇر»([25]).
5. بېشىغا كۈن چۈشكەن كىشىنىڭ دۇئاسى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{أَمَّنْ يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ أَئِلَهٌ مَعَ اللَّهِ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ(} «مۇشرىكلار چوقۇنغان نەرسىلەر ياخشىمۇ) ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زاتمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر نەقەدەر ئاز تەپەككۇر قىلىسىلەر!» ([26]).
6. بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىنكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قايسى دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن؟ دەپ سورالغىنىدا: «كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، پەرز نامازلاردىن كېيىن قىلىنغان دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىندۇر»([27]) دەپ جاۋاب بەرگەن.
يەنە ئىپتار قىلغان ۋاقىتتا، ئەرەفات كۈنىدە، قەدىر كېچىسىدە، جۈمە كۈنىدە، زەمزەم سۈيى ئىچكەن ۋاقىتتا دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن.
دۇئانى تەرك ئېتىش گۇناھتۇر
ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك ئېتىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ: )ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ( «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. شەكسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»([28]) دېگەن سۆزىنى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت سانىغانلار بولۇپ، ئۇلار خارلانغان ھالدا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى «ئىبادەت» سۆزىدىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتقان ئادەم ئۆزىنىڭ بەندىچىلىكىنى، ئاجىزلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشتىن باش تارتقان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ «المجيب» (ئىجابەت قىلغۇچى) دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «المجيب» دېگەن ئىسمىدىن بىزدىن ياردەم سورىغانلارغا ياردەم قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنا ۋە خىزمەتداشلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىمىز.
[1] بەقەرە سۈرىسى: 186- ئايەت.
[2] «تەپسىر جەۋھەرلىرى» 1- توم، 308- بەت.
[3] ساففات سۈرىسىلا75- ئايەت.
[4] ھۇد سۈرىسى:61- ئايەت.
([5]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[6] غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.
[7] رۇم سۈرىسى: 6- ئايەت.
[8] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[9] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 10749- ھەدىس.
[10] نەمل سۈرىسى: 61- ئايەت.
[11] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[12] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى،
([13]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[14] ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «ئاللاھ ھاجەتلىرىنى تىلىمىگەن كىشىگە غەزەب قىلىدۇ» دەپ كەلگەن.
([15]) تىرمىزى رىۋايىتى.
[16] ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزىينىڭ «الجواب الكافي» (يېتەرلىك جاۋاب) ناملىق ئەسىرى.
[17] مەريەم سۈرىسى: 3- ئايەت.
[18] ئەئراف سۈرىسى: 55- ئايەت.
[19] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([20]) ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.
([21]) ئەلەق سۈرىسى 19 _ ئايەت.
([22]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([23]) ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([24]) ئال ئىمران سۈرىسى37 – 38 – ئايەتلەر.
([25]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([26]) نەمل سۈرىسى 62 ـ ئايەت.
([27]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([28]) غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.

