ھالال يېيىش ئىبادەتتۇر

ھالال يېيىش ئىبادەتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھالالدىن رىزىق بېرىشنى، بارلىق جان ئىگىلىرىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىز كېلىدىغان جانىۋارلارنىمۇ رىزىقلاندۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق جان ئىگىلىرىنى ئوز رىزقىنى تېپىپ يېيىش يولىدا سەۋەب قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان بولسا، ئىنسانلارنى ئىشلەشكە ۋە ھالال رىزىق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇغان.

رىزىق — ئىنسان ھاجەت بولىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر دېگەنلىكتۇر. رىزىق پۇل-مال ۋە يېمەك- ئىچمەك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭدۇر. مەسىلەن: تەن ساقلىقى، ياخشى جور، پەرزەنتلەر، ۋاپادار دوست، شۇنداقلا ئىمان، ئىلىم، گۈزەل ئەخلاق، تەقۋالىق ۋە ياخشى ئەمەل قاتارلىقلارمۇ رىزىقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن رىزىق ۋە ئاتا-ئېھسانلاردۇر. چۈنكى ئىسلام نەزىرىدە رىزىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى ۋە ئىنئامىدۇر. رىزىق بەرگۈچى پەقەتلا ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا چىن ئىشىنىش مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىدۇر.

رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ پىرىنسىپى

ئىسلام نەزىرىدە رىزىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ پىرىنسىپى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ۋە ئۇنىڭدىن رىزىق تىلەش. چۈنكى رىزىق بەرگۈچى پەقەتلا ئاللاھ تائالادۇر. «شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەممىگە) رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەت ۋە كۈچ _  قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر» .

2. ئىشلەش ۋە سەۋەب قىلىش. «ئۇ زېمىننى سىلەرگە بويسۇنىدىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر، ئەمدى سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر» .

3. ئالدامچىلىق، ئۆسۈم مۇئامىلىسى، ئوغرىلىق، پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق دېگەندەك ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ھالال ئىش قىلىش. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار» .

  ئىسلام ئۆلىمالىرى ھالال پۇل بىلەن ھارام پۇلنى مۇنداق تونۇشتۇرغان: «پۇلنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى ھاسىل قىلىش يوللىرى ھالال بولسا، يەنى پۇلنى ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتكەن يول بىلەن تاپقان بولسا، بۇنداق پۇل ھالال پۇلدۇر. ئەكسىچە، پۇلنىڭ مەنبەسى ۋە تېپىش يوللىرى ھالال بولمىسا، يەنى ئىسلام شەرىئىتى مەنئى قىلغان يوللار بىلەن تاپقان پۇل بولسا، بۇنداق پۇل ھارام پۇلدۇر» .

ھارامدىن پۇل تېپىشنىڭ مىساللىرى:

— ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، كىشىلەرنى قورقۇتۇپ پۇلىنى ئېلىۋېلىش.

— باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، خۇسۇسەن، يېتىملەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش.

— بانكىدا پۇل قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىش، قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىش.

— زىنا قىلىپ، زىناغا داللاللىق قىلىپ ياكى سايە قىلىپ پۇل تېپىش.

— قىمار ئويناپ ياكى ئۇنىڭغا داللاللىق قىلىپ پۇل تېپىش.

— ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدىن پايدىلىنىپ يولسىزلىق قىلىپ پۇل تېپىش، پارا ئېلىش.

— ھاراق، تاماكا، زەھەرلىك چېكىملىك ياكى ئىچىملىك سودىسى قىلىپ پۇل تېپىش.

— يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ياكى يالغان دىپلوما، ھۆججەت قاتارلىقلارنى ياساپ پۇل تېپىش.

— كىلودا ياكى ئۆلچەكتە كەم تارتىپ بېرىپ پۇل تېپىش.

— گۇناھسىز كىشىلەرگە قارا چاپلاپ ياكى چېقىشتۇرۇپ پۇل تېپىش.

— ئىسلامدا سېتىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى سېتىپ پۇل تېپىش.

— زالىملارغا، مۇستەملىكىچىلەرگە ھەمكارلىشىپ پۇل تېپىش.

— سودىدا يالغان ئېيتىپ، كۆزبوياپ پۇل تېپىش.

رىزىقتا بەرىكەت ھاسىل قىلىش يوللىرى

رىزىقتا بەرىكەت ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بەرىكىتى بولمىغان رىزىقنىڭ ۋە ھەرقانداق ئىشنىڭ مەنپەئەتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، راۋاجى بولمايدۇ. بەرىكەت ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

1. ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىش. تەقۋالىق ھەرگىزمۇ نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىۋالغاندەك تاشقى قىياپەتكە قارىتىلغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنيايىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ تائالاغا تولۇق ئىتائەت قىلغان كىشىنىڭ كىشىنىڭ رىزقى بەرىكەتلىك، ئىشلىرى بەرىكەتلىك ۋە ئائىلىسى بەرىكەتلىك بولۇشىدا قىلچە شەك يوق. ئاللاھ تائالا ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ بەرىكەتكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «(پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (گۇناھ _ مەئسىيەتتىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) يالغانچى دېدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق» .

2. ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە چىن ئىشەنچ قىلغان ھالدا، رىزىق ئىشكىنى ئەمگەك ئاچقۇچى بىلەن ئېچىش.  ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سەۋەبلەرگە باغلىق  قىلغان بولۇپ، ئىشلەش، سەۋەب قىلىش بەرىكەتنىڭ كاپالىتىدۇر.

3. شۈكۈر قىلىش. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش بەرىكەتنىڭ ۋە تېخىمۇ زىيادىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئامىلىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، شەكسىزكى، مېنىڭ ئازابىم بەكمۇ قاتتىقتۇر» .

ھالال يېيىشنىڭ ئەھمىيىتى

ھالال يېيىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ياخشى زاتلارنىڭ ئەخلاقىدۇر. ھارام يېيىش ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولماسلىقىغا ۋە دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.

1. يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ھارامدىن بولغان ئادەمنىڭ ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پاكتۇر، ئۇ پەقەت پاك بولغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ»( ). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبى پاك، يېمەك- ئىچمەكلىرى ھالالدىن بولۇپ، پاك بولغانلارنىڭلا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

2. ھارام يېگەن ئادەمنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى پەرۋەردىگارىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟»( ).

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بېچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلار يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالالدىن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان يېمەكنى يەپ سېلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى ياندۇرىۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر. ئەللامە ھافىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دېگەن:  «بۇ ھەدىس  ھارام يېيىشنىڭ ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسقۇن بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى ھالالدىن يېمىگەن كىشىنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل بولمايدۇ، ھارام يېيىش ئەمەلنى بۇزىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوبول بولۇشىنى توسىدۇ».

ھارامدىن پاكلىنىش

ھەرقانداق بىر گۇناھتىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش پەرز بولغاندەك، ھارامدىن پاكلىنىش ۋە ئۇنىڭ گۇناھىدىن تازىلىنىش ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىش پەرزۇدۇر. ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان گۇناھ ۋە قىلمىشلار يا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان بولىدۇ، ياكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى بولۇپ، بۇلارنى بەجا كەلتۈرۈش ئىنسانلارنىڭ بۇرچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى گۈزەل سۈرەتتە يارىتىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلدى، ئۇلارنى ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇلارغا تۈرلۈك سان- ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، باشقا مەخلۇقاتلارنى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىپ بەردى. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى كۆپتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ھەققىگە قارشى قىلمىش سادىر قىلغان بولىدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ ھەققى ئىنسانلار تەرىپىدىن زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىلماسلىقىدۇر. ئىنسانلارنى زىيان- زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىش، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى يەۋېلىش ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھەق- ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھ - مەئسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈچ شەرت بار، ئۇلار:

1. قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئۈچۈن پۇشايمانلىق ھېس قىلىش.

2 . بۇرۇن قىلغان گۇناھ- مەئسىيەتلەرنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.

3. گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن قەتئى قول ئۈزۈش.

ئەمما ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى سادىر قىلىنغان قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. ھەققىنى يەۋالغان بولسا، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىش، تۆھمەت قىلغان ياكى ئابرۇيىنى تۆككەن ۋە ياكى قانداقلا بىر يامانلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن رازىلىق ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى ئۆزلىرى كەچۈرمىگۈچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ  ۋە  تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.

ئىستىغفار ــ ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم  قىلىشىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر.

تەۋبە – سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر.

قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، رەبببىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ»( ).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىستىغفار ئېيتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئادەمگە ئاللاھ ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولى ۋە ھەرقانداق غەم - قايغۇدىن خۇشاللىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈتۈلمىگەن يەردىن رىزق بېرىدۇ»( ).

ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇستازلىرىدىن دوكتور ئابدۇلھەي فەرماۋى «سائادەتنىڭ يولى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشتۇر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «تەۋبىنىڭ ھەقىقەتەن زور پايدىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

— تەۋبە بارچە ياخشىلىقلارغا  تۈرتكە بولىدۇ.

— تەۋبە ئىنساننىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

— تەۋبە بەخت-سائادەتنىڭ يولىدۇر.

— تەۋبە ئىنساننى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ.

— تەۋبە بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىتائەتمەنلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

— تەۋبە قەلبنى ئاللاھتىن قورقىدىغان قىلىدۇ.

— تەۋبە توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ يولىنى توغرىلاپ بېرىدۇ» .


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار