
پەرزەنتلىرىمىزگە ئىگە بولايلى!
مۇھەممەد يۈسۈپ
پەرزەنت ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ ئامانىتى ۋە كاتتا نېمىتىدۇر. ھەرقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانى ۋە ۋەتەننى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا مەسئۇل. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلار پەرزەنتلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىگە جاۋابكاردۇر. شۈبھىسىزكى، ھاياتتا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ۋە ھاياتىدىن كېيىنمۇ قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسى پەرزەنتلىرىنى قەلب رىشتىسى ئاللاھ تائالاغا تۇتاشقان، ۋەتىنىگە باغلانغان دىيانەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. پەرزەنتلەر ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىزدۇر. پەرزەنتلەرنى ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۈستىگە پەرزۇدر.
بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنچە يوقسۇللۇق تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا كۆپ مال- دۇنيا، ئۆي-ئىمارەت ۋە ياكى يەر-زېمىن قالدۇرۇپ كېتىشكە ئالدىرايدۇ. ئەمما ئۇلار ھەقىقىي يوقسۇللۇق ئىمان ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋىسىز قېلىش ئىكەنلىكىنى ئويلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ يوقسۇللۇقى دۇنيادىكى جىمى يوقسۇللۇقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.
يەنە بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ئاۋۋال ئىمان، ئەخلاق، ياخشى ئەمەلدىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىدۇ. شۇ ئېنىقكى، بەخت-سائادەت دېگەن پۇل-مالنىڭ كۆپلۈكى بىلەن، ياكى چوڭ مەنسەپلەرگە ئېرىشىش بىلەن ۋە ياكى خەلق ئىچىدە ئابرۇي قازىنىش بىلەن بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەر بولۇپ، بۈگۈن بار، ئەتە يوقتۇر. ئەمما ئىمان ۋە ئەخلاق بايلىقى پەرزەنتلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈشكە كاپالەت قىلالايدىغان ھەقىقىي بايلىق بولۇپ، ماددىي جەھەتتىكى يوقسۇللۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ.
بالىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئامانىتىدۇر
بالىلار ئاتا-ئانىلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ھەم شەرەپلىك، ھەم خەتەرلىك بىر ئامانەتتۇر. ئاتا-ئانىلار قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا بۇ ئامانەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى بۇ جاۋابكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ يەنىئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار( ) دېگەن.
ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە بالا-چاقىلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنىڭ بىردىن-بىر چارىسى گەدىنىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش يولىدا، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئىمان، ئىسلامنى ئۆگىتىپ، ياخشى-ياماننى بىلدۈرۈپ، ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىتىپ بۇ ئامانەتنى ئادا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقىلارنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈگەيدۇ. كېيىنكى ئىشلارغا بالىلار ئۆزلىرى جاۋابكار بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق بىزنى ئۆزىمىزنىلا دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشقا ئەمەس، بەلكى بالىلىرىمىزنىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر بالا ئىسلامنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ تۇغۇلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي قىلىۋېتىدۇ ياكى خىرىستىيان قىلىۋېتىدۇ ۋە ياكى مەجۇسىي قىلىۋېتىدۇ»( ).
دېمەك، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قانداق يېتىشىپ چىقىشىغا مەسئۇلدۇر. ئۇلار بالىلىرىنى ئىسلام نۇرى ئاستىدا، ياخشى تەربىيەلەپ چىققان بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە چوقۇم كۆرىدۇ. ئەگەر بالىلىرىنى ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بېرىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېتىلدۈرەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە تارتىدۇ. يامان بالىنىڭ پالاكىتى ئاتا-ئانىلارنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. ئامانەتنى زايە قىلغان كىشى قانداق جاۋابكارلىققا تارتىلسا، بالىلىرىنىڭ كېلەچىكىنى زايە قىلىۋەتكەن ئاتا-ئانىلارمۇ ئۇنىڭدىن ئېغىرراق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ( ).
ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالى مۇنداق دېگەن: «بالا ئاتا-ئانىغا ئامانەتتۇر. ئۇ يېڭى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ قەلبى ھېچنېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ساپ گۆھەرگە ئوخشايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆزىگە چېلىققان ياكى تەسىر قىلغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىنى زېھنىدە قالدۇرىدۇ. مايىل قىلىنىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە دىلى مايىل بولىدۇ. نېمىگە ئۆگىتىلسە شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ چوڭ بولىدۇ. ياخشىلىققا ئۆگىتىلسە ياخشىلىق ئۈستىدە چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاتا-ئانىسى ئىككى ئالەمدە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ناۋادا، ئۇ يامانلىق ئۈستىگە كۆندۈرۈلسە، ئۇنىڭ تەربىيەسىگە سەل قارالسا، ئۇ يامان تەبىئەتلىك ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا ئۇنى تەربىيەلىگەنلەر جاۋابكار بولىدۇ. بالا تەربىيەلەش خۇددى باغۋەننىڭ ئىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. باغدىكى گۈل-چېچەكلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن باغۋەن گۈل-چېچەكلەرنىڭ ئارىسىدا ئۈنگەن ياۋا ئوتلارنى ۋە تىكەنلەرنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىدۇ»( ).
ياخشى تەربىيەنىڭ پايدىسى ئۈزۈلمەيدۇ
دۇنيادا بالىلارنى ھالالدىن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ھالالدىن كىيگۈزۈپ، ئىمان ۋە ئەخلاقلىق ھالدا تەربىيەلەپ چىقىشتىن كاتتا ساۋابلىق ئەمەل يوق. ئاللاھ تائالاغا بۇنىڭدىن ئارتۇق يېقىملىق بولىدىغان ئىبادەت يوق. بىز بالىلىرىمىزنى ئىسلام تەربىيەسى بىلەن ياخشى يېتىشتۈرۈپ چىقساق، ئاللاھ تائالا بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تۈگىمەس ياخشىلىقلارنى ۋە ئالى مەرتىۋىلەرنى ئاتا قىلىدۇ. ياخشى بالا يېتىشتۈرگەننىڭ مۇكاپاتى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى توختايدۇ، پەقەت ئۈچ ئىشتىلا داۋام قىلىدۇ. ئۇلار: سەدىقە جارىيە، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنتتۇر.»( )
11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدە، ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە ئۆگۈت بېرىپ مۇنداق دېگەن:
تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلار بول.
مىسىرلىق شائىر ھافىز ئىبراھىم پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئانىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
الأُمُّ مَـدْرَسَــةٌ إِذَا أَعْـدَدْتَـهَـا
أَعْـدَدْتَ شَعْبـاً طَيِّـبَ الأَعْـرَاقِ
تەرجىمىسى:
ئانا ئۆزى بىر مەكتەپ، يېتىشتۈرسەڭ سەن ئۇنى،
يېتىشتۈرىسەن تېگى پاك، ئېسىل بىر مىللەتنى.
ناۋادا تەربىيە جايىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلا بولسا، چوقۇم بىر مىللەتنى ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولىدۇ. تەربىيە ئادەم بالىلىرىغا خاستۇر. چۈنكى ئادەم بالىلىرى تەربىيە بىلەن ئۆزگىرىدۇ، ھەمدە تەربىيە بىلەنلا ھەقىقىي ئادەم بولالايدۇ. ئەمما باشقا جانلىقلارنىڭ خاراكتېرى ئاخىرغىچە خۇددى باشتا يارىتىلغىنى بويىچە داۋام قىلىدۇ، قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. بىراق ئادەم بالىسى بولسا ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يارىتىلغانلىقتىن، ئۇ تەربىيەنى قوبۇل قىلىدۇ، تەربىيە بىلەن ئۆزگىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسان ھەمىشە تەربىيەگە موھتاجدۇر.
ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيەلەر:
1. پەرزەنتلىرىمىزنى مەكتەپ يېسىغا يېتىشتىن بۇرۇنلا ئۆزىمىز ئىمان، ئىسلام ۋە ئەخلاق ئۆگىتىپ تەربىيەلەيلى. مدرىسىدە ئۆگىتىدۇ ياكى مەكتەپتە ئۆگىنىپ قالىدۇ، دەپ ئالدىنىپ قالمايلى. چۈنكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاپئاق قەغەزدەك پاك قەلبىگە ئىمان ۋە ئەخلاق دۇردانىلىرىنى تۇنجى بولۇپ سالىدىغانلار بىز ئۆزىمىز بولايلى.
2. بالىلارغا ئوقۇتىدىغان ئوقۇشلۇق كىتابلارنى، ئۆزىمىز ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان ياكى سۆزلەپ بېرىدىغان ھېكايە كىتابلارنى ئوبدان تاللاپ چىقايلى. كىتاب ئىسمىنىڭ چىرايلىقلىقىغا ئالدىنىپ قالمايلى. چۈنكى بەزى كىتابلاردىن كەمپۇت قەغىزىگە يۆگەلگەن زەھەرلەرنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا كىتابنى يازغان ياكى تەييارلىغان كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز زۆرۈر.
3. پەرزەنت تەربىيەسىنى خالىغان چاغدا قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلارغا ئوخشاتمايلى. چۈنكى ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى بولغىنىدەك پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى ئىككى ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتۇر. بەزى ئالىملار پەرزەنت تەربىيەسى بالا ئەتراپىدىكىلەرنى بايقىغۇدەك ھالغا كەلگەندىن كېيىن (يەنى بالا ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن) باشلىنىدۇ، دېگەن بولسا، بەزىلىرى بالا مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن (يەنى بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن) باشلىنىدۇ، دېگەن. تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرىگە كۆرە، بالا تەربىيەسى بۇ دېيىلگەنلەردىن خېلى بۇرۇنلا باشلىنىدۇ. ھەتتا «تەربىيە بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدىن تارتىپ باشلانسا ئەڭ ياخشى» دېگەنلەرمۇ بار.
4. پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئىسلام ئەخلاقى ئاساسىدا تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرەيلى. ئەڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۆزىمىزنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى ۋە ئەخلاقى بىلەن بېرىلگەن ئەمەلىي تەربىيە ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايلى. (پېقىرنىڭ «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق ئەسىرىدىن).

