ئاللاھ تائالانىڭ «السِّتيرُ» (ئەسسىتتىير) يەنى (گۇناھلارنى ياپقۇچى) دېگەن ئىسمى ھەققىدە

«السِّتيرُ» (ئەسسىتتىير) يەنى (گۇناھلارنى ياپقۇچى)

 

«السِّتيرُ» ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بولۇپ، بەندىلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى، خاتالىقلىرىنى، گۇناھلىرىنى ياپقۇچى، ئۇلارنى ئىنسانلار ئارىسىدا رەسۋا بولۇشتىن ساقلىغۇچى ۋە باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ياپقانلارنى دوست تۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسمىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسىتتىير» دېگەن ئىسمى ھەدىستە كەلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ياپقۇچىدۇر ۋە يېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ»[1] دەپ كۆرسەتكەن. «السِّتيرُ» دېگەن سۆز «السِّترُ» يەنى يېپىش، پەردىلەش، توسۇش دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى، قىلمىشلىرىنى، خاتالىقلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى ھەمىشە ۋە ناھايىتى بەك ياپىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئوڭايلىقچە خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى ھەمىشە يۆگەيدۇ ۋە يېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. { أَلَمْ تَرَوْا أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَسْبَغَ عَلَيْكُمْ نِعَمَهُ ظَاهِرَةً وَبَاطِنَةً} «سىلەر ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلەرنى كەڭتاشا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟»[2]. ئەللامە بەغەۋىي بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقىل قىلغان: «ئاشكارا نېمەت-ئىسلام ۋە قۇرئاندۇر. يوشۇرۇن نېمەت-ئاللاھنىڭ گۇناھلارنى يۆگەيدىغانلىقى ۋە گۇناھكارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلقىدۇر».

ئىبنى قۇدامە «التوابون» (تەۋبە قىلغۇچىلار) ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلغان: «مۇسا ئەلەيھىسسالام قۇرغاقچىلىق سەۋەبلىك ئاللاھتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ: ‹ئەي مۇسا! ئاراڭلاردا قىرىق يىلدىن بېرى ماڭا ئاسىيلىق قىلىۋاتقان بىرى بار. ئۇنىڭ شۇملۇقى سەۋەبلىك سىلەر يامغۇردىن مەھرۇم قېلىۋاتىسىلەر› دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە يۈزلىنىپ، ‹ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ئادەم ئارىمىزدىن كەتسۇن› دېدى. ھېچكىم كەتمىدى. شۇ ئەسنادا بىر ئادەم ھېچكىمگە چاندۇرماستىن قاتتىق يىغلاپ تەۋبە قىلدى. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹ئى رەببىم! ئارىمىزدىن ھېچكىم كەتمىدى، ئەمما يامغۇر ياغدى. ساڭا ئاسىيلىق قىلغان ئۇ ئادەم كىم ئىدى؟› دەپ سورىدى. ئاللاھ: ‹ئەي مۇسا! ساڭا ھەيران قېلىۋاتىمەنغۇ، شۇ بەندەم سەۋەبلىك يامغۇردىن مەھرۇم قالدىڭلار، يەنە شۇ بەندەم ئارقىلىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار، مەن ئۇ بەندەمنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان چاغلىرىدا رەسۋا قىلمىغان تۇرسام، ئەمدى تەۋبە قىلىپ ياخشىلاردىن بولغان ۋاقتىدا رەسۋا قىلىمەنمۇ؟› دېدى». دېمەك، ئاللاھ تائالا ھەر زامان بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ياپىدۇ، ئۇلارغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئىنتايىن مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك زات بولغانلىقتىن، ھەمىشە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يېپىپ تۇرىدۇ، بىزنى رەسۋا قىلمايدۇ ۋە ئالدىراپ جازالىمايدۇ. كېچە-كۈندۈزنىڭ ئىچىدە بىز بىلىپ، بىلمەي نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ۋە خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ تۇرىمىز، بەزىسىگە تەۋبە قىلىمىز، بەزىسىگە تەۋبە قىلىشنى ئۇنتۇيمىز. ئەمما ئاللاھ تائالا ھەممىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇغلۇق، بىزگە پۇرسەت بېرىدۇ. تەۋبە قىلىپ يولىمىزنى توغرىلىۋېلىشىمىزنى كۈتىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: «ئاللاھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يېپىپ تۇرمايدىغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە رەسۋا بولۇپ كەتكەن بولاتتۇق» دېگەن ئىكەن.

 

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنىڭ گۇناھلىرىنى ياپقانلىقىنىڭ ئالامىتى نمېە؟

ئاللاھ تائالانىڭ بىر بەندىنىڭ گۇناھىنى ياپقانلىقىنىڭ ئالامىتى ئۇ بەندىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىدۇر. بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا گۇناھلارنى سادىر قىلغان ۋە ئۇ گۇناھلارنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم كۆرمىگەن بولۇپ، ئارقىدىن ئۇ بەندە تەۋبە قىلىپ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەشكە مۇۋەپپەق بولغان بولسا، ئۇ بەندە ئاللاھ تائالانىڭ يېپىشى ۋە مەغپىرىتى ئىچىدە بولغان بولىدۇ.

ئەمما بەندە گۇناھلارنى قىلىۋەرگەن تۇرۇقلۇق، تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولمىغان بولسا، ئۇ قورقۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تائالادىن كېلىدىغان تەدرىجىي جازالاشنىڭ ئىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ﴿ فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ. فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّى إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً فَإِذَا هُمْ مُبْلِسُونَ﴾ «ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، (سىناش ئۈچۈن) ئۇلارغا پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەر بىلەن كۆرەڭلەپ تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى»[3].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ئەتىگىنى: {اللهُمَّ أصبَحتُ مِنك في نِعمةٍ وعافيةٍ وسِترٍ، فأتِمَّ نِعمَتَك عَلَيَّ وعافيَتَك وسِترَك في الدُّنيا والآخِرةِ } «ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغان ئامانلىق، نېمەت ۋە ئەيىبلىرىمنى يېپىش بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇم. ماڭا ئاتا قىلغان ئامالىقىڭنى، نېمىتىڭنى ۋە يېپىشىڭنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولۇقلاپ بەرگىن»[4] دەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىشنى ياخشى كۆرگەندەك، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ياپقان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىمۇ گۇناھلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى يۆگەيدۇ، ئەمما باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدەيدىغان، ئۇلارنى رەسۋا قىلىشنى ئويلايدىغان ئوتقۇيرۇق ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالا قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ياپىدۇ»[5] دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ياپىدۇ»[6] دەپ كۆرسەتكەن.

 

«ئەسسىتتىير» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەسسىتتىير» دېگەن ئىسمىدىن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى يېپىشنى، ئۇلارنى رەسۋا قىلماي، خاتالىقلىرىغا چىرايلىقچە تۈزىتىش بېرىشنى ئۆگىنىمىز. شۇنداقلا، بىز باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى، كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرساق، ئاللاھ تائالانىڭمۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ياپىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.

 

قىلمىشلارنىڭ تۈرلىرى

قىلمىش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھ -مەئسىيەتلەر، يەنە بىرى، بەندىلەرنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان يامانلىقلاردۇر. ئالدىنقىسى، «الذنوب»، كېيىنكىسى، «السئات» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھ -مەئسىيەتلەر دېگىنىمىز: ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ سادىر قىلىنغان ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ناماز ئوقۇماسلىق، ھاراق ئىچىش، جازانە مۇئامىلىسى قىلىش دېگەنگە ئوخشاش. بەندىلەرنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىشلار دېگىنىمىز: كىشىلەرگە ماددىي ياكى مەنىۋى تەرەپتىن زىيان يەتكۈزۈشتۇر. مەسىلەن: بىراۋنىڭ ھەققىنى يېۋېلىش، ئابرۇيىنى تۆكۈش، غەيۋىتىنى قىلىش، ئالداش، تۆھمەت قىلىش، ئەزىيەت بېرىش دېگەنگە ئوخشاش.

ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى دېگىنىمىز: ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش، بۇيرغانلىرىنى قىلىپ، توسقانلىرىنى تەك ئېتىش، پەرز، ۋاجىپلارنى ئورۇنداش، ھارام ئىشلارنى تەرك ئېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ھەققىنى ئادا قىلمىغان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ ۋە جازاغا تېگىشلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھلارنى تەۋبە بىلەن مەغپىرەت قىلىدۇ. ﴿ قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾  «(ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر»[7] دېگەن ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ.

بەندىلەرنىڭ ھەققى دېگىنىمىز: ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا، ھەقسىزلىققا، ئادالەتسىزلىككە، ئەزىيەتكە ۋە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىلماسلىقىدىن ئىبارەت ھەققى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا تېگىشلىك بولىدۇ. بەندىلەرنىڭ ھەققىگە قارىتا يامانلىقلارنى سادىر قىلغان كىشى شۇ بەندىلەردىن رازىلىق ئالمىغۇچە ئۇنى ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ. ﴿فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ﴾ «كىمكى ھەقسىزلىق قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىدىكەن ۋە بۇزغانلىرىنى ئوڭشايدىكەن، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ رەھىم-شەپقەتلىكتۇر»[8] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ.

بىرلىرىنىڭ پۇل- مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، بىرلىرىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈپ، بىرلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ، بىرلىرىنىڭ ئىشىنى بۇزۇپ، بىرلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن تەۋبە قىلدىم دەپ، مىڭ قېتىم ھەج قىلسىمۇ، يىل بويى ھەرەمدىن چىقماي ئېتىكاپ قىلسىمۇ، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنداق كىشىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([9]) دېگەن.

 

ئەيىپ ئىزدەش ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان پەسلىكتۇر

ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا باشقىلاردىن ئەيىب ئىزەيدىغان، يەنى (تىرناقتىن كىر ئىزدەيدىغان) ئىنسانلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ رەزىللىرى ۋە ئەڭ پەسكەشلىرىدۇر. بۇ ئىمانى ئاجىز، ئەخلاقى ناچار، تەبىئىي پەس ۋە رەزىل ئىنسانلارنىڭ قىلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئىزىيەت بەرمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدىمەڭلار. چۈنكى، كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيبىنى ئىزدەيدۇ-دە، ئۇنى ئۆز ئۆيىدە رەسۋا قىلىدۇ»[10].

   دۇنيادا شۇنداق رەزىل ۋە پەسكەش ئىنسانلار باركى، ئۇلار باشقىلارنىڭ يېغىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى ئېچىشتىن لەززەتلىنىدۇ. بۇ ھايۋانىي لەززەتلىنىش بولۇپ، ئۇنداق ئىنسانلار ئىنسان قېلىپىدىن ئاللبۇرۇن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار تۇرقى ئادەم، قىلىقى ھايۋان سۈپەتلىك مەخلۇقلاردۇر. چۈنكى، ئىنسانغا يارىشىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرى ۋە كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە باشقىلارغا ساقچىلىق قىلماسلىقتۇر.

چۈنكى. باشقىسىنىڭ ئەيبىنى ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى تونۇشقا پۇرسەت تاپالمايدۇ. باشقىسىنىڭ ئەيبى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېلىپ ئۆزىنى تۈزەلىگەن ئادەم يوق بولغاندەك، ئۆزىنىڭ ئەيبىنى تۈزىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۈزىتەلمىگەن ئادەم يوق.

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ساغلام فىترەتتە ياراتقان بولۇپ، ئىنسان ئۆز فىترىتىدە ياخشىلىقنى سۆيىدۇ، يامانلىقنى ئۆز كۆرىدۇ، ئادالەتنى سۆيىدۇ، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىكنى يامان كۆرىدۇ. شۇڭا يارىتىلىشتىكى ساغلام فىترىتىنى يوقاتمىغان ئىنسانلار بىرلىرىنىڭ مۇسىبىتى ۋە قايغۇسى بىلەن خۇشاللانمايدۇ، بىرلىرىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەيدۇ، بەلكى كۆرۈپ قالسىمۇ ياپىدۇ، يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما يارىتىلىشتىكى ساغلام فىترىتىنى يوقاتقان، ئادىمىيلىكتىن چىققان مەخلۇقلار باشقىلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرى بىلەن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، پىتنە ئىغۋا تارقىتىش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈۋاتىمىزكى، بەزىلەر بىر-بىرىنى تىللاشقان، ئەيىبلەشكەن ۋە ئەيىبلىرىنى ئاچقان ئۇچۇرلارنى كۆپرەك تارقىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەخلاق قورغىنىدىن ۋە ساغلام فىترەتتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەيىب ئىزدەش مۇناپىقلارنىڭ قىلىقىدۇر

باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدەيدىغان، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىنى ياخشى كۆرىدىغانلار مۇناپىق سۈپەتلىك ئىنسانلاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇناپققلارغا ئىشارەت قىلىپ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَنْ تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آَمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآَخِرَةِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ «مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»[11] دېگەن. گەرچە ئايەتنىڭ «مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر» دېگەن قىسمىدىن ئۆز ۋاقتىدىكى مەدىنىلىك مۇناپىقلار كۆزدە تۇتۇلغان بولسىمۇ، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى مۇناپىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا «دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بۇ مۇناپىقلار نېمە قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئازابقا قالىدۇ؟ پەقەت مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئازابقا قالىدۇ. ئەمدى، يامان سۆزلەرنى تارقاتقانلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟ شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ھالى ئالدىنقىلىرىدىن بەتتەر بولىدۇ.

مۇناپىقلارنىڭ يەنە بىر سۈپىتى شۇكى، ﴿إِنْ تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِنْ تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا بِهَا وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ﴾ «ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋالىق دائىرىسىدە ئىش كۆرسەڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر»[12].

ئىنسان ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ يېپىشى كېرەك

ئىنسان مەيلى ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ گۇناھىنى يېپىشقا، ئاشكارا قىلماسلىققا بۇيرۇلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، پەقەتلا گۇناھىنى ئاشكارىلىغۇچىلار مەغپىرەت قىلىنمايدۇ. گۇناھىنى ئاشكارىلاش دېگەن: بىراۋ كېچىسى (يەنى ئادەم كۆرمىگەن يەردە) گۇناھ قىلىپ، ئاللاھ ئاشكارا قىلمىغان بۇ گۇناھنى ئەتىسى كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ: ‹مەن تۈنۈگۈن مۇنداق، مۇنداق گۇناھلارنى قىلدىم› دەپ ئاللاھنىڭ ئۇنى يوشۇرغان پەردىسىنى ئېچىشتۇر»[13]. ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىنىڭ گۇناھىنى بۇ دۇنيادا يوشۇرسا، بۇ يوشۇرۇش تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. قىيامە كۈنى ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇ گۇناھنى يوق قىلىۋېتىدۇ، خالىسا جازاسىنى بېرىدۇ.

ئىنسان بىرەر گۇناھنى سادىر قىلسا، ئۇنى بىرىسىگە مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇلغان ئەمەس. پەقەت ئاللاھغا تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنى رەسۋا قىلمىغان بولسا ئۇنى ياپقان بولىدۇ. ئىنسان يەنە گۇناھىغا تەۋبە قىلماي چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇنى ياپقان پەردىسىنى ئېچىۋېتىدۇ-دە، رەسۋا قىلىدۇ. بىر كۈنى ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يېنىغا بىر ئوغرى كەلتۈرۈلىدۇ. خەلىپە ئوغرىدىن: «نېمىشقا ئوغرىلىق قىلدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. ئوغرى: «يا ئەمىرۇلمۇئمىنىن! بۇ مېنىڭ تۇنجى قىلىپ قويغان قىلمىشىم ئىدى» دەيدۇ. بۇ چاغدا خەلىپە: «يالغان ئېيتتىڭ. چۈنكى، ئاللاھ بەندىسىنى تۇنجى قېتىملىق قىلمىشى سەۋەبلىك رەسۋا قىلمايدۇ» دەيدۇ.

ئەمما ئىنسان باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تەئەللۇق بولغان بىرەر قىلمىشنى سادىر قىلسا، يەنى سودىدا ئالدىغان ياكى زىيانغا ياكى تۆھمەتكە ئۇچراتقان ۋەياكى ھەققىدە يالغان سۆزلەرنى ئېيتىپ ئابرۇيىنى زېدىلىگەن بولسا، ئۇنى ئاشكارا ئېيتىپ ھەق ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورىشى، ھەققىنى يېگەن بولسا قايتۇرۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇنداق بەندىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.

بەندىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارىتا سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ھەق ئىگىسىدىن رازىلىق ئېلىش ياكى جازاسىنى چېكىش قىيامەت مەيدانىدا جازاغا تارتىلىشتىن مىڭ مەرتىۋە ئوڭاي ۋە ئەۋزەلدۇر.

 

ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئۈچ يېپىش

ئاللاھ تائالا بىرنى تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىنى يېپىشقا ۋە ئاشكارا قىلماسلىققا بۇيرۇغان:

1.     ئەۋرەت ئەزالارنى يېپىش. ﴿يَا بَنِي آَدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآَتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَى ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آَيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ﴾ «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىمنى ۋە زىننەتلىنىدىغان كىيىمنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق كىيىمى ئەڭ ياخشىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى) ئەسلىشى (ۋە شۈكۈر قىلىشى) ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر»[14].

2.             باشقىلارنىڭ ئەيبىنى يېپىش. ﴿إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَنْ تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آَمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآَخِرَةِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ «مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»[15] .

3.      كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان يامان خەۋەرلەرنى يېپىش (تارقاتماسلىق). ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَأٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَى مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى بىلمەستىن) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار»[16].

 

قىلمىشلارنىڭ ۋە گۇناھلارنىڭ جازاسى

ئىنسان مەيلى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلغان بولسۇن ياكى بەندىلەرنىڭ ھەققىگە قارىتا قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسۇن، ئۇنىڭ مۇئەييەن جازاسى بار بولۇپ، ئۇنى مۇشۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە تارتىدۇ. گۇناھ قىلغان ياكى قىلمىش سادىر قىلغان ئادەم ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئاللاھ تائالا قەتئىي ئۇنتۇمايدۇ، پەرىشتىلەر ھەربىر قىلمىشنى ۋە ھەربىر گۇناھنى ۋاقتى-سائىتى بىلەن يېزىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى دىلنىڭ قارىيىپ كېتىشى، ئاللاھ تائالادىن يىراقلىشىش، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ۋە ياردىمىدىن مەھرۇم قېلىش، كۆڭۈل سىقىلىش، ھۇزۇرسىزلىق، بەرىكەتسىزلىك قاتارلىقلاردۇر. ئەمما بەندىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى قىلمىشلارنىڭ ئوخشىشى ياكى زىيادىسى بىلەن جازالىنىشتۇر. مەسىلەن: بىراۋنىڭ پۇل-مېلىنى يېۋالغان بولسا يېۋالغان مىقدار ياكى ئۇنىڭ كۆپرەكى باراۋىرىدە پۇل-مالدىن ئايرىلىپ قېلىش، بىراۋنى ئەيىبلىگەن بولسا ئەيىبلىنىش، تۆھمەت قىلغان بولسا تۆھمەت قىلىنىش، بىراۋنى ئۇرغان بولسا ئۇرۇلۇش بىلەن جازالىنىدۇ. چۈنكى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم دائىرىسىگە كىرىدۇ. زۇلۇمنىڭ جازاسى كۆپىنچە ھاللاردا ئاخىرەتكە قالمايدۇ، بەلكى مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىلىدۇ. بۇنىڭ رېئاللىقتىكى مىساللىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.

ئەمدى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ۋە بەندىلەرنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان بارلىق گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ۋە يامانلىقلارنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى دوزاختۇر.

 

گۇناھنى يېپىش، قىلمىشلارنى پاش قىلىش لازىم

دىنىمىز گۇناھنى يېپىشنى، ئەمما قىلمىشنى ۋە جىنايەتنى پاش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتنى مەيلى سىز سادىر قىلغان بولۇڭ ياكى باشقىسى سادىر قىلغان بولسۇن، ئۇنى يېپىش لازىم. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزى گۇناھ قىلىپ، ئۇنى باشقىلارغا دېگەن بەندىنى ياخشى كۆرمىگەندەك، باشقىلار سادىر قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇنى يايغان بەندىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا لەنەت قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە تەئەللۇق بولغان گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قايسىبىرىنى سادىر قىلغان ياكى باشقىسىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرگەن ۋەياكى بىلگەن ئادەم ئۇنى چوقۇم يېپىشى لازىم. ﴿إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَنْ تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آَمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآَخِرَةِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ «مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ»[17] دېگەن ئايەت بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر ئادەم قانداقلا بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ياپسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ گۇناھىنى ياپىدۇ»[18] دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، گۇناھلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ يېپىشىنى تىلىگەن ئادەم باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ۋە گۇناھلىرىنى يېپىشى لازىم.

بەندىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تەئەللۇق بولغان قىلمىشلارنى ۋە جىنايەتلەرنى پاش قىلىش ۋە ھەق-ھوقۇقلارنىڭ جايىغا قايتىشىغا ياردەم قىلىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى، ھەق-ھوقۇقلارنى قوغداش، زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇش دىنىمىز تەلەپ قىلغان ئىش بولۇپ، بۇ ھەربىر مۇسۇلمانىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. شۇڭا بىراۋلارنىڭ ئىنسانلارغا قارىتا قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش، كۆرمەسكە سېلىش ئۇلارغا قىلمىشتا شېرىك بولغانلىق، پاش قىلىش زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە قارشى تۇرغانلىقتۇر. ﴿لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ﴾ «ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى)دىن باشقا (ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ) يامان سۆزنى ئاشكارىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ»[19] دېگەن بۇ ئايەت زۇلۇمغا ياكى قانداقلا بىر ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان ياكى ئۇنى كۆرگەن كىشىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى ۋە قىلمىشنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىراۋلارنىڭ سودىدا ئادىل ئەمەسلىكىنى، كىلودا كەم تارتىپ بېرىدىغانلىقىنى، يەنە بىراۋلارنىڭ ئىشەنچكە لايىق ئەمەسلىكىنى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغان قىلىقى بارلىقىنى، پالانى، پالانى دۇكانچىلارنىڭ ھارام نەرسىلەرنى، ساختا ماللارنى ساتىدىغانلىقىنى، پالانى، پالانى ئاشخانىلاردا خىتايلار ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر ياسىغان تېتىتقۇلارنى ۋە ھارام ياكى شۈبھىلىك گۆشلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى خەلققە بىلدۈرۈش، بىلدۈرگەندىمۇ گۇمانىي قاراشلار بىلەن ئەمەس، ئىشەنچلىك يولدىن ئېگىلىگەن ئېنىق مەلۇماتلار ئاساسىدا بىلدۈرۈش لازىم. بۇ ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق ۋە ياخشى ئىشقا ياردەملىشىپ، گۇناھقا، ساختىلىققا قارشى تۇرغانلىقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىزگە قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾ «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ھەمكارلاشماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»[20] دەپ تەلىم بەرگەن.

 بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پەرزلەرنىڭ بىرى ھەقنى دادىل سۆزلەش، ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا سۈكۈت قىلماسلىق، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشتۇر. بۇنى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلالايدۇ.

 

جازادىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى

سادىر قىلىنغان گۇناھ-مەئسىيەت ۋە قىلمىشلارنىڭ جازاسى ھەق ۋە مۇقەررەردۇر. ئەمما قىلمىشلارغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بۇزغانلىرىنى ئوڭشاش ئارقىلىق دۇنيادىكى ۋە ئاخىرەتتىكى جازالاردىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولىدۇ. تەۋبە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمىتى ۋە بىردىنبىر پۇرسىتىدۇر. چۈنكى، ئىنسانلار بۇنىڭ بىلەنلا جازادىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ.

 

تەۋبە _ ئىستىغپار ۋە ئۇنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتلىرى

تەۋبە— قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ دۇرۇسلۇققا قايتىش دېگەنلىكتۇر. ئىستىغپار— ئاللاھ تائالادىن گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر.

      بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھ ـ مەسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسى تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلار:

1. بۇرۇن قىلغان گۇناھ، يامان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش،

2. گۇناھ، يامان ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈش،

3. بۇرۇن قىلغان گۇناھ، يامان ئىشلارنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.

     ئىككىنچى:  ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، بىراۋنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغان بولسا قايتۇرۇش، ئابرۇيىنى تۆككەن بولسا كۆتۈرۈش، قانداق يامانلىق قىلغان بولسا ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراش ئارقىلىق ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى كەچۈرمىگۈچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ ۋە تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.



[1] ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى.
[2] لۇقمان سۈرىسى:20- ئايەت.
[3] ئەنئام سۈرىسى:43-44- ئايەتلەر.
[4] ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي رىۋايىتى.
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] زۇمەر سۈرىسى: 53- ئايەت.
[8] مائىدە سۈرىسى: 39- ئايەت.
([9]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
[10] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[11] نۇر سۈرىسى:19- ئايەت.
[12] ئال ئىمران سۈرىسى: 120-ئايەت.
[13] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[14] ئەئراف سۈرىسى:26- ئايەت.
[15] نۇر سۈرىسى:19- ئايەت.
[16] ھۇجۇرات سۈرىسى: 6- ئايەت.
[17] نۇر سۈرىسى:19- ئايەت.
[18] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[19] نىسا سۈرىسى: 148- ئايەت.
[20] مائىدە سۈرىسى:2- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار