قۇرئان ئوقۇش ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر

قۇرئان ئوقۇش ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاۋۋال شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ ئوقۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا توغرا ئوقۇپ، مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ، مەقسەت ۋە غايىلىرىنى بىلىپ، بىزدىن تەلەب قىلغىنى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن. «ساڭا بۇ مۇبارەك كىتابنى ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ چۈشۈردۇق»  . قۇرئان كەرىم ساماۋى كىتابلار ئىچىدە چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇشقا بۇيرۇلغان يېگانە كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسى تىلاۋەت قىلىنمايتتى ۋە تىلاۋەت قىلىشقىمۇ بۇيرۇلمىغان. شۇنداقلا قۇرئان كەرىمدىن باشقا بىرەر كىتابنى ئوقۇغانغا ساۋاب يېزىلمايدۇ. پەقەت قۇرئان كەرىملا ئوقۇغانغىمۇ ساۋاب يېزىلىدىغان كىتابتۇر. مۇندىن باشقا يەنە بارچە ساماۋى كىتابلار بىر قېتىمدىلا چۈشكەن بولسا، قۇرئان كەرىم بىر قانچە باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ئاز-ئازدىن چۈشۈپ 23 يىلدا چۈشۈپ بولغان. بۇ ئۇنى قەلبلەردە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىدى. « كاپىرلار نېمىشقا بۇ قۇرئان بىاقلا چۈشمەيدۇ؟ دېيىشتى، بىز ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە مۇستەھكەم يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن  شۇنداق چۈشۈردۇق ۋە ئۇنى دانە-دانە ئوقۇپ بەردۇق.»

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئەڭ ئاستا ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئاستا ئوقۇيتتى. تىلاۋەت ئەسناسىدا ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇيتتى. بەزى بىر ئايەتنى بىر انچە قېتىم تەكرارلاپ ئوقۇيتتى.

قۇرئان ئوقۇشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتۇر

قۇرئانى تىلاۋەت قىلغاننىڭ ساۋابى ئىنتايىن كۆپ. ھەتتا بىر ھەرپ ئوقۇغانغا 10 ساۋاب يېزىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. «ئەلىف، لام، مىم» نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى «ئەلىف» بىر ھەرپ، «لام» بىر ھەرپ، «مىم» بىر ھەرپتۇر» دەپ كۆرسەتكەن( ). ئەمما قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرەي دېگەن ئادەم چوقۇم ئۇنى ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغۇدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەممىدىن بەك قۇرئاننىڭ تەسىرىگە مۇھتاج. ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش مۆجىزىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى تەۋەلىرىنى قۇرئاننى ئاڭلاپ قېلىشتىن توسقان. «ئۇلار"بۇ قۇرئانغا قولاق سالماڭلار، (ئۇنىڭ تەسىرى ئۈستىدىن)غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنى ئېلىشتۇرىۋېتىڭلار"دېدى.» 

 بىز قۇرئان كەرىمنىڭ ھاياتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدىكى زور تەسىرىگە ئېرىشەلمەستىن، ئۇنى قانچىلىك كۆپ ئوقۇساقمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمايمىز. چۈنكى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن نەرسە قۇرئان كەرىمنىڭ تەسىرى ئىدى. شۇڭا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن بىرىنچى مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم.

قۇرئاننىڭ تەسىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى  ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ئادات قىلىش، تىلاۋەت قىلغاندا، تىنچ ئورۇننى تاللاپ، ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك مىقداردا ئاۋازنى چىقىرىپ، ئالدىرىماي، مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش لازىم. ئىمكانقەدەر قۇرئاننى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇش تولىمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھېسسىياتنى ئۆرلىتىش، دىلنى يۇمشىتىش رولىغا ئىگە. بىرەر ئايەتتىن تەسىرات ھاسىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، شۇ ئايەتنى قايتا-قايتا ئوقۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»  دېگەن ئايەتنى تەھەججۇد نامىزىدا بىر كېچە تەكرارلاپ چىققانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇرئان كەرىم ئىماننىڭ مەركىزىي نوقتىسىدۇر

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ چوڭ دەردى ئىماننىڭ ئاجىزلىق دەردىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆرۈش مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ. بىز ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرمەي تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرەلمەيمىز، قەد كۆتىرەلمەيمىز ۋە بېشىمىزغا كەلگەن تەلەيسىزلىكلەردىن قۇتۇلالمايمىز. چۈنكى ئىسلام مىللىتى ئىماننىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتۈرگەن مىللەت بولۇپ، بىزمۇ شۇنىڭ بىلەن قەد كۆتىرىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« بۇ ئۇممەتنىڭ ئاخىرىنىڭ ئەھۋالى پەقەت ئالدىنقىلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈزۈلگەن نەرسە بىلەنلا تۈزىلىدۇ.»

ئىماننى كۈچەيتىشنىڭ چارىلىرى ۋە سەۋەبلىرىمۇ كۆپ. مەسىلەن: تائەت-ئىبادەتنى خالىس قىلىش، قۇرئاننى قائىدىسىگە ئويغۇن رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش يولىدا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلار ئىماننى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئىماننى كۈچەيتىش چارىلىرى ئىچىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ھەقىقىي مۆمىنلەر ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا يۈرەكلىرى تىترەپ كېتىدىغان، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، ئىمانى كۈچىيىپ كېتىدىغان ۋە ئاللاھقىلا يۆلىنىپ ئىشەنچ قىلىدىغانلاردۇر.»

قۇرئان كەرىمنىڭ قەلبلەرگە بېرىدىغان تەسىر كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ھېچقانداق مەنبە ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتكە چۈشەلمەيدۇ. دۇنيادا ئىنسانلارنى ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە باشقا تەرەپلەردىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر كىتاب كۆرۈلگەن ئەمەس. قۇرئان كەرىم ئۆز ۋاقتىدا، پىكىر ۋە ئېتىقادتا خۇراپاتقا چۆكۈپ كەتكەن، ئىجتىمائىي تەرەپتىن ئىنتايىن تارقاق، سىياسىي جەھەتتىن ئۇرۇشقاق، قىساسخور، ھەتتا مىللەت قاتارىدىن سانالمايدىغان ئەرەبلەرنى تەربىيىلەپ، ئۆزگەرتىپ، دۇنياغا ئادالەت، رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئۇرۇغىنى چاچىدىغان، گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەن ئىدى

ئىسلام شائىرى مەرھۇم مۇھەممەد ئىقبال قۇرئان كەرىمنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن ئىكەن:« قۇرئان كىتابلا ئەمەس، بەلكى ئۇ قەلبكە كىرسە، ئىنسان ئۆزگىرىدۇ، ئىنسان ئۆزگەرسە، دۇنيا ئۆزگىرىدۇ.»

توغرا، قۇرئان كەرىم قەلبلەردىن چىن ئورۇن ئالغان ۋاقىتلاردا، ئىنسانلار ئۆزگەرگەن، ئاندىن ئۇلار دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئىدى.

قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ كارامىتى ھازىرمۇ بار. ئۇ تاقىيامەتكىچە شۇنداق داۋام قىلىدىغان مۆجىزە. قاچانىكى بىز قۇرئان كەرىمگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش چىن قەلبىمىز ۋە پۈتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يۈزلىنىدىغان بولساق، ئۇ بىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىشكە قادىر. ئۇ تەسىرىنى يوقىتىپ قويغان ئەمەس ياكى كونا سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئەمەس. بەلكى ئۇ تېكىستى ۋە جىمى مۆجىزىسىدە خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ساھابىلار ئوقۇغان قۇرئان ۋە ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن قۇرئان قولىمىزدىكى قۇرئاننىڭ ئەينەن ئۆزىدۇر. ئۇنداقتا، مۈشكىلە قۇرئاندا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزدە.

ئىمام ھەسەن بەننا ئەتراپىدىكىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىكەن:« سىلەر ئىسلام مىللىتىنىڭ قەلبىنى تىرىلدۈرىدىغان يېڭى روھسىلەر. سىلەر بۇ ئۈممەتنى قۇرئان بىلەن تىرىلدۈرىسىلەر».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار