ئاللاھ تائالانىڭ «العَدْلُ» (ئەدل – ئادىللىق قىلغۇچى) دېگەن ئىسمى ھەققىدە

ئاللاھ تائالانىڭ «العَدْلُ» (ئەدل – ئادىللىق قىلغۇچى) دېگەن ئىسمى ھەققىدە

 

(العَدْلُ)  ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بولۇپ، (العَدْلُ) دېگەن سۆز «عَدَلَ يَعْدِلُ عَدْلًا» دېگەن يىلتىزدىن كېلىدۇ، يەنى «ئادىل بولدى» دېگەن مەنىدە. «ئادىل» دېگەن ئىسمىنىڭ ئورنىغا مەنە ئىپادىسى بولغان «ئەدل» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. (العَدْلُ) ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ئىشتا ئادىل، ئادىللىق قىلغۇچى ۋە ئادالەتلىك ھۆكۈم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يارىتىشتا ئادىل، ئىبادەتلەرنى پەرز قىلىشتا ئادىل، كائىناتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئىشلىرىدا ئادىل ۋە ھەرقانداق ئىش- ھەرىكىتىدە ئادىلدۇر.

 

ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشتىكى ئادىللىقى

ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشتىكى ئادىللىقى مەخلۇقاتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى مۇۋاپىق شەكىلدە يارىتىپ، مۇناسىپ ئورۇنغا قويغانلىقىدۇر. مەسىلەن: كۆزلىرىمىزنىڭ ئالدىمىزدا ۋە چېكىمىزنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىككى قۇلىقىمىزنىڭ ئىككى ياندىن كەلگەن ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىشىمىز ئۈچۈن ئىككى تەرىپىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇرنىمىزنىڭ ئېغىزىمىنىڭ ئۈستىگە، ئېغىزىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، قوللىرىمىزنىڭ ھەر تەرەپكە ئېگىلىدىغان ۋە قوللىنىشچان قىلىپ يارىتىلغانلىقى، پۇتلىرىمزىنىڭ بىزنىڭ ئېغىرلىقىمىزنى كۆتۈرىدىغان شەكىلدە كۈچلۈك قىلىپ يارىتىلغانلىقى ۋە ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭمۇ بەدىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشتىكى ئادىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ئەزالىرىمىزنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنىمۇ ئۆزىمىزگە مەنپەئەتلىك بولىدىغان رەۋىشتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئاشۇرىۋەتمىگەن ۋە كەم قىلىپ قويمىغان. كۆرۈش ئىقتىدارىمىزمۇ بىزگە مەنپەئەتلىك بولىدىغان رەۋىشتە بەلگىلەنگەن.

كۆزلىرىمىزنىڭ كۆرۈش چېكى

ئەگەر بىز بىر قاچا سۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ھايۋانچىلارنى، مىكروپلارنى كۆرۈپ قالساق، ھەرگىز سۇ ئىچمىگەن بولاتتۇق.

ئەگەر كۆزىمىز ھازىرقىسىدىن بەك ئۆتكۈر بولۇپ كېتىپ، ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ قالساق، ھاياتىمىز جاپا-مۇشەققەتكە ئايلىنىپ كېتەتتى. ئەكسىچە، كۆزىمىز بەك ئاجىز يارىتىلىپ، خەتەرلىك نەرسىلەرنىمۇ كۆرمىسە، ھالاك بولۇپ كېتەتتۇق. ئالدىنقىسى – ئاشۇرىۋېتىش، كېيىنكىسى – كەمچىلىك. ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. شۇڭا كۆزىمىزنىڭ كۆرۈش چېكى مۇۋاپىق چەكتە تۇرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىلىشتىكى ئادىللىقىدۇر.

  قۇلاقلىرىمىزنىڭ ئاڭلاش چېكى

  ئەتراپىمىزدا كۆپلىگەن ئاۋازلار بار بولۇپ، ئەگەر بىز نۇرغۇنلىرىنى ئاڭلاپ قالساق ئۇخلىيالمىغان بولاتتۇق. ئادەتتە، ئاۋاز دولقۇنى تېزلا يوقىلىدۇ، رادىيو دولقۇنى يوقالمايدۇ. ئەگەر ئاۋاز دولقۇنلىرىمۇ يوقالمىسا، دۇنيادىكى ھەممە ئاۋاز (دېڭىز دولقۇنى، ۋولقان پارتىلىشى، پولات زاۋۇتى…) بىرلا ۋاقىتتا قۇلىقىمىزغا كېلەتتى، ھايات بىز ئۈچۈن ئازاب بولاتتى. شۇڭا قۇلاقنىڭ ئاڭلاش چېكى بىزگە مەنپەئەتلىك رەۋىشتە مۇۋاپىق بەلگىلەنگەن.

سېزىمنىڭ چېكى

 ئۆزىمىزدە ۋە ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېزىپ قالساق قاتتىق ئازابلىناتتۇق، ئەكسىچە، ھېچنەرسىنى سەزمىسەكمۇ ھالاك بولاتتۇق. چۈنكى قايسىبىر ئەزايىمىزدىن كەلگەن ئاغرىق سېزىمى شۇ يەردە چاتاق چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئاغرىقنى سېزىش ۋە ھېس قىلىش بولمىسا ئىدى، ئۆزىمىزنىڭ كېسەل بولغانلىقىنى ئۆلگەندىن كېيىن بىلگەن بولاتتۇق. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ سېزىم ۋە ھېس قىلىشنى ئۆزىمىزگە مەنپەئەتلىك رەۋىشتە مۇۋاپىق دەرىجىدە قىلغانلىقى ئۇنىڭ يارىتىشتىكى ئادىللىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ھەر شەيئىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى

•  زېمىننىڭ قۇياشقا بولغان ئارىلىقى ھازىرقى ئورنىدىن يېقىنراق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا كۆيۈپ كېتەتتۇق، ئەكسىچە، يىراقراق قىلىپ قويغان بولسا مۇزلاپ ھالاك بولاتتۇق.

•  كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھازىرقىدەك بولماي، كېچە 50 سائەت، ياكى كۈندۈز 50 سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسا، تۇرمۇشىمىزدا جىددىي قىيىنچىلىقلار تۇغۇلغان ۋە ھايات زېرىكىشلىك بولاتتى.

•  تۇغۇت مۇددىتى 9 ئاي بولماي، بىر ھەپتە بولغان بولسا 200 بالىلىق بولاتتۇق، 5 يىل بولغان بولسا ئانا چىدىيالمىغان بولاتتى.

•  ئاياللاردىكى تۇخۇم سانى چەكلىك يارىتىلغان. شۇڭا 50 ياشتىن كېيىن ھامىلىدارلىق توختايدۇ.

•  بۇغداي بىلەن مېۋە: بۇغداي 3 ئايدا پىشىپ يېتىلىپ، بىر كۈندە يىغىۋېلىنىدۇ. مېۋە بولسا بىر-بىرلەپ پىشىپ تۇرىدۇ. ئەكسىچە بولغان بولسا ئىدى، ئىشلەپچىقىرىشقا قولايلىق بولمىغان بولاتتى.

•  مېۋىلەرنىڭ تەمى، پۇرىقى، رەڭگى، چوڭ-كىچىكلىكى ئەڭ مۇۋاپىق يارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىلەر ئارتۇق ئاچچىق ياكى ھەددىدىن زىيادە شېرىن ئەمەس.

مېۋىلەرنىڭ ھەجىمى ئەڭ مۇۋاپىق ھەجىمدە يارىتىلغان بولۇپ، ناۋادا ياڭاقنىڭ ھەجىمى كاۋىدەك چوڭ بولغان بولسا ئىدى، بىرەر كىشىنىڭ بېشىغا چۈشكەن ياڭاق ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولاتتى.

ئاللاھ تائالا ھەر شەيئىنى ئەڭ مۇۋاپىق شەكىل ۋە مۇناسىپ ھەجىمدە ياراتقان. ﴿إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ﴾ «بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق»[1].

 

ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەتلەرنى بەلگىلەشتىكى ئادىللىقى

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا يىلدا پەقەتلا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇدى. ناۋادا ئالتە ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان بولسا، ھەر كۈن بىر ئايدەك بولۇپ كېتەتتى ۋە ئۇلار چىداپ بولالمايتتى. بىز ھازىرمۇ رامىزاندىكى ئاخىرقى بەش كۈننىڭ ئۇزۇن ۋە ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. دېمەك، ئوتتۇز كۈن ئەڭ مۇۋاپىق چەكتۇر.

كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇدى. ئەگەر ئەللىك ۋاخ، ھەر ۋاختا ئەللىك رەكئەت بولغان بولسا، مۇسۇلمانلار بۇ پەرزنى ئورۇنداشتىن ئاخىز كەلگەن بولاتتى.

ھەج ئىبادىتى ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىم، زاكات پەقەت قىرىقتىن بىرى (يەنى %2.5) قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئىنسانلار لايىھەلىگەن قانۇنلىرىغا قارىسىڭىز، بەزى باج-سېلىقلار 80%، 90%، 93% كېلىدۇ.

لېكىن زاكات ھەر مىڭدىن 25، ھەر يۈز مىڭدىن 2500، بىر مىليوندىن 25 مىڭلا قىلىپ بەلگىلەنگەن.

 

 ھارامدىن ساقلىنىشتىمۇ ئادىللىق

ئاللاھ تائالا نامەھرەملەردىن كۆزنى يۇمۇشقىمۇ ئادىللىق بىلەن بۇيرۇغان:

{قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ}«(ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكلىقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر»[2].

ئەگەر «كۆزلىرىنى يۇمۇۋالسۇن ياكى پەقەت قارىمىسۇن» دەپ بۇيرۇلغان بولسا، ھەممىمىز ھالاك بولاتتۇق. چۈنكى، كوچىلاردا ماڭغاندا، بۇرۇلۇشلاردا كۈتۈلمىگەن ھالدا بىرەر ئايال كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئۇنى ئىختىيارسىز كۆرۈپ قالغان بولساقمۇ يەنىلا گۇناھكار بولغان بولاتتۇق. كۆزلىرىمىزنى يۇمۇۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن يولدا قاتناش ۋەقەلىرىگە ئۇچرىشىمىز ياكى ئورىلاغا، چۇقۇرلارغا چۈشۈپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ ئىدى. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ «مِنْ أبصارهم» دېيىش ئارقىلىق نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشنىلا مەنئى قىلغانلىقى، ئەمما ئىختىياسىز قاراپ سېلىشنى مەنئى قىلمىغانلىقى ناھايىتى ئادالەتلىك ۋە تولىمۇ مۇۋاپىق ھۆكۈمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەي ئەلى! تىكىلىپ قارىما! چۈنكى بىر قېتىم قاراش ھەققىڭ بار، ئەمما قايتىلاپ قاراش گۇناھتۇر»[3] دېگەن.

 سەپەردە بولغاندا رامىزان روزىسىنى تۇتماسلىققا، تۆت رەكئەتلىك پەرزنى ئىككى رەكئەت قىلىپ ئوقۇشقا، ھەتتا ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقى ناھايىتى مۇۋاپىق بەلگۈلىمە بولغانلىقىدىن ھېچكىمگە قىيىن كەلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىكى ئادىللىقى

 كائىناتتا مۇتلەق ئادىللىق بار، چۈنكى ھېچقانداق ئىش تاسادىپىي ئەمەس. ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كۆپلىگەن گۇناھلارنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە قالدۇرسىمۇ، زۇلۇمنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقانلىقنىڭ جازاسى ئاخىرەتكە قالمايدۇ، بەلكى مۇشۇ دۇنيادىلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

كۆپچىلىك: «پالانىچى ياخشى ئادەم ئىدى، نېمىشقا ئۇ بۇ كۈنگە قالغاندۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

جاۋابىمىز قىسقىچە:

•  بىز پەقەت بىر پارچە ھېكايىنى كۆرىمىز، پۈتۈن ھېكايىنى ئەمەس.

•  ھەربىر ئىش ئۆتكەن گۇناھنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

•  بىز بىلمىگەن ئىشلار بەك كۆپ، ئەمما ئاللاھ تائالا ھەممىنى تولۇق بىلىدۇ.

  ﴿وَمَا أَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ﴾ «(ئى ئىنسانلار!) بېشىڭلارغا كەلگەن ھەرقانداق بىر مۇسىبەت سىلەرنىڭ ئۆز قولۇڭلار (بىلەن) قىلغان (گۇناھىڭلار) تۈپەيلىدىندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ (گۇناھىڭلاردىن) نۇرغۇنلىرىنى ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ»[4].

•  دەمەشىقتا بىر دۇكانچى ئەتىگەندە دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئەتراپقا قاراپ تۇرغان پەيتىدە، تاسادىپىي ئوق تېگىپ پالەج بولۇپ قالغان. كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغان ۋە «ناھەق بولدى» دېيىشكەن. كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە ئۇ ئادەم ئۆز قېرىندىشىنىڭ يېتىم پەرزەنتلىرىنىڭ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى كوچىغا چىقىرىۋەتكەن. پەرزەنتلەر شۇ مەھەللىنىڭ ئىمامىغا بېرىپ ئەھۋالنى بايان قىلغان. ئىمام پەرزەنتلەرنىڭ تاغىسىنى چاقىرىپ، يېتىملەرنىڭ ھەققىنى يېيىشنىڭ يامانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەب قىلغاندا، ئادەم قەتئىي ئۇنىمىغان. ئىمام شۇنىڭ بىلەن يېتىم پەرزەنتلەرگە يۈزلىنىپ:«بالىلىرىم! ئەرزىڭلارنى ئاللاھقا سۇنۇڭلار، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار!» دېگەن. يېتىم پەرزەنتلەر ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇپ دەردىنى ئېيتقان.

يېتىم پەرزەنتلەر دۇئانى كەچ سائەت 9دا قىلغان. ئەتىسى سائەت 9دا چېلىقى تاغىسى غايىپتىن كەلگەن بىر ئوق بىلەن پالەج بولغان. بۇ قىسسىنى بىلگەن كىشىلەر ھېلىقى ئادەم توغرۇلۇق «جازاسىنى تاپتى» دېيىشكەن.

•بىر ئەر-ئايال ئەتىگەندە غىزالىنىپ ئولتۇرغاندا، سائىللاردىن بىرى كېلىپ ئىشىكىنى قاقىدۇ. ئايال يەۋاتقان توخۇسىدىن بىر پارچە بەرمەكچى بولىدۇ، ئەمما ئايالنىڭ ئېرى «بەرمە!» دەپ قايتۇرىۋېتىدۇ ۋە سائىلنى ئازارلاپ قوغلىۋېتىدۇ. يىللار ئۆتىدۇ، ئايال ئېرىدىن ئاجرىشىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي قايتا تۇرمۇشقا چىقىدۇ. ئايال بىر كۈنى يېڭى ئېرى بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا يەنە سائىل كېلىدۇ. ئايال ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا، ئىشىك ئالدىدا بۇرۇنقى ئېرى تۇرىدۇ. بۇ ئارىدا ئايالنىڭ ئېرى چىقىپ، ھېلىقى سائىلغا: «بىلەمسەن مەن كىم؟ مەن ئاشۇ كۈنى سەن قوغلىۋەتكەن ئادەم بولىمەن» دەيدۇ.

•سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر ئادەم ماشىنىسى بىلەن كېتىپ بارغىنىدا، ياندىن بىر ماشىنا چىقىپ ئۇنىڭ ماشىنىسغا ئۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئادەم ماشىنىسىدىن چۈشۈپ قارىسا، ئۇ ھىجابلىق ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولغان بىر ماشىنا بولۇپ، ئۇلارغا: «بولدى كېتىڭلار، كەچۈرۈم قىلدىم» دەپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، ئۆزى باشقا بىر ماشىنىغا ئۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئەمما قارشى تەرەپ، «كەچۈرۈم قىلدىم» دەپ كېتىپ قالماقچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كەچۈرۈم قىلىنغان ھېلىقى ئادەم قاتتىق يىغلاپ كېتىدۇ. نېمىگە يىغلىغانلىقى ھەققىدە سورالغىنىدا، «مەن ئۆتكەن يىلى مۇشۇ يولدا ۋە مۇشۇ سائەتتە بىر ئائىلىنى كەچۈرىۋەتكەن ئىدىم» دەيدۇ.

•مۇسا ئەلەيھىسسالام بىر دەرەخنىڭ سايىسىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇراتتى. پىرئەۋننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىر ئەسكەر كېلىپ، ئالدىدىكى بۇلاقتىن سۇ ئىچىدۇ. ئەسكەر شۇ ئىچىشتىن بۇرۇن بوينىدىكى ئالتۇن تاۋاقنى چىقىرىپ يېنىدا قويىدۇ، ئەمما سۇ ئىچىپ بولۇپ تاۋاقنى ئۇنتۇپ كېتىپ قالىدۇ. ئارقىدىن بىر بالا كېلىپ سۇ ئىچىدۇ ۋە تاۋاقنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئارقىدىن يەنە بىر بوۋاي كېلىپ سۇ ئىچىپ تۇرۇشىغا ھېلىقى ئەسكەر قايتىپ كېلىدۇ ۋە تاۋىقىنى سورايدۇ. بوۋاي تاۋاق كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەسكەر «سەن ئالدىڭ، سەن يوشۇرۇيپ قويدۇڭ» دەپ ئادەمنى ئۇرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىۋېتىپ كېتىپ قالىدۇ.

مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالدىن ھەيران قېلىپ، ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەپ سورايدۇ: «ئى رەببىم! قېنى سېنىڭ ئادالىتىڭ؟ ئەسكەرنىڭ تاۋىقىنى باشقىسى ئېلىپ كەتكەن تۇرسا، بوۋاي ناھەق ئۆلۈپ كەتتى ئەمەسمۇ؟». ئاللاھ تائالاغا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەقەلىكنى بېشىدىن كۆرسىتىدۇ. ۋەقەلىك مۇنداق ئىدى: تاۋاقنى ئېلىپ كەتكەن بالىنىڭ دادىسى سودىگەر بولۇپ، بۇ بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئەسكەر سودىگەرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈچلىرىنى تارتىۋالغان. بالا ئېلىپ كەتكەن ئالتىن تاۋاق دادىسىدىن تارتىۋالغان ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ مىقدارىغا توغرا كېلەتتى. شۇڭا ئۇ ئۆز ھەققىنى قايتۇرۇپ ئالغان بولدى. بوۋايغا كەلسەك، بوۋاي ھېلىقى ئەسكەرنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. شۇڭا ئەسكەر دادىسىنىڭ قىساسىنى ئالغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا ئەلەيھىسسالام :«ئى رەببىم! مېنى ئەپۇ قىلغىن، سېنىڭ ھېكمىتىڭ توغرۇلۇق سوئال سوراش ھەققىم ئەمەس ئىدى، خاتالاشتىم» دەيدۇ.

• بىر دوختور راك كېسىلى بولۇپ قالغان بىر ئايالنى ئىككى يىل ئالدايدۇ. ئۇنى داۋالايمەن دەپ قويۇپ، پەقەتلا ئاغرىق پەسەيتىش دورلىرىنى بېرىدۇ. ئايالنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىر ئايال باشقا دوختورغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كۆرسە، كېسىلىنىڭ 4- باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى ۋە ئىچىۋاتقان دورىلارنىڭ راك كېسىلىنىڭ دورىلىرى ئەمەس، پەقەتلا ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئايال بۇرۇنقى دوختورغا بېرىپ، ئانالىزلىرىنى كۆرسەتكەندە، ئۇ «مەن ئەسلىدە راكنى داۋالاشنى بىلمەيتتىم. سىزنى قىيبنالمىسۇن دەپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى يېزىپ بەرگەنتىم» دەيدۇ. ئايال يەرگە يېقىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ئۇنى قانداق جازالىساڭ شۇنداق جازالىغىن، ساڭا تاپشۇردۇم» دەيدۇ. ئايال ئۇزۇنغا قالماي ۋاپات بولىدۇ، ھېلىقى دوختورمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆلىدۇ.

﴿وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنَ الْقُرُونِ مِن بَعْدِ نُوحٍ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ بِذُنُوبِ عِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرً﴾ «نۇھتىن كېيىن، نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى (كۇفرىلىقى سەۋەبلىك) ھالاك قىلدۇق، رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر»[5].

خۇلاسە:

«نېمە قىلساڭ شۇنى تاپىسەن» (كما تَدِينُ تُدانُ).

•  ھەربىر ئازاب ياكى خۇشاللىق ئۆتكەندىكى بىر ئىشنىڭ ھېسابىدۇر.

•  بىز پەقەت بىر پارچە فىلىمنى كۆرىمىز، پۈتۈن فىلىمنى ئاللاھ كۆرىدۇ.

•  ھەرگىز: «پالانچى ياخشى ئادەم ئىدى، نېمىشقا ئۇنىڭغا بۇ كۈن كەلگەندۇ؟» دەپ ئاللاهنىڭ ئادىللىقىدىن گۇمان قىلما.

﴿وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ «ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»[6]. ﴿وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ﴾ « ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر»[7].

ئاللاھ تائالانىڭ «ئادىل» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

ئاللاھ تائالانىڭ ئادىل دېگەن ئىسمىدىن ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ئادالەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى، «ئادىل» دېگەن ئۇلۇغ ئىسىمنى تونۇغان ئادەم ئۆزىمۇ ئادىل بولىدۇ. ئۇ ئۆزىگە، جورىسىغا، پەرزەنتلىرىگە، قېرىنداشلىرىغا، تۇغقانلىرىغا، دوستلىرىغا، قوشنىلىرىغا ۋە ھەركىمگە ئادالەتلىك، دۇرۇس، توغرا، ھەققانىي بولىدۇ، ھەتتا دۈشمىنىگىمۇ ئادالەتلىك بولىدۇ.



[1] قەمەر سۈرىسى: 49- ئايەت.
[2] نۇر سۈرىسى:30- ئايەت.
[3] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[4] زۇمەر سۈرىسى: 30- ئايەت.
[5] ئىسرا سۈرىسى: 17- ئايەت.
[6] ئىسرا سۈرىسى: 19- ئايەت.
[7] نۇر سۈرىسى:53- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار