چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر

چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر

  مۇھەممەد يۈسۈپ

خەلقىمىزدە «چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر» دەيدىغان ماقال تەمسىل بار. بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆزدۇر. ئىسلام دۇنياسىدىكى كىرىزىسلەرنىڭ تولىسى ۋە ئىجتىمائىي زۇلۇملار كۆپىنچىسى دىننى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن، چۈشەنگەنلىرىنىمۇ توغرا تەتبىق قىلمىغانلىقتىن بولۇپ كەلمەكتە. شەرىئەت دەلىللىرىنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغان ئۆلىمالارغا پۇرسەت بېرىلمىگەن، ئۇلارغا ھەر خىل قالپاقلار كىيگۈزۈلگەن، چالا موللىلار بىلەن جانباقار موللىلار بازار تاپقان بۇ دەۋردە كىشىلەر كىمنىڭ ئاۋازى يۇقىرى چىقسا شۇنىڭغا ئەگىشىدىغان بولۇپ قالغان. يەنە بەزى كىشىلەر شەرىئەت دەلىللىرىنىڭ تېكىستلىرىغىلار ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنىڭدىكى ھېكمەت ۋە ئالىي مەقسەتلەردىن خەۋەرسىز ھالدا پەتىۋا بەرمەكتە. مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، خەلققە چىقىش يولى تېپىپ بېرىشكە تىرىشىشنىڭ ئورنىغا «ھارام» دەپ پەتىۋا بېرىپلا قۇتۇلۇشقا ئادەتلىنىپ قالماقتا. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىسلام قانۇنلىرىنى ۋە ئەھكاملىرىنى رېئاللىققا تەتبىق قىلغىلى بولمايدىغان، غايىۋى نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.

 ئىسلام دىنىدىكى ئەھكاملار ۋەھيىگە تايىنىدۇ. ۋەھيى «قۇرئان كەرىم» بىلەن سەھىھ ھەدىستە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. دىنىي ئەھكاملارنى بىلىشتە ۋەھيى ئاساس، ئەقىل ياردەمچىدۇر. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» بىلەن سەھىھ ھەدىسنىڭ مۇرادىنى چۈشىنىش ئەقىل بىلەن بولىدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» ئەقىلنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ كاتتا نېمەتلىرى قاتارىدىن سانايدۇ. چۈنكى ئەقىل تەپەككۇر قىلىش قورالى، ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. مۇستەھكەم ئىمان پەقەت ئەقىلنى جايىدا ئىشلىتىش نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەبىرى بويىچە، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەر، تەپەككۇر قىلمىغانلار ئەقىلسىزلاردۇر ۋە ئەقلىنى ئىشلەتمەسلىك گۇناھتۇر. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئېتىراپلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ يەنى «ئۇلار: "ئەگەر بىز ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق ۋە ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا قولاق سالغان بولساق، دوزاخ ئەھلىدىن بولماس ئىدۇق" دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىغا ئېتىراپ قىلدى».  ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدا ھېچقانداق كەمچىلىك ياكى خاتالىق يوق، نۇقسانلىق بىلەن خاتالىق پەقەت ئۇنى تەتبىق قىلغۇچىلاردا كۆرۈلىدۇ. ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىك، مەسىلىلەرگە يۈزەكى مۇئامىلە قىلىش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەتبىق قىلىشتا ئەمەلىيەتچان بولماسلىق بارچە خاتالىقلارغا ۋە خەتەرلەرگە يول ئاچىدۇ.

  ئىمام ئەبۇداۋۇد جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر توپ ساھابىنى غازاتقا ئەۋەتكەن بولۇپ، غازات جەريانىدا يارىلانغان ساھابىلەردىن بىرى جۇنۇپ بولۇپ قالغان، قاتتىق سوغۇقتا غۇسلى قىلسا، يارىسىنىڭ يامانلىشىپ كېتىىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، باشقا ساھابىلەردىن بۇ ھەقتە پەتىۋا سورىغان. ساھابىلەر جىنابەتتىن يۇيۇنمىسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يۇيۇنغان ۋە قاتتىق سوغۇق سۇدا يۇيۇنغانلىقتىن، يارىسى ئېغىرلىشىپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتقاندىن كېيىن، ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇغانلارغا قاتتىق غەزەپلىنىپ «ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆلتۈرسۇن! بىلمىسە سوراپ ئۆگەنسە بولمامتى؟ بىلىشنىڭ چارىسى سوراشتۇر، ئۇ كىشى تەيەممۇم قىلسا ياكى يارىسىنى تېڭىپ قويۇپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىنى يۇيۇسا بولاتتىغۇ» دېگەن.  كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، سوغۇق سۇدا يۇيۇنغانلىقتىن يارىسى يامانلىشىپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن ساھابىنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇغانلار شەرىئەت دەلىلىنىڭ زاھىرىي تەرىپىنىلا تۇتۇۋېلىپ، زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا تەيەممۇم قىلىشنىڭ جائىزلىقىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن، مەزكۇر ساھابىگە تەيەممۇم قىلىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، نەتىجىدە، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان. زامانىمىزدا، فىتىر سەدىقىسىغا بۇغداي، گۈرۈچ بېرىمىز دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدىغانلار بار. چۈنكى ھەدىستە فىتىر سەدىقىسى بۇغداي، گۈرۈچ، خورما، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن بېرىىشكە بۇيرۇلغان. فىتىر سەدىقىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىدىكى ھېكمەتنى چۈشەنگەنلەر فىتىر سەدىقىسىغا مەزكۇر ئاشلىق ۋە مېۋىلەرنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىتىنى بېرىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى قارار قىلغان ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرگەن. ئەمما ھەدىسنىڭ تېكىستىغا ئېسىلىۋانلار ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن، فىتىر سەدىقىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىدىكى ھېكمەتلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرمەستىن، مەزكۇر ئاشلىق ۋە مېۋىلەرنىڭ ئۆزىنى بەرمىسە، فىتىر سەدىقىسى ئادا تاپمايدۇ، دەپ قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىدە، فىتىر سەدىقىسىنىڭ پايدىسىنى رامىزاندا بۇغداي ساتىدىغان باي بىلەن، بۇغداينى يەنە شۇ بايغا ساتىدىغان تىلەمچى باي ئاياللار كۆرىدىغان بولدى. خوشاللىنارلىق بىر ئەھۋال شۇكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە «فىتىر سەدىقىسىغا پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ» دەيدىغان پەتىۋالار چىقىشقا باشلىدى.

بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بىر غازاتتا ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۇنۇپ بولۇپ قالغان تۇرۇپ، غۇسلى قىلماي تەيەممۇم قىلىپ جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى بايان قىلىپ ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمر ئىبنى ئاستىن «سېنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويغان نەرسە زادى نېمە؟» دەپ سورىغاندا، ئەمر ئىبنى ئاس وَلَا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا يەنى «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، شەكسىز، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى رەھىم_ شەپقەتلىكتۇر»  دېگەن ئايەتنى ئوقۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىدۇ ۋە ھېچ نەرسە دېمەيدۇ. مەلۇمكى، ھەدىس _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىرى، ئۆگەتكەنلىرى ۋە باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى دېمەكتۇر. ئۆلىملار دەيدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمر ئىبنى ئاسقا كايىمىغانلىقى ۋە تەبەسسۇم قىلغانلىقى ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشىنى تەستىقلىغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەستىقلىغانلىقى شەرىئەت ھۆكمى ھېسابلىنىدۇ.

ئىلىم _ پەن بىلەن رەھىم _ شەپقەتنىڭ مۇناسىۋىتى 

رەھىم _ شەپقەتنى چىقىش يولى قىلمىغان ئىلىم _ پەن بالايىئاپەت ۋە كىرىزىستۇر. دىلىدا ئىمان بولمىغان ئالىمدا مەرھەمەت بولمايدۇ، دىلىدا مەرھەمەت بولمىغان ئالىمدىن ھەرقانداق يامانلىق كۈتۈلىدۇ. بۇ خۇددى ئاتوم بومبىسىنى ياسىغان ئالىمغا ئوخشاش. ھازىرقى دۇنيانىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئىلىم _ پەن كۈندىن _ كۈنگە ئىلگىرلىگەنسېرى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى مەرھەمەت ۋە رەھىم _ شەپقەت ئازىيىپ كەتمەكتە. ئىمان ۋە مەرھەمەتتىن خالىي بولغان ئىلىم _ پەن ئېلىپ كەلگەن ئاتوم بومبىلىرى ۋە راكېتالار بىلەن مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسان ئۆلمەكتە.

نېمە ئۈچۈن ئىلىم _ پەننىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن رەھىم _ شەپقەت ئازلاپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىماننىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ياكى يوقاپ كەتكەنلىكىدۇر.

چۈنكى رەھىم _ شەپقەت ۋە مەرھەمەت بىلەن ئەخلاقلانمىغان ھەر قانداق ئىلىم-پەن بالايىئاپەت ۋە كىرىزىستۇر! شۇڭا «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئىلىم ھەققىدىكى كۆپلىگەن بايانلىرىدا رەھىم _ شەپقەتنىمۇ بىللە بايان قىلغان. «قۇرئان كەرىم»دىكى ئىلىم ھەققىدىكى بايانلار  ھەمىشە رەھىم _ شەپقەت بىلەن ياندىشىپ كەلگەن. مەسىلەن:

﴿رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَيْءٍ رَّحْمَةً وَعِلْمًا﴾ يەنى «ئۇلار «ئى رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». ( )

فَوَجَدَا عَبْدًا مِّنْ عِبَادِنَا آتَيْنَاهُ رَحْمَةً مِنْ عِندِنَا وَعَلَّمْنَاهُ مِن لَّدُنَّا عِلْمًا يەنى «ئۇ ئىككىسى (بېلىقنى ئۇنتۇغان چوڭ تاشنىڭ يېنىدا) بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىز ئۆزىمىزنىڭ (غەيب) ئىلىمدىن بىلدۈرگەن بىر بەندە (خىزىر)نى ئۇچراتتى»( ) دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر.

پەننىي مەكتەپمۇ، دىنىي مەكتەپمۇ؟

مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە پەننىي مەكتەپ، دىنىي مەكتەپ دەپ ئايرىلمايدىكەن. گەرچە تەخەسسۇسلار ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنسىمۇ، ھەر قانداق فاكۇلتېتتا پەننىي ئىلىم بىلەن دىنىي ئىلىم بىرگە ئوقۇتۇلىدىكەن. دىننىي دۆلەتتىن ئايرىۋەتكەن سېكۇلارىزم (ئىلمانى) دۆلەتلىرىدە، ھەتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ ھەپتىدە بىر قانچە سائەت دىنىي دەرس ئۆتۈلىدىكەن. پەقەت كوممۇنىست دۆلەتلىرىدىلا دىنىي دەرس ئوقۇتۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھېچبىر دىننى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىز كوممۇنىست رىجىمى ئاستىدا ئۆسۇپ يېتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، مەكتەپ  دېيىلگەن ھامانلا ئەقلىمىزغا كوممۇنىستلارنىڭ دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان مەكتىپى كېلىدۇ. چۈنكى خەلقىمىز دىنىي مەكتەپنى مەدرىسە دەپ ئاتايدۇ. كېيىنكى يىللاردا خەلقىمىز مەكتەپ دېيىلسە، پەرزەنتلىرىمىزنى دىندىن چىقىرىدىغان جاي دەپلا چۈشىنىدىغان بولدى. دېمىسىمۇ، ھازىرقى مەكتەپلەردە بالىلارغا ئىلىم_ پەن ئۆگىتىشنىڭ ئورنىغا، ئومۇمەن ئىلىمسىزلىكنى ۋە دىنغا قارشى تۇرۇشنى ئۆگەتمەكتە. مەن ئۇچراشقان زىيالىيلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيەسى ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردىن خېلى بەك تۆۋەن ئىكەن. بەشىنچى سىنىپتىكى بالىلاردىن ئۈچىنچى سىنىپنىڭ بەزى ئاسان دەرسلىرىنى سورىسىمۇ جاۋاب بېرەلمىگەن. چۈنكى بالىلارغا ئۆگىتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىلىم_ پەن ئەمەس، دىنسىزلىق سەپسەتىلىرى ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاتا_ ئانا پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بېرىشتىن قورقىدۇ. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇنلىرى چارىسىزلىكتىن بېرىدۇ. يەنە نۇرغۇنلىرى جاھان مۇشۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلىرىمىز ئوقۇمىسا، خىزمەت تاپالمايدۇ، ئۇلار خىزمەت تاپالمىسا، بىر ئۆمۈر كەتمەندىن قۇتۇلالمايدۇ، دېگەن چۈشەنچە بىلەن پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بېرىدۇ. ئانا ۋەتىنىمزنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولماقتا. شۇڭا ئانا ۋەتەندىكى خەلق بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمىسە، ئۇلاردىن ئاغرىنغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى نادان، قالاق دەپ سۆككىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئەمدى، چەتئەللەرگە چىققان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئىسلام دۆلەتلىرىدە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەرخىل ئىلىم _ پەن ساھەلىرىدە ئوقۇپ چىققانلار بولدى. ئۆزى ئوقۇغان پەندە نەتىجە قازانغانلارمۇ كۆپ بولدى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بەزىسى دىندا، بەزىسى پەندە ئوقۇغانلىقى ناھايىتى ياخشى بولدى. چۈنكى بىز ھەر ئىككىلىسىگە موھتاجمىز، خەلقىمىزگە ھەر ئىككىلىسى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئانا ۋەتەندىن چىققان قېرىنداشلارنىڭ تولىسى پەننىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەتەندىكى مەكتەپلەرگە ئوخشىتىپ قالغانمۇ ئىشقىلىپ پەننىي مەكتەپكە قىزىقمايدىكەن. ئۆتكەن بىر يىلى ئىستانبۇلدا بىر يۇرتدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ يېنىدا ئون ياشلار ئەتراپىدىكى بالىلاردىن بىر قانچىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ بالىلارنىڭ ئىككىسى ئۇنىڭ بالىسى ئىكەن، قالغانلىرى ئاكىسىنىڭ بالىلىرى ئىكەن. بۇ بالىلارنى مەكتەپكە بەردىڭىزمۇ دەپ سورىسام «ياق، بىز بۇ ئىلمانىلارنىڭ مەكتەپلىرىگە بالىلىرىمىزنى بەرمەيمىز، بۇ بالىلارنى سۈرىيەگە ئېلىپ بېرىپ قورال ئېتىشنى ئۆگىتىمىز» دېدى. بالىلارنى ئوقۇتۇش توغرىسىدا گەپ ئاچسام قوپال سۆزلىرى بىلەن ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويدى. كېيىنكى يىل يەنە شۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئەھۋال سورىسا، ئەھۋالى بەك ناچار ئىكەن، سۈرىيەگە بېرىشتىن ۋاز كېچىپ تۈركىيەدە ياشاشنى قارار قىلىپتۇ، بالىلىرىنى مەدرىسىگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. مەن بۇ ئىشتىن خوش بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ، بالىلارنى ھۆكۈمەتنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ، مەدرىسىگە قوشۇمچە بەرسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. سۆزۈمگە ئانچە قايىل بولمىغان بولسىمۇ، ئويلاپ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنى مەكتەپتىن مەھرۇم قىلماسلىق، پەننى ۋە دىننى بىرگە ئوقۇتۇش ئاقىلانىلىقتۇر. ئەمما دىنىي ئىلىم ساھەسىدە مۇتەخەسىس بولۇشنى خالىغانلار ئەلۋەتتە مەدرىسىگە بېرىشى كېرەك. نىيەت دۇرۇس بولسىلا، دىنىي ۋە پەننىي ھەر ئىككىلى بىلىمگاھنىڭ قايسىبىرىدە ئوقۇش ئىبادەتكە ياتىدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچى مەدرىسىدە ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ يوللىرىنى ۋە پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەنسە، مەكتەپلەردە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئىمانىنى كۈچەيتىدۇ. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەر ئىككىلىسى زۆرۈردۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار