
قۇربان ھېيتلىق سوۋغا
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! «بىزنىڭ دىنىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ خەلقىمىزگە سوۋغا قىلىندى.
بۇ ئەسەر سىلەرنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، قىممەت قاراش، قائىدە-يوسۇن قاتارلىق مەسىلىلەرنى توغرا ۋە مۇكەممەل چۈشىنىۋېلىشىڭلارغا ياردەم قىلىدۇ.
زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مەشغۇلاتنىڭ كۆپلۈكى، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى سەۋەبلىك چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بىلىۋېلىشى ئىنتايىن زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بايان قىلىپ بېرىش لايىق كۆرۈلدى.
بۇ ئەسەر بەش بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار:
1. بىزنىڭ ئىمانىمىز
2. بىزنىڭ ئەخلاقىمىز
3. بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىز
4. بىزنىڭ ئەقىدىمىز
5. بىزنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىمىز
ئەسەرنىڭ كۆك رەڭلىك قىلىنغان جايلىرى يادلاش ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، كىتابخانلارنىڭ شۇ جايلارنى يادلىۋېلىشى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
بۇ ئەسەرنى تەكلىماكان، قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىلىرىدىن ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» ئىشخانىسىدىن ھەقسىز ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ.
https://dinhayat.com/kitab-c2bd1fdd429837187b5c
بۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

